يارىتىلىشمىزدىكى ئەڭ يۈكسەك غايە

قەتئىييەن بىلگىنكى، يارىتىلىشنىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىسى ۋە فىتراتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن نەتىجىسى «ئىمانى بىللاھ»(اﷲقا ئىمان)دۇر. ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەرتىۋىسى ۋە ئەڭ بۈيۈك ماقامى، ئىمانى بىللاھ ئىچىدىكى «مەرىفەتۇللاھ»تۇر. جىن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ پارلاق سائادىتى ۋە ئەڭ تاتلىق نېئمىتى، ئۇ مەرىفەتۇللاھ ئىچىدىكى    «مۇھەببەتۇللاھ»تۇر. ھەمدە ئىنسان روھى ئۈچۈن ئەڭ خالىس خۇشاللىق ۋە ئىنسان قەلبى ئۈچۈن ئەڭ ساپ سۆيۈنچ، ئۇ مۇھەببەتۇللاھ ئىچىدىكى «روھانىي لەززەت»تۇر

شۇنداق، بارلىق ھەقىقىي سائادەت، خالىس خۇشاللىق، شىرىن نېئمەت ۋە ساپ لەززەت ئەلۋەتتە مەرىفەتۇللاھ ۋە مۇھەببەتۇللاھتىدۇر. ئۇلار بۇلارسىز بولالمايدۇ. جانابى ھەقنى تونۇغان ۋە سۆيگەنلەر چەكسىز سائادەتكە، نېئمەتكە، نۇرلارغا ۋە سىرلارغا يا ھېسسىي جەھەتتىن، ياكى پېئىلىي جەھەتتىن نائىلدۇر. ئۇنى ھەقىقىي تونۇمىغان ۋە سۆيمىگەنلەر چەكسىز بەختسىزلىككە، ئەلەملەرگە، ۋەھىمىلەرگە مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن مۇپتىلا بولىدۇ

شۇنداق، شۇ پەرىشان دۇنيادا، ئاۋارە ئىنسانىيەت ئىچىدە، مېۋىسىز بىر ھاياتتا، ئىگىسىز، ھامىيسىز بىر شەكىلدە، ئاجىز، مىسكىن بىر ئىنسان پۈتۈن دۇنيانىڭ سۇلتانى بولغان تەقدىردىمۇ قانچە تىيىنغا ئەرزىيدۇ؟ مانا شۇ ئاۋارە ئىنسانىيەت ئىچىدە، بۇ پەرىشان فانىي دۇنيادا، ئىنسان ئىگىسىنى تونۇمىسا، مالىكىنى تاپمىسا، نەقەدەر بىچارە سەرگەردان بولىدىغانلىقىنى ھەركىم چۈشىنىدۇ. ئەگەر ئىگىسىنى تاپسا، مالىكىنى تونۇسا، ئۇ چاغدا رەھمىتىگە ئىلتىجا قىلىدۇ، قۇدرىتىگە تايىنىدۇ. ئۇ ۋەھشەتگاھ دۇنيا بىر سەيلىگاھقا ئۆزگىرىدۇ ۋە بىر تىجارەتگاھ بولىدۇ

بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى

892قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir