ئىسىملارنىڭ ئىگىسى بار

 

قۇياشنىڭ يەتتە رەڭگى بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئەينىكىنى يورۇتقانلىقىنى ۋە ئىسسىتقانلىقىنى پەرەز قىلايلى. ئەگەر ئەينەكنى يورۇتقان قۇياشنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلساق، ئۇ چاغدا نېمىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولارمىز؟

ئەينەكنىڭ ئىچىدە، ھەقىقى بىر قۇياشنىڭ بارلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز.

چۈنكى نۇر ۋە ئىسسىقلىق مەيداندا تۇرۇپتۇ. ئۇنداقتا بۇ نۇر ۋە ئىسسىقلىققا ئىگە بولغان بىر قۇياش بولىشى لازىم. ئەگەر ئاسماندا قۇياش يوق دەپ قاراپ، ئەينەكتە كۆرۈنگەن نۇر ۋە ئىسسىقلىقنىڭ قۇياشتىن كەلگەنلىكىنى قۇبۇل قىلمىساق، ئۇ چاغدا بۇ نۇر ۋە ئىسسىقلىقنىڭ ئەينەكنىڭ ئۆزىدىن چىققانلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. چۈنكى كۆز ئالدىمىزدا مەۋجۇت بولغان بۇ نۇر ۋە ئىسسىقلىقنىڭ بىر ساھىبى ۋە ئىگىسى بولۇشى لازىم.

يەنە كېلىپ، بۇنداق كۈچلۈك نۇر ۋە ئىسسىقلىق، پەقەت قۇياشقا ئوخشاش غايەت زور بىر مەنبەدىنلا كېلىشى مۇمكىن. ئۇ ھالدا، ئاسماندىكى قۇياشنى ئىنكار قىلغىنىمىزدا، ئەينەكنىڭ ئىچىدە ھەقىقى بىر قۇياشنىڭ بارلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا ۋە «بۇ نۇر ۋە ئىسسىقلىقنىڭ ئىگىسى مۇشۇ ئەينەكنىڭ ئۆزى» دېيىشكە مەجبۇر بولىمىز.

قۇياشنىڭ چەكسىزلىگەن شەيئىلەرنى ئۆز نۇرى بىلەن يورۇتىۋاتقانلىقىنى ۋە ھارارىتى بىلەن ئىسسىتىۋاتقانلىقىنى قۇبۇل قىلىمىز، ئۇنداقتا ئاسماندىكى بىردىنبىر قۇياشنى ئىنكار قىلىشنىڭ نەتىجىسى، قۇياشقا يۈزلەنگەن ھەربىر شەيئىنىڭ ئىچىدە بىردىن ھەقىقى قۇياشنىڭ بارلىقىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. دېمەك، ئاسماندا بىر قۇياشنىڭ بارلىقىنى قۇبۇل قىلمىغان، قۇياشنىڭ نۇرى ۋە ئىسسىقلىقىنى قايتۇرغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ سانىچىلىك قۇياشلارنىڭ بارلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى، كۆز ئالدىمىزدا نۇر ۋە ئىسسىقلىق بار. بۇلار پەقەت قۇياشتىنلا كېلىشى مۇمكىن.

مۇشۇ مىسالدىكىدەك، ساماۋات ۋە زېمىننىڭ نۇرى بولغان ئاللاھ تائالامۇ، گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن بۇ ئالەمنى ۋە ئالەمدىكى ھەربىر نەرسىنى نۇرلاندۇرغاندۇر. مىسالىمىزدىكى نۇر ۋە ئىسسىقلىقنىڭ چوقۇم بىر مەنبەسى بولغىنىدەك، بۇ ئالەمدە كۆرۈنگەن ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭمۇ ساھىبى بار. چۈنكى ئىسىم، مۇسەمماسىز بولمايدۇ؛ سۈپەتمۇ، مەۋسۇفسىز بولالمايدۇ. يەنى، بىر ئىسىم بار بولسا، شۇ ئىسىم بىلەن ئىسىملەنگەن بىر زات چوقۇم بار بولىدۇ. بىر سۈپەت بار بولسا، چوقۇم شۇ سۈپەتنىڭ بىر ساھىبى بولۇشى كېرەك.

مەسىلەن، بىز قەغەزگە بىر دانە «A» ھەرىپىنى يازدۇق. بۇ ئىشتىن ۋە قەغەزدىكى «ئا» ھەرىپىدىن تۆۋەندىكىلەرنى بىلەلەيمىز:

بىرىنچى، قەغەزدىكى « A » ھەرىپىنى يېزىش بىرسى تەرىپىدىن ئىرادە قىلىنغان. چۈنكى، ئۇ قەغەزدە بىرئاز ئىلگىرى « A » ھەرىپى يوق ئىدى. ھازىر بولسا بار بولدى. بىر شەيئىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن، يەنى، ئۇنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى تاللاش ئۈچۈن، ئۇ ئىشنى ئورۇندىغۇچىنىڭ ئىرادىسى بولۇشى كېرەك. ئىرادە ئىگىسى بولغاندىلا، ئاندىن بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئىختىيار قىلالايدۇ. ئىرادە ۋە ئىختىيارى بولمىغان بىرسىنىڭ قەغەزدىكى « A » ھەرىپىنى يېزىشى ۋە يازالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا « A » ھەرىپىنىڭ يوقتىن ئىجاد قىلىنىشى «ئىرادە ساھىبى» بولغان بىر «يازغۇچى»نى لازىم قىلىدۇ.

ئىككىنچى، قەغەز يۈزىدىكى « A » ھەرىپى قالايمىقان بىر سىزىق ئەمەس، بەلكى مەنىسى بار بولغان بىر سەنئەتلىك سىزىقتۇر. ئۇنداقتا، سەنئەتكارى ۋە يازغۇچىسى بولغان زاتنىڭ «ئىلىم» سۈپىتى بولۇشى لازىم. يەنى «ئالىم» بولۇشى لازىم. ئىلىمسىز ۋە ساۋاتسىز بىرسىنىڭ، مەلۇم مەنانى ئىپادىلەيدىغان بۇ «ئا» ھەرىپىنى يېزىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، « A » ھەرىپىنىڭ يوقتىن ئىجاد قىلىنىشى «ئىلىم ساھىبى» بولغان بىر «يازغۇچى»نى لازىم قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، بۇ يازغۇچى يەنە «قۇدرەت ساھىبى» بولۇشى لازىم. ئىرادىسى ۋە ئىلمى بولۇپ، قۇدرىتى ۋە قۇۋۋىتى بولمىسا؛ مەسىلەن، پالەچ بولسا ۋە قولىنى ھەرىكەتلەندۈرەلمىسە، يەنىلا « A » ھەرىپىنى يازالمايدۇ. شۇڭا « A » ھەرىپى ئۆز بارلىقى بىلەن، ئۆزىنىڭ يازغۇچىسىنىڭ «قۇدرەت ساھىبى» بولغان «قادىر» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

تۆتىنچى، يەنە بۇ يازغۇچى «ھايات ساھىبى» بولۇشى لازىم. چۈنكى ھاياتى بولمىغاننىڭ ئىلمى، ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھاياتى بولمىغان بىر تاشنىڭ يېنىغا قەلەم ۋە قەغەزنى بىر مىليون يىل قويۇپ قويساقمۇ، قەغەزدە « A » ھەرىپىنى كۆرەلمەيمىز. دېمەك، « A » ھەرىپى ئۆز بارلىقى بىلەن يازغۇچىسىنىڭ «ھەي» ئىكەنلىكىنى، يەنى «ھايات ساھىبى» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ مىسالدىكى « A » ھەرىپىنىڭ ئۆز يازغۇچىسىنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى كۆرسەتكەن دالالەتلىرىگە ئوخشاش باشقا مىساللارنى ئويلاپ بېقىڭ.

ئەمدى « A » ھەرىپىنىڭ يازغۇچىسىنى ئىزدەيلى: ئەگەر بىز ئۇنى يازغان يازغۇچىنى ئىنكار قىلساق ۋە «بۇ <A> ھەرىپىنى مۇشۇ قەلەم يازدى» دېسەك، ئۇ چاغدا يازغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئىرادە، ئىلىم، قۇدرەت ۋە ھاياتقا ئوخشاش سۈپەتلەرنىڭ مۇشۇ قەلەمدە بارلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا، «بۇ قەلەمنىڭ ئىلمى بار؛ ئىرادىسى، قۇدرىتى ۋە ھاياتى بار» دېيىشتەك بىر جۆيلۈشنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. چۈنكى ئىسىم ۋە سۈپەتلەر ئوپئوچۇق كۆرۈنىۋاتىدۇ. ئىسىم مۇسەمما (ئىسىملەنگۈچى)سىز بولمايدۇ. سۈپەتمۇ مەۋسۇف (سۈپەتلەنگۈچى)سىز بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز كىمنى ھەرىپىنىڭ يازغۇچىسى دەپ قۇبۇل قىلساق، يازغۇچىدا بولۇشى لازىم بولغان ئىلىم، ئىرادە، قۇدرەت ۋە ھاياتقا ئوخشاش سۈپەتلەرنىڭمۇ شۇ يازغۇچىدا بار ئىكەنلىكىنى قۇبۇل قىلىشىمىز لازىم.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، كائىناتمۇ بىر ھەرپ ياكى بىر كىتاپتۇر. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ كائىنات كىتابىنىڭ «يازغۇچىسى» ئىكەنلىكى قۇبۇل قىلىنمىسا، ئۇ چاغدا بۇ كىتابتا كۆرۈنىۋاتقان بارلىق ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنى ئاتوملارغا، سەۋەپلەرگە، تاسادىپىيلىقلارغا، تەبىئەتكە باغلاپ قويۇش لازىم بولىدۇ. بۇ بولسا، ئۇلارنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە چىقىرىش دېگەنلىكتۇر. ئەقلىگە سىغىدۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن بىرلا ئىلاھنىڭ بارلىقىنى قۇبۇل قىلمىغان كىشى، زەررىلەر ۋە ئاتوملارنىڭ سانىچىلىك ئىلاھلارنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

خالىسىڭىز بىز بۇ مەسىلىنى بىر مىسال بىلەن ئىزاھ قىلىپ چۈشىنىشكە تىرىشايلى:

بىز دائىم بۇلۇتلاردىن ياغقان يامغۇرلارنى تاماشا قىلىمىز. ئەجىبا ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ يامغۇرنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنى پەيدا قىلغۇچىدا قانداق سۈپەتلەر بولۇشى لازىم؟

تۆۋەندە بۇ ھادىسىدە كۆرۈنگەن ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنى ئويلىنىپ باقايلى:

بىرىنچى، يامغۇرنى پەيدا قىلىش بىرسى تەرىپىدىن ئىرادە قىلىندى. يەنى يامغۇر تامچىلىرى بىر ئاز ئىلگىرى يوق ئىدى، ھازىر بار بولدى. پەقەت ئىرادە ئىگىسى بولغاندىلا، ئاندىن بىر نەرسىنىڭ بار بولۇشىنى ئىختىيار قىلىش مۇمكىن بولىدۇ. ئۇنداقتا يامغۇرنى پەيدا قىلغان زاتنىڭ ئىرادىسى بولۇشى كېرەك. ئىرادىسى بولمىغان، بىر تامچە يامغۇرغىمۇ ئىگە چىقالمايدۇ.

ئىككىنچى، يامغۇر سۈيىنىڭ مولېكۇلىسى، ئىككى ھېدروگېن ۋە بىر ئوكسىگېندىن تۈزۈلگەن. پەقەت چەكسىز ئىلىم ئىگىسىلا، ئىككى ھېدروگېن بىلەن بىر ئوكسىگېننى بىر يەرگە كەلتۈرۈپ يامغۇر تامچىلىرىنى پەيدا قىلالىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا يامغۇرنى پەيدا قىلغان زاتنىڭ ئىلمىمۇ بولۇشى لازىم. ئىلمى بولمىغان بىرسى، بىر تامچە يامغۇرغىمۇ ئىگە چىقالمايدۇ.

ئۈچىنچى، يامغۇرنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن، يەنە چەكسىز بىر قۇدرەتكە ئىگە بولۇش لازىم. چۈنكى، پەقەت چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن كۆيگۈچى ۋە كۆيدۈرگۈچى ئىككى ماددىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوتنىڭ ئورنىغا سۇنى پەيدا قىلالىشى مۇمكىن بولىدۇ. ئۇنداقتا، يامغۇرنى پەيدا قىلغان زاتنىڭ قۇدرىتىمۇ بولۇشى لازىم. قۇدرىتى ۋە قۇۋۋىتى بولمىغان بىرسىنىڭ بىر تامچە يامغۇرغا ئىگە چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس.

تۆتىنچى، يامغۇر تامچىلىرىنى بىربىرىگە قوشىۋەتمەستىن تامچەتامچە قىلىپ ياغدۇرۇش ۋە يامغۇرنى چەكسىزلىگەن پايدىلارغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن چەكسىز ھىكمەتكە ئىگە بولۇش لازىم. ھىكمىتى بولمىغان بىرسىنىڭ بىر تامچە يامغۇرنى ئىجاد قىلالىشى ۋە يامغۇرنى بۇنچە ھىكمەتلىك قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، يامغۇرنى پەيدا قىلغان زاتنىڭ ھىكمىتىمۇ بولۇشى لازىم. ھىكمىتى بولمىغان بىرسى بىر تامچە يامغۇرنىمۇ ئىجاد قىلالمايدۇ.

بەشىنچى، يامغۇر پەقەت يامغۇر بولسۇن دەپلا يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر بىلەن ئالاقىدار قىلىپ يارىتىلغاندۇر. مەسىلەن، يامغۇر ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارغا ئۇسسۇزلۇق بولىدۇ. تۇپراق ئۇنىڭ بىلەن جانلىنىدۇ. ئۆسۈملۈك ۋە دەلدەرەخلەر ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. يەنى يامغۇرنى ياراتقان زات، ھەم ئىنسانلارنى، ھەم ھايۋاناتلارنى، ھەم ئۆسۈملۈكلەرنى بىلىشى كېرەك. شۇندىلا يامغۇرنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە پايدىلىق قىلىپ يارىتالايدۇ. بۇ ئىش پەقەت، پۈتۈن شەيئىلەرنى كۆرۈپ تۇرغاندىلا ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ. بارلىق شەيئىلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ھەممىنى قورشىغان نەزەر بىلەن كۆرەلمىگەن بىرسى يامغۇرنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە پايدىلىق قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا، يامغۇرنى پەيدا قىلغان زات يەنە كۆرەلەيدىغان بولۇشى لازىم.

ئالتىنچى، يامغۇرنى زېمىن ئاھالىسىگە ئەۋەتىش بولسا، چەكسىز بىر رەھمەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. زېمىن ئاھالىسىگە رەھىمشەپقىتى بولمىغان ۋە ئىچ ئاغرىتمىغان بىرسىنىڭ يامغۇرنى يارىتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، يامغۇرنى پەيدا قىلغان زات رەھىملىك بولۇشى لازىم. رەھىملىك بولمىغان بىرسى، بىر تامچە يامغۇرغىمۇ ئىگىدارچىلىق دەۋاسى قىلالمايدۇ.

يەتتىنچى، يۇقىرىدا سانىغان سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋال ھايات ئىگىسى بولۇشى لازىم. چۈنكى ھاياتى بولمىغاننىڭ ئىرادىسى، ئىلمى، قۇدرىتى ۋە باشقا سۈپەتلىرى بولمايدۇ.

يامغۇردا بۇلاردىن باشقا يەنە ئونلارچە ئىسىم ۋە سۈپەتلەر كۆرۈنىدۇ. «ئاقىلغا ئىشارەت يېتەر» دېگەن ماقالنىڭ ھەقىقىتىگە بىنائەن، بۇ مىسالنى مۇشۇنچىلىك سۆزلەيلى.

ئەمدى بىز يامغۇرنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئىزدەيمىز. كۆردۇقكى، يامغۇرنى ياراتقان زاتنىڭ ئىرادىسى، ئىلمى، قۇدرىتى، ھىكمىتى، رەھمىتى، ھەممىنى قورشىغان نەزىرى، ھاياتى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى بولۇشى لازىم. بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولمىغان بىرسىنىڭ، بىر تامچە يامغۇرغا ئىگە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ھىكمەت بىلەن يارىتىلغان يامغۇر تامچىلىرى ۋە ئۇلاردا كۆرۈنگەن ئىسىم ۋە سۈپەتلەر كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.

ئەجىبا بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەر كىمنىڭ؟ بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەر ئاللاھنىڭدۇر. يامغۇرنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ بۇ ھىكمەتلىك پېئىلغا ئىگە چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەگەر بىرسى ئوتتۇرىغا چىقىپ جاھىللارچە ئاللاھنى ئىنكار قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ، يامغۇرنى يارىتىش پېئىلىنىڭ ئورۇندىغۇچىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. چۈنكى بۇ پېئىل كۆز ئالدىمىزدا ئىشلەنمەكتە، بىر پېئىلنىڭ ئورۇندىغۇچىسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

ئۇ يەنە ئۆزى كۆرسەتكەن ئورۇندىغۇچىنىڭ مەزكۇر سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قۇبۇل قىلىشى لازىم. چۈنكى، بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەرگە ئىگە بولالمىغان بىرسىنىڭ، بىر تامچە يامغۇرنى ئىجاد قىلالىشى ۋە يامغۇر ياغدۇرۇش پېئىلىنى ئورۇندىيالىشى مۇمكىن ئەمەس.

دېمەك، پەقەت ئىككىلا تاللاش بار: يا ئاللاھنى قۇبۇل قىلىپ، يامغۇرنى يارىتىش پېئىلىنى ئاللاھقا باغلاش ۋە بۇ ھادىسىدە كۆرۈنگەن ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ ئىگىسىنى ئاللاھ دەپ تۇنۇش لازىم؛ ياكى بولمىسا، بۇلۇتنىڭ ئۆزىنى ياراتقۇچى دەپ تونۇپ، بۇلۇتنىڭ يامغۇردا كۆرۈنگەن ئىسىم ۋە سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىش لازىم. يەنى، مەۋھۇم ئورۇندىغۇچى بولغان بۇلۇت ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىگە ئىگە دەپ قاراش، ئۇنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە چىقىرىش. ، ئۇنى خۇددى بىر ئىلاھتەك كۆرۈش.

خۇلاسە، يامغۇردا نۇرغۇن ئىسىم ۋە سۈپەتلەر كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ ساھىپسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھنى ئىنكار قىلغان بىرسى، ئاۋال ھاياتسىز ۋە ئۆزىدىنمۇ خەۋىرى بولمىغان بۇلۇتنىڭ، ئاللاھنىڭ ئىلمىدەك بىر ئىلىمگە، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدەك بىر قۇدرەتكە، ئاللاھنىڭ ھىكمىتىدەك بىر ھىكمەتكە، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدەك بىر رەھمەت ۋە ئاللاھقا خاس بولغان باشقا ئىسىم ۋە سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك. شۇندىلا ئۆزىنىڭ كۇفۇر ئېتىقادىدا داۋام قىلىپ، بۇ ئېتىقادى بىلەن بۇلۇتنى ئۆزىنىڭ ئىلاھى دەپ تونۇيالايدۇ. چۈنكى ئىلاھ، يۇقىرىدا سانىغان ئىسىم ۋە سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان بىر زاتتۇر. بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنى كىمدە بار دەپ تونۇسا، شۇنى ئىلاھ دەپ تونۇغان بولىدۇ. باشتا بايان قىلغان مىسالدىكى قۇياشنى ئىنكار قىلغان كىشى، ئەينەكنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي بىر قۇياشنىڭ بارلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولاتتى. چۈنكى بۇنداق كۈچلۈك نۇرغا ئىگە بولغان نەرسە قۇياش دېيىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەينەك ھۆكمىدىكى پۈتۈن نەرسىلەردە جىلۋىلەنگەن ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنى كىمنىڭ دەپ قۇبۇل قىلسا، شۇنى ئۆزىنىڭ ئىلاھى دەپ تونۇغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ ساھىبى ئىلاھ دېيىلىدۇ.

بىز پەقەت يامغۇرغا ۋە ئۇنىڭدا تەجەللى قىلغان ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ بەزىلىرىگە نەزەر سالدۇق. ئەمدى سىز بۇ كائىناتقا نەزەر سېلىپ بېقىڭ، ئۇنىڭدا تەجەللى قىلغان ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنى كۆزىتىڭ، ئاندىن ئۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەرگە ئىگە بولالايدىغان بىر سەنئەتكارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئويلىنىڭ. ئاسمانلارغا، دېڭىزلارغا، سەھرالاردا نەزەر سېلىڭ. ئالەمدە سىز قارىمىغان ھېچبىر بۇلۇڭ قالمىسۇن. ئەجىبا، كائىناتتا كۆرۈنىۋاتقان چەكسىزلىگەن ئىسىم ۋە سۈپەتلەرگە ساھىپ بولالايدىغان، ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟

 

1040قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir