ئاياللاردىن بىر مەكتۇپ-سالام خەت

ئاياللاردىن بىر مەكتۇپ-سالام خەت

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾

اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّٰهِ وَ بَرَكَاتُهُ

بەكمۇ ئەزىز، بەكمۇ مۇبارەك ۋە بەكمۇ شەپقەتلىك ئۇستازىمىز!

  ئۆتمۈشتە شۇنچىلىك ئاچچىق، شۇنچىلىك زۇلمەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنىدۇق. ھەتتاكى، بالىلىرىمىزنىڭ قۇرئان دەرسىگە بېرىشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. مەكتەپلەردىمۇ دىن دەرسلىرى چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى. رىسالەئى نۇرنى يازغانلارنى سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرەتتى. تولىمۇ مۇبارەك ئۇستازىمىز بولغان سىزگە، دىن دۈشمەنلىرى كۆپ ئەزىيەتلەرنى بەردى. كۆپ جاپالارنى چەككۈزدى. «رىسالەئى نۇرنى يازدى، دىننى قايتىدىن كۈچلەندۈرىۋەتتى، مۇسۇلمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرىۋەتتى» دەپ، سىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا ئۇرۇندى. بىز ئۇ ئېچىنىشلىق كۈنلەردە يىغلىدۇق، قايغۇردۇق. «يا رەببى! ئۇستازىمىزنى مۇھاپىزەت قىل. دىنىمىزغا، ئۇستازىمىزغا، رىسالەئى نۇرغا دۈشمەنلىك قىلغانلارغا قەھرىڭنى كۆرسەتدەپ ﷲقا يالۋۇراتتۇق. كۆزلىرىمىزدىن گوياكى قان ئارىلاش ياشلار تۆكەتتۇق. ئاخىرى جانابى ھەق سىز ئۇستازىمىزنى مۇھاپىزەت قىلدى؛ دىنسىزلار يىقىلدى. مۇسۇلمانلىقنى يوق قىلىشنى قەست قىلغانلار پەرىشان بولدى. سىز ئۇستازىمىز، دىنىي خىزمىتىڭىزدە مۇزەپپەر بولدىڭىز. خەلقىمىزنى دىنسىزلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇردىڭىز، غەلىبە قازاندىڭىز. مۇسۇلمانلارنىڭ بەختىيار كۈن كەچۈرۈشىگە سەۋەپچى بولدىڭىز. بۇنىڭ بىلەن بىز دىنىي ئەركىنلىكىمىزگە، دىنىي ھۆرلىكىمىزگە ئېرىشتۇق. رىسالەئى نۇر مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ بېسىلىشقا باشلىدى، بىز ئاياللار ناھايىتى سۆيۈندۇق. نۇرلىرىمىزنىڭ بېسىلغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەندەك سۆيۈنچلەرگە تولدۇق. بىزگە مىڭلاپ زىبۇزىننەتلەر، ئالتۇنلار، ئالماسلار بېرىلسىمۇ، يىپەكتىن، ئەتلەستىن كىيىملەر كىيدۈرۈلسىمۇ، بىزنى بۇنچىلىك دەرىجىدە مەمنۇن قىلالمايتتى. رىسالەئى نۇرنى باستۇرۇش، دىنغا ۋە ئىمانغا ئەڭ بىرىنچى، ئەڭ چوڭ خىزمەتتۇر.

قەدىرلىك ئۇستازىمىز!

  دىن، ئىمان ئىشقىدا، مۇسۇلمانلىق تۇيغۇسى بىلەنلا بەختىيار بولالايدىغان بىز ئانىلار، بالىلىرىمىزغا قۇرئانى كەرىمنى ئۆگىتىۋاتىمىز. رىسالەئى نۇر ئوقۇشقا ئۈندەۋاتىمىز. رىسالەئى نۇرنىڭ ئىمان، ئىسلامىيەت دەرسلىرى بىلەن تەربىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئۆيلىرىمىز بىردىن نۇر مەدرىسىسى بولىۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ. ئەگەر بالىلىرىمىزغا رىسالەئى نۇر ئوقۇتمىساق، بۇ زاماننىڭ يولدىن چىقارغۇچى ھالاكەتلىرىگە چۈشىدۇ، يامان ئادەتلەرگە بېرىلىدۇ، يامانلىقلارنى تەقلىد قىلىدۇ. بىزنىڭ بېشىمىزغا بالا ۋە دەرت بولىدۇ. ئاخىرەتتىمۇ، «ئىمانىمىزنى نېمە ئۈچۈن قۇتقازمىدىڭلار؟» دەپ ئاتائانىلىرىغا قارشى دەۋا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبلىرىگە رىسالەئى نۇر سۆيگۈسىنى سىڭدۈرىۋاتىمىز. ئاياللارنىڭ بالىلىرىغا قارىتا شەپقىتى كۈچلۈك. ئەگەر بالىلىرىنىڭ ئەبەدىي بولغان ئاخىرەتلىك ھاياتىنى قۇتقۇزىدىغان ئىمان دەرسلىرى بېرىلمەي، بۇنىڭغا سۇسلۇق قىلىنسا، پەقەت ۋاقىتلىق فانىي دۇنيا ھاياتى ئۈچۈنلا تىرىشتۇرۇلسا، ئۇ چاغدا بالىلىرىغا بولغان شەپقەت، ھەقىقىي ئورنىدا سەرپ قىلىنغان بولمايدۇ. بالىسىنىڭ ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتەبەختسىزلىكىگە سەۋەب بولىدىغان بىر شەپقەت بولۇپ قالىدۇ.

بالىلىرىمىزنى ئەركىلىتىپ، مۇھەببەت بىلەن ئۇلارغا دەۋاتىمىزكى:

  «بالام! رىسالەئى نۇر سېنى ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە بەختلىك ۋە سائادەتمەن قىلىدىغان بەكمۇ بۈيۈك ھەقىقىي بىر دىن كىتابىدۇر، ئىمان دەرسلىرىدۇر. ئۇنى ئوقۇشتىن مەھرۇم قالساڭ، ئىمان دەرسلىرىنى ھازىر ئالمىساڭ، ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە بەختسىز بولىسەن، ئازاپقا قالىسەن» دەپ، ھەمدە رىسالەئى نۇر ھەققىدە يېزىلغان مەكتۇپلارنى، ھېكايىلەرنى، قەسىدىلەرنى، شېئىرلارنى ئوقۇپ ۋە ئوقۇتۇپ، رىسالەئى نۇرغا بولغان مۇھەببەتنى قەلبلىرىگە، ئۇنىڭ يۈكسەكلىكىنى روھلىرىغا يەرلەشتۈرۈشتە داۋام قىلىمىز. دۇئالىرىڭىز سايىسىدا رىسالەئى نۇرنىڭ دەرسلىرى بىلەن، ئىنشائاللاھ ئەۋلادلىرىمىز ئىسلامىيەتكە، بىزگە ۋە خەلقىمىزگە خەيرلىك دىندار ياشلار بولۇپ يېتىشىدۇ.

مۇبارەك ئۇستازىمىز!

  سۆيۈملۈك رەببىمىزنىڭ ئۆز رەھمىتى بىلەن قەلبلىرىمىزگە قويغان مۇھەببەت ھېسسىنى، بىز ئۆزىمىزنى ئەبەدىي سائادەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىمان دەرسلىرى، رىسالەئى نۇر ۋە سىز ئۇستازىمىز يولىدا نېمە ئۈچۈن سەرپ قىلمايدىكەنمىز؟ خاتا يوللاردا سەرپ قىلساق، بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ۋاي ئىسىت! دېگۈزىدۇ، ھەسرەتتە قالدۇرىدۇ. ھەتتاكى ئەبەدىييەن يىغلىتىدۇ. ئەگەر بالىلىرىمىزغىمۇ بۇ ئەھمىيەتلىك ھەقىقەتنى سىڭدۈرۈش بىلەن، ھەقىقىي شەپقىتىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلماي كۆرسىتەلىسەك، ئانىلىق ۋەزىپىمىزنى ھەقىقىي تۈردە ئادا قىلغان بولىمىز.

  رىسالەئى نۇر ھەققىدە تولىمۇ گۈزەل دوكلاتلار، نۇرلۇق مەكتۇپلار ۋە ئىنتايىن ياخشى قەسىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى بۇرسا شەھرىدىن كەلتۈردۇق. ئوقۇغانسېرى، ئاڭلىغانسېرى ئىنتايىن سۆيۈنىۋاتىمىز، رۇھلىرىمىز شادلانماقتا. ئۇلارنى يازغان نۇر تالىپلىرى بولغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ﷲ رازى بولسۇن، ئامىن

اَلْبَاقِى هُوَ الْبَاقِى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج

ئىستانبۇل ئاياللىرى


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.