ئىسمى ئەزەم – ھەكەم

ئىسمى ئەزەمنىڭ ئالتە نۇرىدىن ئۈچىنچى نۇرىغا ئىشارەت قىلغان

ئۈچىنچى نۇكتە

﴿اُدْعُ اِلَى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ

(نەھل:125)

ئايىتىنىڭ بىر نۇكتەسى، بىر ئىسمى ئەزەم ۋە ياكى ئىسمى ئەزەمنىڭ ئالتە نۇرىدىن بىر نۇرى بولغان «ھەكەم» ئىسمىنىڭ بىر جىلۋىسى رامىزان شەرىفتە كۆرۈندى. ئۇنىڭغا پەقەتلا بىر ئىشارەت قاتارىدا «بەش نۇقتا»دىن ئىبارەت بولغان ئۈچىنچى نۇكتە تېز سۈرئەتتە يېزىلدى، شۇ يېزىلغىنى بويىچە قالدى.

  ئۈچىنچى نۇكتەنىڭ بىرىنچى نۇقتىسى: ئونىنچى سۆزدە ئىشارەت قىلىنغىنىدەك؛ «ھەكەم» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسى شۇ كائىناتنى شۇنداق بىر كىتاب ھۆكمىگە ئېلىپ كەلگەنكى، ھەر سەھىپىسىدە يۈزلەرچە كىتابھەر قۇرىدا يۈزلەرچە بەتھەر كەلىمىسىدە يۈزلەرچە قۇرھەر ھەرىپىدە يۈزلەرچە كەلىمە يېزىلغانھەر چېكىتىدە كىتابنىڭ يىغىنچاق بىر مۇندەرىجىسى قىستۇرۇلغان بىر شەكىلدىدۇر. ئۇ كىتابنىڭ بەتلىرى، قۇرلىرى، تا چېكىتلىرىگە قەدەر يۈزلەرچە جەھەتتە نەققاشىنى، كاتىبىنى شۇنداق ئېنىق ئاشكارا ھالدا كۆرسىتىدۇكى، ئۇ كائىنات كىتابىنىڭ كۆرىنىشى ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن يۈز ھەسسە تېخىمۇ زىيادە كاتىبىنىڭ بار ۋە بىرلىكىنى ئىسپات قىلىدۇ. چۈنكى، بىر ھەرپ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بىر ھەرپ مىقدارىچە ئىپادە قىلسىمۇ، كاتىبىنى بىر قۇر قەدەر ئىپادە قىلىدۇ.

  شۇنداق، بۇ چوڭ كىتابنىڭ بىر بېتى شۇ زېمىن يۈزىدۇر. ئۇ بەتتىكى ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋاناتلار تائىپىلىرى سانىچە كىتابلارنىڭ بىربىرى ئىچىدە، بىرلىكتە، بىر ۋاقىتتا، خاتاسىز ۋە غايەت مۇكەممەل بىر سۈرەتتە باھار پەسلىدە يېزىلىۋاتقانلىقى كۆز بىلەن كۆرىنىدۇ. بۇ بەتنىڭ بىر قۇرى بىر باغچىدۇر. ئۇ باغچىدىكى گۈللەر، دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر سانىچە نەزملىك قەسىدىلەر بىرلىكتە، بىربىرى ئىچىدە خاتاسىز يېزىلغانلىقىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرىۋاتىمىز. ئۇ قۇرنىڭ بىر كەلىمىسى يوپۇرماق چىقىرىپ چېچەك ئاچقان ۋە مېۋە بېرىش ئۈستىدە تۇرغان بىر دەرەختۇر. مانا بۇ كەلىمە ئىنتىزاملىق، ۋەزىنلىك ۋە زىننەتلىك بولغان يوپۇرماق، چېچەك مېۋىلىرى سانىچە «ھەكەم» بولغان ئۇلۇغ زاتنى مەدھۈسانا قىلىشقا دائىر مەنىدار بايانلاردۇر. گوياكى چېچەك ئاچقان بىر دەرەختەك، ئۇ دەرەخمۇ ئۇ نەققاشىنى مەدھىيلەپ كۈيلىگەن نەزملىك بىر قەسىدىدۇر. ھەم گويا «ھەكەم» بولغان ئۇ ئۇلۇغ زات زېمىن كۆرگەزمىخانىسىدا يايغان ھەيران قالارلىق ۋە ئاجايىپغارايىپ ئەسەرلىرىگە مىڭلارچە كۆز بىلەن قاراشنى خالايدۇ. ھەم گويا ئۇ ئەزەلىي سۇلتان ئۇ دەرەخكە بەرگەن زىننەتلىك ھەدىيەلەر، بەلگىلەر ۋە فورمىلار ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي بايرىمى ۋە پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى بولغان باھاردا پادىشاھنىڭ نەزىرىگە سۇنۇش ئۈچۈن شۇنداق زىننەتلىك، تەرتىپلىك، ۋەزىنلىك ۋە مەنىدار بىر شەكىل ئالغانكىۋە شۇنداق ھىكمەتلىك بىر سۈرەت بېرىلگەنكى، ھەر بىر چېچىكىدە، ھەر بىر مېۋىسىدە بىربىرى ئىچىدىكى كۆپلىگەن تەرەپلەر ۋە دەلىللەر بىلەن نەققاشىنىڭ بارلىقىغا ۋە ئىسىملىرىغا شاھىتلىق قىلىشىدۇ.

  مەسىلەن: ھەر بىر چېچەكتە، ھەر بىر مېۋىدە بىر مىزان بار. ئۇ مىزان بىر ئىنتىزام ئىچىدە (ئارىسىدا)… ئۇ ئىنتىزام يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان، تەرتىپكە سېلىش ۋە مۇۋازىنەتكە قويۇش ئىچىدەئۇ تەرتىپكە سېلىش ۋە مۇۋازىنەتكە قويۇش بولسا بىر زىننەت ۋە سەنئەت ئىچىدەئۇ زىننەت ۋە سەنئەتمۇ گۈزەل پۇراقلار، ھىكمەتكارانە تەملەر ئىچىدە بولغانلىقتىن، ھەر بىر چېچەك ئۇ دەرەخنىڭ چېچەكلىرى سانىچە «ھەكەم» بولغان ئۇلۇغ زاتقا ئىشارەت قىلىدۇ.

  ھەم بىر كەلىمە بولغان بۇ دەرەختە، بىر ھەرپ ھۆكمىدىكى بىر مېۋە ئىچىدە بولغان ئۇرۇق چېكىتى، پۈتۈن دەرەخنىڭ مۇندەرىجىسى، پروگراممىسى قاچىلانغان كىچىك بىر ساندۇقچىدۇر ۋەھاكازابۇنىڭغا قىياسەن كائىنات كىتابىنىڭ پۈتۈن قۇرلىرى، بەتلىرى «ھەكەم»، «ھەكىم» ئىسملىرىنىڭ بۇ خىل جىلۋىلىرى بىلەن، پەقەتلا ھەربىر بېتى ئەمەس، بەلكى ھەربىر قۇرى، ھەربىر كەلىمىسى، ھەربىر ھەرىپى ۋە چېكىتى بىردىن مۆجىزە ھۆكمىگە كەلتۈرۈلگەنكى، پۈتۈن سەۋەبلەر توپلانسا بىر چېكىتىنىڭ مىسلىنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ ۋە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەيدانغا چىقالمايدۇ. شۇنداق، بۇ كائىناتتىن ئىبارەت چوڭ قۇرئاننىڭ ھەربىر يارىتىلىش ئايىتى ئۇ ئايەتنىڭ چېكىتلىرى ۋە ھەرپلىرى سانىچە مۆجىزىلەر كۆرسەتكەنلىكتىن، ئەلۋەتتە ئەخمەق تاسادىبىيلىق، كور قۇۋۋەت، ھەمدە تارازىسىز ۋە ئىدراكسىز تەبىئەت ھېچبىر جەھەتتە ئۇ ھىكمەتلىك ۋە كۆرۈش نەتىجىسىدىكى خاس مۇۋازىنەتلەرگە ۋە غايەت ئىنچىكە ئىنتىزاملارغا ئارىلىشالمايدۇ. ئەگەر ئارىلاشقان بولسا ئەلۋەتتە ئارىلاشقانلىق ۋە قالايمىقانچىلىق ئالامىتى كۆرۈلەتتى. ھالبۇكى، ھېچبىر جەھەتتە ئىنتىزامسىزلىق كۆرۈلمەيۋاتىدۇ.

ئۈچىنچى نۈكتىنىڭ ئىككىنچى نۇقتىسى: «ئىككى مەسىلە»دۇر.

  بىرىنچى مەسىلە: ئونىنچى سۆزدە بايان قىلىنغىنىدەك، چەكسىز كامالەتتىكى بىر گۈزەللىكنىڭ ۋە چەكسىز گۈزەللىكتىكى بىر كامالەتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنى كۆرۈشنى، كۆرسىتىشنى ۋە نامايەن قىلىشنى خالىشى ئەڭ ئاساسلىق بىر قائىدىدۇر. مانا بۇ ئاساسلىق ئومۇمى دەستۇرغا بىنائەندۇركى، بۇ كائىنات چوڭ كىتابىنىڭ ئەزەلىي نەققاشى بۇ كائىنات بىلەن ۋە بۇ كائىناتنىڭ ھەر بىر بېتى، ھەر بىر قۇرى، ھەتتا ھەرپلىرى ۋە چېكىتلىرى بىلەن ئۆزىنى تونۇتتۇرۇش، كامالىتىنى بىلدۈرۈش، گۈزەللىكىنى كۆرسىتىش ۋە ئۆزىنى سۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ جۈزئىيدىن ئەڭ كۇللىيگە* قەدەر ھەر بىر شەيئىنىڭ خىلمۇخىل تىللىرى ئارقىلىق كامالىتىنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە گۈزەللىكىنىڭ كامالىتىنى تونۇتتۇرىۋاتىدۇ ۋە سۆيدۈرىۋاتىدۇ.

  ئەي غاپىل ئىنسان! بۇ ھاكىمى ھەكەمى ھەكىمى زۇلجالالى ۋەلجامال ساڭا قارىتا ھەر بىر مەخلۇقى ئارقىلىق شۇنداق چەكسىز ۋە پارلاق شەكىللەردە ئۆزىنى تونۇتتۇرۇشنى، سۆيدۈرۈشنى خالاۋاتقان تۇرسىمۇ، سەن ئۇنىڭ تونۇتتۇرىشىغا قارىتا ئىمان بىلەن تونۇمىساڭ، ئۇنىڭ سۆيدۈرىشىگە قارىتا ئىبادىتىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا سۆيدۈرمىسەڭ نەقەدەر چەكسىز، قاتمۇقات بىر جاھالەت ۋە ھالاكەت ئىكەنلىكىنى بىل! ئويغان!

  ئىككىنچى نۇقتىنىڭ ئىككىنچى مەسىلىسى: بۇ كائىناتنىڭ چەكسىز قۇدرەت ۋە ھىكمەت ئىگىسى بولغان سەنئەتكارىنىڭ سەلتەنىتىدە شېرىككە يەر يوقتۇر. چۈنكى، ھەر نەرسىدە چەكسىز دەرىجىدە ئىنتىزام بولغانلىقتىن شىرىكنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى، خىلمۇخىل قوللار بىر ئىشقا ئارىلاشسا ئۇ ئىش قالايمىقانلىشىدۇ. بىر مەملىكەتتە ئىككى پادىشاھ، بىر شەھەردە ئىككى ۋالىي، بىر يىزىدا ئىككى باشلىق بولسا ئۇ مەملىكەت، ئۇ شەھەر ۋە ئۇ يېزىنىڭ ھەر ئىشىدا بىر قالايمىقانچىلىق شەكىللىنىدىغانلىقىدەك، ئەڭ ئادەتتىكى بىر ۋەزىپىدار ئادەمنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىگە باشقىسىنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىنى قوبۇل قىلماسلىقى كۆرسىتىدۇكى، ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئەلۋەتتە مۇستەقىللىقتۇر ۋە بىرلىكتۇر. دېمەك، ئىنتىزام بىرلىكنى، ھاكىمىيەت يىگانىلىكنى تەقەززا قىلىدۇ. ياردەمگە مۇھتاج ئاجىز ئىنسانلاردىكى ھاكىمىيەتنىڭ بىر ۋاقىتلىق كۆلەڭگىسى ئەنە شۇنداق ئارىلىشىۋېلىشنى رەت قىلىۋاتسا، مۇتلەق قادىر بولغان زاتتا رۇبۇبىيەت** دەرىجىسىدىكى ھەقىقىي بىر مۇتلەق ھاكىمىيەت، ئەلۋەتتە پۈتۈن شىددىتى بىلەن ئارىلىشىۋېلىشىنى رەت قىلىشى كېرەكتۇر.

  ئەگەر زەررە قەدەر ئارىلىشىش بولغان بولسا، ئىنتىزام بۇزۇلغان بولاتتى. ھالبۇكى بۇ كائىنات شۇنداق بىر تەرزدە يارىتىلغانكى، بىر ئۇرۇقنى يارىتىش ئۈچۈن بىر دەرەخنى يارىتالايدىغان قۇدرەت بولۇشى لازىمدۇر ۋە بىر دەرەخنى يارىتىش ئۈچۈنمۇ كائىناتنى يارىتالايدىغان بىر قۇدرەت كېرەكتۇر. كائىنات ئىچىدە ئىشقا ئارىلىشىدىغان بىر شىرىك بار بولسا ئەڭ كىچىك بىر ئۇرۇقتىمۇ بىر ئۈلۈشى بولۇشى لازىمدۇر. چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ (دەرەخنىڭ) نەمۇنىسىدۇر. ئۇ ھالدا چوڭ كائىناتتا سىغىشمىغان ئىككى رۇبۇبىيەتنىڭ بىر ئۇرۇقتا، ھەتتا بىر زەررىدە يەرلىشىشى لازىم كېلىدۇ. بۇ بولسا ئىمكانسىزلىقلارنىڭ ۋە باتىل خىياللارنىڭ ئەڭ مەنىسىز، ئەڭ ئەقىلدىن يىراق بىر مۇمكىنسىزلىكىدۇر. ھەتتاكى بىر ئۇرۇقتىمۇ چوڭ كائىناتنىڭ پۈتۈن ئەھۋال ۋە ھالەتلىرىنى ئادالەت تارازىسىدا ۋە ھىكمەت نىزامىدا تۇتقان بىر مۇتلەق قادىر زاتنىڭ ئاجىزلىقىنى تەقەززا قىلىدىغان شىرىك ۋە كۇفۇر يولىنىڭ نەقەدەر چەكسىز دەرىجىدە قاتمۇقات بىر خاتالىق ۋە ئەقىلگە زىتلىق ۋە بىر يالغانچىلىق بولىدىغانلىقىنىتەۋھىد**** يولى بولسا نەقەدەر چەكسىز ۋە قاتمۇقات دەرىجىدە توغرا، ھەق ۋە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىل! «ئىمانىم ئۈچۈن ئەلھەمدۇلىللاھ» دە!

  ئۈچىنچى نۇقتا: ھەممىگە قادىر سەنئەتكار «ھەكەم» ۋە «ھەكىم» ئىسىملىرى بىلەن بۇ ئالەم ئىچىدە مىڭلارچە ئىنتىزاملىق ئالەملەرنى ياراتقاندۇر. ئۇ ئالەملەر ئىچىدە ئەڭ زىيادە كائىناتتىكى ھىكمەتلەرنى كۆرسەتكۈچى ۋە كۆرۈنىشىگە سەۋەب بولغۇچى ئىنساننى بىر مەركەز، بىر تىرەك ھۆكمىدە قىلغاندۇر. ئۇ كائىنات دائىرىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھىكمەتلىرى ۋە پايدىلىرى ئىنسانغا قارايدۇ. ئىنسان دائىرىسى ئىچىدە رىزىقنىمۇ بىر مەركەز ھۆكمىگە ئۆتكۈزگەندۇر. ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى كۆپىنچە ھىكمەتلەر، مەقسەتلەر ئۇ رىزىققا قارايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈنىدۇ. ئىنساندىكى ئىدراك ۋە رىزىقتىكى زوق ۋاستىسى ئارقىلىق «ھەكىم» ئىسمىنىڭ جىلۋىسى پارلاق بىر سۈرەتتە كۆرۈنىدۇ. ئىنسانىي ئىدراك ۋاستىسى ئارقىلىق كەشىپ قىلىنغان يۈزلەرچە پەنلەردىن ھەر بىر پەن «ھەكەم» ئىسمىنىڭ بىر تۈردىكى بىر جىلۋىسىنى تەرىپ قىلىدۇ.

  مەسىلەن: تىبابەت پېنىدىن «بۇ كائىنات نېمىدۇر؟» دەپ سوئال سورالسا، ئەلۋەتتە دەيدۇكى، «غايەت ئىنتىزاملىق ۋە مۇكەممەل بولغان چوڭ بىر دورىخانىدۇر. ئىچىدە ھەر تۈرلۈك دورا مۇكەممەل شەكىلدە تەييارلانغان ۋە تىزىلغاندۇر».

  خىمىيە پېنىدىن «بۇ يەرشارى نېمىدۇر؟» دەپ سورالسا، دەيدۇكى: «غايەت تەرتىپلىك ۋە كامالەتتىكى بىر لابوراتورىيەدۇر».

  ماشىنىسازلىق ئىلىمى دەيدۇ: «ھېچبىر قۇسۇرى بولمىغان غايەت مۇكەممەل بىر فابرىكىدۇر».

  يېزائىگىلىك ئىلىمى دەيدۇ: «چەكسىز دەرىجىدە مەھسۇلاتلىقھەر تۈرلۈك ئۇرۇقلارنى ۋاقتىۋاقىتدا يىتىشتۈرىدىغان مۇكەممەل بىر ئېتىزدۇر، گۈزەل بىر باغچىدۇر.

  سودا كەسپى دەيدۇ: «غايەت تەرتىپلىك يەرمەنكە، بەكمۇ قېلىپلاشقان بازار ۋە ماللىرى ناھايىتى سەنئەتلىك بىر دۇككاندۇر».

  تەمىنات ئىلىمى دەيدۇ: «غايەت ئىنتىزاملىق، پۈتۈن رىزىقلارنىڭ تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئامباردۇر».

  يىمەكئىچمەك ئىلىمى دەيدۇ: «يۈزمىڭلارچە لەززەتلىك تائاملار مۇكەممەل بىر ئىنتىزام بىلەن ئىچىدە پىشۇرىلىدىغان بىر رەببانىي**** ئاشخانا ۋە بىر رەھمانىي قازاندۇر».

  ھەربىي ئىشلار ئىلىمى دەيدۇ: «زېمىن بىر ھەربىي لاگىردۇر. ھەر باھاردا يېڭى ئەسكەرلىككە ئېلىنغان ۋە زېمىن يۈزىدە چېدىرلىرى قۇرۇلغان تۆت يۈزمىڭ خىل مىللەت ئۇ لاگىردا بىللە بولسىمۇ، باشقاباشقا رىزىقلىرى، باشقاباشقا كىيىملىرى، قوراللىرى، باشقاباشقا تەلىماتلىرى ۋە باشقاباشقا ۋەزىپىدىن بوشىنىش ۋاقىتلىرى مۇكەممەل بىر ئىنتىزام بىلەن ھېچبىرىنى ئۇنۇتماستىن، تەمتىرىمەستىن يالغۇز بىر ئۇلۇغ قومانداننىڭ ئەمرى بىلەن، قۇۋۋىتى بىلەن، مەرھەمىتى بىلەن ۋە خەزىنىلىرى بىلەن غايەت ئىنتىزاملىق ھالدا ئىدارە قىلىنىپ تەمىنلىنىدۇ».

  ئېلېكتىر ئىلىمىدىن سورالسا، ئەلۋەتتە دەيدۇ: «بۇ ھەشەمەتلىك كائىنات سارىيىنىڭ تورۇسى غايەت ئىنتىزاملىق ۋە مۇۋازىنەتلىك، چەكسىز ئېلىكتىرىك لامپىلرى بىلەن زىننەتلەنگەندۇر. ئۇ قەدەر ھەيران قالارلىق ئىنتىزام ۋە مۇۋازىنەت بىلەندۇركى، باشتا قۇياش بولۇپ يەرشارىدىن مىڭلارچە ھەسسە چوڭ بولغان ئۇ ساماۋى لامپىلار داۋاملىق يېنىپ تۇرسىمۇ مۇۋازىنەتلىرىنى بۇزمايدۇ، ئېتىلىپ كەتمەيدۇ ۋە يانغىن چىقارمايدۇ. سەرپىياتلىرى چەكسىز بولسىمۇ، ئېنىرگىيەلىرى، «كىرسىن» ۋە كۆيۈشچان ماددىلىرى نەدىن كېلىدۇ؟ نېىمىشقا تۈگىمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يېنىشتىكى تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلمايدۇ؟ كىچىك بىر لامپىمۇ ياخشى قارالمىسا ئۆچۈپ قالىدۇ. ئاستىرونومىيە بويىچە يەرشارىدىن بىر مىليون ھەسسىدىن كۆپرەك چوڭ بولغان، بىر مىليون يىلدىن كۆپرەك ياشىغان قۇياشنى (ھاشىيە)***** كۆمۈرسىز، كىرسىنسىز ياندۇرۇپ تۇرغان ۋە ئۆچۈرۈپ قويمىغان ھەكىم بولغان ئۇلۇغ زاتنىڭ ھىكمىتىگە، قۇدرىتىگە قارا! «سۇبھاناللاھ» دە! قۇياشنىڭ ئۆمۈر مۇددىتىدە ئۆتكەن مىنۇتلىرىنىڭ ئاشىرەلىرى****** سانىچە «ماشائاللاھ»، «بارەكاللاھ» ۋە «لا ئىلاھە ئىللاھۇ» دە! دېمەك، بۇ ساماۋى لامپىلاردا ئىنتايىن ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بىر ئىنتىزام بار ۋە ئۇلارغا ناھايىتى دىققەت بىلەن قارىلىدۇ. گويا ئۇ بەك چوڭ ۋە بەك كۆپ ئوت بېرىكمىلىرىنىڭ، ھەمدە غايەت نۇرغۇن

  نۇر چىراقلىرىنىڭ پار قازىنى بولسا، ھارارىتى تۈگىمەس بىر جەھەننەمدۇركى، ئۇلارغا نۇرسىز ھارارەت بېرىدۇ. ئۇ ئېلېكتىرىك لامپىلارنىڭ ماتورى ۋە مەركىزىي فابرىكىسى دائىمىي بىر جەننەتتۇركى، ئۇلارغا نۇر ۋە يورۇق بېرىدۇ. «ھەكەم» ۋە «ھەكىم» ئىسىملىرىنىڭ چوڭ جىلۋىسى بىلەن يېنىپ تۇرۇشلىرى ئىنتىزام بىلەن داۋام قىلىدۇ ۋەھاكازا

  بۇلارغا قىياسەن، يۈزلەرچە پەننىڭ ھەر بىرىنىڭ قەتئىي گۇۋاھلىقى بىلەن قۇسۇرسىز بىر مۇكەممەل ئىنتىزام ئىچىدە چەكسىز ھىكمەتلەر ۋە مەنپەئەتلەر بىلەن بۇ كائىنات گۈزەللەشتۈرۈلگەندۇر. ھەمدە ئۇ ھەيران قالارلىق ۋە ھەممىنى قورشىغان ھىكمەت بىلەن جىمى كائىناتقا بەرگەن ئىنتىزام ۋە ھىكمەتلەرنى ئەڭ كىچىك بىر جانلىقتا ياكى بىر ئۇرۇقتا كىچىك بىر مىقياستا يەرلەشتۈرگەندۇر.

  مەلۇم ۋە بەكمۇ ئېنىقتۇركى، ئىنتىزام بىلەن غايىلەرگە، ھىكمەتلەرگە، پايدىلارغا ئىگە قىلىش ئىختىيار بىلەن، ئىرادە بىلەن، ئىستەك بىلەن، ئاتايىتەن بولىدۇ، باشقا بولالمايدۇ. ئىختىيارسىز، ئىرادىسىز، مەقسەتسىز، ئىدراكسىز تەبىئەت ۋە سەۋەبلەرنىڭ ئىشى بولمىغىنىدەك، ئارىلىشىشلىرىمۇ مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، بۇ كائىناتنىڭ پۈتۈن مەۋجۇداتىدىكى چەكسىز ئىنتىزاملار ۋە ھىكمەتلەر تەقەزززا قىلغان، كۆرسەتكەن بىر ئىرادە ۋە ھىكمەت ئىگىسى بولغان سەنئەتكارىنى بىلمەسلىك ياكى ئىنكار قىلىش نەقەدەر ئاجايىب بىر جاھالەت ۋە ئەخمىقانلىق ئىكەنلىكىنى تەرىپ قىلىش تەس.

  شۇنداق، دۇنيادا ئەخمىقانىلىقىدىن كىشىنى ئەڭ زىيادە ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نەرسە بولسا، ئۇ مانا مۇشۇ ئىنكاردۇر. چۈنكى كائىناتتىكى مەۋجۇداتلار چەكسىز ئىنتىزاملار ۋە ھىكمەتلەر بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە شاھىتلىق قىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنى كۆرمەسلىك، بىلمەسلىك نەقەدەر كورلۇق ۋە جاھالەت ئىكەنلىكىنى ئەڭ كور نادانمۇ چۈشىنىدۇ. ھەتتا دېيەلەيمەنكى، كاپىرلار ئىچىدە كائىناتنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقانلىقلىرى ئۈچۈن ئەخمەق دېيىلگەن سەۋفەستائىيلەر****** ئەھلى كۇفۇر ئىچىدە ئەڭ ئەقىللىقلىرىدۇر. چۈنكى، كائىناتنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ﷲقا ۋە ياراتقۇچىغا ئىشەنمەسلىك مۇمكىن بولمىغانلىقتىن ئۇلار كائىناتنى ھەتتا ئۆزلىرىنىمۇ ئىنكار قىلىشتى. «ھېچبىر نەرسە يوق» دەپ ئەقىلدىن ئىستىپا بېرىپ ئەقىل پەردىسى ئاستىدا باشقا كاپىرلارنىڭ چەكسىز ئەقىلسىزلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ قىسمەن ئەقىلگە يېقىنلاشتى.

  تۆتىنچى نۇقتا: ئونىنچى سۆزدە ئىشارەت قىلىنغىنىدەك، بىر ھىكمەتلىك سەنئەتكار ۋە غايەت دانىشمەن بىر ئۇستا بىر ساراينىڭ ھەر بىر خىشىدا يۈزلەرچە ھىكمەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ساراينىڭ ئۈستىنى ياپماي خاراپ بولۇشقا تاشلىۋىتىپ، بەكمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغان چەكسىز ھىكمەتلەرنى زايا قىلىۋىتىشىنى ھېچبىر ئىدراك ئىگىسى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنداقلا مۇتلەق ھەكىم بولغان

  بىر زات چەكسىز ھىكمىتىدىن بىر دىرھەم قەدەر بىر ئۇرۇقتىن يۈزلەرچە پاتمان پايدىلارنى، غايىلەرنى ۋە ھىكمەتلەرنى دىققەت بىلەن نەتىجىلەندۈرگەن تۇرۇقلۇق، تاغدەك يوغان بىر دەرەخكە بىر دىرھەمچىلىك يالغۇز بىرلا پايدا، بىرلا كىچىك غايە ۋە بىرلا مېۋە بېرىش ئۈچۈن ئۇ چوڭ دەرەخكە نۇرغۇنلىغان چىقىملارنى سەرپ قىلىش بىلەن ئۆز ھىكمىتىگە تامامەن زىت ۋە مۇخالىپ بىر شەكىلدە، ئىسراپخورلارچە بىر ئويۇن ئوينىشىنىڭ ھېچبىر جەھەتتە ئىمكانى يوقتۇر.

  دەل شۇنىڭغا ئوخشاشلا، بۇ كائىنات سارىيىنىڭ ھەر بىر مەۋجۇداتىغا يۈزلەرچە ھىكمەت ئورۇنلاشتۇرغان ۋە يۈزلەرچە ۋەزىپە بىلەن قوراللاندۇرغان، ھەتتا ھەر بىر دەرەخكە مېۋىلىرى سانىچە ھىكمەتلەر، چېچەكلىرى سانىچە ۋەزىپىلەر بەرگەن بىر ھىكمەتلىك سەنئەتكار قىيامەتنى كەلتۈرمەسلىك بىلەن، ھەشرنى ۋۇجۇدقا چىقارماسلىق بىلەن، ھەددىھېساپقا كەلمىگەن پۈتۈن ھىكمەتلەرنى ۋە چەكسىز ۋەزىپىلەرنى مەنىسىز، ھىكمەتسىز، ئورۇنسىز، پايدىسىز ھالدا زايا قىلىۋىتىشى ئۇ قادىرى مۇتلەق بولغان زاتنىڭ چەكسىز كامالەتتىكى قۇدرىتىگە مۇتلەق ئاجىزلىق بەرگىنىدەك، ئۇ مۇتلەق ھەكىم بولغان زاتنىڭ چەكسىز كامالەتتىكى ھىكمىتىگە، چەكسىز دەرىجىدىكى مەنىسىزلىك ۋە پايدىسىزلىقنى؛ ئۇ مۇتلەق رەھىم بولغان زاتنىڭ چەكسىز گۈزەللىكتىكى رەھمىتىگە چەكسىز چىركىنلىكنى؛ ئۇ مۇتلەق ئادىل بولغان زاتنىڭ چەكسىز كامالەتتىكى ئادالىتىگە چەكسىز زۇلۇمنى بېرىش دېمەكتۇر. خۇددى كائىناتتىكى ھەر كىمگە كۆرۈنگەن ھىكمەت، رەھمەت ۋە ئادالەتلەرنى ئىنكار قىلماق ھۆكمىدىدۇر. بۇ بولسا ئەڭ ئاجايىب بىر ئىمكانسىزلىقتۇركى، ئىچىدە چەكسىز باتىللىقلار باردۇر.

  ئەھلى زالالەت كەلسۇن، قارىسۇن! ئۆزى كىرىدىغان ۋە ئويلىغان قەبرىسىدەك، ئازغۇنلۇقىنىڭ نەقەدەر دەھشەتلىك بىر زۇلمەت، بىر قاراڭغۇلۇق ۋە يىلانچايانلارغا تولغان بىر ئازگال ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن. ئاخىرەتكە ئىمان بولسا جەننەتتەك گۈزەل ۋە نۇرانىي بىر يول ئىكەنلىكىنى بىلسۇن، ئىمانغا كىرسۇن.

بەشىنچى نۇقتا: «ئىككى مەسىلە»دۇر:

  بىرىنچى مەسىلە: ئۇلۇغ سەنئەتكار ھەكىم ئىسمىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ھەر نەرسىدە ئەڭ يەڭگىل جەھەتنى، ئەڭ قىسقا يولنى، ئەڭ قولاي تەرزنى ۋە ئەڭ پايدىلىق شەكىلنى ئەھمىيەت بىلەن كۆزلىشى كۆرسىتىدۇكى، ئىسراپ، مەنىسىزلىك ۋە پايدىسىزلىقلار يارىتىلىشتا يوقتۇر. ئىسراپ بولسا «ھەكىم» ئىسمىنىڭ زىتى بولغىنىدەك، ئىقتىسادچىللىقمۇ ئۇنىڭ تەقەززاسى ۋە ئاساسى دەستۇرىدۇر.

  ئەي ئىقتىساچىللىقنى بىلمەس ئىسراپخور ئىنسان! پۈتۈن كائىناتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دەستۇرى بولغان ئىقتىسادچىللىقنى قىلمىغانلىقىڭدىن، نەقەدەر ھەقىقەتكە خىلاپ ھەرىكەت قىلغانلىقىڭنى بىل! ﴿كُلُوا وَ اشْرَبُوا وَ لاَ تُسْرِفُوا (ئەئراف:31) ئايىتىنىڭ نەقەدەر ئاساسلىق ۋە كەڭرى بىر دەستۇرنى دەرس بېرىدىغانلىقىنى چۈشەن!

  ئىككىنچى مەسىلە: «ھەكەم» ۋە «ھەكىم» ئىسمى بەك ئېنىق دەرىجىدە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دەلىل بولۇپ ئۇنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

  شۇنداق، مادەمكى غايەت مەنىدار بىر كىتاب ئۇنى دەرس بېرىدىغان بىر مۇئەللىمنى خالايدۇ. غايەت گۈزەل بىر جامال ئۆزىنى كۆرىدىغان ۋە كۆرسىتىدىغان بىر ئەينەك تەقەززا قىلىدۇ. غايەت كامالەتتىكى بىر سەنئەت، تەرىپ قىلىدىغان بىر ئېلانچىنى خالايدۇ. ئۇنداقتا، ھەر بىر ھەرىپىدە يۈزلەرچە مەنىلەر، ھىكمەتلەر بولغان بۇ كائىنات چوڭ كىتابىنىڭ مۇخاتابى (خىتاپ قىلىنغۇچىسى) بولغان ئىنسانىيەت ئىچىدە ئەلۋەتتە ئەڭ مۇكەممەل بىر رەھبەر، ئەڭ چوڭ بىر مۇئەللىم بولۇشى لازىم. چۈنكى ئۇ كىتابتىكى مۇقەددەس ھەقىقىي ھىكمەتلەرنى دەرس بېرىدىغانبەلكى كائىناتتىكى ھىكمەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىنى بىلدۈرىدىغانھەتتا كائىناتنىڭ يارىتىلىشىدىكى رەببانىي مەقسەتلەرنىڭ كۆرۈنىشىگە، بەلكى ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانھەم ئومۇم كائىناتتا ياراتقۇچى تەرىپىدىن غايەت ئەھمىيەت بىلەن ئىزھار قىلىنىشى ئىرادە قىلىنغان مۇكەممەل سەنئەتلىرىنى، ئىسىملىرىنىڭ گۈزەللىكىنى بىلدۈرىدىغان، ئەينەكدارلىق قىلىدىغانھەم ئۇ ياراتقۇچى پۈتۈن مەۋجۇدات ئارقىلىق ئۆزىنى سۆيدۈرۈشنى ۋە ئىدراك ئىگىلىرى بولغان مەخلۇقلاردىن جاۋاب خالىغانلىقتىن، ئۇ ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ نامىدىن بىرىسى رۇبۇبىيەتنىڭ ئۇ كەڭ دائىرىلىك كۆرۈنۈشلىرىگە قارىتا كەڭ دائىرىلىك ئىبادەت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان، ساماۋات ۋە يەرنى لەرزىگە سالىدىغان بىر تەرىپلەش ۋە ئۇلۇغلاشنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى بىلەن ئۇ ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ نەزىرىنى ئۇ سەنئەتلەرنىڭ سەنئەتكارىغا بۇرايدىغانھەم مۇقەددەس دەرسلەر ۋە تەلىماتلار ئارقىلىق، پۈتۈن ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ قۇلاقلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان شانى ئۇلۇغ بولغان قۇرئان بىلەن ئۇ «ھەكەم» ۋە «ھەكىم» بولغان سەنئەتكارنىڭ ئىلاھىي مەقسەتلىرىنى ئەڭ گۈزەل سۈرەتتە كۆرسىتىدىغانھەمدە پۈتۈن نىمەتلەرنىڭ كۆرىنىشىگە، گۈزەللىك ۋە ھەيۋىتىنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قارىتا ئەڭ مۇكەممەل بىر جاۋاب بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان بىر زات قۇياشنىڭ بارلىقىدەكلا بۇ كائىناتقا لازىم ۋە زۆرۈرىيدۇر. شۇنداق قىلغان ۋە ئەڭ مۇكەممەل سۈرەتتە ئۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغان، ئېنىق كۆرۈنگىنىدەك رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدۇر.

  ئۇنداقتا، قۇياش يورۇقلۇققا، يورۇقلۇق قۇياشقا دەلىل بولۇش دەرىجىسىدە، كائىناتتىكى ھىكمەتلەرمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دەلىلدۇر.

  شۇنداق، «ھەكەم» ۋە «ھەكىم» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسى يۈكسەك دەرىجىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىقتىزا قىلغاندەك، ئەسمائۇلھۇسنا (گۈزەل ئىسىملار)دىن «ﷲ، رەھمان، رەھىم، ۋەدۇد (سۆيۈلگۈچى)، مۇنئىم (نىمەتلەندۈرگۈچى)، كەرىم، جەمىل (گۈزەل)، رەب»كە ئوخشاش كۆپلىگەن ئىسىملارنىڭ ھەر بىرى كائىناتتا كۆرۈلگەن بىر چوڭ جىلۋە بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ۋە قەتئىي مەرتېۋىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىقتىزا قىلىدۇ.

  مەسىلەن: رەھمان ئىسمىنىڭ جىلۋىسى بولغان غايەت كەڭرىلىكتىكى رەھمەت ئۇ رەھمەتەن لىلئالەمىن (ئالەملەرگە رەھمەت بولغان پەيغەمبىرىمىز) بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ۋەدۇد ئىسمىنىڭ جىلۋىسى بولغان ئىلاھىي سۆيدۈرۈش ۋە رەببانىي تونۇتتۇرۇش ئۇ ھەبىبۇللاھ ئارقىلىق نەتىجە بېرىدۇ، جاۋاپ كۆرىدۇ. جەمىل ئىسمىنىڭ بىر جىلۋىسى بولغان پۈتۈن گۈزەللىكلەر، يەنى زاتىنىڭ گۈزەللىكى، ئىسىملىرىنىڭ گۈزەللىكى، سەنئەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئەسەرلەرنىڭ گۈزەللىكىمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەينىكىدە كۆرۈنىدۇ، كۆرسىتىلىدۇ. رۇبۇبىيەت ھەشەمىتى ۋە ئىلاھلىق سەلتەنىتىنىڭ جىلۋىلىرىمۇ ئۇ رۇبۇبىيەت ۋە سەلتەنەتنىڭ ئېلانچىسى بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن بىلىنىدۇ، كۆرۈنىدۇ، چۈشنىلىدۇ ۋە تەستىق قىلىنىدۇ ۋەھاكازابۇ مىساللاردەك، ﷲنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھەر بىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە بىردىن پارلاق دەلىلدۇر.

  خۇلاسە: كائىنات مەۋجۇد ۋە ئىنكار قىلىنمىغان ئىكەن، ئەلۋەتتە كائىناتنىڭ رەڭلىرى، زىننەتلىرى، زىيالىرى، نۇرلىرى، سەنئەتلىرى، ھاياتلىرى ۋە ئالاقىلىرى ھۆكمىدە بولغان ھىكمەت، ئىنايەت، رەھمەت، جامال، نىزام، مىزان ۋە زىننەتتەك مەلۇم ھەقىقەتلەر ھېچبىر جەھەتتە ئىنكار قىلىنمايدۇ. بۇ سۈپەتلەر ۋە بۇ پېئىللارنىڭ ئىنكار قىلىنىشى مۇمكىن بولمىغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇ سۈپەتلەرنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇ پېئىللارنىڭ فائىلى (قىلغۇچىسى) ۋە ئۇ نۇرلارنىڭ قۇياشى بولغان ۋاجىبۇل ۋۇجۇد. ھەكىم، كەرىم، رەھىم، جەمىل ۋە ئەدل بولغان زاتمۇ ھېچبىر جەھەتتە ئىنكار قىلىنمايدۇ ۋە ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر. ۋە ئەلۋەتتە ئۇ سۈپەتلەرنىڭ، ئۇ پېئىللارنىڭ كۆرۈنۈشىگە سەۋەب بولغان، بەلكى كامالىتىگە سەۋەب بولغان ھەتتا ئەمەلىيلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ چوڭ رەھبەر، ئەڭ مۇكەممەل مۇئەللىم، ئەڭ ئۇلۇغ ئېلانچى، كائىنات تىلسىمىنىڭ ئاچقۇچىسى، سەمەدانىيەت ئەينىكى******* ۋە رەھماننىڭ ھەبىبى (سۆيگەن زاتى) بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ھېچبىر جەھەتتە ئىنكار قىلىنمايدۇ. ھەقىقەت ئالىمىنىڭ ۋە كائىنات ھەقىقىتىنىڭ نۇرلىرىدەك، ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىكىمۇ كائىناتنىڭ ئەڭ پارلاق بىر نۇرىدۇر

عَلَيْهِ وَعَلَى آلِهِ وَصَحْبِهِ الصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ بِعَدَدِ عَاشِرَاتِ اْلاَيَّامِ وَذَرَّاتِ اْلاَنَامِ

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

(بەقەرە:32)

—————————–

* ھەكەم: چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى، قىلغان ھەر ئىشىدا مۈكەممەل ھىكمەت ۋە غايە ھەمدە ئەڭ ئۈستۈن مەنپەئەت ۋە نەتىجە كۆزلىگەن ﷲ.

** جۈزئىي: قىممەتسىز كىچىك نەرسە؛ كۇللىي: جۈزئىيلەردىن تۈزۈلگەن بىر ئومۇم.

*** رۇبۇبىيەت: ﷲنىڭ مەخلۇقاتىنى بېقىش، تەمىنلەش ۋە ئۆستۈرۈش سۈپىتى.

**** تەۋھىد: ﷲنى بىر دەپ بىلىش.

***** رەببانىي: «رەب»كە (باققۇچى، تەمىنلىگۈچى ۋە ئۆستۈرگۈچى پەرۋەردىگارغا) ئائىت.

******(ھاشىيە): ئەجەبا دۇنيا سارايىنى ئىسىتقان قۇياش ئوچىقىغا ياكى لامپىسىغا قانچىلىك ئوتۇن، كۆمۈر ۋە كىرسىن لازىم ئىكەنلىكى ھېساپلاپ كۆرۈلسۇن. پەقەت بىر كۈن كۆيۈش ئۈچۈن ــــ ئاسترونومىيىنىڭ دېگىنىگە قارالسا ــــ بىر مىليون يەر شارىچىلىك ئوتۇن دۆۋىلىرى ۋە مىڭلارچە دېڭىزلار قەدەر كىرسىن لازىمدۇر. ئەمدى ئويلان، ئۇنى ئوتۇنسىز، كىرسىنسىز دائىم يورۇتۇپ تۇرغان ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ زاتنىڭ ھەشەمىتىگە، ھىكمىتىگە ۋە قۇدرىتىگە قۇياشنىڭ زەررىلىرى سانىچە «سۇبھاناللاھ»، «ماشائاللاھ»، «بارەكاللاھ» دە!

******* ئاشىرە: ئونىنچىسى؛ سائەتنىڭ بىرىنچى كىچىك دەرىجىسى مىنۇت، ئىككىنچى كىچىك دەرىجىسى سېكۇنت بولغىنىدەكئونىنچى كىچىك دەرىجىسىمۇ «ئاشىرە» بولىدۇ.

******* سەۋفەستائىي: ياراتقۇچىنى قوبۇل قىلماسلىق ئۈچۈن، دەلىللەر ھۆكمىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ، ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بىر تۈركۈم پەلسەپىچىلەر.

********سەمەدانىيەت ئەينىكى: سەمەد بولغان، يەنى ئۆزى ھېچبىر نەرسىگە مۇھتاج بولمىغان، ئەكسىچە ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا مۇھتاج بولغان ﷲنى ئۆزى ئارقىلىق كۆرسىتىدىغان ئەينەك.

1530قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir