ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەم بىر خىزمەتچى ھەم بىر مېھمانمۇ؟سىزنىڭچە قانداق؟

   بەشىنچى نۇكتە: ئىنسان شۇ دۇنياغا بىر خىزمەتچى ۋە مېھمان قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. كۆپلىگەن مۇھىم قابىلىيەتلەر ئۇنىڭغا بېرىلگەن. قابىلىيىتىگە قارىتا مۇھىم ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن. ئىنسانغا ئۇ غايە ۋە ئۇ ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تەشۋىقلەر (قىزىقتۇرۇشلار) ۋە دەھشەتلىك تەھدىتلەر قىلىنغان. «ئەھسەنە تەقۋىم» سىرىنىڭ چۈشىنىلىشى ئۈچۈن، بىز باشقا يەردە ئىزاھ قىلغان ئىنسانىيەت ۋەزىپىسىنىڭ ۋە ئىبادەتنىڭ ئاساسلىرىنى بۇ يەردە قىسقىچە يىغىنچاقلايمىز:

   ئىنسان شۇ كائىناتقا كەلگەندىن كېيىن «ئىككى جەھەت» بىلەن ئىبادىتى بار.

   بىرىنچى جەھەت: غەيبى شەكىلدىكى بىر ئىبادىتى ۋە بىر تەپەككۈرى بار.

   يەنە بىرى: توغرىدىنتوغرا خىتاپ قىلىش سۈرىتىدە بىر ئىبادىتى، بىر دۇئاسى بار.

   بىرىنچى جەھەت شۇدۇركى، كائىناتتا كۆرۈنگەن رۇبۇبىيەت سەلتەنىتىنى ئىتائەتچانلىق بىلەن تەستىق قىلىپ، كامالەتلىرى ۋە گۈزەللىكلىرىنى ھەيرانلىق بىلەن كۆزىتىشتۇر.

   كېيىن ﷲنىڭ مۇقەددەس ئىسىملىرىنىڭ نەقىشلىرىدىن ئىبارەت بولغان بەدىئىي سەنئەت ئەسەرلىرىنى بىربىرىگە كۆرسىتىپ ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلان قىلىشتۇر.

   ئاندىن ھەربىرى بىردىن يوشۇرۇن مەنىۋى خەزىنە ھۆكمىدە بولغان رەببانىي ئىسىملارنىڭ ماھىيىتىنى ئەقىل تارازىسى بىلەن تارتىش، قەدىرقىممەتنى بىلگۈچى قەلب ئارقىلىق مەدھىيىلەپ باھا بېرىشتۇر.

   ئاندىن قۇدرەت قەلىمىنىڭ خەتلىرى ھۆكمىدە بولغان مەۋجۇدات بەتلىرىنى، زېمىن ۋە ئاسمان سەھىپىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەيرانلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىشتۇر.

   ئاندىن شۇ مەۋجۇداتلاردىكى ھۆسنلەرنى ۋە نازۇك سەنئەتلەرنى مەدھىيىلەپ كۆزىتىش ئارقىلىق چەكسىز گۈزەللىك ئىگىسى بولغان ياراتقۇچىنى تونۇشقا ئىنتىلىش، ئۇلارنىڭ چەكسىز كامالەت ئىگىسى بولغان سەنئەتكارىنىڭ ھوزۇرىغا چىقىش ۋە ئىلتىپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشتىياق كۆرسىتىشتۇر.

   ئىككىنچى جەھەت بولسا، توغرىدىنتوغرا خىتاپ قىلىش دەرىجىسى بولۇپ، ئەسەردىن ئەسەر ئىگىسىگە ئۆتىدۇ. كۆرىدۇكى، چەكسىز ھەيۋەت ئىگىسى بولغان سەنئەتكار ياراتقۇچى ئۆز سەنئەتلىرىنىڭ مۆجىزىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇتۇش ۋە بىلدۈرۈشنى خالايدۇ. ئۇمۇ ئىمان بىلەن، تونۇش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

   كېيىن كۆرىدۇكى، بىر رەھىملىك ياراتقۇچى، رەھمىتىنىڭ گۈزەل مېۋىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى سۆيدۈرۈشنى خالايدۇ. ئۇمۇ مۇھەببىتىنى تامامەن ئۇنىڭغا بېغىشلاش، ئىبادىتىنى پەقەت ئۇنىڭغىلا يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇنىڭغا سۆيدۈرىدۇ.

   ئاندىن كۆرىدۇكى، چەكسىز مەرد بولغان بىر نىمەت بەرگۈچى ئۇنى ماددى ۋە مەنىۋى نىمەتلەرنىڭ لەززەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن، ھەرىكەت، ئەھۋال ۋە سۆزلىرى ئارقىلىق، ھەتتا قولىدىن كەلسە بارلىق سېزىملىرى بىلەن شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانا قىلىدۇ.

   ئاندىن كۆرىدۇكى، چەكسىز گۈزەللىك ۋە ھەيۋەت ئىگىسى بولغان بىر زات شۇ مەۋجۇدات ئەينەكلىرىدە ئۇلۇغلۇق ۋە كامالەتلىرىنى، ھەيۋەت ۋە گۈزەللىكلىرىنى ئىزھار قىلىپ دىققەتنى جەلپ قىلىدۇ. ئۇمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «ﷲ ئەكبەر، سۇبھاناللاھدەپ، مەھۋىيەت (تۆۋەنچىلىك) ئىچىدە ھەيرانلىق ۋە مۇھەببەت بىلەن سەجدە قىلىدۇ.

   ھۆرمەت ۋە سانا ئىچىدە مۇھتاجلىقىنى دەل ھېس قىلىپ تىلەيدۇ ۋە ئاندىن كۆرىدۇكى، بىر چەكسىز بايلىق ئىگىسى، چەكسىز ساخاۋىتى ئىچىدە ھېساپسىز بايلىق ۋە خەزىنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن، سورايدۇ.

   ئاندىن كۆرىدۇكى، ئۇ ئۇلۇغ ياراتقۇچى، يەر يۈزىنى بىر كۆرگەزمىگە ئوخشاش تەييارلاپ، ھەيران قالدۇرىدىغان بارلىق سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۇ يەردە يايغان. ئۇمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن «ماشائاللاھ» دەپ تەقدىرلەپ، «بارەكەللاھ» دەپ ئالقىشلاپ، «سۇبھاناللاھ» دەپ ھەيران بولۇپ، «ﷲ ئەكبەردەپ ئۇلۇغلايدۇ.

   ئاندىن كۆرىدۇكى، ۋاھىدى ئەھەد بولغان (بىر بولغان) ﷲ شۇ كائىنات سارىيىدا تەقلىد قىلىنماس تامغىلىرى، ئۇنىڭغا خاس ئىمزالىرى، ئۇنىڭغىلا مەخسۇس مۆھۈرلىرى، ئۇنىڭغىلا يارىشىدىغان پەرمانلىرى بىلەن بارلىق مەۋجۇداتقا بىرلىك تامغىسىنى قويىدۇ. تەۋھىد دەلىللىرىنى نەقىشلەيدۇ. پۈتۈن ئالەمنىڭ ھەر تەرىپىدە بىرلىكنىڭ بايرىقىنى قادايدۇ ۋە رۇبۇبىيىتىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن تەستىق بىلەن، ئىمان بىلەن، تەۋھىد بىلەن، ئىتائەت بىلەن، شاھادەت بىلەن، ئىبادەت بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

   مانا بۇ خىل ئىبادەت ۋە تەپەككۇرلار بىلەن ھەقىقىي ئىنسان بولىدۇ. ئەھسەنە تەقۋىمدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىماننىڭ بەرىكىتى بىلەن ئامانەتكە لايىق زېمىننىڭ ئىشەنچلىك خەلىپىسى بولىدۇ.

   ئەي ئەھسەنە تەقۋىمدە يارىتىلغان ۋە ئىختىيارىنى يامانغا قوللىنىش ئارقىلىق ئەسفەلە سافىلىن تەرىپىگە يول ئالغان غافىل ئىنسان! ماڭا قۇلاق سال، مەنمۇ سېنىڭدەك ياشلىق مەستلىكى بىلەن، غەپلەت ئىچىدە دۇنيانى ياخشى ۋە گۈزەل كۆرگەنىدىم. ياشلىق مەستلىكىدىن قېرىلىق ئەتىگىنىدە ھۇشۇمنى تاپقان ۋاقتىمدا مەن گۈزەل دەپ بىلگەن دۇنيانىڭ ئاخىرەتكە قارىمىغان يۈزىنى نەقەدەر ناچار كۆرگەنلىكىمنى ۋە ئاخىرەتكە قارىغان ھەقىقىي يۈزىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلگىڭ كەلسە، ئون يەتتىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى مەرتىۋىسىنىڭ 219، 220بەتلىرىدە يىزىلغان ئىككى ھەقىقەت لەۋھەلىرىگە قارا، سەنمۇ كۆر.

   بىرىنچى لەۋھە: زالالەتتىكىلەرگە ئوخشاش، بىراق مەست بولماستىن، مەن بۇرۇنلاردا غەپلەت پەردىسى ئارقىلىق كۆرگەن غەپلەتتە يۈرگەنلەرنىڭ دۇنياسىنىڭ ھەقىقىتىنى تەسۋىرلەيدۇ.

   ئىككىنچى لەۋھە: ھىدايەتتىكىلەر (ھەق يولدىكىلەر) ۋە ئۆزلىرىنى ھەر دائىم ﷲنىڭ ھوزۇرىدا ھېس قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيالىرىنىڭ ھەقىقىتىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بۇرۇن قانداق يېزىلغان بولسا شۇ پېتىچە قويدۇم. شېئىرغا ئوخشايدۇ. بىراق شېئىر ئەمەس

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

﴿رَبِّ اشْرَحْ لِى صَدْرِى وَيَسِّرْ لِى اَمْرِى وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِنْ لِسَانِى يَفْقَهُوا قَوْلِى﴾

(تاھا:2528)

اَللّهُمَّ صَلِّ وَ سَلِّمْ عَلَى الذَّاتِ الْمُحَمَّدِيَّةِ اللَّطِيفَةِ اْلاَحَدِيَّةِ شَمْسِ سَمَاءِ اْلاَسْرَارِ وَ مَظْهَرِ اْلاَنْوَارِ وَ مَرْكَزِ مَدَارِ الْجَلاَلِ وَ قُطْبِ فَلَكِ الْجَمَالِ اَللّهُمَّ بِسِرِّهِ لَدَيْكَ وَ بِسَيْرِهِ اِلَيْكَ آمِنْ خَوْفِى وَ اَقِلْ عُثْرَتِى وَ اَذْهِبْ حُزْنِى وَ حِرْصِى وَ كُنْ لِى وَ خُذْنِى اِلَيْكَ مِنِّى وَ ارْزُقْنِى الْفَنَاءَ عَنِّى وَ لاَ تَجْعَلْنِى مَفْتُونًا بِنَفْسِى مَحْجُوبًا بِحِسِّى وَاكْشِفْ لِى عَنْ كُلِّ سِرٍّ مَكْتُومٍ يَا حَىُّ يَا قَيُّومُ يَا حَىُّ يَا قَيُّومُ يَا حَىُّ يَا قَيُّومُ وَ ارْحَمْنِى وَارْحَمْ رُفَقَائِى وَ ارْحَمْ اَهْلِ اْلاِيمَانِ وَ الْقُرْآنِ آمِينَ يَا اَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَ يَا اَكْرَمَ اْلاَكْرَمِينَ

وَ آخِرُ دَعْوَيهُمْ اَنِ الْحَمْدُ لِلّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ

655قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir