ئىخلاسنى بۇزىدىغان ۋە رىياكارلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر

ئىخلاسنى بۇزىدىغان ۋە رىياكارلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر

  ئەمدى ئىخلاسنى بۇزىدىغان ۋە رىياكارلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەردىن ئىككىئۈچىنى قىسقىچە بايان قىلىمىز:

  بىرىنچىسى: ماددى مەنپەئەت جەھەتتىن كەلگەن رىقابەت ئاستائاستا ئىخلاسنى بۇزىدۇ ۋە خىزمەت نەتىجىسىنىمۇ زېدىلەيدۇ، ھەمدە ئۇ ماددى مەنپەئەتنىمۇ قاچۇرىدۇ. شۇنداق، ھەقىقەت ۋە ئاخىرەت يولىدا تىرىشقانلارغا قارىتا بۇ خەلق دائىما بىر خىل ھۆرمەت ۋە ياردەم قىلىش پىكرىدە بولۇشقاندۇر. شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىخلاس ھەقىقەتلىرىگە ۋە ساداقەتلىك خىزمەتلىرىگە بىر جەھەتتە ئىشتىراك قىلىش نىيىتىدە، ئۇلارنىڭ ماددى ھاجەتلىرىنى تەمىنلەش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى زايا قىلماسلىقى ئۈچۈن سەدىقە ۋە ھەدىيەدەك ماددى مەنپەئەتلەر بىلەن ياردەم قىلىپ ھۆرمەتلىرىنى ئىپادىلەشكەندۇر. بىراق بۇ ياردەم ۋە مەنپەئەت خالانمايدۇ، بەلكى بېرىلىدۇ. ھەمدە قەلبىي جەھەتتىن ئارزۇ قىلىنىپ تەمەدە بولۇش بىلەن ئەھۋال تىلى ئارقىلىقمۇ خالانمايدۇ، بەلكى كۈتۈلمىگەن بىر ھالدا بېرىلىدۇ. بولمىسا ئىخلاسى زېدىلىنىدۇ. ھەم ﴿وَلاَ تَشْتَرُوا بِآيَاتِى ثَمَنًا قَلِيلا﴾ ئايىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ ئەمىلى قىسمەن يوققا چىقىدۇ. بۇ ماددى مەنپەئەتنى ئارزۇ قىلىپ تەمەدە بولۇپ قېلىش، كېيىن نەفسى ئەممارە شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۇ مەنپەئەتنى باشقىسىغا تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەقىقەت يولىدىكى قېرىندىشىغا ۋە ئۇ خاس خىزمەتتىكى بۇرادىرىگە قارشى بىر رىقابەت ھېسسىنى ئويغىتىدۇ. ئىخلاسى زېدىلىنىپ خىزمىتىدىكى مۇقەددەسلىكنى يوقىتىدۇ. ئەھلى ھەقىقەت نەزىرىدە پەس بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ماددى مەنپەئەتنىمۇ يوقىتىپ قويىدۇ. قىسقىسى، بۇ گەپ ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. مۇشۇنچىلىك دەپ پەقەتلا ھەقىقىي قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىچىدە ئىخلاس سىرىنى ۋە سەمىمىي ئىتتىپاقنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان ئىككى مىسال سۆزلەيمەن:

  بىرىنچى مىسال: دۇنياپەرەس ئىنسانلار زور بىر بايلىققا ۋە چوڭ بىر قۇۋۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەتتا بىر قىسىم سىياسەت ئەھلى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ نۇپۇزلۇق شەخسلىرى ۋە كومىتېتلىرى «ئىشتىراكى ئەمۋال» (مالمۈلۈك قېتىپ ئىشتىراكلىشىش) دەستۇرىنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىشقاندۇر. بۈتۈن سۇيىئىستېماللىرى ۋە زىيانلىرى بىلەن بىللە ھەيران قالارلىق بىر قۇۋۋەت ۋە بىر مەنپەئەت قازىنىشىدۇ. ھالبۇكى، ئىشتىراكى ئەمۋالنىڭ كۆپ زىيانلىرى بىلەن بىللە ئۇ ئىشتىراك نەتىجىسىدە ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. گەرچە بىر جەھەتتە ئىگىدارچىلىقتا ھەربىرىسى ئومۇمغا ئىگە ھۆكمىدە بولسىمۇ، بىراق پايدىلىنالمايدۇ. قىسقىسى، بۇ ئىشتىراكى ئەمۋال دەستۇرى ئاخىرەتلىك ئەمەللەر دائىرىسىگە كىرسە زىيانسىز چوڭ مەنپەئەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، قوشۇلغان بارلىق ماللارنىڭ ئۇ ئىشتىراك قىلغان ھەربىر شەخسنىڭ قولىغا تامامەن ئۆتۈش سىرى بار. چۈنكى، ئالايلۇق، تۆتبەش ئادەمدىن ئىشىتىراكلىشىش نىيىتى بىلەن بىرى كىرسىن، بىرى پىلىك، بىرى لامپا، بىرى شىشە، بىرى سەرەڭگە ئېلىپ كېلىپ بىر لامپىنى ياققان بولسا، ھەربىرىسى تولۇق بىر لامپىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇ ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بىر تامدا چوڭ بىر ئەينىكى بولغان بولسا، نۇقسانسىز، پارچىلانماستىن بىردىن لامپا ھۇجرا بىلەن بىللە ھەربىرىسىنىڭ ئەينىكىگە كىرىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئاخىرەتلىك ماللاردا ئىخلاس سىرى بىلەن ئىشتىراكلىشىش (شېرىكلىشىش)، قېرىنداشلىق سىرى بىلەن ئۆزئارا تايىنىشىش ۋە بىرلىك سىرى بىلەن ئەمگەكتە شېرىكلىشىش نەتىجىسىدە ئەمەللەردە ئىشتىراكلىشىشتىن ھاسىل بولغان ئومۇمى يەكۈن ۋە ئومۇمى نۇر ھەربىرىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە تامامەن كىرىدىغانلىقى ئەھلى ھەقىقەت نەزىرىدە ئەمەلىي ھالدا كۆرۈلگەندۇر. ھەمدە بۇ ﷲنىڭ چەكسىز رەھمەت ۋە كەرەمىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

  ئەي قېرىنداشلىرىم! ئىنشائاللاھ ماددى مەنپەئەت سىزلەرنىڭ رىقابەتلىشىشىڭلارغا سەۋەب بولالمايدۇ. بىراق، ئاخىرەتلىك مەنپەئەت نۇقتىسىدا بىر قىسىم ئەھلى تەرىقەتنىڭ ئالدىنىشىدەك سىلەرمۇ ئالدىنىپ قېلىشىڭلار مۇمكىندۇر. بىراق، خۇسۇسى كىچىك بىر ساۋاب قايسى دەرىجىدە؟ يۇقىرىدىكى مىسالدەك ئەمەللەردە ئىشتىراكلىشىش نۇقتىسىدا ھاسىل بولغان ساۋاب قايسى دەرىجىدە؟

  ئىككىنچى مىسال: ھۈنەرسەنئەتچىلەر ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈش ئۈچۈن ئۆز ئىشلىرىدا ئىشتىراكلىشىش ئارقىلىق زور بىر بايلىق قازىنىشىدۇ. ھەتتا تىكىش يىڭنىلىرى ياسايدىغان ئون ئادەم باشتا ئايرىمئايرىم ئىشلىشىپتۇ. ئۇ خۇسۇسى مەشغۇلىيەتتە ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ خۇسۇسى سەنئەتلىرىنىڭ مېۋىسى پەقەتلا ئۈچ يىڭنە بوپتۇ. كېيىن ئەمگەكتە ئىشتىراكلىشىش سىرى بىلەن ئون ئادەم بىرلىشىپتۇ. بىرى تۆمۈر ئېلىپ كېلىپ، بىرى ئوت يېقىپ، بىرى تۆشۈك ئېچىپ، بىرى ئوچاققا قويۇپ، بىرى ئۇچىنى ئۇچلاپ ۋەھاكازاھەربىرسى يىڭنە ياساش سەنئىتىدە پەقەتلا بىر كىچىك ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، قىلىۋاتقان خىزمىتى ئاددى بولغانلىقتىن ۋاقىت زايا بولماي، ئۇ خىزمەتنىڭ ئەھلى بولۇپ، بەكمۇ تېزلىك بىلەن ياسىشىپتۇ. ئاندىن، ئۇ ئەمگەكتە ئىشلارنى تەقسىم قىلىش دەستۇرى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن سەنئەتلىرىنىڭ مېۋىسىنى بۆلۈشۈپتۇ. ھەربىرىسىگە بىر كۈندە ئۈچ يىڭنە ئورنىغا ئۈچ يۈز يىڭنە توغرا كەلگەنلىكىنى كۆرۈشۈپتۇ. بۇ ۋەقە ئەھلى دۇنيانىڭ ھۈنەرسەنئەتچىلىرى ئارىلىرىدا ئۇلارنى ئەمگەكتە شېرىكلىشىشكە ئۈندەش ئۈچۈن تىللىرىدا داستان بولغان ئىكەن.

  ئەي قېرىنداشلىرىم! مادەم دۇنياۋى ئىشلاردا، ماددى نەرسىلەردە بۇ خىل بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىشنىڭ نەتىجىلىرى شۇنداق زور پايدىلارنى بېرىدىكەن. ئەجەبا نۇرانىي بولغان، بۆلۈنۈش ۋە تەقسىماتقا مۇھتاج بولمايدىغان، ئاخىرەتكە ئائىت ئەمگەكلەردە بىرلىشىشنىڭ نەتىجىسىدە، ﷲنىڭ فەزلى بىلەن ھەربىرىنىڭ ئەينىكىدە ئومۇمى نۇرنىڭ ئەكس ئېتىشى ۋە ھەربىرىنىڭ، ھەممىسى قازانغان ئورتاق ساۋابقا ئىگە بولىشى نەقەدەر چوڭ بىر پايدا ئىكەنلىكىنى قىياس قىلالايسىلەر. بۇ چوڭ پايدا رىقابەت ۋە ئىخلاسسىزلىق بىلەن قاچۇرۇلماسلىقى لازىم.

 ئىخلاسنى بۇزىدىغان ئىككىنچى توسقۇنلۇق: نامئاتاق قازىنىش ھېسسىدىن كەلگەن شۆھرەتپەرەستلىك سەۋەبىدىن ۋە شانشەرەپ پەردىسى ئاستىدا خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش، دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلىش بىلەن مەنمەنچىلىكىنى خوش قىلماق ۋە نەفسى ئەممارىسىگە بىر مەرتىۋە بەرمەكتۇر. بۇ ئەڭ چوڭ بىر روھى كېسەل بولغىنىدەك «يوشۇرۇن شېرىك» دەپ تەبىر قىلىنىدىغان رىياكارلىق ۋە ھاكاۋۇرلۇققا ئىشك ئاچىدۇ، ئىخلاسنى زېدىلەيدۇ.

  ئەي قېرىنداشلىرىم! قۇرئانى ھەكىم خىزمىتىدىكى مەسلىكىمىز ھەقىقەت ۋە قېرىنداشلىق ئىكەنلىكى ۋە قېرىنداشلىقنىڭ سىرى، شەخسىيىتىنى قېرىنداشلار ئىچىدە يوق قىلىپ (ھاشىيە)، ئۇلارنىڭ نەفسلىرىنى ئۆز نەفسىدىن ئۈستۈن بىلىش بولغانلىقتىن ئارىمىزدا بۇ خىل شۆھرەتپەرەستلىكتىن كەلگەن رىقابەت بولماسلىقى كېرەكتۇر. چۈنكى مەسلىكىمىزگە پۈتۈنلەي زىتتۇر. مادەم قېرىنداشلارنىڭ شەرىپى ئومۇمەن ھەر شەخسكە ئائىت بولالايدۇ. ئۇ چوڭ مەنىۋى شەرەپنى خۇسۇسى، ھاكاۋۇرلارچە، رىقابەتكارانە، ئازغىنە بىر شەرەپ ۋە شۆھرەتنى دەپ پىدا قىلىش رىسالەئى نۇر شاگىرتلىدىن يۈز دەرىجە يىراق بولىدۇ، دېگەن ئۈمىدتىمەن. شۇنداق، رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىنىڭ قەلبى، ئەقلى، روھى بۇ خىل ناچار، زىيانلىق ۋە پەس نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرمەيدۇ. بىراق ھەركىمدە نەفسى ئەممارە بار. بەزىدە نەفسانىي ھېسسىياتلار تەسىر كۆرسىتىپ قەلب، ئەقىل ۋە روھلارغا پەرۋا قىلماي قىسمەن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزىدۇ. سىلەرنىڭ قەلب، روھ ۋە ئەقلىڭلارنى ئەيىپلىمەيمەن. رىسالەئى نۇرنىڭ سىلەرگە بەرگەن تەسىرىگە بىنائەن ئىشەنچ بىلەن قارايمەن. بىراق نەفس، ھەۋا، ھېس ۋە ۋەھىمە بەزىدە ئالدايدۇ. شۇڭلاشقا بەزىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرىلىسىلەر. بۇ قاتتىق ئاگاھ نەفس، ھەۋا، ھېس ۋە ۋەھىملەرگە قارايدۇ. ھۇشيارلىق بىلەن ئىش كۆرۈڭلار.

  شۇنداق، ئەگەر مەسلىكىمىز شەيخلىق بولغان بولسا مەرتىۋە بىر بولاتتى، ياكى بولمىسا ئاز بىر سان بىلەن چەكلىنەتتى. ئۇ مەرتىۋىگە ھەر خىل قابىلىيەتلەر نامزات بولاتتى ۋە ھەسەتخورلارچە بىر ھاكاۋۇرلۇق بولۇش ئېھتىمالى بار ئىدى. بىراق مەسلىكىمىز قېرىنداشلىقتۇر. قېرىنداش قېرىنداشقا ئاتا بولالمايدۇ، شەيخلىق ھالىتىگە كىرىۋالالمايدۇ. قېرىنداشلىقتىكى مەرتىۋىلەر كەڭ دائىرىلىكتۇر. ھەسەتخورلارچە تىركىشىشلەرگە سەۋەب يوق. بەك بوپكەتسە قېرىنداش قېرىنداشقا ياردەمچى ۋە مۇئاۋىن بولىدۇ ۋە خىزمىتىنى تولۇقلايدۇ. ئاتىلارچە، شەيخلەرچە ھالەتلەر بولغان مەسلەكلەردىكى ھەسەتخورلارچە ساۋابقا ھېرىسمەنلىك ۋە يۈكسەك تۆھپىكارلىق كۆرسىتىش باھانىلىرى بىلەن كۆپلىگەن زىيانلىق نەتىجىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىگە بىر دەلىل، ئەھلى تەرىقەتنىڭ ئۇ قەدەر مۇھىم ۋە يۈكسەك كامالەتلىرى ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئىختىلاپلار ۋە رىقابەتلەر بەرگەن دەھشەتلىك نەتىجىلەردۇركى، ئۇلارنىڭ ئۇ يۈكسەك ۋە مۇقەددەس كۈچقۇۋۋەتلىرى بىدئەت بورانلىرىغا قارشى تاقابىل تۇرالماي قالغان.

  ئۈچىنچى توسقۇنلۇق: قورقۇنچ ۋە تاماخورلۇقتۇر. بۇ خىل توسقۇنلۇق باشقا بىر قىسىم توسقۇنلۇقلار بىلەن بىللە «ھۇجۇماتى سىتتە» دېگەن ئەسىرىمدە تولۇق ئىزاھ قىلىنغانلىقتىن ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلىپ، جانابى ئەرھەمەرراھىمىندىن پۈتۈن ئەسمائى ھۇسناسىنى(گۈزەل ئىسىملىرىنى) شاپائەتچى قىلىپ يالۋۇرىمىزكى: «بىزلەرنى كامىل ئىخلاسقا مۇۋەپپەق قىلسۇن!…ئامىن

اَللّٰهُمَّ بِحَقِّ سُورَةِ اْلاِخْلاَصِ اِجْعَلْنَا مِنْ عِبَادِكَ الْمُخْلِصِينَ الْمُخْلَصِينَ آمِينَ آمِينَ
سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِ

————————————————————————–

*ھاشىيە: شۇنداق، بەختىيار ئۇدۇركى، قۇرئان كەۋسىرىدىن سۈزۈلگەن تاتلىق چوڭ بىر كۆلنى قازىنىش ئۈچۈن بىر مۇز پارچىسى ھۆكمىدىكى شەخسىيىتىنى ۋە مەنمەنچىلىكىنى ئۇ كۆل ئىچىگە تاشلاپ ئېرىتكۈچىدۇر.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.