ئىنساننى زالالەت-ئازغۇنلۇقلارغا باشلايدىغان نەپسىنىڭ شەررىدىن ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسى نىمە؟

سۇئال: ئىنساننى زالالەتئازغۇنلۇقلارغا باشلايدىغان نەپسىنىڭ شەررىدىن ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسى نىمە؟

  قۇرئان، پۈتمەستۈگىمەس چەكسىز مەنىلىرى بولغان بىر خەزىنىدۇر. قۇرئان شۇنداق بىر كالامدۇركى، ئەڭ ئاۋام مۇئمىندىن تارتىپ «بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى، ئىمام غازالى، ئىمام راببانى»دەك ئۇممەت ئىچىدىن چىققان ئەسفىيائالىملارغىچە، تاكى ساھابىلەرگە قەدەر ھەر كىشىنىڭ قۇرئاندىن ئالىدىغان ئايرىمئايرىم ئۈلۈشىلىرى بار.

  مۇئەللىپ بەدىئۇززامان(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) شۇنداق دەيدۇ: «ھەم قۇرئان توغرا يولغا باشلاش جەھەتتىن شۇنداق بىر ئومۇمىلىقىقا ئىگە بولۇپ، ئوخشاش بىر دەرسىتە ھەزرىتى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىر كىچىك نارسىدە بالا بىلەن بىرگە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىرلىكتە ئۇ دەرسنى ئاڭلايدۇ، ئۆز ئۈلۈشلىرىنى ئالىدۇ؛ ئەڭ ئاۋام بىر ئوقۇغۇچى بىلەن ۋە ئىبنى سىنادەك داھى پەيلاسوپمۇ بىرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئوخشاش بىر دەرىستىن تەلىم ئالىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئۇ ئاۋام كىشى قۇۋۋەت ۋە ئىمانىدىكى پاكلىق جەھەتتە ئىبنى سىنادىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ئالالايدۇ.»[1]

  دېمەك،«ئەدىللەئى شەرئىييە »(شەرئى دەلىللەر) دېيىلدىغان «كىتاپ، سۈننەت، ئىجما ۋە فىقھى ئالىملارنىڭ قىياسى »نى ئۆزىگە رەھبەر قلغان ئەۋلىيالار، سالامەت يولنى تاپقان ۋە ئىستىقامەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغان، رىزايى بارىغا نائىل بولغان-ئاللاھ رىزاسىنى قازانغان. بۇ شەرئى دەلىللەرنى رەھبەر قىلمىغانلار بولسا، يا ئىفرات(چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن) ۋەياكى تەفرىت(چەكتىن كېمەيتىۋەتكەن)يولىدا، يېڭى بىدئەتلەرنى ئىجاد قىلغان ۋە ئىستىقامەتلىك توغرا يولنى تاپالمىغان. (ئەگەر مۇھەببەت بولمىسا، ئۇ ۋاقىت ئۆز نەپسى ۋە شەيتىنى ۋە سىرىتتىكى شەيتانلارنىڭ ئېتىرازلىرى ئىچىدە قايمۇقۇپ قالىدۇ. قەھرىمانلارچە چىڭمەھكەم تۇرالىشى ۋە قۇۋۋەتلىك ئىمانى ۋە ھەر دائىم ئۆتكۈر نەزەرلىك بولالىشى لازىم بولىدۇكى، شۇندىلا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالايدۇ.) ئەھلى تەسەۋۋۇپ، مۇھەببەتۇللاھ، مۇھەببىتى كەلامۇللاھ ۋە مۇھەببىتى رەسۇلۇللاھ پىرىنسىپىنى ئاساس تۇتمىسا، تەھلىكىلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇ يولدا ماڭغان كىشىنى ئىچكى دۇشمەن «نەپىس ۋە شەيتان»، سىرىتقى دۇشمەن «دۇنيا ۋە يامان دوسىت» داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ راھەت قويمايدۇ. ئۇ كىشمۇ، ئۇ دۈشمەنلەرگە قارشى ئېلىپ بارىدىغان كۆرىشى ۋە جىھادىنى، كىتاپ ۋە سۈننەتكە ئەگىشىپ داۋاملاشتۇرسا، ئىمتىھاندا يېڭىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش دۇشمەنلەرنىڭ دەسىسە ۋە ۋەسۋەسىلىرىدىن، ھېلەمىكىرلىرىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ چىقىشنىڭ چارىسى، «مۇھەببەتتۇر». بۇ يولدا ماڭغان كىشى «ئىخلاس» بىلەن شېرىكتىن قۇتۇلىدۇ. مۇھەببەت ئارقىلىق ئېتىراز قىلىشتىن قۇتۇلىدۇ. كىشىلەرنىڭ يامان سۆزئىغۋالىرى ۋە جان سىقىشلىرىدىن قۇتۇلىدۇ. ئۇلارغا پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بىر مەھبۇبى ۋە كۆزلەيدىغان نىشانى بارئۇ بولسىمۇ ئاللاھتۇر. ئۇنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ھىچ بىر نەرسىگە پىسەنىت قىلماستىن شېھىتلەر ۋە غازىلارغا ئوخشاش كۆزلىگەن نىشانى بولغان ئاللاھ يولىدا ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ.

   (دېمەك، بۇ سىرغا بىنائەن، ئەۋلىيالىق مەرتىۋىلىرى يولىدا، مەرىپەتۇللاھتىن كەلگەن مۇھەببەت، ئەڭ مۇھىم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئەڭ تىز تەسىر قىلغۇچى ئامىل ھېساپلىنىدۇ) شۇنىڭ ئۈچۈن تەسەۋۋۇپ ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى، « ۋەدۇد » ئىسمىنىڭ جىلۋىسىگە مەزھەر يەنى ئىگە بولغان. مۇئەللىپ(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) شۇنداق دەيدۇ: «مىڭبىر ئىلاھى ئىسىملارنىڭ ھەر بىرسىدە چەكسىز ھۆسۈن، جامال، پەزىلەت ۋە كامالىتى بار بولغىنىدەك، ھەددىھېساپسىز مۇھەببەت، ئىپتىخار، ئىززەت ۋە كىبرىيا(بۈيۈكلۈك) مەرتىۋىلىرىمۇ بار. شۇڭلاشقا “ۋەدۇد” ئىسمىغا مەزھەر بولغان

  مىڭبىر ئىلاھى ئىسىملارنىڭ ھەر بىرىسىدە بەك كۆپ «ھۆسۈن، جامال، پەزىل ۋە كامال تەبىقىلىرى بولغىنىدەك، ناھايتى كۆپ بولغان مۇھەببەت، ئىپتىخار، ئىززەت ۋە كىبرىيا مەرتىۋىلىرى بار.»

  مانا، شۇڭلاشقا «ۋەدۇد»ئىسمىغا نائىلمەزھەر بولغان مۇھەققىق ئەۋلىيالار: « پۈتۈن كائىناتنىڭ مايەسىھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى مۇھەببەتتۇر. پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ھەرىكىتىمۇھەببەتتۇر. پۈتۈن مەۋجۇداتتىكى شىددەتلىك ئىشتىياق-ئىنجىزاپ، غەرىق-جەزبە ۋە جەزىبدارلىق-جازىبە قانۇنلىرىمۇھەببەتتىن بولىدۇ.» دېگەن ئىكەن. ئۇلاردىن بىرسى دەپتۇ:

«ﻓَﻠَﻚْ ﻣَﺴْﺖْ ﻣَﻠَﻚْ ﻣَﺴْﺖْ ﻧُﺠُﻮﻡْ ﻣَﺴْﺖْ ﺳَﻤَﻮَﺍﺕْ ﻣَﺴْﺖْ ﺷَﻤْﺲْ ﻣَﺴْﺖْ ﻗَﻤَﺮْ ﻣَﺴْﺖْ ﺯَﻣِﻴﻦْ ﻣَﺴْﺖْ ﻋَﻨَﺎﺻِﺮْ ﻣَﺴْﺖْ ﻧَﺒَﺎﺕْ ﻣَﺴْﺖْ ﺷَﺠَﺮْ ﻣَﺴْﺖْ ﺑَﺸَﺮْ ﻣَﺴْﺖْ ﺳَﺮَﺍﺳَﺮْ ﺫِﻯ ﺣَﻴَﺎﺕْ ﻣَﺴْﺖْ ﻫَﻤَﻪ ﺫَﺭَّﺍﺕِ ﻣَﻮْﺟُﻮﺩَﺍﺕْ ﺑَﺮَﺍﺑَﺮْ ﻣَﺴْﺖْ ﺩَﺭْﻣَﺴْﺘَﺴْﺖْ»

  يەنى: « ئىلاھى مۇھەببەتنىڭ تەجەللى قىلىشىدىن ۋە ئۇ مۇھەببەت شارابىدىن ئىچكەن ھەركىشى، ئىستىداتقابىلىيىتىگە قارىتا مەسىت بولىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، ھەر قەلىپ ئۆزىگە ئېھسان قىلغاننى سۆيىدۇ ۋە ھەقىقى كامالەتكە مۇھەببەت بىرىدۇ ۋە شۇنداقلا ئەڭ يۈكسەك جامالغا مەپتۇن بولىدۇ. ئۆزى بىلەن بىرگە سۆيگەن ۋە شەپقەت كۆرسەتكەن پۈتۈن زاتلارغىمۇ ئوخشاشلا كىم ئېھسان قىلغان بولسا ئۇنى تېخىمۇ بەك سۆيىدۇ. ئەجىبا، يۇقارىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەر بىر ئىسمىدە مىڭلارچە ئېھسان دەپىنەخەزىنىلىرى بولغان، پۈتۈن سۆيگەنلىرىمىزنى ئېھساناتياخشىلىقلىرى بىلەن سۆيۈندۈردىغان يەنى مەسئۇت قىلغان، ۋە مىڭلارچە كامالاتنىڭ مەنبەسى بولغان، مىڭلارچە جامال تەبىقىلىرىنىڭ مەدارىمۇھىم نوقتىسى بولغان، مىڭبىر ئەسمائىسىملار بىلەن ئاتالغان جەمىلى زۈلجەلال ۋە مەھبۇبى زۈلكامال نە قەدەر ئاشىق ۋە مۇھەببەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى؛ ۋە پۈتۈن كائىنات، ئۇنىڭ مۇھەببىتى بىلەن مەسىت ۋە سەرگەردان بولۇپ كىتىشكە ئەرزىيدىغان ئىكەنلىكى چۈشىنىلمەمدۇ؟ دېمەك، بۇ سىر ئۈچۈندۇركى، ’ۋەدۇد‘ ئىسمىغا مەزھەرنائىل بولغان بىر قىسىم ئەۋلىيا، ’جەننەتنىمۇ خالىمايمىز. ئىلاھى مۇھەببەتنىڭ بىر لەمئاسى چاقنىقى، بىزگە ئەبەدى كافىكۇپايە‘ دېيىشكەنىكەن[2]

  خۇلاسە: رۇھانى سەيرى سۇلۇك قىلىشتا تەرەققى قىلىشنى خالىغان كىشى، ئىككى نەرسىنى ئاساس قىلىشى لازىمدۇر.

  بىرى: «ئىخلاستۇر. يەنى رىزايى بارىدىن يەنى ئاللاھ رىزاسىدىن ئايرىلماي ھەرىكەت قىلىشتۇر. ھەقنىڭ رىزاسىنى، خەلىقنىڭ رىزاسىدىن داۋاملىق تۈردە ئەلا كۆرۈش ئۈستۈن بىلىشتۇر. جانجاناننىڭ بولسۇنكى، نېمە دېسىە دەۋەسۇن!دەپ ئويلىنشتۇر. يا رەببى سەن بىزلەردىن رازى بولغىن!»

  يەنە بىرى: «مۇھەببەتۇللاھ، مۇھەببىتى كالامۇللاھ ۋە مۇھەببىتى رەسۇلۇللاھتۇر

————————————————–

[1]19-مەكتۇپ، 18-نوقتىلىق ئىشارەت، 174-بەت؛

[2]32-سۆز،2-مەۋقىف،4-رەمىز،583-584بەت؛

833قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir