!ئاياللار ۋە ئاخىرزامان فىتنىسى

!ئاياللار ۋە ئاخىرزامان فىتنىسى

ئۇستازىمىزنىڭ «ياشلىق رەھبىرى» گە قوشۇلۇپ يېزىلىشى كېرەك بولغان بىر بايانىدۇر

  مەرسىندىن كەلگەن «رەھبەر»نىڭ باش تەرىپىدىكى «مۇھىم مەسىلە» نامىدىكى يىگىرمە ئۈچ ۋە يىگىرمە تۆتىنچى بەتلەرنىڭ چىقىرىلىشىنى ئۇيغۇن كۆردۈم. چۈنكى«نۇر»دىكى مۇھىم بىر مەسلەك شەپقەت بولغانلىقتىن(ئەرلەردىن كۆپرەك) ئاياللار ھەم سەمىمىي، ھەم ئىخلاسلىق ھالدا «نۇرلار» بىلەن ھەقىقىي ھالدا ئالاقىدار بولىشىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى بەتتىكى قاتتىق تەبىرلەردىن، شەپقەت قەھرىمانلىرى بولغان ئۇ مۇبارەك ھەدەسىڭىللىرىمىز دىققەت نەزىرىگە ئېلىۋېلىپ قايغۇرۇشمىسۇن. چۈنكى بۇ مەسىلە ئىستانبۇلدەك يەرلەردە يېرىم يالىڭاچ، رۇم ۋە ئەرمەنى قىزلىرىنى دوراشنى خالىغان بىر قىسىم مۇسۇلمان قىزلىرىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن يېزىلغانىدى.

  ھالبۇكى بۇ «رەھبەر»گە قارشى چىققان ئىستانبۇلدىكى مۇناپىقلار ۋە كاپىرلار، ھەمدە بۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى بىزگە قارشى چىققان بەزى گېزىتلەر بۇ نۇقتىغا خاتا مەنە بېرىشىپ، بىر قىسىم ئاياللارنىڭ رىسالەئى نۇرغا بولغان ئالاقىلىرىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، تۆھمەت قىلشقا سەۋەب بوپتۇ. ھازىرچە بۇ ئىككى بەت چىقىرىلسۇن. ئۇنىڭ ئورنىغا «ئاياللار بىلەن سۆھبەت» نامىدىكى «ئاياللار رەھبىرى» قويۇلسۇن.

سەئىد نۇرسى

* * *

  ئەسكەرتىش: بىر زامان ئىسلامىيەت تەربىيىسىگە قارشى چىققان مەخپىي كومىتېتلەر، ياشلارنى بۇزۇشقا ھەرىكەت قىلغىنىدەك، ھازىرمۇ بىچارە ئاياللارنى يولدىن چىقىرىش ئۈچۈن بەزى دىنسىز ۋە مەخپىي كومىتېتلەر ھەرىكەت قىلىشماقتا. بۇ بۇزغۇنچى كومىتېتلەرنىڭ تۆھمەتلىرىگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، قوللىرىدا «ياشلىق رەھبىرى» بولغانلارغا يۇقىرىدىكى بايان بىر پارچىدىن بېرىلسۇن.

  ئاياللارمۇ چىقىرىلغان ئۇ ئىككى بەت ئورنىغا «ئاياللار بىلەن سۆھبەت» نامىدىكى ياشانغان ۋە ياش ئاياللارنىڭ رەھبىرىنى ئوقىسۇن ۋە چىقىرىلغان ئىككى بەتنىڭ ئورنىغا ئۇستازىمىزنىڭ يۇقىرىدىكى بايانى قوشۇپ يېزىلسۇن.

* * *

كۈتۈلمەستىن ئەسكەرتىلگەن بىرمۇھىم مەسىلە

  ئاخىرزامان فىتنىسىدە ئەڭ قورقۇنچلۇق رول ئوينىغان ئاياللار تائىپىسى ۋە ئۇلارنىڭ فىتنىسى ئىكەنلىكى ھەدىس رىۋايەتلىرىدىن كۆرۈلمەكتە. شۇنداق، تارىخلاردا، بۇرۇنقى زامانلاردا «ئامازونلار» نامىدىكى ناھايىتى جەڭگىۋار قوراللىق ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن بىر ئەسكەر تائىپىسى ئاجايىپ ئۇرۇشلارنى قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ.

  دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ زاماندىكى كاپىرلىق زالالىتىنىڭ ئىسلامىيەتكە قارشى ئاچقان جېڭىدىن، نەفسى ئەممارىنىڭ پىلانى بويىچە شەيتان قوماندانلىقى ئاستىدىكى پىرقىلارنىڭ ئەڭ قورقۇنچلىقى، يېرىم يالىڭاچ ئاياللاردۇركى، دەھشەتلىك پىچاقلاردەك، ئوچۇق پاچاقلىرى بىلەن مۆئمىنلەرگە قارشى تاجاۋۇز قىلىشماقتا. نىكاھ يولىنى تاقاپ، پاھىشە يولىنى كىڭەيتىشكە ھەرىكەت قىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەفىسلىرىنى ئوڭايلا ئەسىر قىلىپ، چوڭ گۇناھلار بىلەن قەلب ۋە روھلىرىنى يارىلىماقتا. ھەتتا ئۇ قەلبلەردىن بىر قىسمىنى ئۆلتۈرمەكتە. بىر قانچە يىل ھاياتىدا نامەھرەم يەرلىرىنى ھەۋەسكارانە كۆرسىتىشنىڭ جازاسى تۈرىدە، بۇ پىچاقلىق پاچاقلار جەھەننەمنىڭ ئوتۇنلىرى بولۇپ، ئەڭ ئاۋال بۇ پاچاقلار كۆيىدۇ. ھەمدە دۇنيالىق ئىشەنچ ۋە ساداقەتنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن يارىتىلىشىدىن ھەقىقىي خالىغان ۋە تەبىئىتىدىن كۆپ مۇھتاج بولغان ئەرنىمۇ تاپالمايدۇ. تاپسىمۇ بېشىغا بالا تاپىدۇ. ھەتتا بۇ ھالنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇ ئاخىرزاماندا بەزى يەرلەردە نىكاھنى رەت قىلىش ۋە رىئايە قىلماسلىق يۈزىدىن قىرىق ئايالغا بىر ئەر قارايدىغان دەرىجىدە، ئۇ ئاياللار ئەھمىيەتسىز، ئىگىسىز، قىممەتسىز بىر ھالەتتە قالىدىغانلىقى ھەدىس رىۋايەتلىرىدىن كۆرۈلمەكتە.

  ھەقىقەت ئەنە شۇنداق. ئەمەلىيەتتە ھەر گۈزەل گۈزەللىكىنى سۆيىدۇ ۋە قولىدىن كەلگىنىچە مۇھاپىزەت قىلىشنى خالايدۇ، بۇزۇلىشىنى خالىمايدۇ. ھەمدە گۈزەللىك بىر نىمەتتۇر. نىمەتكە شۈكۈر قىلسا ئارتىدۇ، قىلىنمىسا ئازىيىدۇ، يامانلىشىدۇ. ئەلۋەتتە ئەقلى بار بولسا، ھۆسن ۋە جامالىنى، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى گۇناھلارغا ئىتتىرىشتىن، شۇنداقلا ئۇنى يىرگىنچلىك ۋە زەھەرلىك قىلىشتىن ساقلاپ ئۇ نىمەتنى، تۇزكورلۇق قىلىپ ئازاپقا سەۋەب بولىدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قېچىشى كېرەك.

  ھەمدە ئۇ فانىي(ۋاقىتلىق) بەشئون يىللىق گۈزەللىكنى باقىي قىلىش ئۈچۈن ھالال بىر شەكىلدە قوللىنىش ئارقىلىق، ئۇ نىمەتلەرگە شۈكۈر قىلش كېرەك. بولمىسا ياشانغاندا ئۇزۇن ۋاقىت پەس كۆرۈلۈشكە دۇچار بولۇپ، مەيۈس ھالدا يىغلاپ قالىدۇ.

  ئەگەر ئىسلام تەربىيىسى دائىرىسىدە، قۇرئاننىڭ ئەدەپئەخلاق زىننىتى بىلەن ئۇ جامال گۈزەللەشتۈرۈلسە، ئۇ فانىي ھۆسۈن مەنىۋى جەھەتتىن باقىي قالىدىغانلىقى ۋە جەننەتتە ھۆرلەرنىڭ جامالىغا قارىغاندا، تېخىمۇ شىرىن، تېخىمۇ پارلاق بىر سۈرەتتە ئۆزىگە بېرىلىدىغانلىقى ھەدىسى شەرىفلەردە قەتئىي تۈردە ئېيتىلغان. ئەگەر ئۇ گۈزەلنىڭ زەررىچىلىك ئەقلى بولسا، بۇ گۈزەل، پارلاق ۋە ئەبەدىي نەتىجىنى قولدىن قاچۇرماسلىقى كېرەك.

—————————————————–

*نەفسى ئەممارە: ئىنساندىكى شەيتاننىڭ تەكلىۋىنى ئېتىرازسىز قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنغان، ساۋاپتىن قاتتىق ئۈركىدىغان، گۇناھقا ھېرىسمەن بولغان بىر سېزىم.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.