ئىخلاس ھەققىدە

ئىخلاس ھەققىدە

يىگىرمە بىرىنچى لەمئا

ئىخلاس ھەققىدە

(ئون يەتتىنچى لەمئانىڭ ئون يەتتىنچى نوتىسىنىڭ يەتتە مەسىلىسىدىن تۆتىنچى مەسىلىسى بولۇپ، ئخىلاس مۇناسىۋىتى بىلەن يىگىرمىنچى لەمئانىڭ ئىككىنچى نوقتىسى بولدى.نۇرانىيىتىگە بىنائەن يىگىرمە بىرىنچى لەمئا بولۇپ لەمئالار مەجمۇئەسىگە كىردى.)

  [بۇ لەمئا ئاز دېگەندە ھەر ئون بەش كۈندە بىر قېتىم ئوقۇلۇشى كېرەك.]

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

وَلاَ تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ(ئەنفال: 46) ٭ وَ قُومُوا لِلّٰهِ قَانِتِينَ (بەقەرە: 238)٭ قَدْ (بەقەرە:41)اَفْلَحَ مَنْ زَكَّيهَا وَ قَدْ خَابَ مَنْ دَسَّيهَا(شەمس: 9-10) ٭ وَلاَ تَشْتَرُوا بِآيَاتِى ثَمَنًا قَلِيلاً

  ئەي ئاخىرەتلىك قېرىنداشلىرىم ۋە ئەي قۇرئان خىزمىتىدىكى دوستلىرىم! بىلىسىلەر ۋە بىلىشىڭلار كېرەككى: بۇ دۇنيادا، بولۇپمۇ ئاخىرەتلىك خىزمەتلەردە ئەڭ مۇھىم بىر ئاساس، ئەڭ چوڭ بىر قۇۋۋەت، ئەڭ مەقبۇل بىر شاپائەتچى، ئەڭ مۇستەھكەم بىر تايىنىش نۇقتىسى، ئەڭ قىسقا بىر ھەقىقەت يولى، ئەڭ مەقبۇل بىر مەنىۋى دۇئا، ئەڭ كارامەتلىك بىر مەقسەتكە ئېرىشىش ۋاستىسى، ئەڭ يۈكسەك بىر خىسلەت، ئەڭ ساپ بىر ئىبادەتئىخلاستۇر. مادەم ئىخلاستا مەزكۇر ئالاھىدىلىكلەردەك كۆپلىگەن نۇرلار ۋە كۆپلىگەن قۇۋۋەتلەر بار. ھەم مادەم بۇ دەھشەتلىك زاماندا، خەتەرلىك دۈشمەنلەر قارشىسىدا ۋە ئېغىر بېسىملار ئاستىدا، ھەمدە ئازغۇنلۇق ۋە بىدئەتلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ئىچىدە بىزلەر ناھايىتى ئاز، زەئىپ، پېقىر ۋە قۇۋۋەتسىز بولساقمۇ، ناھايىتى ئېغىر، چوڭ، ئومۇمىي ۋە مۇقەددەس بولغان ئىمانىي ۋەزىپە ۋە قۇرئانىي خىزمەت مۈرىمىزگە ﷲنىڭ ئېھسانى تەرىپىدىن قويۇلدى. ئەلۋەتتە ھەر كىمدىن بەكرەك پۈتۈن قۇۋۋىتىمىز بىلەن ئىخلاسنى قازىنىشقا مەجبۇر ۋە ۋەزىپىدارمىز. ھەمدە ئىخلاس سىرىنى ئۆزىمىزدە يەرلەشتۈرۈشكە غايەت دەرىجىدە مۇھتاجمىز. بولمىسا، ھەم ھازىرغا قەدەر قازانغان مۇقەددەس خىزمەت قىسمەن زايا كېتىدۇ، داۋاملىشالمايدۇ، ھەم ئېغىر جاۋابكارلىققا قالىمىز.

﴿وَلاَ تَشْتَرُوا بِآيَاتِى ثَمَنًا قَلِيلا﴾

 ئايىتىدىكى شىددەتلىك، تەھدىتلىك ئىلاھىي چەكلىمىگە دۇچار بولۇپ ئەبەدىي سائادەت زىيىنى بەدىلىگە مەنىسىز، ھاجەتسىز، زىيانلىق، ئازاپلىق بولغان شەخسىيەتچىل، ئېغىر، رىياكارانە بەزى پەس ھېسسىيات ۋە ئۇششاق مەنپەئەتلەرنى دەپ ئىخلاسنى بۇزۇش بىلەن، ھەم بۇ خىزمەتتىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھوقۇقىغا دەخلىتەئەررۇز، ھەم قۇرئان خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا زىيان، ھەم ئىمان ھەقىقەتلىرىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىمىز.

  ئەي قېرىنداشلىرىم! بۈيۈك ۋە مۇھىم بولغان خەيرلىك ئىشلارنىڭ كۆپلىگەن زىيانلىق توسقۇنلۇقلىرى بولىدۇ. شەيتانلار ئۇ خىزمەتنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆپ مەشغۇل بولىدۇ. بۇ توسقۇنلۇقلارغا ۋە بۇ شەيتانلارغا قارشى ئىخلاس قۇۋۋىتىگە تايىنىش كېرەكتۇر. ئىخلاسنى بۇزىدىغان سەۋەبلەردىن يىلاندىن، چاياندىن قاچقاندەك قېچىشىڭلار لازىم. ھەزرىتى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ

﴿اِنَّ النَّفْسَ َلاَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ اِلاَّ مَا رَحِمَ رَبِّى (يۇسۇف: 53)

 دېگىنى بويىچە، نەفسى ئەممارىگە* ئىشەنگىلى بولمايدۇ. مەنمەنچىلىك ۋە نەفسى ئەممارە سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن. ئىخلاسنى قازىنىش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش، ھەمدە توسقۇنلۇقلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دەستۇرلار رەھبىرىڭلار بولسۇن.

  بىرىنچى دەستۇر:

  ئەمىلىڭلاردا ﷲنىڭ رازىلىقى بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ رازى بولسا پۈتۈن دۇنيا ئاغرىنسا ئەھمىيىتى يوق. ئەگەر ئۇ قوبۇل قىلسا پۈتۈن خەلق رەت قىلسا تەسىرى يوق. ئۇ رازى بولۇپ قوبۇل قىلىدىكەن، خالىسا ۋە ھىكمىتى تەقەززا قىلسا، سىلەر خالىمىغان تەقدىردىمۇ خەلقلەرگىمۇ قوبۇل قىلدۇرىۋېتىدۇ، ئۇلارنىمۇ سىلەردىن رازى قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىزمەتتە توغرىدىن–توغرا پەقەتلا جانابى ھەقنىڭ رىزاسىنى ئاساسى مەقسەت قىلىش لازىم.

————————————————————–

 *نەفسى ئەممارە: شەيتاننىڭ تەكلىپ ۋە ئەمرلىرىنى ئىتىرازسىز قوبۇل قىلىدىغان نەفىس. ساۋاپلىق ئىشتىن ئۈركىدىغان، گۇناھلارغا ئامراق بولغان ھېس.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.