ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟

ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟

ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟

  ياق! پۈتۈن ئالەمنى ئۇ ئۆلتۈرىدۇ. پەقەتلا ھەشىر يەنى قايتا تىرىلىش مەيدانىدا، كائىنات خالىقى تەرىپىدىن ئۇمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىدۇ. ئۆلۈم، سۇھۇفى ئىبراھىم (ئىبراھى ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ساھىپىلەر)دە ئارسىلانشىر سۈرىتىدە تەمسىل قىلىنغان. ھەدىسى نەبەۋىيدە يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە بولسا، قوچقار سۈرىتىدە سۈپەتلەنگەن. ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىمۇ مىسال ئالىمىدە، ئۆلۈمنى بىر ئارسىلان شەكلىدە مۇشاھادە قىلغان يەنى كۆرگەن. قىسقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ھەر ئىككى تەبىردىن مۇرات: بۇ ئالەمگە «كۈچلۈك بىر نەرسە» ھوجۇم قىلدۇرۇلغان دېگەنلىكتۇر. ئالەم ياراتىلىشىدىن بۇرۇن، تۇنجى قېتىم ئۆلۈم ياراتىلغان ۋە ئالەمگە مۇساللاتھوجۇم قلدۇرۇلغان. ئالەمنىڭ ئىشىنى تۈگىتىپ، ئالەم يەنە بىر قېتىم تىرىلگەندە، ئۆلۈمنىڭ ئىشىمۇ ئۇ چاغدا تۈگىكەن بولىدۇ.

  پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۆپ زوق ئالغان كۈن، ئۆلۈمنىڭ بېشىنىڭ كېسىلگەن كۈنىدۇر. ئۇ كېسىلگەن پەيىتتە، ئالەم راھەت تاپىدۇ ۋە ھەركىشى ھۇزۇرغا ئېرىشىدۇ. پۈتۈن مەۋجۇدات: «يا راب! شۈكۈر، ئىنتىقامىمىزنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ بەردىڭ» دېيىشىدۇ. ئەھلى ئىماننىڭ جامالۇللاھ يەنى ئاللاھنىڭ جامالى بىلەن مۇشەررەپ بولۇشتىن كېيىنكى ئەڭ كۆپ مەسئۇت بولغان يەنى بەخىت تۇيغان كۈنى، ئۆلۈمنىڭ بىر قوچقار سۈرىتىدە بېشىنىڭ كېسىلگەن كۈنىدۇر.

  ئىنساننىڭ شىپالىقىدۈشمىنىنىڭ قەھىرىدىدۇر. ئىنسان دۈشمىنىنىڭ قولىدىن قۇتۇلسا، نە قەدەر خوشال بولۇپ كېتىدۇ؟ دېمەك، ئۆلۈمنىڭ بىر قوچقار سۈرىتىدە كېسىلىشى بىلەن، زېمىن، ئاسمان ۋە ئىچىدىكىلەر: «ئۆلۈمنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇق» دېيىشىپ، ئۇ كۈن بايرامتەنتەنىسى قىلىشىدۇ. جانابى ھەق، زېمىننى، ئاسماننى ۋە ئىچىدىكىلەرنى ھەشىر مەيدانىغا دەۋەت قىلىدۇ: « كېلىڭلار، ئەڭ بۈيۈك دۈشمىنىڭلار بولغان ئۆلۈمدىن ئىنتىقامىڭلارنىڭ قانداق ئېلىندىغانلىقىنى سەيىر قىلىڭلار» دەيدۇ. بۇ خىتاپنى ئاڭلاپ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتۇلغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، ئالەم بىردىنلا خۇشالىققا چۈمىلىدۇ. ئەھلى ئىمان ئۈچۈن رۇئيەتى جامالۇللاھ يەنى ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشتىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ سۆيىنىش ۋە ئەڭ چوڭ خوشخەۋەرئۆلۈمدىن قۇتۇلغانلىقى بولىدۇ. مانا، ئۇ كۈنى جانابى ھەق، پۈتۈن ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ئالغان لەززىتىنىڭ ئۈسىتدە پەۋقۇلاددە ئۆزىگە مەخسۇس بولغان چەكسىز بىر لەززەت ئالىدۇ. تەبىرى توغرا بولسا، ئۇلارنىڭ فەراھىخوشاللىقى بىلەن خوشال بولىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.