ئازغۇنلارنىڭ بىر قىسمى دەيدۇكى: «كائىناتنى دائىمىي بىر پائالىيەت بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر زاتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇشى لازىم»؟

ئازغۇنلارنىڭ بىر قىسمى دەيدۇكى: «كائىناتنى دائىمىي بىر پائالىيەت بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر زاتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇشى لازىم»؟

مۇھىم بىر سوئالغا قەتئىي بىر جاۋاپ:

  ئازغۇنلارنىڭ بىر قىسمى دەيدۇكى: «كائىناتنى دائىمىي بىر پائالىيەت بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر زاتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇشى لازىم»(؟)

  جاۋاب: ھاشا! يۈزمىڭ قېتىم ھاشا!… يەردىكى ئەينەكلەرنىڭ ئالمىشىشى، ئاسماندىكى قۇياشنىڭ ئالمىشىدىغانلىقىنى ئەمەس، ئەكىسچە جىلۋىلىرىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەمدە ئەزەلىي، ئەبەدىي، سەرمەدىي ۋە ھەر جەھەتتە مۇتلەق كامالەت، مۇتلەق ئىستىغنادىكى، ماددىيلىقتىن خالىي، ماكاندىن، چەكلىمىدىن، ئىمكاندىن** پاك، مۇقەددەس ۋە ئالىي بولغان بىر زاتى ئەقدەسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئالمىشىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. كائىناتنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئۆزگىرىشكە ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىشچان ئەمەس ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. چۈنكى تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئىنتىزام بىلەن، دائىمىي ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ تۇرغان زاتنىڭ ھەرىكەتچان ۋە ئۆزگىرىشچان بولماسلىقى لازىمدۇر. مەسىلەن: سەن كۆپ تانىلار بىلەن باغلىق بولغان توپ ئوقلىرىنى (قەدىمكى دەۋر ئۇرۇش قورالى) ئايلاندۇرۇپ، دائىمىي بىر ئىنتىزام بىلەن ھەرىكەت قىلدۇرۇپ تەرتىپلىك ھالەتكە كەلتۈرگەن ۋاقتىڭدا، سەن ئورنۇڭدا تۇرۇپ ئالماشماسلىقىڭ ۋە ھەرىكەت قىلماسلىقىڭ كېرەكتۇر. بولمىسا ئۇ ئىنتىزامنى بۇزىۋىتىسەن.

  مەلۇمدۇركى، ئىنتىزام بىلەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ھەرىكەت قىلماسلىقى، ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئۆزگىرىشچان بولماسلىقى كېرەكتۇر. شۇندىلا ئۇ ئىش ئىنتىزام بىلەن داۋاملىشالايدۇ.

  ئىككىنچىدىن: ئۆزگىرىش ۋە ئالمىشىش ھۇدۇستىن (يوقتىن پەيدا بولۇش)، تاكامۇللىشىش ئۈچۈن يېڭىلىنىشتىن، ئېھتىياجدىن، ماددىيلىقتىن ۋە ئىمكاندىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. زاتى ئەقدەس بولغان ﷲ بولسا، ھەم قەدىم (باشلىنىش نۇقتىسى يوق) ھەم ھەر جەھەتتە مۇتلەق كامالەتتە ھەم مۇتلەق ئىستىغنادا ھەم ماددىيلىقتىن پاك، ھەمدە ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغانلىقتىن، ئەلۋەتتە ئۆزگىرىشى ۋە ئالمىشىشى ئىمكانسىزدۇر، مۇمكىن ئەمەستۇر.

——————————————————

* ئىستىغنا: ئېھتىياجسىزلىق، ھېچبىر نەرسىگە مۇھتاج بولماسلىق.

** ئىمكان: مۇمكىن بولۇش، بولۇشبولماسلىقى ئىمكانىيەتتە بولۇش، ۋاجىپ ۋە زۆرۈرىي بولماسلىق، (مەخلۇقات سۈپىتى).


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.