ئجتىھاد ھەققىدە

ئجتىھاد ھەققىدە

تۆۋەندە ئەسرىمىزنىڭ بۈيۈك ئۆلىماسى بەدىئۇززامان سائىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ «ئىجتىھاد»قا ئائىت بەزى بايانلىرى

يىگىرمە يەتتىنچى سۆز

ئىجتىھاد رىسالىسى

بۇ ئىجتىھاد رىسالىسى بەشئالتە يىل ئىلگىرى مەن ئەرەپچە بىر رىسالىدە يازغان ئىجتىھادقا دائىر بىر مەسىلە بولۇپ، ئۇ مەسىلە بويىچە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەددىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىككى قېرىندىشىمنىڭ ئارزۇسى بىلەن يەنە يېزىلدى.

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

وَلَوْ رَدُّوهُ اِلَى الرَّسُولِ وَ اِلَى اُولِى اْلاَمْرِ مِنْهُمْ لَعَلِمَهُ الَّذِينَ يَسْتَنْبِطُونَهُ مِنْهُمْ

[ (مۆمىنلەرگە ئائىت) ئامانلىقنىڭ ياكى قورقۇنچنىڭ بىرەر خەۋىرى ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا) يەتسە، ئۇنى تارقىتىدۇ، ئەگەر ئۇنى پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) نىڭ ئىچىدىكى ئۇلۇلئەمىرگە (ئەمىر ساھىبى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە، ئىدارە قىلغۇچى ۋەياكى قۇماندانغا) مەلۇم قىلسا، (شۇ) خەۋەرنى چىقارغۇچىلار ئۇنى (يەنى شۇ خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى) ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى. (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەرگە اﷲ نىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ئازغىنا كىشىدىن باشقىلىرىڭلار، ئەلۋەتتە، شەيتانغا ئەگىشىپ كېتەتتىڭلار.سۇرە نىسا:83]

  ئىجتىھاد ئىشىكى ئوچۇقتۇر. لېكىن بۇ زاماندا ئۇنىڭغا كىرىشكە «ئالتە توسقۇنلۇق» بار.

  بىرىنچىسى: قىشتا، بورانچاپقۇنلار شىددەتلىك بولغان ۋاقىتتا تار تۆشۈكلەرمۇ ئىتىلىدۇ. يېڭى ئىشىكلەرنى ئېچىش، ھېچبىر جەھەتتە ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. ھەم چوڭ بىر كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىدا، رېمونت ئۈچۈن تاملاردىن تۆشۈكلەرنى ئېچىش غەرق بولۇشقا سەۋەبتۇر. دەل شۇنىڭدەك گۇناھلار قاپلىغان زاماندا ۋە ئەجنەبى ئادەتلىرىنىڭ يامىرىغان ۋاقتىدا، بىدئەتلەرنىڭ كۆپەيگەن دەۋرىدە ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرى ۋاقتىدا ئىجتىھاد نامى بىلەن ئىسلامىيەت قەسرىدىن يېڭى ئىشىكلەرنى، تاملىرىدىن بۇزغۇنچىلارنىڭ كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان تۆشۈكلەرنى ئېچىش ئىسلامىيەتكە بولغان جىنايەتتۇر.

  ئىككىنچىسى: دىننىڭ زەرۇرىييات* قىسمىغا ئىجتىھاد كىرەلمەيدۇ. چۇنكى قەتئىيدۇر، ئېنىقتۇر. ھەم ئۇ زەرۇرىيات غىزا ۋە قۇۋۋەت ھۆكمىدىدۇر. بۇ زاماندا تەرك قىلىنىشقا ئۇچراۋاتىدۇ ۋە تەۋرىنىش ئىچدىدۇر. پۇتۇن قۇۋۋەت ۋە غەيرەتنى ئۇلارنى تېرىلدۈرۈشكە ۋە مۇقىملاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىش لازىم تۇرسا، ئىسلامىيەتنىڭ نازارىييات** قىسمىدا ۋە سەلەفى سالىھىننىڭ*** ساپ ۋە خالىس بولغان، پۇتۇن زامانلارنىڭ ئېھتىياجىغا تار كەلمىگەن پىكىرلىرى بار تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى تاشلاپ، ھەۋەسكارانە يېڭى ئىجتىھادلارنى قىلىش بىدئەتكارانە بىر خىيانەتتۇر.

  ئۈچىنچىسى: بازاردا پەسىللەرگە قارىتا، بىردىن تاۋار مەرغۇب (مودا) بولىدۇ. مەلۇم ۋاقىتتا بىرەر مالنىڭ بازىرى چىقىدۇ. شۇنىڭدەك ئالەم كۆرگەرزمىخانىسىدا، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھايات بازىرىدا، ھەر ئەسىردە بىردىن مال مەرغۇب بولىدۇ ۋە راۋاج تاپىدۇ. بازاردا ئېلان قىلىنىپ سېتىلىدۇ. ئارزۇلار ئۇنىڭغا جەلپ بولىدۇ، نەزەرلەر ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ، پىكىرلەر ئۇنىڭغا باغلىنىدۇ. مەسىلەن: شۇ زاماندا سىياسەت تاۋىرى، دۇنيا ھاياتىنىڭ تىرىكچىلىكى ۋە پەلسەپىنىڭ راۋاج تاپقىنىدەك سەلەفى سالىھىن ئەسرىدە ۋە ئۇ زاماننىڭ بازىرىدا ئەڭ مەرغۇب تاۋار، ساماۋات ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ رازىلىقىنى ۋە بىزدىن خالىغان ئارزۇلىرىنى كالامىدىن چىقىرىش، ھەمدە پەيغەمبەرلىك ۋە قۇرئان نۇرى بىلەن ئىتىلمىگىدەك دەرىجىدە ئېچىلغان ئاخىرەت ئالىمىدىكى ئەبەدىي سائادەتنى قازاندۇرىدىغان ۋاستىلارنى قولغا كەلتۈرۇش ئىدى.

  ئۇ زاماندا زېھىنلەر، قەلبلەر ۋە روھلار پۈتۈن قۇۋۋەتلىرى بىلەن يەر ۋە كۆكلەرنىڭ رەببىنىڭ رازىلىقىنى چۈشىنىشكە يۈزلەنگەن بولغانلىقتىن، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى سۆھبەتلىرى، مۇئامىلىلىرى، ۋەقە ۋە ئەھۋاللىرى ئۇنىڭغا يۈزلىنەتتى. ئۇنىڭغا قارىتا جەريان قىلغانلىقتىن ھەركىمنىڭ ياخشى بىر قابىلىيىتى بولغان بولسا، ئۇنىڭ قەلبى ۋە تەبىئىتى ئىختىيارسىز ھالدا ھەر نەرسىدىن بىر مەرىپەت دەرسى ئالاتتى. ئۇ زاماندا جەريان قىلغان ئەھۋال، ۋەقە، مۇنازىرىلەردىن ئىلىم ئالاتتى. گويا ھەر بىر شەيئى ئۇنىڭغا مۇئەللىم ھۆكمىگە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ فىترات(خاراكتىر) ۋە ئىستىداتىغا ئىجتىھاد ئۈچۈن ئۇل بولىدىغان قابىلىيەتلەرنى سىڭدۈرەتتى. ھەتتا ئۇ فىترى (تەبىئى) دەرس شۇ دەرىجىدە نۇرلاندۇراتتىكى، تېرىشىش بولماستىنلا ئىجتىھادقا قابىلىيىتى بولىدىغان، ئوت ياقماستىنلا نۇرلىنىدىغان ھالەتكە يېقىنلىشىپ قالاتتىدېمەك، ئۇ تەرىقىدە فىترى دەرس ئالغان بىر قابىلىيەت ئىگىسى ئىجتىھاد ئۈچۈن تىرىشىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، سەرەڭگە ھۆكمىگە ئۆتكەن قابىلىيىتى ‹نۇرۇن ئەلا نۇر›(نۇر ئۈستىگە نۇر) سىرىغا ئىگە بولۇپ، تېز ۋە ئازلا بىر زاماندا مۇجتەھىد بولاتتى.

  ئەمما بۇ زاماندا بولسا، ياۋروپا مەدىنىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ھۇجۇمى ۋە دۇنياۋى ھايات شارائىتلىرىنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبلىك، پىكىر ۋە قەلبلەر چېچىلغان، ھامىيەت (تۆھپىكارلىق) ۋە ياردەم ھېسلىرى بۆلۈنگەن، زېھىنلەر مەنىۋىياتقا قارىتا ياتلاشقان. مانا بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ زاماندا بىرسىدە تۆت يېشىدا قۇرئاننى يادقا ئېلىپ، ئالىملار بىلەن سۆھبەتلەشكەن ‍‍‍‍‍ سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە دېگەن مۇجتەھىد زاتنىڭ ئەقلى بار دېيىلسە، سۇفياننىڭ ئىجتىھاد قابىلىيىتىنى قازىنىشقا كەتكەن ۋاقىتتىن ئون ھەسسىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا مۇھتاجدۇر. سۇفيان ئون يىلدا ئۇ قابىلىيەتنى ئىگىلىگەن بولسا، بۇ زاماندا ئۇ ئادەم ئۇ نەتىجىنى تەھسىل قىلىش ئۈچۈن يۈز يىل كېتىدۇ . چۈنكى سۇفياننىڭ فىترى شەكىلدىكى ئىلىم تەھسىلىگە باشلىغان ۋاقتى توغراخاتانى پەرق قىلىش ۋاقىتىدىن باشلىنىدۇ. ئىستىداتى ئاستائاستا تەييارلىنىدۇ، نۇرلىنىدۇ، ھەر نەرسىدىن دەرس ئالىدۇ. سەرەڭگە ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئوخشىشى بۇ زاماندا زېھنى پەلسەپىگە شۇڭغىغان، ئەقلى سىياسەتكە چۆككەن، قەلبى دۇنيا ھاياتى بىلەن گالۋاڭلاشقان بولغانلىقتىن، قابىلىيىتى ئىجتىھادتىن يىراقلاشقان. ئەلۋەتتە پەلسەپىۋى پەنلەرگە شۇڭغۇش نىسبىتىدە ئىستىداتى شەرئىي مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىشتىن ئۇزاقلاشقان ۋە ئەرزىي (زېمىنچە، ساماۋى بولمىغان) ئىلىملەردە تەرەققى قىلىش دەرىجىسىدە ئىجتىھاد قابىلىيىتىنى قوبۇل قىلىشتىن كىيىن قالغاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «مەنمۇ ئۇنىڭدەك ئەقىللىق، نېمىشقا ئۇنىڭغا يىتىشەلمەيدىكەنمەن؟» دىيەلمەيدۇ. دېيىشكە ھەققى يوقتۇر ۋە يىتىشەلمەيدۇ.

  ئالتىنچىسى: سەلەفى سالىھىننىڭ بۈيۈك مۇجتەھىدلىرى نۇر ئەسرى ۋە ھەقىقەت ئەسرى بولغان سائادەت ئەسرىگە يېقىن بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن ساپ بىر نۇر ئېلىپ، خالىس بىر ئىجتىھاد قىلالايتتى. بۇ زاماندىكى ئىجتىھاد ئەھلى بولسا ئۇ قەدەر كۆپ پەردىلەر ئارقىسىدا ۋە ئۇزاق مۇساپىدە تۇرۇپ ھەقىقەت كىتابىغا قارايدۇكى، ئەڭ ئوچۇق بىر ھەرپىنىمۇ تەستە كۆرەلەيدۇ.

   ئەگەر دېسەڭ: ساھابىلەرمۇ ئىنساندۇر، خاتادىن ۋە قۇسۇردىن خالى بولالمايدۇ. ھالبۇكى ئىجتىھادنىڭ ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئاساسى ساھابىلەرنىڭ ئادالىتى ۋە توغرىلىقىدۇركى، ھەتتا ئۈممەت: «ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى ئادىلدۇر ۋە توغرا سۆزلۈكتۇردەپ بىرلىككە كەلگەن. (قانداق چۈشىنىمىز؟)

   ئەلجاۋاب: ساھابىلەر مۇتلەق كۆپ سانلىق بىلەن ھەممىسى ھەققە ئاشىق، توغرىلىقنى سۆيگەن، ئادالەتنى ياقىلىغۇچىلاردۇر. چۈنكى يالغاننىڭ ۋە ساختىلىقنىڭ يىرگىنچلىكى پۈتۈن يىرگىنچلىكى بىلەن، توغرىلىقنىڭ ۋە سادىقلىقنىڭ گۈزەللىكى پۈتۈن گۈزەللىكى بىلەن ئۇ ئەسىردە شۇنداق بىر يوسۇندا كۆرۈنگەنكى، ئوتتۇرىلىرىدىكى مۇساپە ئەرشتىن تا پەرشكە قەدەر ئېچىلغانىدى. ئەسفەلى سافىلىندىكى يالغانچى مۇسەيلىمەئى كاززاپنىڭ دەرىجىسىدىن ئالايى ئىللىييىندە بولغان ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگە قەدەر بىر ئايرىلىش كۆرۈلگەنىدى. شۇنداق، مۇسەيلىمەنى ئەسفەلى سافىلىنگە چۈشۈرگەن يالغانچىلىق بولغىنىدەك، مۇھەممەدۇل ئەمىن ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى ئالايى ئىللىييىنگە چىقارغان سىدقتۇر، توغرىلىقتۇر.

   دېمەك، يۈكسەك ھېسلارنى ئېلىپ يۈرگەن، گۈزەل ئەخلاقلارغا ھېرىسمەن بولغان ۋە پەيغەمبەرلىك قۇياشىنىڭ سۆھبەت نۇرى بىلەن نۇرلانغان ساھابىلەرنىڭ، ئۇ دەرىجىدە يىرگىنچ ۋە پەسلىككە سەۋەب بولغان ۋە مۇسەيلىمەنىڭ مەسخىرىلىك ساختا دۇككىنىدىكى يالغانچىلىققا ئىختىيارى بىلەن قوللىرىنى ئۇزاتماسلىقى ۋە كۇفۇردىن ئۆزىنى قاچۇرغاندەك، يالغاندىنمۇ قېچىشلىرى؛ ھەمدە ئۇ دەرىجىدە گۈزەل، پەخىرلىنىلىدىغان ۋە ئىپتىخار سەۋەبى بولغان، سائادەت ۋە تەرققىيات مىراجى ھۆكمىدىكى ۋە پەيغەمبەرلىك پەخرىنىڭ ئالى خەزىنىسىدە ئەڭ قىممەتدار بولغان، شۇنداقلا ھەشەمەتلىك جامالى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى نۇرلاندۇرغان سىدققا، توغرىلىققا ۋە ھەققە (بولۇپمۇ شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ رىۋايەت ۋە تەبلىغ قىلىنىشىدا) ئەلۋەتتە قوللىرىدىن كەلگىنىچە قىزىققان، ئىتائەتچان ۋە ئاشىق بولۇشلىرى قەتئىيدۇر، زۆرۈردۇر، شۇبھىسىزدۇر.

    ھالبۇكى بۇ زاماندا توغرىلىق ۋە يالغاننىڭ ئارىسى شۇنچىلىك يېقىنلاشقانكى، خۇددى مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەندۇر. توغرىدىن يالغانغا بەك ئاسان ئۆتۈلمەكتە. ھەتتا سىياسەت تەشۋىقاتلىرى بىلەن يالغانچىلىق، توغرىلىقتىن ئۈستۈن كۆرۈلمەكتە. ئەڭ چىركىن نەرسە، ئەڭ گۈزەل نەرسە بىلەن بىر دۇككاندا ئوخشاش باھادا سېتىلسا، ئەلۋەتتە ئەڭ ئالى بولغان ۋە ھەقىقەت جەۋھىرىگە بارىدىغان توغرىلىق ۋە ھەق مەرۋايىتى، ئۇ دۇككانچىنىڭ مەرىپىتىگە ۋە سۆزىگە ئىشىنىپ، قارىغۇلارچە ئېلىنمايدۇ.

خاتىمە

   ئەسىرلەرگە قارىتا شەرىئەتلەر ئۆزگىرىدۇ. بەلكى بىر ئەسىردە قەۋملەرگە قارىتا ئايرىمئايرىم شەرىئەتلەر، باشقاباشقا پەيغەمبەرلەر كېلىشى مۇمكىن ئىدى ۋە كەلگەن. خاتەمۇل ئەنبىيادىن (پەيغەمبىرىمىزدىن) كېيىن ئۇنىڭ بۈيۈك شەرىئىتى ھەر ئەسىردە، ھەر قەۋمگە يىتەرلىك بولغانلىقتىن، تۈرلۈك شەرىئەتلەرگە ئېھتىياج قالمىغاندۇر. لېكىن تەفەررۇئاتتا (ئۇششاق مەسىلىلەردە) قىسمەن ئايرىمئايرىم مەزھەبلەرگە ئېھتىياج قالغان. پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن كىيىملەر ئالمىشىدۇ. مىجەزلەرگە قارىتا دورىلار ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭدەك ئەسىرلەرگە قارىتا شەرىئەتلەر ئالمىشىدۇ. مىللەتلەرنىڭ خاسلىقلىرىغا قارىتا ھۆكۈملەر ئالمىشىدۇ. چۈنكى شەرىئەت ھۆكۈملىرىنىڭ تەفەررۇئات قىسمى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋلىغا قارايدۇ، ئۇنىڭغا قارىتا كېلىدۇ، دورا بولىدۇ. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ۋاقتىدا ئىنسانىيەت تەبىقىلىرى بىربىرىدىن كۆپ ئۇزاق ۋە مىجەزخۇلقى بىر قەدەر قوپال ۋە قاتتىق، ھەمدە پىكىر جەھەتتە ئىپتىدائىي ۋە بەدەۋىيلىككە يېقىن بولغانلىقتىن، ئۇ زاماندىكى شەرىئەتلەر ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىغا مۇۋاپىق بىر شەكىلدە ئايرىمئايرىم كەلگەن. ھەتتا بىر قىتئەدە، بىر ئەسىردە ئايرىمئايرىم پەيغەمبەرلەر ۋە شەرىئەتلەر بولغان. كېيىن ئاخىرزامان پەيغەمبىرىنىڭ كېلىشى بىلەن، ئىنسانلار گويا باشلانغۇچ سەۋىيەدىن ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە تەرەققى قىلغانلقتىن، كۆپلىگەن ئۆزگۈرۈشلەر ۋە ئارىلىشىشلار نەتىجىسىدە ئىنسانىيەت قەۋملىرى بىرلا دەرسنى ئالسا بولىدىغان، بىرلا مۇئەللىمنى ئاڭلىسا بولىدىغان، بىرلا شەرىئەت بىلەن ئەمەل قىلسا بولىدىغان ۋەزىيەتكە كەلگەنلىكتىن، ئايرىمئايرىم شەرىئەتلەرگە ئېھتىياج قالمىغاندۇر، باشقاباشقا مۇئەللىملەرگىمۇ ھاجەت چۈشمىگەندۇر. لېكىن تامامەن بىر سەۋىيەگە كەلمىگەنلىكتىن ۋە بىر خىللا ئىجتىمائىي ھايات تەرىقىسىدە بولمىغانلىقتىن، تۈرلۈك مەزھەپلەر شەكىللەنگەن. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىر ئالى مەكتەپنىڭ تالىپلىرىدەك، بىر خىل ئىجتىمائىي ھايات شەكلى كىيسە، بىر سەۋىيەگە كەلسە، ئۇ ۋاقىت مەزھەپلەر بىرلەشتۈرۈلسە بولىدۇ. لېكىن ئالەمنىڭ بۇ ئەھۋالى ئۇ ھالغا يول قويمايدۇ، شۇڭا مەزھەپلەرمۇ بىر بولمايدۇ.

   ئەگەر دېسەڭ: ھەق دېگەن بىر بولىدۇ، قانداقمۇ بۇنداق تۆت ياكى ئون ئىككى مەزھەپنىڭ ئوخشىمىغان ئەھكاملىرى ھەق بولىدۇ؟

   ئەلجاۋاب: بىر سۇنىڭ مىجەزى ئوخشىمىغان بەش خىل كىسەلگە بەش تۈرلۈك ھۆكۈمى بولىدۇ. بىرسىگە كىسەللىكىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا سۇ دورىدۇر، تىببىي جەھەتتىن ۋاجىپتۇر. باشقا بىرسىگە كىسەللىكى ئۈچۈن زەھەردەك زىيانلىقتۇر، تىببىي جەھەتتىن ھارامدۇر. يەنە بىرسىگە ئاز زىيان بىرىدۇ، تىببىي جەھەتتىن ئۇنىڭغا مەكرۇھدۇر. يەنە بىرسىگە زىيانسىز مەنپەئەتلىكتۇر، تىببىي جەھەتتىن سۈننەتتۇر. يەنە بىرسىگە زىيانلىقمۇ ئەمەس، پايدىلىقمۇ ئەمەس، خاتىرجەم ئىچسۇن، تىببىي جەھەتتىن ئۇنىڭغا مۇباھتۇر. دېمەك، ھەق بۇ يەردە كۆپ خىللاشتى، بەشىلىسى ھەقتۇر. ئەمدى سەن: سۇ پەقەتلا دورىدۇر، پەقەتلا ۋاجىپتۇر، باشقا ھۆكۈمى يوقتۇر. دېيەلەمسەن؟

   دەل بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلاھىي ئەھكام، ئىلاھىي ھىكمەتنىڭ تۈرتكىسىدە مەزھەپلەرگە ئەگەشكەنلەرگە قارىتا ئۆزگۈرىدۇ. ھەمدە ھەق بولۇپ (توغرا شەكىلدە) ئۆزگۈرىدۇ، ھەر قايسىسى ھەق بولىدۇ، ھىكمەت بولىدۇ.


*زەرۇرىييات: ئىمان ئېيتىش زۆرۈر بولغان دىننىڭ ئاساسلىرى، دىننىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكۈملىرى

**نازارىييات: توغرىلىقى ئىسپات قىلىنمىغان ئىلمىي پىكىرلەر، مۇنازىرىلىك چۈشەنچىلەر

***سەلەفى سالىھىن: ساھابە، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن تابىئىن ۋە ئۇلاردىنمۇ كېيىن كەلگەن تەبەئى تابىئىنلارنىڭ ئۆلىمالىرى ئەھلى سۈننەتنىڭ دەسلەپكى رەھبەرلىرى.ت


«ئۈممىتىمنىڭ ئىختىلاپى رەھمەتتۇر»

دېگەن ھەدىستە ئېيتىلغان ئىختىلاپ بولسا، مۇسبەت ئىختىلاپتۇر. ھەر بىرى ئۆز مەسلىكىنىڭ (يولىنىڭ) قۇرۇلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، باشىقىسىنىڭ يولىنى بۇزۇش ۋە يوقىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭمۇ مۇكەممەللىشىشى ۋە تۈزىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. مەنپى ئىختىلاپ بولسا، غەرەزكارانە، ئاداۋەتكارانە بىرـ بىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىشتۇر. ھەدىس بويىچە بۇ مەقبۇل ئەمەس. چۈنكى بىربىرى بىلەن ئۇرۇشقانلار مۇسبەت ھەرىكەت قىلالمايدۇ.(مەكتۇباتتىن ئېلىندى)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.