ئىنسان كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ، سىزچە توغرىمۇ؟

ئىنسان كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ، سىزچە توغرىمۇ؟

   تۆتىنچى نۇكتە: ئىنسان شۇ كائىنات ئىچىدە ناھايىتى نازۇك، نازدار بىر كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ. كۈچسىزلىكىدە چوڭ بىر قۇۋۋەت، ئاجىزلىقىدا چوڭ بىر قۇدرەت باردۇر. چۈنكى، ئۇ كۈچسىزلىكنىڭ قۇۋۋىتى ۋە ئاجىزلىقنىڭ قۇدرىتى نەتىجىسىدە شۇ مەۋجۇداتلار ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان. ئەگەر ئىنسان كۈچسىزلىكىنى چۈشىنىپ، تىلى، ئەھۋالى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇئا قىلسا، ھەمدە ئاجىزلىقىنى بىلىپ ياردەم تىلىسە، بويسۇندۇرۇلغان نەرسىلەر ئۈچۈن شۈكۈر قىلغان بولۇش بىلەن بىرگە، تىلىكىگە شۇ دەرىجىدە مۇۋەپپەق بولىدۇ ۋە مەقسەتلىرى شۇ دەرىجىدە ئىتائەت قىلدۇرىلىدۇكى، ئۆز ئىقتىدارىغا قالسا ئۇنىڭ مىڭدىن بىرسىگىمۇ ئېرىشەلمەيتتى. بىراق ئىنسان بەزىدە ئەھۋال تىلى بىلەن قىلغان دۇئاسى ئارقىلىق ھاسىل بولغان نەتىجىنى خاتا ھالدا ئۆز ئىقتىدارىنىڭ مېۋىسى دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: چۆجىنىڭ ئاجىزلىقىدىكى قۇۋۋەت توخۇنى شىرغا ئېتىلدۇرىدۇ. يېڭىلا دۇنياغا كەلگەن شىرنىڭ بالىسى، ئۇ يىرتقۇچ ۋە ئاچ شىرنى ئۆزىگە باش ئەگدۈرۈپ، ئۇنى ئاچ قويۇپ، ئۆزى توق بولىدۇ. دىققەت تارتىدىغان نۇقتا: ئاجىزلىقتىكى بىر قۇۋۋەت ۋە ھەيران قالارلىق بىر رەھمەت جىلۋىسى….

   نازدار بىر كىچىك بالا يىغىسى بىلەن ياكى تىلەش بىلەن ۋە ياكى بىچارە ھالى بىلەن ئارزۇئىستەكلىرىگە شۇنداق مۇۋەپپەق بولىدۇكى، ھەمدە چوڭلار ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق ئىتائەت قىلدۇرىلىدۇكى، ئۇ ئارزۇئىستەكلەردىن مىڭدىن بىرىگىمۇ مىڭ ھەسسە ئارتۇق قۇۋۋىتى بىلەن يېتىشەلمەيتتى. دېمەك، كۈچسىزلىك ۋە ئاجىزلىق ئۇنىڭغا قارىتا شەپقەت ۋە مۇھاپىزەت قىلىش تۇيغۇسىنى قوزغىتالىغانلىقى ئۈچۈن كىچىككىنە بىر بارمىقى بىلەن قەھرىمانلارنىمۇ ئۆزىگە باش ئەگدۈرىدۇ. ئەگەر شۇنداق بىر كىچىك بالا ئۇ شەپقەت ۋە مۇھاپىزەتنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئەخمەقلەرچە بىر تەكەببۇرلۇق بىلەن: «مەن قۇۋۋىتىم ئارقىلىق بۇلارنى باش ئەگدۈرىۋاتىمەندېسە ئەلۋەتتە كاچات يەيدۇ.

   ئىنسانمۇ ياراتقۇچىسىنىڭ رەھمىتىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ھىكمىتىنى ھاقارەتلەيدىغان بىر شەكىلدە نىمەتلەرگە قارىتا تۇزكورلۇق قىلغان ھالدا قارۇنغا ئوخشاش ﴿اِنَّمَا اُوتِيتُهُ عَلَى عِلْمٍ﴾(قەسەس:78) يەنى: «مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلىمى ۋە ئىقتىدارى ئارقىلىق تاپتىم» دېسە، ئەلۋەتتە ئۆزىنى ئازاپ كاچىتىغا لايىق قىلىدۇ.

   دېمەك، ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى سەلتەنىتى، تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى ماددى مەدەنىيىتى، قۇۋۋەت ئارقىلىق، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئارقىلىق ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ئۇنىڭ كۈچسىزلىكى ئۈچۈن ئىتائەت قىلدۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىنغان، ئۇنىڭ مۇھتاجلىقى ئۈچۈن ئېھسان قىلىنغان، ئۇنىڭ نادانلىقى ئۈچۈن ئىلھام قىلىنغان، ئۇنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىلتىپات كۆرسىتىلگەن. يەنى ئۇ سەلتەنەتنىڭ كېلىش سەۋەبى، قۇۋۋىتى ۋە ئىلمىي ئىقتىدارى ئەمەس، بەلكى رەببانىي شەپقەت ۋە مەرھەمەت، ھەمدە ئىلاھىي رەھمەت ۋە ھىكمەت بولۇپ، كۆپ نەرسىنى ئۇنىڭغا خىزمەتكار قىلغاندۇر.

   شۇنداق، كۆزسىز بىر چايان ۋە پۇتسىز بىر يىلاندەك ھاشارەتكە مەغلۇپ بولغان ئىنسانغا، بىر كىچىك قۇرتتىن يىپەكنى كىيگۈزگەن ۋە زەھەرلىك ھەرىدىن ھەسەلنى يىگۈزگەن، ئۇنىڭ ئىقتىدارى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ مېۋىسى بولغان رەببىنىڭ باش ئەگدۈرىشى ۋە مېھرىبان ﷲنىڭ ئېھسانىدۇر.

   ئەي ئىنسان! ھەقىقەت ئەنە شۇنداق. ئۇنداقتا ھاكاۋۇرلۇق ۋە مەنمەنچىلىكنى تاشلا. ﷲنىڭ دەرگاھىدا ئاجىزلىق ۋە كۈچىسزلىكىڭنى ياردەم تىلەش تىلى بىلەن، مۇھتاجلىق ۋە ئېھتىياجلىرىڭنى يالۋۇرۇش ۋە دۇئا تىلى بىلەن ئېلان قىل، ھەمدە قۇل ئىكەنلىكىڭنى كۆرسەت ۋە ﴿حَسْبُنَا اللّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ﴾(ئالى ئىمران:173) دە، ئۆرلە.

   ھەم «مېنىڭ ھېچبىر قىممىتىم يوق. بۇ كائىناتنىڭ(مەۋجۇداتنىڭ) بىر چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى تەرىپىدىن ماڭا ئىتائەت قىلدۇرىلىشىدا ۋە مەندىن ئومۇمى بىر شۈكۈر خالىنىلىشىدا مېنىڭ نېمە ئەھمىيىتىم بار ئىكەن؟دېمە. چۈنكى سېنىڭ نەفىس ۋە سۈرىتىڭ ئېتىبارى بويىچە ھېچ قەدرىڭ يوق. بىراق، ۋەزىپە ۋە مەرتىۋە نۇقتىسىدىن، سەن شۇ ھەشەمەتلىك كائىناتنىڭ دىققەتلىك بىر كۆزەتكۈچىسى، شۇ ھىكمەتلىك مەۋجۇداتلارنىڭ ناھايىتى گۈزەل سۆزلىگەن بىر تىلى، شۇ ئالەم كىتابىنىڭ ئەقىللىق مۇھاكىمىچىسى، شۇ تەسبىھ قىلىۋاتقان مەخلۇقاتلارنىڭ ھەيران قالارلىق بىر رەئىسى ۋە شۇ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بىر يېتەكچىسى ھېساپلىنىسەن.

   شۇنداق، ئەي ئىنسان! سەن ئۆسۈملۈكلەرچە بەدىنىڭ ۋە ھايۋانلارچە نەفسىڭ جەھەتى بويىچە كىچىككىنە بىر پارچە، قەدىرسىز بىر بارلىق، يوقسۇل بىر مەخلۇق، ئاجىز بىر جانلىق بولۇپ، قورقۇنچ بېرىپ، ئېقىپ كېتىۋاتقان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ دولقۇنلىرى ئىچىدە چايقىلىپ كېتىپ بارىسەن. بىراق ئىلاھىي مۇھەببەت زىيالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلانغان ئىسلامىيەت تەربىيىسى ئارقىلىق مۇكەممەللەشسەڭ، ئىنسانىيەت جەھەتى بويىچە، قۇللۇقۇڭ ئىچىدە بىر سۇلتانسەن. بىر پارچىلىقىڭ ئىچىدە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگىسەن. كىچىكلىكىڭ ئىچىدە بىر ئالەمسەن. ھەمدە قەدىرسىزلىكىڭ ئىچىدە دەرىجىسى بەك چوڭ، ھوقۇق دائىرىسى بەك كەڭ بىر نازارەتچى بولۇپ، «مېنىڭ رەھىملىك رەببىم، دۇنيانى ماڭا بىر ئۆي، ئاي ۋە قۇياشنى ئۇ ئۆيۈمگە بىر چىراق، باھارنى بىر دەستە گۈل، يازنى بىر نىمەت داستىخىنى، ھايۋانلارنى بىر خىزمەتكار، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇ ئۆيۈمنىڭ چىرايلىق لازىمەتلىكلىرى قىلدىدېيەلەيسەن.

   خۇلاسە: سەن ئەگەر نەفىس ۋە شەيتاننىڭ سۆزىگە كىرسەڭ ئەسفەلە سافىلىنگە چۈشىسەن. ئەگەر ھەق ۋە قۇرئاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىساڭ ئالايى ئىللىييىنگە چىقىپ كائىناتتا ئەھسەنى تەقۋىم ماقامىغا يۈكسەلگەن بولىسەن.

————————————————–

*قارۇن: مۇسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ياشىغان، مالدۇنياسى بىلەن مەغرۇرلىنىپ ھەددىدىن ئاشقان، نەتىجىدە ئىلاھىي غەزەپكە ئۇچرىغان بىر باي.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.