ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا خىتاپنىڭ داۋامى

ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا خىتاپنىڭ داۋامى

  يەنە مەسىلەن: شۇنداق بىر كىتابكى، ھەربىر قۇرى ئۈستىدىمۇ بىر كىتاب كىچىك ھەرىپلەر بىلەن يېزىلغان، ھەربىر سۆزىدە ئىنچىكە ھەرپ بىلەن بىر قۇرئان سۈرىسى يېزىلغان، ھەمدە بەكمۇ مەنىدار ۋە پۈتۈن مەسىلىلىرى بىربىرىگە قۇۋۋەت بېرىدىغان، شۇنداقلا يازغۇچىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ماھارەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن شۇنداق بىر ئاجايىپ كىتاب بولسا، شۈبھىسىزكى، كۈندۈزدەك ئوچۇق ھالدا ئاپتورىنى پۈتۈن كامالەتلىرى ۋە ھۈنەرلىرى بىلەن بىللە بىلدۈرىدۇ ۋە تونۇتىدۇ. «ماشائاللاھ*، بارەكەللاھ»لار بىلەن ئالقىشلايدۇ.

   دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ ناھايىتى چوڭ بولغان كائىنات كىتابىكى، بىرلا بېتى بولغان زېمىن يۈزىدە ۋە ئۇنىڭ بىرلا قىسمى بولغان باھاردا باشقاباشقا كىتابلار ھۆكمىدىكى ئۈچ يۈزمىڭ تۈرلۈك ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات تائىپىلىرىنى بىرلىكتە، بىربىرى ئىچىدە، خاتاسىز ھالدا، ئارىلاشتۇرماستىن، ئاداشماستىن، مۇكەممەل، تەرتىپلىك تۈردە، ۋە بەزىدە دەرەختەك بىر «سۆز» ئۈستىدە بىر «شېئىر» قىستۇرۇپ يازغان، ئۇرۇقتەك بىر «چېكىتتە» بىر كىتابنىڭ تولۇق پروگراممىسىنى يازغان بىر قەلەمنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرىۋاتىمىز. مانا بۇ ئاجايىپ مەنىدار ۋە ھەر سۆزىدە كۆپلىگەن ھىكمەتلەر بولغان شۇ كائىنات كىتابى ۋە مۇجەسسەم  قۇرئانى بۈيۈك ئالەم ، ئۇ مىسالدىكى كىتابتىن قانچىلىك چوڭ، مۇكەممەل ۋە مەنىدار بولسا، سىلەر ئوقۇغان پەلسەپە ۋە ئوقۇشيېزىش ئىلىملىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە دۇربۇندەك كۆزلىرى بىلەن، شۇنچىلىك دەرىجىدە بۇ ئالەم كىتابىنىڭ نەققاشىنى چەكسىز كامالەتلىرى بىلەن بىرگە تونۇتىدۇ. «ﷲ ئەكبەر» كالامى بىلەن بىلدۈرىدۇ. «سۇبھاناللاھ»** سۆزى بىلەن ئۇلۇغلايدۇ، «ئەلھەمدۇلىللاھ» ھەمدۇساناسى بىلەن سۆيدۈرىدۇ.

  مانا بۇ پەنلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆرسەڭلار بولىدۇكى، يۈزلىگەن پەنلەردىن ھەربىرى كەڭ دائىرىلىك مىزانلىرى، خۇسۇسىي ئەينىكى، دۇربۇندەك كۆزلىرى، ئىبرەتلىك نەزەرلىرى ئارقىلىق بۇ كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە بىلدۈرىدۇ، سۈپەتلىرى ۋە كامالەتلىرىنى تونۇتىدۇ. قۇرئانى ھەكىم بۇ ئۇلۇغ ۋە پارلاق بولغان تەۋھىد*** دەلىلنى دەرس بېرىش ئۈچۈن كۆپلىگەن تەكرارلار ئارقىلىق ئەڭ كۆپ

﴿رَبُّ السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ ٭ خَلَقَ السَّموَاتِ وَاْلاَرْضَ﴾

(ساماۋات ۋە زىمىننىڭ رەببى سۇرە ساد: 66*

ساماۋات ۋە زىمىننىڭ خالىقى، سۇرە زۇمەر: 38)

ئايەتلىرى بىلەن ياراتقۇچىمىزنى بىزگە تونۇتىدۇ، دەپ ئۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بەردىم. ئۇلارمۇ تامامەن قوبۇل ۋە تەستىق قىلىشىپ: «ﷲقا چەكسىز شۈكۈر، ھەقىقەتەن مۇقەددەس، دەل ھەقىقەت بولغان بىر دەرس ئالدۇق. ﷲ سىزدىن رازى بولسۇن» دېيىشتى.

  مەنمۇ دېدىمكى:

  -«ئىنسان مىڭلارچە تۈرلۈك ئەلەملەر بىلەن قايغۇرىدىغان، مىڭلارچە خىل لەززەتلەر بىلەن راھەتلىنىدىغان بىر جانلىق ئاپاراتتۇر. شۇنداقلا ئىنتايىن ئاجىزلىقى بىلەن بىللە چەكسىز ماددى ۋە مەنىۋى دۈشمەنلىرى بولغان، ئىنتايىن فېقىرلىق بىلەن بىللە چەكسىزلىگەن ئىچكىسىرتقى ئېھتىياجلىرى بولغان، ھەمدە داۋاملىق يوقىتىش ۋە ئايرىلىش كاچاتلىرىنى يېگەن بىر بىچارە مەخلۇقتۇر. ئەگەر ئىمان ۋە ئىبادەت ئارقىلىق ئەنە شۇنداق بىر پادىشاھ بولغان ﷲقا باغلانسا، پۈتۈن دۈشمەنلىرىگە قارشى بىر تايانچ كۈچ ۋە پۈتۈن مۇھتاجلىقلىرى ئۈچۈن بىر ياردەمچى كۈچ تاپىدۇ. ھەركىم ئۆزى مەنسۇپ بولغان خوجايىنىنىڭ شەرەپ ۋە مەرتىۋىلىرى ئارقىلىق ئىپتىخارلانغاندەك، ئۇمۇ ئەنە شۇنداق چەكسىز قادىر ۋە رەھىم بولغان بىر پادىشاھقا ئىمان بىلەن باغلانسا ۋە ئىبادەتلىرى بىلەن ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىگە كىرسە، ھەمدە ئەجەلنىڭ «ئۆلتۈرۈپ يوقۇتۇش» ئېلانىنى ئۆزى ئۈچۈن ۋەزىپە پۈتتۈرۈش كىنىشكىسىگە ئايلاندۇرسا، قانچىلىك دەرىجىدە مەمنۇن ۋە مىننەتدار بولىدىغانلىقىنى، قانچىلىك دەرىجىدە شۈكۈر ئېيتىپ ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار.»

  ئۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دېگىنىمدەك تۈرمە پالاكەتچىلىكىگە دۇچار بولغان مەھبۇسلارغىمۇ تەكرار دەيمەنكى:

   ئۇنى (ﷲنى) تونىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان زىنداندا بولسىمۇ بەختىياردۇر، ئۇنى ئۇنۇتقان سارايلاردا بولسىمۇ زىنداندىدۇر، بەختسىزدۇر. ھەتتا بىر بەختىيار مەزلۇم (زۇلۇمغا ئۇچرىغان) ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقاندا، بەدبەخت زالىملارغا دەيدۇ: «مەن ئۆلتۈرۈلمەيۋاتىمەن، بەلكى ھايات ۋەزىپىسىدىن بوشىنىش بىلەن مەڭگۈلۈك سائادەتكە كېتىۋاتىمەن. بىراق مەن سىلەرنى ئەبەدىي ھالاكەتكە مەھكۇم، دەپ بىلگەنلىكىمدىن سىلەردىن دەل ئىنتىقامىمنى ئېلىۋاتىمەن، لائىلاھە ئىللەللاھ» دەپ، خۇشال ھالدا جان ئۈزىدۇ.

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

«سېنى <پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن> پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى. بەقەرە:32

—————————————-

*ماشائاللاھ:ﷲنىڭ خالىغىنىدەك(بارەكەللاھ).-ت

**سۇبھاناللاھ:ﷲنىڭ ئۆزىدە، ئىش ۋە سۈپەتلىرىدە پۈتۈن كەمچىللىكلەردىن پاك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.-ت

***تەۋھىد:ﷲنى بىر دەپ بىلىش.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.