!ئىبلىسنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ھىيلىسى-دىققەت قىلىڭ

!ئىبلىسنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ھىيلىسى-دىققەت قىلىڭ

  ئونىنچى ئىشارەت: ئىبلىسنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ھىيلىسى: ئۆزىنى، ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە ئىنكار قىلغۇزۇشتۇر. شۇ زاماندا، خۇسۇسەن ماتېرىيالىستلىك پەلسەپىسى بىلەن ئەقلى بۇلغانغانلار بۇ ئېنىق مەسىلىدە ئىككىلەنگەنلىكلىرى ئۈچۈن، شەيتاننىڭ بۇ ھىيلىسىگە قارشى بىرئىككى ئېغىز سۆز سۆزلەيمىز.

  ئىنسانلاردا شەيتان ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جەسەتلىك يامان روھلار كۆرىۋاتقىنىمىزدەك بولغىنىغا ئوخشاش، جىنلاردىنمۇ جەسەتسىز يامان روھلارنىڭ بار ئىكەنلىكى ئاشۇ قەتئىيلىكتىدۇر. ئەگەر ئۇلار ماددى جەسەت كىيسە، بۇ بۇزۇق ئىنسانلارنىڭ ئەينى ئۆزى بولغان بولاتتى. ھەم ئەگەر بۇ ئىنسان سۈرىتىدىكى ئىنسىي شەيتانلار جەسەتلىرىنى چىقىرالىغان بولسا، ئۇ جىننىي ئىبلىسلار بولغان بولاتتى. ھەتتا بۇ شىددەتلىك مۇناسىۋەتكە بىنائەندۇركى، بىر باتىل مەزھەب: «ئىنسان سۈرىتىدىكى غايەت شەرلىك يامان روھلار ئۆلگەندىن كېيىن شەيتان بولىدۇدەپ ھۆكۈم قىلغاندۇر. مەلۇمدۇركى، ئالىي بىر نەرسە بۇزۇلسا، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك نەرسىنىڭ بۇزۇلىشىدىن تېخىمۇ زىيادە بۇزۇلىدۇ. مەسىلەن: سۈت ۋە قېتىق بۇزۇلسا، يەنە يېگىلى بولىدۇ. ياغ بۇزۇلسا، يېگىلى بولمايدۇ، بەزەن زەھەرگە ئوخشاش بولىدۇ. دەل شۇنىڭدەكلا، مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى، بەلكى ئەڭ ئالىيسى بولغان ئىنسان، ئەگەر بۇزۇلسا، بۇزۇق ھايۋاندىن تېخىمۇ بەكرەك بۇزۇق بولىدۇ. سېسىغان ماددىلارنىڭ پۇرىقى بىلەن لەززەتلىنىدىغان ھاشارەتكە ئوخشاش ۋە چېقىپ زەھەرلەندۈرۈشتىن لەززەت ئالىدىغان يىلانلارغا ئوخشاش، زالالەت پاتقاقلىقىدىكى شەرلەر ۋە چىركىن ئەخلاقلار بىلەن لەززەتلىنىدۇ، ئىپتىخارلىنىدۇ ۋە زۇلۇمنىڭ زۇلمەتلىرىدىكى زەرەر ۋە جىنايەتلەردىن ھوزۇر ئالىدۇ، گويا دەل شەيتاننىڭ ماھىيىتىگە كىرىدۇ. شۇنداق، جىننىي شەيتاننىڭ بارلىقىغا قەتئىي بىر دەلىل، ئىنسىي شەيتاننىڭ بارلىقىدۇر.

  ئىككىنچىدىن، يىگىرمە توققۇزىنچى سۆزدە يۈزلەرچە قەتئىي دەلىل بىلەن رۇھانىيلەرنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپات قىلغان ئۇ بارلىق دەلىللەر، شەيتانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىسپات قىلىدۇ. بۇ جەھەتنى ئۇ سۆزگە ھاۋالە قىلىمىز.

  ئۈچىنچىدىن، كائىناتتىكى خەيرلىك ئىشلاردىكى قانۇنىيەتلەرنىڭ ۋەكىلى، نازىرى(مۇئەككەلى) ھۆكمىدە بولغان پەرىشتىلەرنىڭ ۋۇجۇدى (بارلىقى)، دىنلارنىڭ ئورتاق قارىشى بىلەن ئېنىق بولغىنىدەك، يامان ئىشلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئىجرائىيەتچىلىرى ۋە ئۇ ئىشلاردىكى قانۇنلارنىڭ ئاساسلىرى بولغان شەيتان ۋە بۇزۇق روھلارنىڭ بولىشىمۇ ھىكمەت ۋە ھەقىقەت نۇقتىسىدا قەتئىيدۇر. بەلكى يامان ئىشلاردا زىشۇئۇر(ئىدراكلىق) بىر پەردىنىڭ بولىشى تېخىمۇ بەكرەك لازىمدۇر. چۈنكى، يىگىرمە ئىككىنچى سۆزنىڭ بېشىدا دېيىلگىنىدەك، ھەركىم ھەر نەرسىنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆرۈنۈشتىكى يامانلىق ۋە نۇقسانلىقلار بويىچە خالىقى زۇلجالالغا قارىتا ئېتىراز قىلماسلىق، رەھمىتىنى قارىلىماسلىق، ھىكمىتىنى تەنقىد قىلماسلىق ۋە ھەقسىز شىكايەت قىلماسلىق(ئاغرىنماسلىق) ئۈچۈن، زاھىرى بىر ۋاستىنى پەردە قىلغاندۇر. شۇندىلا ئېتىراز، تەنقىد ۋە شىكايەتلەر ئۇ پەردىلەرگە كېتىپ، خالىقى كەرىم ۋە ھەكىمى مۇتلەققە يۈزلەنمەيدۇ. ۋاپات بولغان بەندىلەرنىڭ ئاغرىنىشىدىن ھەزرىتى ئەزرائىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېسەللىكلەرنى ئەجەلگە پەردە قىلغىنىدەك، مەرھەمەتسىز دەپ خىيال قىلىنغان ئۇ ھالەتلەردىن كەلگەن شىكايەتلەرنىڭ جانابى ھەققە يۈزلەنمەسلىكى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامنىمۇ قەبزى ئەرۋاھقا(جان ئېلىشقا) پەردە قىلغاندۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش ۋە تېخىمۇ زىيادە بىر قەتئىييەت بىلەن شەرلەردىن ۋە يامانلىقلاردىن كەلگەن ئېتىراز ۋە تەنقىد خالىقى زۇلجالالغا يۈزلەنمەسلىكى ئۈچۈن، ﷲنىڭ ھىكمىتى شەيتاننىڭ بار بولۇشىنى ئىقتىزا قىلغاندۇر.

  تۆتىنچىدىن، ئىنسان كىچىك بىر ئالەم بولغىنىدەك، ئالەممۇ چوڭ بىر ئىنساندۇر. بۇ كىچىك ئىنسان ئۇ چوڭ ئىنساننىڭ بىر مۇندەرىجىسى ۋە خۇلاسىسىدۇر. ئىنساندا بولغان نەمۇنىلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرى ئۇ چوڭ ئىنساندا قەتئىييەن باردۇر. مەسىلەن: ئىنساندىكى ئەستە ساقلاش سېزىمىنىڭ بارلىقى، ئالەمدە لەۋھۇلمەھفۇزنىڭ بارلىقىغا قەتئىي دەلىل بولغىنىدەك، ئىنساندىكى قەلبنىڭ بىر بۇلۇڭىدا شەيتانىي لۈممە دېيىلىدىغان بىر ۋەسۋەسە قورالى بولغان، ھەمدە ۋەھىمە ھېسسىنىڭ تەلقىنلىرى بىلەن سۆزلەيدىغان بىر شەيتانىي تىلنىڭ ۋە ئازدۇرغۇچى بىر ۋەھىمە ھېسسىنىڭ كىچىك بىر شەيتان ھۆكمىگە ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئىگىلىرىنىڭ ئىختىيارىغا زىت ۋە ئارزۇسىغا مۇخالىپ ھەرىكەت قىلغانلىقلىرىنى ھېسسىي جەھەتتىن ھەركىم ئاسانلا ئۆزىدە كۆرىشى، ئالەمدە چوڭ شەيتانلارنىڭ بارلىقىغا قەتئىي بىر دەلىلدۇر.

  ۋە بۇ لۈممەئى شەيتانىيە ۋە ۋەھىمە ھېسسى، بىر قۇلاق ۋە بىر تىل ھۆكمىدە بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پىچىرلىغان ۋە ئۇنى سۆزلەتكەن سىرتقى بىر شەرلىك شەخسنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.