ئىلاھىي پىئىل دىگەن نېمە؟

ئىلاھىي پىئىل دىگەن نېمە؟

ئىلاھىي پىئىل دىگەن نېمە؟

  سەرىف ۋە نەھىۋ ئىلىملىرىگە قارىتا، ئۆتمۈش زامان(مازىي)، ھازىرقى زامان(ھال) ۋە كىلەچەك زامانلار(ئىستىقبال)دا قىلىنغان ئىش ۋە ھەرىكەتلەرگە ”پىئىل“ دېيىلىدۇ.

  كەلام ئىلمى ئىستىلاھىي ئاتالغۇسىغا قارىتا، مۇقەددەس بولغان ئىلاھىي زاتىنىڭ زۈرۈرىي لازىمى بولمىغان، مەخلۇقاتلارنى ياراتقان ۋە ئىدارە قىلغان(باشقۇرغان)ۋاقىتتا كۆرۈنگەن ۋە ئۆزىگە نىسبەت قىلىنغان، سەلبىي سۈپەتلەر ۋە سۇبۇتىي سۈپەتلەرنىڭ خارىجىدىكى پۈتۈن سۈپەتلەرگە ۋە ماستارلارغا ”ئىلاھىي پىئىل“ دېيىلىدۇ.

  ”ئىھيا(تىرىلدۈرۈش)، ئىماتە(ئۆلتۈرۈش)، خەلىق(يارىتىش)، بائىس(كۆرۈش)، تەرزىق(رىزىقلاندۇرۇش)،   ھېكمەت، ئادالەت“كە ئوخشاش. مەسىلەن: ئادالەت بىلەن ئىش قىلغىندا ”ئادالەت“ پىئىلى؛ ھېكمەتلىك ئىش قىلغىنىدا ”ھېكمەت“ پىئىلى كۆرىنىدۇ ۋە بۇ پىئىللەر شۇئانلا ئاللاھقا نىسبەت قىلىنىدۇ.

 ئىلاھىي پىئىل كائىناتقا تەئەللۇق قىلغان ۋاقىتتا مەيدانغا كىلىدۇ ۋە كۆرىنىشلىرى شۇئانلا چۈشىنىلىدۇ. مەسىلەن: جانابى ھەق، ”مۇھيى“ ئىسمى بىلەن تەجەللى قىلغان ۋاقىتتا ”ئىھيا“ پىئىلى بىلىنىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.