ئىسمى ئەزەم – ئەدل

ئوتتۇزىنچى لەمئانىڭ ئىككىنچى نۇكتەسى

﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ عِنْدَنَا خَزَائِنُهُ وَمَا نُنَزِّلُهُ

اِلاَّ بِقَدَرٍ مَعْلُومٍ

(ھىجر :21)

ئايىتىنىڭ بىر نۇكتەسى ۋە بىر ئىسمى ئەزەم ۋەياكى بىر ئىسمى ئەزەمنىڭ ئالتە نۇرىدىن بىر نۇرى بولغان «ئەدل» ئىسمىنىڭ بىر جىلۋىسى، بىرىنچى نۈكتىگە ئوخشاش ئەسكىشەھىر تۈرمىسىدە ئۇزاقلاردىن كۆرۈندى، ئۇنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە تەمسىل يولى بىلەن دەيمىز:

  بۇ كائىنات شۇنداق بىر سارايدۇركى، ئۇ سارايدا دائىم بۇزۇلۇش ۋە قۇرۇلۇش ئىچىدە چايقىلىنىۋاتقان بىر شەھەر بارئۇ شەھەردە ھەر ۋاقىت كۆرەش ۋە كۆچۈش ئىچىدە قاينىغان بىر مەملىكەت بارئۇ مەملىكەتتە ھەر زامان ھايات ۋە مامات ئىچىدە دومىلانغان بىر ئالەم بار. ھالبۇكى، ئۇ سارايدا، ئۇ شەھەردە، ئۇ مەملىكەتتە ۋە ئۇ ئالەمدە ئۇ دەرىجە ھەيران قالارلىق بىر مۇۋازىنەت، بىر ئۆلچەم، بىر تەڭشەش ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ، چەكسىز مەۋجۇداتتا بولىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، تەمىنات ۋە سەرپىياتلارنىڭ ھەر بىر دەقىقىدە ئومۇم كائىناتنى كۆرۈپ تۇرىدىغان، تەپتىش نەزىرىدىن ئۆتكۈزىدىغان بىر زاتنىڭ تارازىسى بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى ۋە تارتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىسپات قىلىدۇ. بولمىسا بېلىقلاردىن بىر تال بېلىقنىڭ مىڭ تۇخۇمى بىلەن، ئۆسۈملۈكلەردىن ئەپيۇنگۈلىدەك بىر گۈلنىڭ يىگىرمە مىڭ ئۇرۇقى بىلەن، ھەمدە سەلدەك ئاققان ماددىلار ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھۇجۇملىرى بىلەن شىددەتلىك شەكىلدە مۇۋازىنەتنى بۇزۇشقا تېرىشىشلىرىدەك، شۇ خىل بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنغان سەۋەبلەر كونترولسىز بولغان بولسا ۋەياكى مەقسەتسىز، ئەخمەق تاسادىبىيلىققا، تارازىسىز كور قۇۋۋەتكە ۋە ئىدراكسىز قاراڭغۇ تەبىئەتكە ھاۋالە قىلىنغان بولسا، شەيئىلەرنىڭ ئۇ مۇۋازىنىتى ۋە كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلىقى شۇنداق بۇزۇلاتتىكى، بىر يىلدا ھەتتا بىر كۈندە خاراب بولغان بولاتتى. يەنى دېڭىز قالايمىقان نەرسىلەر بىلەن تولغان ۋە سېسىپ كەتكەن بولاتتى. ھاۋا زىيانلىق گازلار بىلەن زەھەرلىنەتتى. زېمىن بولسا بىر ئەخلەتخانا، بىر قۇشخانا، بىر پاتقاقلىققا ئايلىناتتى، دۇنيا تۇنجۇقاتتى.

  ھايۋان جەسەتلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدىن، قاندىكى قىزىل قان ۋە ئاق قان دانچىلىرىدىن، ئاتوملارنىڭ رىئاكسىيىلىرىدىن، بەدەن ئەزالىرىنىڭ تاناسىپىدىن باشلاپ، تا دېڭىزلارنىڭ تولۇقلىنىشى ۋە خوراشلىرىغاتا زېمىن ئاستىدىكى بۇلاقلارنىڭ تولۇش ۋە سەرپىياتلىرىغاتا ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ توغۇلۇش ۋە ۋاپاتلىرىغاتا كۈز ۋە باھارنىڭ بۇزۇلۇش ۋە قۇرۇلۇشلىرىغاتا ئېلېمېنتلارنىڭ ۋە يۇلتۇزلارنىڭ خىزمەت ۋە ھەرىكەتلىرىگەتا ئۆلۈم ۋە ھاياتنىڭ، نۇر ۋە زۇلمەتنىڭ، ئىسسىقلىق ۋە سوغۇقلۇقنىڭ ئالمىشىشلىرىغا، قارشىلىشىشلىرىغا ۋە سوقۇشۇشلىرىغا قەدەر ئۇ دەرىجە بىر ئىنچىكە ئۆلچەم ۋە ئۇ قەدەر سەزگۈر تارازا بىلەن تەرتىپكە سېلىنىپ تارتىلىدۇكى، ئىنساننىڭ ئەقلى ھېچبىر يەردە ھەقىقىي شەكىلدە ھېچبىر ئىسراپ، ھېچبىر ھىكمەتسىزلىك كۆرمىگىنىدەك؛ ئىنسانىيەت پەلسەپىسىمۇ ھەر نەرسىدە ئەڭ مۇكەممەل بىر ئېنتىزام ۋە ئەڭ گۈزەل بىر مۇۋازىنەت كۆرىدۇ ۋە كۆرسىتىدۇ. بەلكى ئۇ پەلسەپە، ئۇ ئېنتىزام ۋە مۇۋازىنەتنىڭ بىر خىل كۆرۈنۈشىدۇر، بىر تەرجىمانىدۇر.

  مانا كەل! قۇياش بىلەن ئۇنىڭ خىلمۇخىل ئون ئىككى سەييارىسىنىڭ مۇۋازىنەتلىرىگە قارا! ئەجەبا بۇ مۇۋازىنەت قۇياشتەك ئاشكارا ھالدا «ئەدل» ۋە «قادىر» بولغان ئۇلۇغ زاتنى كۆرسەتمەمدۇ؟ بولۇپمۇ ئۇ سەييارىلەردىن بولغان كېمىمىز، يەنى يەرشارى بىر يىلدا يىگىرمە تۆت مىڭ يىللىق بىر مۇساپىدىكى دائىرىدە كېزىدۇ، ساياھەت قىلىدۇ. ئۇ ھەيران قالارلىق سۈرئىتى بىلەن بىللە زېمىننىڭ يۈزىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تىزىلغان شەيئىلەرنى چېچىۋەتمەيدۇ ۋە تەۋرىتىۋەتمەيدۇ ۋە بوشلۇققا ئۇچۇرىۋەتمەيدۇ. ئەگەر سۈرئىتى ئازغىنا ئېشىپ ياكى كېمىيىپ كېتىدىغان بولسا، ئاھالىسىنى ھاۋاغا ئۇچۇرۇپ، بوشلۇققا تارقىتىۋەتكەن بولاتتى. بىر مىنۇت، ھەتتا بىر سېكۇنت تەڭپۇڭلىقىنى بۇزسا دۇنيايىمىز خاراب بولاتتى، ھەتتا باشقىسى بىلەن سوقۇشاتتى ۋە بىر قىيامەتنى قوپۇراتتى.

  بولۇپمۇ زېمىننىڭ يۈزىدە ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتتىن بولغان تۆت يۈزمىڭ تۈرلۈك تائىپىنىڭ تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈشلىرى بويىچە، تەمىنلىنىش ۋە ياشاشلىرى بويىچە كۆرۈلۈۋاتقان شەپقەتكارانە مۇۋازىنەتلىرى يورۇقلۇق قۇياشنى كۆرسەتكەندەك بىر «ئەدل» ۋە «رەھىم» بولغان ﷲنى كۆرسىتىدۇ. خۇسۇسەن ئۇ چەكسىز مىللەتلەرنىڭ چەكسىز شەخسلىرىدىن بىرلا شەخسنىڭ ئەزالىرى، تۈزۈلمىلىرى ۋە تۇيغۇلىرى ئۇ قەدەر ئىنچىكە بىر ئۆلچەم بىلەن بىربىرىگە مۇناسىۋەتدار ۋە مۇۋازىنەتتىدۇركى، ئۇ ماسلىشىش، ئۇ مۇۋازىنەت بەكمۇ ئېنىق ھالدا چەكسىز ھىكمەتلىك ۋە ئادالەتلىك سەنئەتكارنى كۆرسىتىدۇ.

  ۋە خۇسۇسەن ھايۋاننىڭ ھەر شەخسىنىڭ بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ، قان تومۇرلارنىڭ، قاندىكى دانچىلارنىڭ ۋە ئۇ دانچىلاردىكى ئاتوملارنىڭ ئۇ دەرىجە ئىنچىكە، سەزگۈر ۋە ھەيران قالارلىق مۇۋازىنەتلىرى باركى، ھەر نەرسىنىڭ تىزگىنى قولىدا، ھەر نەرسىنىڭ ئاچقۇچى يېنىدا، بىر نەرسە بىر نەرسىگە توسقۇنلۇق قىلماي پۈتكۈل شەيئىلەرنى بىر نەرسىدەكلا ئىدارە قىلغان يالغۇز بىر چەكسىز ھىكمەتلىك ۋە ئادالەتلىك ياراتقۇچىنىڭ تارازىسى بىلەن، قانۇنى بىلەن، نىزامى بىلەن تەمىنلىنىپ ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئىسپات قىلىدۇ. مەھشەرگاھ چوڭ مەھكىمىسىدىكى چوڭ ئادالەت تارازىسىدا جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ تارتىلىشىنى ئەقىلدىن يىراق كۆرۈپ ئىشەنمىگەنلەر، بۇ دۇنيادا كۆزى بىلەن كۆرىۋاتقان بۇ غايەت چوڭ دەرىجىدىكى مۇۋازىنەتكە دىققەت قىلسا گۇمانى قالمايدۇ.

  ئەي ئىسراپخور، ئىقتىساچىللىقنى چۈشەنمەس، ئەي زالىم، ئادالەتنى بىلمەس، ئەي ناپاك، پاكىزلىقنى سۆيمەس بەختسىز ئىنسان! پۈتۈن كائىناتنىڭ ۋە پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ھەرىكەت دەستۇرى بولغان ئىقتىسادچىللىقنى، ئادالەتنى، پاكىزلىقنى قىلمىغانلىقىڭدىن ئومۇم مەۋجۇداتقا مۇخالىپلىقىڭ بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ نەپرەتلىرىگە ۋە غەزەپلىرىگە دۇچار بولۇۋاتىسەن. نېمىگە تايىنىپ تۇرۇپ زۇلۇمۇڭ، ئادالەتسىزلىكىڭ، ئىسراپخورلۇقۇڭ ۋە ناپاكلىقىڭ بىلەن ئومۇم مەۋجۇداتنىڭ غەزىپىنى قوزغايسەن؟!

  شۇنداق، «ھەكىم» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسىدىن بولغان كائىناتتىكى ئومۇمىي ھىكمەت ئىقتىسادچىللىق ۋە ئىسراپسىزلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئىقتىسادچىللىقنى ئەمىر قىلىدۇ. «ئەدل» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسىدىن كەلگەن كائىناتتىكى مۇكەممەل ئادالەت پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ مۇۋازىنەتلىرىنى ئىدارە قىلىدۇ ۋە ئىنساننى ئادالەتكە بۇيرۇيدۇ. «رەھمان» سۈرىسىدە:

﴿وَالسَّمَاءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ الْمِيزَانَ❀اَلاَّ تَطْغَوْا فِى الْمِيزَانِ❁ وَاَقِيمُوا الْوَزْنَ بِالْقِسْطِ وَلاَ تُخْسِرُوا الْمِيزَان﴾

(رەھمان:7-9)

ئايىتىدىكى تۆت دەرىجە تۆت خىل مىزانغا* ئىشارەت قىلغان، «مىزان»نى تۆت قېتىم زىكىر قىلىشى كائىناتتا مىزاننىڭ ناھايىتى چوڭ دەرىجىسىنى ۋە پەۋقۇلئاددە يۈكسەك ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق، ھېچبىر نەرسىدە ئىسراپ بولمىغىنىدەك، ھېچبىر نەرسىدە ھەقىقىي زۇلۇم ۋە مىزانسىزلىق يوقتۇر. شۇنداقلا «قۇددۇس» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسىدىن كەلگەن تازىلاش ۋە پاكىزلىق پۈتۈن كائىناتنىڭ مەۋجۇداتىنى تازىلايدۇ ۋە گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئىنساننىڭ كىر قولى ئارىلاشماسلىق شەرتى بىلەن ھېچبىر نەرسىدە ھەقىقىي بىر مەينەتچىلىك ۋە يىرگىنچلىك كۆرۈنمەيدۇ!

  دېمەك، قۇرئان ھەقىقەتلىرىدىن ۋە ئىسلام دەستۇرلىرىدىن بولغان «ئادالەت، ئىقتىسادچىللىق ۋە پاكىزلىق»نىڭ ئىنسانىيەت ھاياتىدا نەقەدەر ئاساسلىق بىر دەستۇر ئىكەنلىكىنى چۈشەن، ھەمدە قۇرئان ئەھكاملىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كائىنات بىلەن ئالاقىدار، كائىنات ئىچىگە يىلتىز تارتقان ۋە قاپلىغان ئىكەنلىكىنى، ئۇ ھەقىقەتلەرنى بۇزۇش بولسا كائىناتنى بۇزۇش ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىشتەك مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىل! بۇ ئۈچ چوڭ زىيادەك رەھمەت، ئىنايەت، مۇھاپىزەتكە ئوخشاش يۈزلەرچە كەڭ دائىرىلىك ھەقىقەتلەر ھەشرنى** ۋە ئاخىرەتنى تەقەززا قىلىپ دەلىللەۋاتقان تۇرسىمۇ، كائىناتتا ۋە ئومۇم مەۋجۇداتتا ھۆكۈم سۈرىۋاتقان رەھمەت، ئىنايەت، ئادالەت، ھىكمەت، ئىقتىسادچىللىق ۋە پاكىزلىقتەك ناھايىتى قۇۋۋەتلىك، ھەمدە ئىھاتەلىك(ھەممىنى قورشىغان) ھەقىقەتلەرنىڭ، ھەشرنىڭ بولماسلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ كەلمەسلىكى بىلەن مەرھەمەتسىزلىككە، زۇلۇمغا، ھىكمەتسىزلىككە، ئىسراپقا، ناپاكلىققا ۋە مەنىسىزلىككە ئايلىنىشى ھېچ مۇمكىنمۇ؟ ھاشا!** يۈزمىڭ قېتىم ھاشا!

  بىر چىۋىننىڭ ھايات ھەققىنى شەپقەتلىك ھالدا مۇھاپىزەت قىلغان بىر رەھمەت، بىر ھىكمەت ئەجەبا ھەشرنى كەلتۈرمەسلىك بىلەن پۈتۈن ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ چەكسىز ھوقۇقلىرىنى ۋە سانسىزلىغان مەۋجۇداتنىڭ سانساناقسىز ھەقلىرىنى زايا قىلامدۇ؟ ئەگەر دېيىشكە بولسا، رەھمەت ۋە شەپقەتتە، ئادالەت ۋە ھىكمەتتە چەكسىز ئەھمىيەت ۋە ئىنچىكىلىك كۆرسەتكەن ھەشەمەتلىك بىر رۇبۇبىيەت، ھەمدە كامالىتىنى كۆرسىتىش، ئۆزىنى تونۇتتۇرۇش ۋە سۆيدۈرۈش ئۈچۈن بۇ كائىناتنى چەكسىزلىگەن ھەيران قالارلىق سەنئەتلىرى ۋە نىمەتلىرى ئارقىلىق گۈزەللەشتۈرگەن بىر ئۇلۇغ سەلتەنەت، بۇ شەكىلدە، ھەم بارلىق كامالىتىنى ھەم پۈتۈن مەخلۇقاتىنى ئەھمىيەتسىزلىككە چىقارغان ۋە ئىنكار قىلغۇزغان ھەشرنىڭ كەلمەسلىكىگە رۇخسەت قىلامدۇ؟ ھاشا!**** بۇنداق بىر مۇتلەق جامال، مۇنداق بىر مۇتلەق قاباھەتكە ئېنىقكى رۇخسەت قىلمايدۇ. شۇنداق، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشنى خالىغان ئادەم ئاۋۋال پۈتۈن دۇنيانى پۈتۈن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىنكار قىلىشى كېرەك. بولمىسا دۇنيا پۈتۈن ھەقىقەتلىرى بىلەن يۈزمىڭ تىللار ئارقىلىق ئۇنى يالغانچىغا چىقىرىپ، بۇ ئىنكارىدا يۈزمىڭ دەرىجە يالغانچىلىقىنى ئىسپات قىلىدۇ. ئونىنچى سۆز قەتئىي دەلىللەر ئارقىلىق ئىسپات قىلغانكى، ئاخىرەتنىڭ بارلىقى دۇنيانىڭ بارلىقىدەكلا قەتئىي ۋە شۈبھىسىزدۇر.

——————————————————–

*ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى، ئىستىقامەت ۋە توغرىلىقنى ئىجرا قىلغۇچى، ھەر نەرسىنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭپۇڭلۇق ۋە مۇۋازىنەت بەرگۈچى ﷲ.

** ئۆلچەم، تارازا.

*** ھەشر: قايتا تېرىلىش

**** ھاشا: قەتئىي ئۇنداق ئەمەس! ھېچ مۇمكىن ئەمەس!، مەنىسىدىدۇر.

706قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir