ئىنسان

ئىنسان

يىگىرمە ئۈچىنچى سۆز

(شۇ سۆز ئىككى قىسىمدۇر)

﴿لَقَدْ خَلَقْنَا اْلاِنْسَانَ فِى اَحْسَنِ تَقْوِيمٍ ٭ ثُمَّ رَدَدْنَاهُ اَسْفَلَ سَافِلِينَ ٭ اِلاَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَ عَمِلُوا الصَّالِحَاتِ

بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق[4].ئاندىن ئۇنى(چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن)دوزاخقا قايتۇردۇق[5].پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنابۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ[6]

(سۇرە تىن:4-6)

بىرىنچى قىسىم

  ئىماننىڭ مىڭلارچە خاسىيەتلىرىدىن پەقەت بەشىنى «بەش نۇقتا» ئىچىدە بايان قىلىمىز.

بىرىنچى نۇقتا:

  ئىنسان ئىمان نۇرى ئارقىلىق ئالايى ئىللىييىنگە چىقىدۇ، جەننەتكە لايىق بىر قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. كۇفۇر قاراڭغۇلىقى ئارقىلىق بولسا ئەسفەلى سافىلىنگە چۈشىدۇ، جەھەننەملىك بولىدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. چۈنكى ئىمان ئىنساننى سەنئەتكارى بولغان ياراتقۇچىسىغا باغلايدۇ. ئىمان بىر باغدۇر. ئۇنداقتا، ئىنسان ئىمان ئارقىلىق ئىنساندا كۆرۈنگەن ئىلاھىي سەنئەت ۋە رەببانىي ئىسىملارنىڭ نەقىشلىرىنى قانچىلىك ئىپادىلەش ئېتىبارى بويىچە بىر قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. كۇفۇر ئۇ باغنى كېسىدۇ. شۇڭا رەببانىي سەنئەت يوشۇرىنىدۇ. قىممىتىمۇ پەقەتلا ماددىسى ئېتىبارى بويىچە بولىدۇ. ماددى ھايات بولسا، ھەم فانىي، ھەم يوقىلىشقا يۈزلەنگەن، ھەم ۋاقىتلىق بىر ھايۋانىي ھايات بولغانلىقتىن ھېچبىر قەدىرقىممىتى يوقتۇر.

  بۇ سىرنى بىر مىسال بىلەن بايان قىلىمىز. مەسىلەن، ئىنسانلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى ئىچىدە ماددىنىڭ قىممىتى بىلەن سەنئەتنىڭ قىممىتى باشقاباشقا بولىدۇ. بەزىدە تەڭ قىممەت ئالسا، بەزىدە ماددا قىممەترەك ۋە بەزىدە بولسا بەش تىيىنلىق بىر ماددىدا بەش سوملۇق بىر سەنئەت كۆرىنىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئىنتايىن ئېسىل بىر سەنئەتنىڭ بىر مىليون قىممىتى بولۇپ، ماددىسى بەش تىيىنمۇ بولالمايدۇ.

  ئەنە شۇنداق بىر قەدىمىي سەنئەت ئەسىرى، ئاسارەئەتىقە سودىگەرلىرى بازىرىغا ئېلىپ بېرىلسا، ھەيران قالارلىق ئىجادىيەتلەرنى قىلغان مەشھۇر ۋە ئۇستا ھۈنەرۋىنىگە باغلاپ، ئۇ ھۈنەرۋەننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ كۆرگەزمە قىلىنسا بىر مىليون نەرق بىلەن سېتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئېسىل ئەسەر ئاددى تۆمۈرچىلەر بازىرىغا ئېلىپ بېرىلسا بەش تىيىنلىق بىر تۆمۈر باھاسىغا ئېلىنىشى مۇمكىن.

  ئىنسانمۇ جانابى ﷲنىڭ شۇنداق بىر ئېسىل سەنئەت ئەسىرىدۇر. ھەمدە ئەڭ نازۇك ۋە ئىنچىكە بىر قۇدرەت مۆجىزىسىدۇركى، ئىنساننى پۈتۈن ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىگە ئىگە، نەقىشلىرىگە مەركەز ۋە كائىناتقا بىر كىچىك مىسال بولىدىغان بىر شەكىلدە ياراتقاندۇر.

  ئەگەر ئىمان نۇرى ئىچىگە كىرسە، ئۈستىدىكى بارلىق مەنىدار نەقىشلەر ئۇ يورۇقلۇق بىلەن ئوقۇلىدۇ. ئۇ مۆئمىن ئەقلى بىلەن ئوقۇيدۇ ۋە ئۇ باغلىنىش بىلەن ئوقۇتىدۇ. يەنى «سانىئى زۇلجالال*** بولغان ﷲنىڭ سەنئەت ئەسىرىمەن، مەخلۇقىمەن. رەھمەت ۋە ئىنايىتىنى كۆرسەتكەن بىر ئەينەكمەن» دېگەندەك مەنىلەر بىلەن ئىنساندىكى رەببانىي سەنئەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دېمەك، سەنئەتكار بولغان ﷲقا باغلىنىشتىن ئىبارەت بولغان ئىمان، ئىنساندىكى بارلىق سەنئەت ئەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنساننىڭ قىممىتى ئۆزىدىكى ئۇ رەببانىي سەنئەتكە قارىتا بولىدۇ، ھەمدە ئىلاھىي ئەينەك ئېتىبارى بويىچە بولىدۇ. ئۇ ھالدا شۇ ئەھمىيەتسىز بولغان ئىنسان شۇ ئېتىبارى بىلەن پۈتۈن مەخلۇقات ئۈستىدە بىر ئىلاھىي مۇخاتاپ ۋە جەننەتكە لايىق بىر (ﷲنىڭ) مېھمىنى بولىدۇ.

  ئەگەر ئۇ باغلىنىشنىڭ كېسىلىشىدىن ئىبارەت بولغان كۇفۇر ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرسە، ئۇ ۋاقىت بارلىق ئۇ ئىلاھىي ئىسىملارنىڭ مەنىدار نەقىشلىرى قاراڭغۇلۇققا چۈشىدۇ، ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى سەنئەتكارى ئۇنۇتۇلسا، سەنئەتكارىغا قارىغان مەنىۋى جەھەتلەرمۇ چۈشىنىلمەيدۇ. پۈتۈنلەي ئەكسىچە مەنە بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇ مەنىدار ئالى سەنئەتلەرنىڭ ۋە مەنىۋى ئالى نەقىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى يوشۇرىنىدۇ. قالغان كۆز بىلەن كۆرۈنگەن بىر قىسمى بولسا مەنىسىز سەۋەبلەردىن، تەبىئەت ۋە تاسادىپىيلىقتىن دەپ بىلىنىپ، چەكسىز دەرىجىدە قىممىتىنى يوقىتىدۇ. ئەسلىدە ھەربىرى پارلاق ئالماس قىممىتىدە بولسىمۇ، غۇۋا بىر شىشە پارچىسى دەرىجىسىگە چۈشىدۇ. ئەھمىيىتى پەقەت ھايۋانىي ماددىسىغا قارىتا بولىدۇ. ماددى (ھايات)نىڭ غايىسى ۋە مېۋىسى بولسا، دېگىنىمىزدەك، قىسقا بىر ئۆمۈردە جانلىقلارنىڭ ئەڭ ئاجىزى، ئېھتىياجى ئەڭ زىيادىسى ۋە دەرتئەلىمى ئەڭ كۆپى بولۇش بىلەن بىللە، پەقەت ئازغىنە بىر ھايات كەچۈرۈشتۇر. كېيىن چىرىپ تۈگەيدۇ. دېمەك، كۇفۇر ئىنسان ماھىيىتىنى شۇنداق يىقىتىدۇ. ئالماستىن كۆمۈرگە ئايلاندۇرىدۇ.

ئىككىنچى نۇقتا:

  ئىمان خۇددى نۇردەك، ئىنساننى نۇرلاندۇرىدۇ. ئۈستىدە يېزىلغان پۈتۈن ئىلاھىي خەتلەرنى ئوقۇتىدۇ. شۇنداقلا ئالەمنىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ. ئۆتكەن ۋە كېلەچەك زاماننى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. شۇ سىرنى مەن بىر ۋەقەدە كۆرگەن ﴿اَللّهُ وَلِىُّ الَّذِينَ آمَنُوا يُخْرِجُهُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ اِلَى النُّورِ (بەقەرە:257) سىرىغا دائىر بولغان بىر مىسال بىلەن بايان قىلىمەن. يەنى:

  خىيالىي بىر ۋەقەدە كۆردۈمكى، ئىككى ئېگىز تاغ بار. بىربىرىگە قارىغانئۈستىدە قورقۇنچلۇق بىر كۆۋرۈك قۇرۇلغان. كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا ناھايىتى چوڭقۇر بىر ھاڭمەن ئۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە ئىدىم. دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىنى قاراڭغۇ، قاپقارا زۇلمەتلەر قاپلىغان ئىدى. مەن ئوڭ تەرىپىمگە قارىدىم. چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر چوڭ مازار كۆردۈم، يەنى خىيال قىلدىم. سول تەرىپىمگە قارىدىم، دەھشەتلىك قاراڭغۇلۇق دولقۇنلىرى ئىچىدە دەھشەتلىك بورانچاپقۇنلار، پالاكەتچىلىكلەر، قىرغىنچىلىقلار تەييارلانغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. كۆۋرۈك ئاستىغا قارىدىم، ئىنتايىن چوڭقۇر بىر ھاڭ دەپ بىلدىم. ئۇ قورقۇنچلۇق قاراڭغۇلۇققا قارشى غۇۋا بىر قول چىرىغىم بار ئىدى. ئۇنى ئالدىم، يېرىم يارتا يورىقى بىلەن قارىدىم. ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ھالەتنى كۆردۈم. ھەتتا ئالدىمدىكى كۆۋرۈكنىڭ بېشىدا ۋە ئەتراپىدا شۇنداق قورقۇنچلۇق ئەجدىھالار، شىرلار، يىرتقۇچلار كۆرۈندىكى، «كاشكى بۇ قول چىرىغىم بولمىغان بولسا، بۇ دەھشەتلەرنى كۆرمىگەن بولسام» دېدىمدە، ئۇنى يەرگە ئېتىپ چاقتىم. خۇددى ئۇنى سۇندۇرىشىم، دۇنيانى نۇرلاندۇرغان چوڭ بىر ئېلېكتر چىرىغىنىڭ كونۇپكىسىنى باسقاندەك، دەرھال ئۇ قاراڭغۇلۇق يوقالدى. ئۇ چىراقنىڭ نۇرى بىلەن تولدى. ھەر نەرسە ھەقىقىي ماھىيىتىنى كۆرسەتتى.

  كۆردۈمكى، مەن كۆرگەن ئۇ كۆۋرۈك ناھايىتى گۈزەل بىر تۈزلەڭلىكتىكى چوڭ بىر يول ئىكەن. ئوڭ تەرىپىمدە كۆرگەن ئۇ مازار، باشتىن ئاياققا گۈزەل، يېشىل باغچىلار بولۇپ، نۇرانى ئىنسانلارنىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدىكى ئىبادەت، خىزمەت، سۆھبەت ۋە زىكىر مەجلىسلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. سول تەرىپىمدىكى بورانچاپقۇنلۇق، پالاكەتچىلىكلەر دەپ ئويلىغان چوڭقۇر ھاڭلار، چوقىلار بولسا، كۆركەم، گۈزەل ۋە جەلپ قىلارلىق بولغان تاغلارنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ بىر زىياپەتگاھ، گۈزەل بىر سەيلىگاھ، ئېسىل بىر تاماشاگاھ ئىكەنلىكىنى خىيالى ھالدا كۆردۈم. ئۇ قورقۇنچلۇق يىرتقۇچلار، ئەجدىھالار دەپ بىلگەن مەخلۇقاتلار بولسا، سۆيۈملۈك تۆگە، ئۆكۈز، قوي، ئۆچكىگە ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرى ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

اَلْحَمْدُ لِلّهِ عَلَى نورِاْلاِيمَان

(ئىمان نۇرى ئۈچۈن ﷲقا شۈكۈر) دەپ﴿اَللّهُ وَلِىُّ الَّذِينَ آمَنُوا يُخْرِجُهُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ اِلَى النُّورِ﴾ ئايەتى كەرىمىسىنى ئوقۇدۇم، ئۇ ۋەقەدىن ئايرىلدىم.

  ھەقىقەتتە، ئۇ ئىككى تاغ بولسا، ھاياتنىڭ بېشى ۋە ئاخىرى. يەنى، دۇنيا ئالەمى ۋە قەبىر ئالەمىدۇر. ئۇ كۆۋرۈك بولسا ھايات يولىدۇر. ئۇ ئوڭ تەرەپ ئۆتكەن زامان، سول تەرەپ بولسا كېلەچەك زاماندۇر. ئۇ قول چىراق بولسا، مەغرۇر، تەكەببۇر، بىلگىنىگە ئىشەنگەن ۋە ساماۋى ۋەھىينى ئاڭلىمىغان ئىنساننىڭ مەنمەنچىلىكىدۇر. ئۇ يىرتقۇچ جانىۋارلار دەپ بىلگەن نەرسىلەر بولسا، ئالەمنىڭ ھادىسىلىرى ۋە ئاجايىپ مەخلۇقاتلىرىدۇر. مەنمەنچىلىكىگە ئىشەنگەن، غەپلەت قاراڭغۇلىقىغا چۈشكەن، زالالەت قاراڭغۇلىقىنىڭ بالاسىغا مۇپتىلا بولغان ئادەم، ئۇ ۋەقەدىكى ئاۋالقى ھالىمغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ قول چىرىغى ھۆكمىدىكى نۇقسان ۋە زالالەت ئارىلاشقان مەلۇماتلىرى بىلەن ئۆتكەن زاماننى بىر چوڭ مازار سۈرىتىدە، يوقلۇق ئارىلاشقان بىر قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كۆرىدۇ. كېلەچەك زاماننى دەھشەتلىك بورانچاپقۇنلار ۋە تاسادىپىيلىققا باغلانغان بىر قورقۇنچ ئۇۋىسى كۆرسىتىدۇ.

  ھەم ھەربىرى چەكسىز ھىكمەت ۋە شەپقەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ بىردىن ئىتائەتكار خىزمەتچىسى بولغان ھادىسىلەرنى ۋە مەۋجۇداتلارنى خۇددى زىيانلىق يىرتقۇچلارغا ئوخشاش بىلدۈرىدۇ. ﴿وَالَّذِينَ كَفَرُوا اَوْلِيَاؤُهُمُ الطَّاغُوتُ يُخْرِجُونَهُمْ مِنَ النُّورِ اِلَى الظُّلُمَاتِ(بەقەرە:257) ھۆكمىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ئەگەر ئىلاھىي ھىدايەت يېتىشسە، ئىمان قەلبىگە كىرسە، نەفىسنىڭ فىرئەۋنلىقى سۇنسا، ﷲنىڭ كىتابىنى ئاڭلىسا، ئۇ ۋەقەدىكى ئىككىنچى ھالىمغا ئوخشايدۇ. ئۇ ۋاقىت كائىنات دەرھال كۈندۈز رەڭگىگە كىرىدۇ. ئىلاھىي نۇر بىلەن تولىدۇ. ئالەم ﴿اَللّهُ نُورُ السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ(نۇر:35) ئايىتىنى ئوقۇيدۇ. ئۇ ھالدا ئۆتكەن زامان بىر چوڭ مازار ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئەسىر بىر پەيغەمبەرنىڭ ياكى ئەۋلىيانىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بولۇپ، ئىبادەت ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پاك روھلار جامائەتلىرىنىڭ ھايات ۋەزىپىلىرىنى پۈتتۈرۈپ، «ﷲ ئەكبەر» دەپ ئالى دەرىجىلەرگە ئۇچۇشلىرىنى ۋە ئىستىقبال تەرەپكە ئۆتۈشلىرىنى قەلب كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. سول تەرىپىگە قاراپ، ئاخىرەت ۋە قەبىر ئالەمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تاغلاردەك بەزى چوڭ ئۆزگىرىشلەر ئارقىسىدا، جەننەت باغلىرىدىكى سائادەت سارايلىرىدا قۇرۇلغان ناھايىتى شەپقەتلىك ﷲنىڭ بىر زىياپىتىنى ئۇ ئىمان نۇرى بىلەن يىراقتىن پەرق قىلىدۇ. بوران ۋە يەر تەۋرەش، ۋابادەك ھادىسىلەرنى ئىتائەتكار خىزمەتچىلەر دەپ بىلىدۇ. باھار شامىلى ۋە يامغۇردەك ھادىسىلەرنى بولسا، كۆرىنىشتە قاتتىق، مەنىۋى جەھەتتىن گۈزەل ھىكمەتلەر ئۈچۈن ۋاستە دەپ بىلىدۇ. يەنە باشقا جەھەتلەرنى سەن قىياس قىل، ھەقىقەتنى مىسالغا تەتبىقلا!

ئۈچىنچى نۇقتا:

  ئىمان ھەم نۇردۇر، ھەم قۇۋۋەتتۇر. شۇنداق، ھەقىقىي ئىماننى قولىغا ئالالىغان كىشى كائىناتتىكى ھەممە نەرسىگە قارشى چىقالايدۇ ۋە ئىماننىڭ قۇۋۋىتىگە قارىتا ھادىسىلەرنىڭ بېسىملىرىدىن قۇتۇلالايدۇ. «تەۋەككەلتۇ ئەلاللاھ» (ﷲغا تەۋەككۇل قىلدىم) دەپ ھايات كېمىسىدە مۇستەھكەم ئىشەنچ بىلەن ھادىسىلەرنىڭ تاغدەك دولقۇنلىرى ئىچىدە سەيلە قىلىدۇ. بارلىق ئېغىرلىقلىرىنى چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ قۇدرەت قولىغا ئامانەت قىلىدۇ. راھەت بىلەن دۇنيادىن ئۆتىدۇ. قەبىر ئالىمىدە ئارام ئالىدۇ. كېيىن ئەبەدىي سائادەتكە كىرىش ئۈچۈن جەننەتكە ئۇچالايدۇ. ئەگەردە تەۋەككۈل قىلمىسا، دۇنيانىڭ ئېغىرچىلىقلىرى ئۇچۇشقا ئەمەس، بەلكى ئەسفەلى سافىلىنگە تارتىدۇ.

  دېمەك ئىمان تەۋھىدنى، تەۋھىد تەسلىمنى، تەسلىم تەۋەككۈلنى، تەۋەككۈل ئىككى دۇنيا سائادىتىنى نەتىجە بېرىدۇ. لېكىن خاتا چۈشەنمە. تەۋەككۈل سەۋەبلەرنى پۈتۈنلەي تەرك قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى سەۋەبلەرنى قۇدرەت قولىنىڭ پەردىسى دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش، سەۋەبلەرنى ئورۇنلاشنى بولسا بىر خىل ھەرىكەت دۇئاسى دەپ قوبۇل قىلىپ، نەتىجىنى پەقەت جانابى ﷲدىن تىلەش ۋە ئۇنىڭدىن دەپ بىلىش، ھەمدە ئۇنىڭغا مىننەتدار بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

  تەۋەككۈل قىلغان ۋە قىلمىغاننىڭ مىساللىرى شۇ ھېكايىگە ئوخشايدۇ:

  بىر ۋاقىتتا ئىككى كىشى ھەم بەللىرىگە، ھەم باشلىرىغا ئېغىر يۈكلەرنى يۈكلەپ، چوڭ بىر كېمىگە بىلەت ئېلىپ چىقىشىدۇ. بىرىسى چىقىپچىقمايلا يۈكىنى كېمىگە تاشلاپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مېلىغا قارايدۇ. يەنە بىرى ھەم ئەخمەق، ھەم تەكەببۇر بولغانلىقىدىن يۈكىنى يەرگە قويمايدۇ. ئۇنىڭغا ئېيتىشتى:

ــ ئېغىر يۈكۈڭنى كېمىگە قويۇپ راھەتلەن!

ئۇ دېدى:

ــ ياق، مەن قويمايمەن، بەلكىم يوقىلىپ كېتىدۇ. مەن كۈچلۈك، مېلىمنى بېلىمدە ۋە بېشىمدا مۇھاپىزەت قىلىمەن.

يەنە ئۇنىڭغا ئېيتىشتى:

ــ بىزنى ۋە سېنى كۆتۈرگەن سۇلتاننىڭ شۇ ئىشەنچلىك كېمىسى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. بەلكىم بېشىڭ قېيىپ يۈكۈڭ بىلەن بىللە دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشىڭ مۇمكىن. ھەمدە بارغانسېرى قۇۋۋىتىڭدىن كېتىسەن، شۇ پۈكۈلگەن بېلىڭ، شۇ ئەقىلسىز بېشىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاشقان شۇ يۈكلەرگە تاقەت قىلالمايدۇ. كاپىتانمۇ ئەگەر سېنى بۇ ھالدا كۆرسە، يا سېنى «ساراڭ ئىكەن» دەپ ھەيدەيدۇ، يا «خائىن ئىكەن، كېمىمىزنى پەس كۆرۈپ بىزنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ، تۈرمىگە تاشلانسۇندەپ ئەمىر قىلىشى مۇمكىن. ھەمدە ھەممىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسەن. چۈنكى ساڭا دىققەت بىلەن قارىغانلارنىڭ نەزىرىدە زەئىپلىكىڭنى كۆرسەتكەن تەكەببۇرلۇقۇڭ، ئاجىزلىقىڭنى كۆرسەتكەن غۇرۇرۇڭ، رىيانى ۋە پەسلىكنى كۆرسەتكەن ياسالما ھەرىكىتىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى قىزىقارلىق ئەخمەققە ئوخشىتىپ قويدۇڭ. شۇڭا ھەممە ساڭا قاراپ كۈلۈشىۋاتىدۇ،دېيىلگەندىن كېيىن ئۇ بىچارىنىڭ ئەقلى بېشىغا كەلدى. يۈكىنى يەردە قويۇپ ئۈستىدە ئولتۇردى.

ــ ئۇھ! ﷲ سەندىن رازى بولسۇن. زەخمەتتىن، تۈرمىدىن، مەسخىرىلەردىن قۇتۇلدۇردۇڭ،دېدى.

  ئەي تەۋەككۈلسىز ئىنسان! مانا سەنمۇ بۇ ئادەمگە ئوخشاش ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال. تەۋەككۈل قىل، شۇندىلا پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىگە تىلەمچىلىك قىلىشتىن، ھەر ھادىسىنىڭ قارشىسىدا تىترەشتىن، ماختانچاقلىقتىن، مەسخىرىدىن، ئاخىرەت ئازابىدىن ۋە دۇنيادىكى قىيىنچىلىق تۈرمىسىدىن قۇتۇلىسەن.

تۆتىنچى نۇقتا:

  ئىمان ئىنساننى ئىنسان قىلىدۇ، ھەتتا ئىنساننى سۇلتان قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ئىمان ۋە دۇئادۇر. كۇفۇر ئىنساننى ناھايىتى ئاجىز بىر يىرتقۇچ ھايۋان قىلىدۇ.

  شۇ مەسىلىنىڭ مىڭلارچە دەلىللىرىدىن پەقەت ھايۋان ۋە ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى پەرقلەر ئۇ مەسىلىگە ئوچۇق ۋە قەتئىي دەلىلدۇر.

  شۇنداق، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمان بىلەن ئىنسانىيەت بولىدىغانلىقىنى ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى پەرقلىرى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ھايۋان دۇنياغا كەلگەن ۋاقىت خۇددى باشقا بىر ئالەمدە يېتىشىپ كەلگەندەك، قابىلىيىتىگە قارىتا مۇكەممەل بولۇپ كېلىدۇ. يەنى ئەۋەتىلىدۇ. يا ئىككى سائەت يا ئىككى كۈن ۋە ياكى ئىككى ئاي ئىچىدىلا پۈتۈن ھايات شارائىتلىرىنى، دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە ھاياتىي قانۇنلىرىنى ئۆگىنىدۇ. تېزلا ماھارەت ئىگىسى بولۇپ قالىدۇ. ئىنساننىڭ يىگىرمە يىلدا ئېرىشكەن ھاياتىي ئىقتىدارىغا ۋە ياشاش مەلىكىسىگە (ماھارىتىگە) قۇشقاچ ۋە ھەرىدەك بىر ھايۋان يىگىرمە كۈندە ئىگە بولالايدۇ. يەنى، ئۇنىڭغا ئىلھام قىلىنىدۇ. دېمەك ھايۋاننىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى، ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇكەممەللىشىش ئەمەس ۋە ياكى ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مەدەت تىلەش ۋە دۇئا قىلىش ئەمەس، بەلكى قابىلىيىتىگە يارىشا ئەمەل قىلىش، پېئىلىي(ھەرىكەت) ئىبادەتتە بولۇشتۇر.

  ئىنسان بولسا دۇنياغا كېلىشىدە ھەر نەرسىنى ئۆگىنىشكە مۇھتاج ۋە ھايات قانۇنلىرىغا قارىتا نادان بولۇپ، ھەتتا يىگىرمە يىلدىمۇ تامامەن ھايات شارائىتلىرىنى ئۆگىنەلمەيدۇ. بەلكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆگىنىشكە مۇھتاج. ھەم ئىنتايىن ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىز بىر شەكىلدە دۇنياغا ئەۋەتىلىپ بىرئىككى يىلدا ئاران ئورنىدىن تۇرالايدۇ. ئون بەش يىلدا ئاران زىيان ۋە مەنپەئەتنى پەرق قىلىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ياردىمى بىلەن ئاران مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىپ زىيانلاردىن ساقلىنالايدۇ. دېمەككى، ئىنساننىڭ يارىتىلىش ۋەزىپىسى، ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇكەممەللىشىش، دۇئا ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشتۇر. يەنى، «كىمنىڭ مەرھىمىتى بىلەن مۇنچە ھىكمەتلىك ھالدا باشقۇرىلىۋاتىمەن؟ كىمنىڭ ئىنايىتى بىلەن مۇنچە شەپقەتلىك ھالدا ئۆسۈۋاتىمەن؟ قانداق بىرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن مۇنچە نازۇك ھالدا بېقىلىۋاتىمەن ۋە ئىدارە قىلىنىۋاتىمەن؟» دەپ تەپەككۇر قىلىشتۇر. ھەمدە مىڭدىن بىرىسىگىمۇ قولى يېتىشمىگەن ھاجەتلىرىنى بىلىپ، پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلىگۈچى ﷲقا ئاجىزلىق ۋە مۇھتاجلىق تىلى ئارقىلىق يالۋۇرۇشتۇر، تىلەش ۋە دۇئا قىلىشتۇر. يەنى، ئاجىزلىق ۋە مۇھتاجلىقنىڭ قاناتلىرى بىلەن ئىبادەتنىڭ ئالى دەرىجىلىرىگە ئۇچۇشتۇر.

  دېمەك، ئىنسان بۇ ئالەمگە ئىلىم ۋە دۇئا ۋاستىسى ئارقىلىق مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن كەلگەندۇر. ماھىيەت ۋە قابىلىيەت ئېتىبارى بويىچە ھەر نەرسە ئىلىمگە باغلىق بولۇپ، بارلىق ھەقىقىي ئىلىملەرنىڭ ئاساسى، بۇلىقى، نۇرى ۋە روھى مەرىفەتۇللاھتۇر.(ﷲنىڭ ئىسىمسۈپەتلىرىنى بىلىشتۇر.) ئۇنىڭمۇ ئاساسى ئۇلى ﷲقا ئىماندۇر.

  ھەم ئىنسان چەكسىز ئاجىزلىقى بىلەن بىرگە، چەكسىز قايغۇبالالارغا دۇچار ۋە چەكسىز دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا مۇپتىلاۋە چەكسىز مۇھتاجلىقى بىلەن بىرگە، چەكسىز ھاجەتلەرگە ۋە چەكسىز ئارزۇلارغا گىرىپتار بولغانلىقتىن، يارىتىلىشتىكى ھەقىقىي ۋەزىپىسى ئىماندىن كېيىن دۇئادۇر. دۇئا بولسا ئىبادەتنىڭ ئاساسىدۇر.

  بىر بالا قولى يېتىشمىگەن بىر مەقسىدى ياكى بىر ئارزۇسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يا يىغلايدۇ، يا سورايدۇ. يەنى، يا ھەرىكىتىنىڭ يا سۆزىنىڭ ئاجىزلىق تىلى بىلەن بىر دۇئا قىلىدۇ، مەقسىتىگە يېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانمۇ بارلىق جانلىقلار ئالەمى ئىچىدە نازۇك ۋە نازلىق بىر بالا ھۆكمىدىدۇر. شۇڭا ئىنسان، ئارزۇسىنىڭ قولىغا بېرىلىشى ۋە تەلىپىنىڭ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدۇرۇلغانلىقىنىڭ شۈكرىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن، رەھمانىررەھىم بولغان ﷲنىڭ دەرگاھىدا يا قۇۋۋەتسىزلىكى ۋە ئاجىزلىقى بىلەن يىغلاش، ياكى ھاجەتمەنلىكى ۋە مۇھتاجلىقى بىلەن دۇئا قىلىشى كېرەك. بولمىسا بىر پاشىدىن ۋايجانلىغان ئەخمەق ۋە كەپسىز بالىغا ئوخشاش: «مەن قۇۋۋىتىم بىلەن، بۇ ئىتائەت قىلدۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ياكى ئۆز قۇۋۋىتىمدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئاجايىپ نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتىمەن، ئەقىل ۋە تەدبىرىم ئارقىلىق ئۆزۈمگە باش ئەگدۈرۈۋاتىمەندەپ نىمەتلەرنى بىلمەستىن تۇزكورلۇق قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىش ماھىيىتىگە زىت بولغاندەك، مۇنداقلار شىددەتلىك بىر ئازاپقا ئۆزىنى لايىق قىلىدۇ.

بەشىنچى نۇقتا:

  ئىماننىڭ دۇئانى ئۆزىگە قەتئىي بىر ۋاستە سۈپىتىدە تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشى دۇئانى شىددەت بىلەن خالىغىنىدەك، جانابى ھەقمۇ «دۇئايىڭلار بولمىسا نېمە ئەھمىيىتىڭلار بار؟» مەنىسىدە ﴿قُلْ مَا يَعْبَؤُا بِكُمْ رَبِّى لَوْلاَ دُعَاؤُكُمْ(فۇرقان:77) دەپ پەرمان قىلىدۇ. ھەم ﴿اُدْعُونِى اَسْتَجِبْ لَكُمْ (مۇئمىن:60) دەپ ئەمىر قىلىدۇ.

  ئەگەر دېسەڭ: كۆپ قېتىملاپ دۇئا قىلىمىز. قوبۇل بولمايۋاتىدۇ. ھالبۇكى «ئايەت ئومۇمىيدۇر. ھەر دۇئاغا جاۋاب بار» دەيدۇ. (قانداق چۈشىنىمىز؟)

  جاۋاب: جاۋاب بېرىش باشقا، قوبۇل قىلىش باشقىدۇر. ھەر دۇئا ئۈچۈن جاۋاب بېرىش بار. لېكىن قوبۇل قىلىش ۋە خالىغىنىنىڭ ئۆزىنى بېرىش جانابى ﷲنىڭ ھىكمىتىگە باغلىقتۇر. مەسىلەن: كېسەل بىر بالا چاقىرىدۇ؛

ــ ئەي، دوختۇر، ماڭا قارا! دوختۇر:

ــ كەل، نېمە تىلىكىڭ بار؟ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بالا:

ــ شۇ دورىنى ماڭا بەر،دەيدۇ.

دوختۇر بولسا يا ئەينەن خالىغىنىنى بېرىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى بېرىدۇ ۋە ياكى كېسىلىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھېچ بەرمەيدۇ.

  جانابى ﷲ، چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى، ھازىرى نازىر(ھەر نەرسىنىڭ يېنىدا ۋە ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى) بولغانلىقى ئۈچۈن قۇلىنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىدۇ. يالغۇزلۇق ۋە ئىگىسىزلىك دەھشىتىگە چۈشكەنلەرنى ھوزۇرىغا ئېلىپ، جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئۇ دەھشەتنى يوق قىلىدۇ. لېكىن ئىنساننىڭ ھەۋاپەرەست ۋە ھەۋەسكار نەفسىنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئەمەس، بەلكى رەببانىي ھىكمىتىگە ئاساسەن يا خالىغىنىنىڭ ئۆزىنى ياكى تېخىمۇ ياخشىراقىنى بېرىدۇ ۋە ياكى ھېچ بەرمەيدۇ.

  شۇنداق، دۇئا بىر ئىبادەتتۇر. ئىبادەتنىڭ مېۋىسى بولسا ئاخىرەتتىدۇر. دۇنياۋى مەقسەتلەر بولسا، ئۇ دۇئا ۋە ئىبادەتنىڭ ۋاقىتلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇ مەقسەتلەر، ئۇ ئىبادەتنىڭ غايىلىرى ئەمەس. مەسىلەن: يامغۇر نامىزى ۋە دۇئاسى بىر ئىبادەتتۇر. قۇرغاقچىلىق ئۇ ئىبادەتنىڭ ۋاقتىدۇر. لېكىن ئۇ ئىبادەت ۋە دۇئا يامغۇرنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس. ئەگەر پەقەتلا ئۇ نىيەت بىلەن بولسا ئۇ دۇئا ۋە ئىبادەت خالىس بولمىغانلىقتىن، قوبۇل قىلىنىشقا لايىق بولمايدۇ. قۇياشنىڭ پېتىشى شام نامىزىنىڭ ۋاقتى بولغىنىدەك، قۇياش ۋە ئاينىڭ تۇتۇلۇشلىرىمۇ كۇسۇف ۋە خۇسۇف نامازلىرى دېيىلگەن ئىككى مەخسۇس ئىبادەتنىڭ ۋاقىتلىرىدۇر. يەنى، كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ نۇرانى ئايەتلىرىنىڭ نىقابلىنىشى ئىلاھىي بىر ئۇلۇغلۇقنى بىلدۈرۈشكە بىر سەۋەب بولغانلىقتىن، جانابى ﷲ قۇللىرىنى ئۇ ۋاقىتتا بىر ئىبادەتكە دەۋەت قىلىدۇ. دېمەك ئۇ ناماز (مۇنەججىم ھېسابى بىلەن ئېچىلىشى ۋە نەقەدەر داۋام قىلىشى بەلگىلىك بولغان) ئاي ۋە قۇياش تۇتۇلۇشلىرىنىڭ تۈگەپ، ئېچىلىشى ئۈچۈن ئەمەستۇر. دەل شۇنىڭدەك، قۇرغاقچىلىقمۇ يامغۇر نامىزىنىڭ ۋاقتىدۇر. بالامۇسىبەتلەرنىڭ بېسىۋىلىشى ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ راھەتسىزلەندۈرىشى بەزى دۇئالارنىڭ مەخسۇس ۋاقىتلىرى بولۇپ، ئىنسان ئۇ ۋاقىتلاردا ئاجىزلىقىنى بىلىپ دۇئا بىلەن، تىلەك بىلەن ھەممىگە قادىر بولغان ﷲنىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلىدۇ. ئەگەر دۇئا كۆپ قىلىنغان بولسىمۇ، مۈشكىلاتلار يوقالمىسا «دۇئا قوبۇل بولمىدى» دېيىلمەيدۇ. بەلكى «دۇئانىڭ ۋاقتى تۈگىمىدى» دېيىلىدۇ. ئەگەر جانابى ﷲ ئېھسان ۋە ئىنايىتى بىلەن بالالارنى يوق قىلسا نۇر ئۈستىگە نۇر، ئۇ چاغدا دۇئانىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ، قازا بولىدۇ (پۈتىدۇ).

  دېمەك، دۇئا ئىبادەتنىڭ ئىنچىكە بىر ھەقىقىتىدۇر.

  ئىبادەت بولسا خالىس ھالدا ﷲ ئۈچۈن بولىشى كېرەك. ئاجىزلىقنى كۆرسىتىپ دۇئا بىلەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىش كېرەك. رۇبۇبىيىتىگە***** ئارىلاشماسلىق كېرەك. قانداق ئىش بېجىرىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇش كېرەك. ھىكمىتىگە ئىشىنىپ، رەھمىتىنى تەنقىد قىلماسلىق كېرەك.

  شۇنداق، ھەقىقەتتە ئوچۇق ئايەتلەرنىڭ بايانى بىلەن تۇراقلىق بولغىنىدەك، بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھەر قايسىسى مەخسۇس تەسبىھلەر، خۇسۇسىي ئىبادەتلەر ۋە خاس سەجدىلەر قىلغاندەك، پۈتۈن كائىناتتىن (مەۋجۇداتتىن) ﷲ دەرگاھىغا يۆنەلگەن پەقەتلا بىر دۇئادۇر. بۇ يا قابىلىيەت تىلى ئارقىلىق قىلغان دۇئادۇر. (يەنى، بارلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەربىرى قابىلىيەت تىلى ئارقىلىق چەكسىز بەرىكەت ئىگىسى بولغان ﷲتىن بىر شەكىل تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىسىملىرى ئۈچۈن مۇكەممەل ئەينەك بولۇشنى تىلەيدۇ.) ياكى يارىتىلىشتىكى ئېھتىياج تىلى ئارقىلىق قىلغان دۇئادۇر. (بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىقتىدارلىرى يەتمىگەن زۆرۈرى ھاجەتلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرى بولۇپ، ھەربىرى ئۇ ئېھتىياج تىلى ئارقىلىق چەكسىز ئېھسان ئىگىسى بولغان ﷲتىن ھاياتىنىڭ داۋامى ئۈچۈن رىزىققا ئوخشىغان بەزى نەرسىلەرنى تىلەيدۇ.) ۋە ياكى مەجبۇرىيەت تىلى ئارقىلىق قىلغان دۇئا بولۇپ، (قېيىنچىلىقتا قالغان ھەربىر جانلىق قاتتىق يالۋۇرۇش بىلەن دۇئا قىلىدۇ، يوشۇرۇن بىر قوغدىغۇچىسىغا ئىلتىجا قىلىدۇ، بەلكى رەھىملىك ياراتقۇچىسىغا يۈزلىنىدۇ.) بۇ ئۈچ تۈرلۈك دۇئا بىر توسالغۇ بولمىسا دائىم مەقبۇلدۇر.

  تۆتىنچى تۈرلۈك دۇئا ئەڭ مەشھۇر دۇئا بولۇپ، بىزنىڭ دۇئالىرىمىزدۇر. بۇمۇ ئىككى قىسىمدۇر.

  بىرى، ھەرىكەت ۋە ئەھۋالى بىلەن؛ يەنە بىرى، قەلب ۋە سۆزى بىلەن. مەسىلەن: سەۋەب قىلىش بىر خىل ھەرىكەت دۇئاسىدۇر. سەۋەبلەرنىڭ توپلىنىشى، نەتىجىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەھۋال تىلى ئارقىلىق نەتىجىنى جانابى ﷲتىن خالاش ئۈچۈن، تەلەپ قىلىنغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشتۇر. مەسىلەن: يەر ھەيدىمەك رەھمەت خەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى قاقماقتۇر. بۇ خىل ھەرىكەت دۇئاسى چەكسىز ئېھسان ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە يۆنەلگەنلىكتىن مۇتلەق كۆپچىلىكى قوبۇل بولىدۇ.

  ئىككىنچىسى، تىل ۋە قەلب بىلەن دۇئا قىلىشتۇر. قولى يېتىشمىگەن بىر قىسىم ئېھتىياجلىرىنى تىلەشتۇر. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم جەھەتى، ئەڭ ئېسىل غايىسى، ئەڭ تاتلىق مېۋىسى شۇدۇر: يەنى، دۇئا قىلغان كىشى چۈشىنىدۇكى، بىرىسى بار، ئۇنىڭ قەلب خاتىرىلىرىنى ئاڭلايدۇ. ھەر نەرسىگە قولى يېتىدۇ. ھەربىر ئارزۇسىنى بىجا كەلتۈرەلەيدۇ. ئاجىزلىقىغا مەرھەمەت، مۇھتاجلىقىغا ياردەم قىلىدۇ.

  ئەي ئاجىزلىقى ۋە مۇھتاجلىقى كۆپ بولغان ئىنسان! دۇئادەك رەھمەت خەزىنىسىنىڭ بىر ئاچقۇچى ۋە تۈگىمەس بىر قۇۋۋەتنىڭ سەۋەبى بولغان بىر ۋاستىنى قولدىن چۈشۈرمە، ئۇنىڭغا يېپىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئالايى ئىللىييىنىگە چىق. بىر سۇلتاندەك پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ دۇئالىرىنى ئۆز دۇئايىڭ ئىچىگە ئال. كۆپ جەھەتلىك بىر قۇل ۋە ئومۇمىي بىر ۋەكىلدەك ﴿اِيَّاكَ نَسْتَعِينُ دە، كائىنات مەۋجۇداتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل ماقامدا بول!

————————————————————

*ئالايى ئىللىييىن: ﷲنىڭ نەزىرىدە ئەڭ كامىل ئىنسانلارنىڭ دەرىجىسى، ئەڭ يۇقىرى دەرىجە. يۇقىرىنىڭ يۇقىرىسى.-ت

**ئەسفەلى سافىلىن: ئەڭ تۆۋەن دەرىجە، پەسلەرنىڭ ئەڭ پېسى.

***رەببانىي: ﷲ نىڭ «رەب»(پەرۋەردىگار) ئىسمىغا ئائىت.-ت

****سانىئى زۇلجالال: چەكسىز ھەيۋەت ئىگىسى ۋە مۇقەددەس سەنئەتكار بولغان ﷲ.-ت

*****رۇبۇبىيەت: «رەب»لىك. جانابى ھەقنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەريەردە، ھەر مەخلۇقىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش،بېقىش، ئۇنى نىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش، ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇشۋە ئىدارە قىلىش سۈپىتى.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.