بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى

ئۇستاز بەدىئۇززاماننى ھەقىقىي تونۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى باشتىن-ئاياغ ئوقۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ

  …مەن ئىماننىڭ جەريانىدىمەن. قارشىمدا ئىمانسىزلىق جەريانى بار

.باشقا جەريانلار بىلەن ئالاقەم يوق

«مەكتۇبات، 16-مەكتۇپ»

دېگەن بۇ بۈيۈك ئىنسان، پۈتۈن ئۆمرى بويىچە شۇ يولدا بىر مەنىۋى جىھاد قىلغان ۋە مىليونلارچە كىشىلەرنىڭ ئىمانىنىڭ قۇتۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان. ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق مەنبە «تارىخچەئى ھايات» ئىسىملىك ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر ئۇستاز بەدىئۇززاماننىڭ تەھرىرىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنى  تونۇش ۋە چۈشىنىشتە ياخشى بىر جاۋاپ بولالايدۇ

  تۆۋەندە ئۇستاز ھەزرەتلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تەقدىم قىلدۇق

مۇئەللىفنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 

«رىسالەئى نۇر» توپلىمىنىڭ مۇئەللىفى بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى 1877-يىلى تۈركىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى بىتلىس ۋىلايىتى، ھېزان ناھىيىسى نۇرس يېزىسىدا، كۇرد ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاخىرقى دەۋىرلەردىكى ئىسلامىيەت ۋە ئىنسانىيەتنى ماددى ۋە مەنىۋى پەرىشانلىق ۋە ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغان بۇ بۈيۈك زاتنىڭ بالىلىق چېغىدىن باشلاپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان كىتابلار تولغىدەك ئىش ئىزلىرى ۋە مۇقەددەس كۆرىشىنى رىسالەئى نۇرنىڭ «تارىخچەئى ھايات» ناملىق كىتابىغا ھاۋالە قىلىپ، بۇ يەردە قىسقىچە ئىزاھات بەرمەكچىمىز.

ئون تۆت يېشىدىلا «ئۆلىمالىق تونى» كىيىشكە تەكلىپ قىلىنغان سەئىد نۇرسى ئىلىم تەھسىلىدە بالىلىق چاغلىرىدىلا ئاجايىپ زېرەكلىكى بىلەن قىسقىغىنا بىر ۋاقىت ئىچىدە ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندۇر. كېيىن ئىلىمدىكى پەۋقۇلئاددە ئەقىل-پاراسىتى ۋە تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى، ھەمدە چوڭ ئۆلىمالار بىلەن بولغان دىنى مۇنازىرىلىرىدىكى ئالقىشلىنارلىق مۇۋەپپىقىيىتى نەتىجىسدە ئۇ زاماندىكى مۆتىۋەر ئالىملار ئۇنى «بەدىئۇززامان» (زاماندىكى ھەيران قالارلىق شەخس) دەپ ئاتاشقاندۇر.

بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ئۆز ھاياتىنى «كونا سەئىد» ۋە «يېڭى سەئىد» دەپ ئىككىگە بۆلىدۇ. تەخمىنەن قىرىق بەش ياشلىرىغىچە بولغان ئۆزىنى «كونا سەئىد» دەپ ئاتىغان بۇرۇنقى دەۋىردە، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تۇرمۇشلارغا ئارىلىشىش ئارقىلىق دىنغا خىزمەت قىلغان.

«يېڭى سەئىد» ھاياتى بولسا، اَعُوذُ بِاللّٰهِ مِنَ الشَّيْطَانِ وَ السِّيَاسَةِ   (شەيتان ۋە سىياسەتتىن قېچىپ ﷲقا سېغىنىمەن)  دەپ، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئارىلاشماستىن ئىمان ۋە ئاخىرەت يولىدا رىسالەئى نۇر ئەسەرلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان ھاياتىدۇر.

«كونا سەئىد» ھاياتىدا، ئاۋام خەلقتىن باشلاپ دۆلەت ئەمەلدارلىرىغىچە مەسچىت-مەسچىت، ناھىيە-ناھىيە كېزىپ دىنىي تەبلىغ ۋە ھاياتىي كۆرسەتمىلەردە بولۇپ، ئىمانىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بويىچە سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئاجايىپ تالانت بىلەن سۆزلىگەن نوتۇق ۋە دەۋەتلىرى جەمئىيەتتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

1911-يىلى شامغا (سۈرىيە) بېرىپ ئىچىدە يۈزلەرچە ئالىم-ئۆلىما بولغان ئون مىڭدىن ئارتۇق جامائەتكە مۇسۇلمانلاردا بولىۋاتقان ئالتە چوڭ كېسەللىك توغرىسىدا خۇتبە سۆزلىگەن. ئىپادە قىلغان مەنىۋى دىئاگنوز ۋە رېتسىپى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

بەدىئۇززامان «كونا سەئىد» دەۋرىدە، پەۋقۇلئاددە پاساھەت بىلەن كىتابلار نەشىر قىلىپ، گېزىتلەردە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىمان، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدە توختالغان، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى ئىلىم-پەن ۋە ماددى تەرەققىياتقا تەرغىپ قىلغان.

بىر كۈنى ئۇنىڭغا گېزىتلەردە پاش بولغان ئەنگىلىيە مۇستەملىكە نازىرىنىڭ: «بۇ قۇرئان مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىلا بولىدىكەن، ئۇلارغا ھەقىقىي ھاكىم بولالمايمىز، قۇرئاننى يوقىتىشىمىز كېرەك.» دېگەن باياناتى كۆرسىتىلگىنىدە، بەدىئۇززامان غەزەپ بىلەن: «قۇرئاننىڭ ئۆچمەس ۋە ئۆچۈرۈلمەس بىر قۇياش ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئىسپاتلاپ جاكارلايمەن» دېگەن.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا، پىدائىلار قوشۇنىغا قوماندان بولۇپ جەڭگە قاتناشقان ۋە قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلغان. ئاخىرى ئەسىرگە چۈشۈپ روسىيەدە ئىككى يېرىم يىل ئەسىرلىك ھاياتى كەچۈرگەن. قايتىپ كېلىپ باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن بىر مەزگىل دىنىي ئىشلار نازارىتىدە دىنىي خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولغان.

1925-يىلى تۈركىيەنىڭ شەرقى قىسمىدا «شەيخ سەئىد قوزغىلىڭى» كۆتۈرۈلگەن. سەئىد نۇرسى بۇ قوزغىلاڭنى قوللىمىغان ۋە قاتناشمىغان بولسىمۇ، تامامەن ئاساسسىز ھالدا گۇمانلىق دەپ قارىلىپ، «رىسالەئى نۇر» ئەسەرلىرى يېزىلىشقا باشلىغان يەر «بارلا»غا سۈرگۈن قىلىنغان.

ئۆزىنى «يېڭى سەئىد» دەپ ئاتىغان بۇ ھاياتى تامامەن يېڭىچە بىر ھايات بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە سىياسەتتىن قەتئىي ئالاقىسىنى ئۈزگەن. رىسالەئى نۇر ئەسەرلىرىنى يېزىش، ئىبادەت ۋە دۇئا-تىلاۋەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغان. 5000 بەتتىن ئارتۇق ئۇ نۇر ئەسەرلىرىدىمۇ دىننىڭ يۈزدىن ئارتۇق تىلسىملىرىنى ئېچىپ ئىمان، ئاخىرەت، ئىخلاس ۋە ئەخلاق-پەزىلەتتەك مەسىلىلەرنى ئۆتكۈر تىللار بىلەن بايان قىلغان. سىياسەت توغرىسىدا يېزىش ئەمەس، ئويلاشتىنمۇ باش تارتقان بولۇپ گويا دۇنيا بىلەن تامامەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن.

شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ زاماندىكى دىن دۈشمەنلىرى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۇنى ھەر ئىشىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا تىرىشىپ 28 يىللىق تۈرمە، نازارەت ۋە سۈرگۈن ھاياتى كەچۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان. ھەتتا يوقىتىش ئۈچۈن ئون توققۇز قېتىم تامىقىغا زەھەر قاتقان. بىراق ﷲنىڭ ئىنايىتى ۋە مۇھاپىزىتى بىلەن كېسەل بولغان بولسىمۇ ئۆلمىگەن. قاتتىق مۇشەققەت ۋە كېسەللىك ئىچىدە، ھەمدە قېرىلىق ھالىتىدە ھەر خىل ئازاپلار بېرىلگىنىگە قارىماي، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قەتئىي بويسۇنمىغان. «ھەر ھۆكۈمەتتە مۇخالىپ پىكىرلىكلەر بولىدۇ. تىنچلىققا زىيان سالماسلىق شەرتى بىلەن ھەركىم ئۆز كاللىسىدىكى ئىلمىي پىكىر سەۋەبلىك جاۋابكار بولمايدۇ.» دەپ ھەقىقەتلەرنى پەرۋاسىزلارچە سۆزلىگەن. ئۆزىنى دۇنيا ھاياتىدىن تارتقان، ھەمدە سىرتقى كۈچلەر ھەرخىل مەھرۇمىيەتلەر، ئىسكەنجىلەر ئاستىدا تۇتقان بولسىمۇ، ئىمان ھەقىقەتلىرىنى قۇياشتەك ئىسپاتلاپ ئۈمىد بېغىشلىغۇچى، ئىمان ۋە ئىسلامىيەتنى چىن يۈرەكتىن سۆيدۈرگۈچى ئەسەرلىرىنىڭ جەلپ قىلارلىقى ۋە ئۆزىنىڭ يۈكسەك پىداكارلىقى نەتىجىسىدە مەيۈسلۈك ئىچىدە قەلبى نۇر ئىزدىگەن كىشىلەر ئارىسىدىن مىليونلارچە رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرى يېتىشكەن. مەتبۇئاتلارغا رۇخسەت بېرىلمىگەچكە، ئۇ شاگىرتلار تەرىپىدىن نۇر ئەسەرلىرى قول يازما بىلەن 600مىڭ نۇسخا كۆپەيتىلگەن.

قىزغىنلىقى ۋە ئىشتىياقى ئۇرغۇپ تۇرغان ئۇ نۇر شاگىرتلىرىمۇ رىسالەئى نۇردىن ۋە ئۇستازىدىن ئالغان دەرس بىلەن سىياسەتتىن چېكىنگەن ۋە جەمئىيەتتە ھېچبىر نۇر شاگىرتىدىن تىنچلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىدىغان ھېچبىر ھادىسە كۆرۈلمىگەن. ئەكسىچە خەلق تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىدىغان پەزىلەت ئۈلگىلىرى بولغان. بىراق زۇلمەت سۆيەر، نۇر ۋە يورۇقلۇقنىڭ دۈشمەنلىرى ھېلى تەرىقەتچى، ھېلى تەشكىلاتچى دەپ سوت مەھكىمىلىرىدە، تۈرمىلەردە بەدىئۇززامان ۋە يېقىن شاگىرتلىرىنى قىيىن-قىستاققا ئالغان. بەدىئۇززامان:

«زامان تەرىقەت زامانى ئەمەس، ئىمان قۇتقۇزۇش زامانىدۇر…»

«دىن ھېچبىر دۇنياۋى مەقسەتكە يېتىشتە قورال ۋە ۋاستە قىلىنمايدۇ، قىلىنسا گۇناھتۇر…»  

«ئىمان كۆپلىگەن گۈزەل خىسلەتلەرنى بېرىش بىلەن بىللە، ھەم مەرھەمەت ھېسسىنى، ھەم زىيان بېرىشتىن ساقلىنىش ھېسسىنى بېرىدۇ…»

«ئىمان ھەركىمنىڭ كاللىسىدا مەنىۋى بىر ساقچىنى ئورنىتىدۇ، تىنچلىقنى بەرپا قىلىدۇ…»

«سىلەرنىڭ ئىشىڭلار قولغا قاراشتۇر، قەلبكە قاراش ئەمەس…» دەپ كۆپلىگەن مۇداپىئە ۋە ئاقلىنىشلار ئارقىلىق ئاخىرى سوتتا ئۇتۇپ چىققان ۋە كېيىن رىسالەئى نۇر ئەركىن تارىلىشقا باشلىغان. بەدىئۇززامان ھەيران قالارلىق شەپقىتى بىلەن 28 يىل جەريانىدا ھەر خىل زۇلۇملارنى قىلىپ قىيىن-قىستاققا ئالغانلارغا بەددۇئامۇ قىلمىغان، ئەكسىچە ھەققىنى ھالال قىلغان (كەچۈرگەن).

پۈتۈن ھاياتىدا ئاجايىپ ئىش ئىزلىرى ۋە نۇرغۇن كارامەتلىرى كۆرۈلگەن، شۇنداقلا ئۇزۇن يىللىق مەنىۋى ۋە ئىلمى جىھادىنى مۇۋەپپىقىيەت بىلەن تاماملاپ، ئىنسانىيەتكە ئېسىل نۇر ھەدىيەلىرىنى قالدۇرغان بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى 1960-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 23-كۈنى كېچىدە ئاخىرەت ئالىمىگە سەپەر قىلغان. ﷲ رەھمەت قىلسۇن. ئامىن!

  بۈيۈك ئىسلام مۇتەپەككۇرى، ئالىم ۋە مۇجاھىد بولغان بەدىئۇززامان سائىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ «رىسالەئى نۇر» نامىدىكى توپلىمى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بۈيۈك قۇرئانىي ۋە ئىمانىي خىزمىتىگە خاتا مەنە بېرىپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان، بىلىپ ياكى بىلمەي ئويدۇرما پىكىر ۋە بۆھتانلارنى چاپلىغان بەزى گېزىتلار، دۇنيانى پاراكەندە قىلغان فىتنىلەر ۋە خاتا خەۋەرلەر بىلەن ئاممىنىڭ پىكىرلىرىنى بۇلغاشقا تىرىشتى. ھەقىقەتنى ۋەھىمە ۋە غەرەز بۇلۇتلىرى بىلەن يېپىشنى خالاشتى. سىياسەت، تەرىقەت ۋە تەشكىلات پىشىدا يۈگەرگەنلىكتەك تۆھمەتلەردە بولۇشقا پېتىنىشتى. بۇلارغا قارشى ئۇستاد بەدىئۇززامان سائىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ رىسالە ۋە مەكتۇپلىرىدا يازغان بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ كىردىن خالىي، شۈبھىدىن يىراق، گۇمان ۋە خىياللاردىن پاك بولغان مەنىۋى سىماسىنىڭ بىر كىچىك ئەينىكىنى كۆرسىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. باشقا تەرىپلەش ۋە سۈپەتلەشلەرگە ھاجەت قويماستن، ئەزىز ئۇستاد بەدىئۇززامان سائىد نۇرسىنىڭ رىسالىلەردىكى ئۆز ئىپادىلىرىلا ئۇ تۆھمەتچىلەرنىڭ بۆھتانلىرىنى يۈزلىرىگە ئۇرىدۇ. مەنفىي ھامىيەتچىلەر(تۆھپىكارلار) تۆھمەتلىرىگە ھەقىقەت رەڭگى بىرىپ، يېيىشقا تىرىشىپ يۈرگەچكە، مۇتلەق ھەق ۋە دەل ھەقىقەت بولغان ئېنىق بىر ھەقىقەتنى بايان قىلىش، بولۇپمۇ ئۇ بۆھتانلارنى يىلتىزىدىن چىرىتىش ئۈچۈن نەشىر قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى.

  مەلۇمدۇركى بىر زاتنى بىلىش ۋە تونۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتىي تارىخى كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ، ھاياتىنىڭ تۈرلۈك قاتلام ۋە تەبىقىلىرىدە ۋە جەمئىيەتنىڭ باشقاباشقا ئىنقىلابلارغا دۇچار بولغان زامان ۋە دەۋرلىرىدە قانداق ھەرىكەتتە بولغانلىقى تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەقىدە، قانائەت، پىكىر ۋە دەۋالىرىدىكى ساداقىتى، غايىسى، دۇرۇستلىقى ۋە مۇستەھكەملىكى ئېنىقلانغان بولىدۇ.

  ئاندىن ئۇ زاتنى تەرىپ قىلغان يەنە بىر ئامىل ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇ زاتنىڭ ئەقىل، قەلب ۋە روھتەك مەنىۋى ۋە ھەقىقىي شەخسىيىتىنىڭ كامالەت ۋە قىممەت دەرىجىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خۇسۇسەن ئۆزىنىڭ ئەينىكى بولغان ئەسەرلىرى ئىنسانىيەت ئارىسىدا مۇسبەت تەسىر بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە ئىسلاھاتقا ئائىت بىر رول ئوينىغان بولسا، بۇ تېخىمۇ گۈزەل ۋە مۇكەممەل بىر تەرىپ قىلغۇچى بولغان بولىدۇ.

  ئاندىن ئۇ زاتنى بىلدۈرگەن ۋە تونۇتتۇرغان باشقا بىر جەھەتمۇ، كۆرۈشكەن، تونۇشقان ۋە بىللە يۈرگەن دوستھەمراھلىرى، ھەمدە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ھاياتىنى تەتقىق قىلىپ، ئىلىم ۋە ھىكمەت ئۆلچىمى ئاساسىدا سۆز قىلغان زامانداشلىرىدۇر.

  پەۋقۇلئاددە ۋە داھى بىر شەخسىيەتنىڭ ئۆز ئىپادىسى ۋە ئەينىكى ھۆكمىدە بولغان بۇ ئۈچ جەھەتتىن سىدق ۋە توغرىلىقنىڭ، پەزىلەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ نۇرى ئەكس ئەتسە، شەكشۈبھىسىزكى ئۇ زات ۋەزىپە، مەرىپەت، ئەخلاق ۋە پەزىلەتتەك ئىنسانىي كامالەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىلىرىغا، ئەڭ گۈزەل نۇقتىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە دېمەكتۇر.

  ئۇنداقتا قەدىرلىك قېرىنداش! باشقىنى ئەمەس پەقەتلا ئىنساپ ۋە ئادالەتنى، ئېتىقاد ۋە مەنتىقنى، ئەقىل ۋە ھىكمەتنى بىللە ئېلىپ كەل. شۇ ئەسىرنى، شۇ زاماننى ۋە پۈتۈن ئەقىللەرنى ئۆزى بىلەن مەشغۇل قىلغان بەدى (ئاجايىپ) پىكىرلىرى، بەدى ئەسەرلىرى، بەدى ھال ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن بەدىئۇززامان سائىد نۇرسىنى تەتقىق قىل. مەرھۇم سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان زامانىدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن مەنىۋىي جىھادىغا، خىلمۇخىل ھايات سەھىپىلىرىگە «رىسالەئى نۇر» نامىدىكى مىليونلارچە نۇسخىسى يۇرت ئىچى ۋە سىرتىدا تارقىلىۋاتقان ئەسەرلىرىگە، مىليونلاردىن ئاشقان شاگىرتلىرىغا، ھەمدە ئۇنى ئالقىشلىغان، دەۋاسىنى تەستىق، خىزمىتىنى تەقدىر قىلغان ئەھلى ئەقىل ۋە ئەھلى ئىلىمنىڭ مىڭلارچە باياناتلىرىغا كەڭرى ۋە ھەقىقەتلىك بىر دۇربۇن بىلەن قارا. كۆرىسەنكى ﷲقا قۇل، ھەزرىتى پەيغەمبەرگە ئۈممەت بولۇپ، قۇرئان ۋە ئىمان خىزمىتىدە بولۇشنىڭ، ئىمان نۇرىنى جاھاننىڭ ھەر تەرىپىگە ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن ئېلان قىلىشنىڭ مىسىلسىز بىر نەمۇنىسىنى كۆرسەتكەن، يۈكسەك ئىخلاس ۋە پىداكارلىق بىلەن، ئالەم قەدەر كەڭرى، قوياشلاردەك پارلاق ئىمانى بىلەن، چاقماقلاردەك چاققان ئىدراك ۋە پاراسىتى، ئىلىم ۋە تەپەككۇرى بىلەن كۆڭۈللەرنى ھاياجانغا كەلتۈرگەن، ئەقىللەرگە ئىستىقامەت ۋە نۇر، روھلارغا كامالەت ۋە تەرەققىيات، ھاياتقا ھايات ۋە سائادەت بەرگەن بۇ كامىل زات قۇرئاننىڭ ھەقىقەتلىرىگە ئەينەكلىك قىلغان «رىسالەئى نۇر» ئارقىلىق ئەسرىمىزگە شەرەپ بېرىۋاتقانلىقىنى، زامانغا قەدىرقىممەت بەرگۈزىۋاتقانلىقىنى قەتئىي شەكىلدە ئېتىراپ قىلىسەن.

  ئەجەبا بۇلارنى تامامەن ئىدراك ۋە تەپەككۇر قىلغاندىن كېيىن، ئۇ زاتنىڭ توغرىلىقىدا، دەۋاسىنىڭ ھەققانىيىتىدە بىر شەك ۋە شۈبھە ئېھتىمالى بولامدۇ؟ ھالبۇكى ئۇ دەۋا قىلغان ھەقىقەت، مىڭ تۆتيۈز يىل بۇرۇن ئىنسانىيەت ئالىمىگە رەھمەت ئەرشىدىن نازىل بولغان مۇقەددەس ئىسلامىيەت قوياشىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن، ئىنسانىيەتكە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختسائادەت قازاندۇرىدىغان نۇرنى يېيىشتىن ئىبارەتتۇر.

  شۇنداق، ئىنسانىيەت ئالىمى تارىخنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە كۆرۈلمىگەن مەنىۋى تەۋرىنىش ۋە چۆكۈشكە بۇ ئاخىرقى ئەسىردىكىدەك دۇچار بولۇپ باقمىغاندۇر. ئەڭ چوڭ بىر مىسالى، ئىنسانىيەتنىڭ يېرىمىنى ئۆزىنىڭ ئىدارىسى ئاستىغا ئالغان شىمالدىن چىققان دىنسىزلىك ئېقىمىنىڭ ھەر مەملىكەتنى جىددى بىر سۈرەتتە ئويلاندۇرىدىغان بۇزغۇنچىلىقلىرىغا قارشى چارە ئىزدەشكە ئۈندىگەن خەتىرىدۇر. دىنسىزلىكنى مەدەنىيەتنىڭ بىر ئالامىتى قاتارىدا كۆرۈپ، ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئۇ شىددەتلىك ئېقىم ماددى قۇۋۋەت بىلەن ئەمەس، بەلكى مەنىۋى بۇزغۇنچىلىقلىرى بىلەن زېھىنلەرنى ئازدۇرۇپ، پىكىر ۋە قەلبلەرنى بۇزۇش ئارقىلىق قىسقا بىر ۋاقىتتا بەش يۈز مىليۇن جۇڭگو نۇپۇسىنى ۋە يېرىم ياۋرۇپانى باسقاندۇر. ھەر مەملىكەتتە زەھىرىنى چېچىپ ھەر خىل ۋاستىلەرنى قولغا چۈشۈرۈشكەندۇر، ئۇ جەھەتكە قارشى پۈتۈن ئىنسانىيەت قارشى تۇرۇشقا تىرىشماقتىدۇر.

  ئىسلام ئالىمىنڭ ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلى ۋە ئەڭ قەھرىمان ئارمىيىسى بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ بۇ چوڭ خەتەردىن مۇھاپىزەت قىلىنىشى توغرىدىنتوغرا بىر ئىلاھىي ئىنايەت ۋە بىر راببانىي ھىمايە بىلەندۇر، بولمىسا پەقەتلا كۈچقۇۋۋەت يىتەرلىك بولالمايدۇ.

  رىسالەئى نۇر مۇئەللىفى قەسەم بىلەن قېتىملارچە بايان قىلغانكى، شىمالدىن چىققان دىنسىزلىككە قارشى ئەڭ چوڭ ۋە قەتئىي بىر چارە قۇرئاندۇر. قۇرئاننىڭ بۇ زاماننىڭ چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن بىر دەرسى ۋە ھەقىقەتلىرىنىڭ دەلىل ۋە ھۆججەتلىرى بولغان رىسالەئى نۇردۇر.

  شۇنداق، رىسالەئى نۇر ھەق ۋە ھەقىقەتكە، دەلىل ۋە ئىسپاتقا تايانغان ئىمان ۋە قۇرئان ھەقىقەتلىرىنى زاماننىڭ ئىدراكىغا ئۇيغۇن جەمئىيەتنىڭ تەپەككۇر ئېقىمىغا مۇناسىپ بولغان جەلپ قىلارلىق ئۇسلۇب ۋە راھەت شەكىلدىكى ئىپادە ئارقىلىق ئىسپات ۋە ئىزاھ قىلىش بىلەن، مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئىمان ۋە ئېتىقادىنى تەھقىقىي قىلىپ، روھلىرىغا ئىسلامىي ئاشىقلىق ۋە مۇھەببەتنى ئويغىتىش جەھەتتە ئانارخىزمنىڭ* ئىشارەتلىرى بولغان دىنسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىققا قارشى مەنىۋى بىر سېپىل تەسىس قىلغاندۇر.

  شۇنداق، روھلاردا، ئەقىل ۋە قەلبلەردە تەسىس قىلغان مۇقەددەس ئىدىيە ۋە غايە بىرلىكى، ئىمانىي ئىشق ۋە مۇھەببەت جەمئىيەتتە يىقىلماس بىر قۇۋۋەت ۋە ئۆتۈلمەس بىر سېپىل ھۆكمىدە بىر مەنىۋى تەسىر كۆرسەتمەكتىدۇر.

  بۇنىڭ بىلەن بىللە قىممەت ۋە ئەھمىيەت ساندىن كۆپرەك سۈپەتكە قارىغانلىقتىن، ئىمانلىق، ساپالىق ۋە يۈكسەك ۋىجدان ئىگىسى بولغان زاتلار، ﷲنىڭ رىزاسىنى ھەرىكەت دەستۇرى قىلغان، ئىسلامىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە راۋاجى ئۈچۈن پىدائىي بولۇش دەرىجىسىدە ئىخلاس ئىشقىنى قازانغانلار ۋە بۇ يولدا غەيرەت ۋە چىدامچانلىق كۆرسەتكەنلەر شەرگە(يامانلىققا) قارشى تارازىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ياخشىلىقنىڭ ئېغىر بېسىشىغا سەۋەب بولماقتىدۇر.

  مانا شۇنداق بەكمۇ يۈكسەك ۋە سائادەتلىك بىر نەتىجىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئامانلىقى نامىدىن نەقەدەر زۆرۈر، ھەمدە تەبرىككە لايىق ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر.

  شۇنداق تۇرۇقلۇق، ھەقىقەتنىڭ دەل ئەكسىگە ئۇ ئېغىر تۆھمەت ۋە بۆھتانلار، بۇ سائادەت يولۇچىلىرى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ بىر نۇقسانلىق ۋە توختاپ قېلىش ئەمەس، ئەكسىچە ﷲ رىزاسىنىڭ پارىلداپ دولقۇنلىنىشىغا، قەلبلەرگە، ۋىجدانلارغا ئەبەدىيەت ۋە باقىي ئالەمنىڭ نۇر ۋە فەيزلىرىنىڭ جەلپ بولىشىغا تېخىمۇ زىيادە سەۋەبتۇر، دەپ ئۇ مۇسىبەتلەرگە سەبىر بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا.

  روھىدا مانا بۇ تايانچ كۈچنى ھاسىل قىلغان ئىنسان ئۈچۈن، ھەتتا دۇنيا بومبا بولۇپ پارتىلىغان تەقدىردىمۇ ھەقتىن يۈز بۇرىماق ۋە ئارقىغا چېكىنمەك ئۇ مۆئمىن ئۇچۈن يارىشىدىغان ئىشمۇ؟ ئەلۋەتتە ياراشمايدۇ. «ھەسبۇناللاھۇ ۋە نىئمەل ۋەكىل» (بىزگە ﷲ يىتەر، ﷲ نېمىدىگەن ياخشى ھامىي!) پۈتۈن خەتەرلەرگە قارشى ئەتراپىمىزنى چۆرىدىگەن مۇستەھكەم بىر سېپىلدۇر، دەپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ھەقىقەتەن، قۇرئاننىڭ قەلئەسى غايەت دەرىجىدە مۇستەھكەم ۋە ساغلامدۇرھەزرىتى ئۇستادمۇ دەيدۇ:

  «قولدا قۇرئاندەك بىر باقىي مۆجىزە تۇرسا باشقا دەلىل ئىزدەش ئەقلىمگە ئارتۇق ئىش كۆرۈنىدۇ.

  قولدا قۇرئاندەك بىر ھەقىقەت دەلىلى تۇرسا كاپىرلارنى يېڭىش ئۈچۈن قەلبىمگە بىر ئېغىرچىلىق كېلەمدۇ؟»

  «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت بولغان ئەھلى ھەق مەزھىپىنى قارارگاھ قىل ۋە قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ مۇھكەمات قەلئەسىگە كىر، سۈننەتى سەنىيەنى رەھبەر قىل، توغرا يول دەل شۇنىڭدا

  نېمە دېگەن غەلىتە ۋە ئېچىنىشلىقتۇركى، ماددىياتقا شۇڭغىغان، نەفسانىي مەنپەئەتلىرىگە ئەسىر بولغان، ئىسلامىيەت روھىدىن بىخەۋەر يۈرگەن بىچارىلەر، ھەق يولۇچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاراپ، ﷲ رىزاسىدىن كەلگەن، ئىمان ۋە قۇرئاندىن چىققان مەنىۋى سۆيۈنچ ۋە ھالاۋەتنى ھېس ۋە ئىدراك قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى پەس مەنپەئەتلەر ۋە دۇنياۋى مەقسەتلەرنىڭ پىشىدا يۈگۈرمەكتەك يالغانلار ۋە تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاشنى خالىشۋاتىدۇ. بۇ پىتنىخورلار، تۆھمەتچىلەر ھېچ بولمىسا تارىخ سەھىپىلىرىگە نەزەر سالغان بولسا ئىدى، بۇنداق بىر گۇمانغا ھەرگىز چۈشۈپ قالمايتتى. چۈنكى تارىخقا شەرەپ بەرگەن قەھرىمانلار دۇنياۋى بىر مەقسەت ۋە مەنپەئەت يولىدا ھەرىكەت قىلىشمىغاندۇر، ئۇلارغا باشقىلارنىڭ سائادىتى بىلەن ھوزۇرلىنىشتىن كەلگەن، ﷲنىڭ رازىلىقىغا قارىغان سۆيۈنچ ۋە شەرەپ يىتەرلىك بولغاندۇر.

  بۈيۈك قەھرىمان ئۇستاد بەدىئۇززامان سائىد نۇرسى ۋە شاگىرتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ ئەنە شۇنداق بەكمۇ يۈكسەك، ئىنساپ ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنى سۆيۈنچ ۋە ھاياجان بىلەن يىغلىتىدىغان دەرىجىدە پاك ۋە پارلاقتۇر.

  بۇ ھەرىكەتنى، بۇ خىزمەتنى باشقا مەقسەتلەرگە بۇرمىلاشنى خالىغان، غەيرى شەكىلدە كۆرسىتىشكە تىرىشقانلار، پەقەتلا يا ئەخمەقلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇ يا ﷲقا ئىسيان ۋە دۈشمەنچىلىكىنى ئىزھار قىلىشىدۇ.

  شۇنداق، ئۇلار زاماننىڭ تار سەھىپىسىدىكى ۋاقىتلىق غەلىبىلىرىدىن كېيىن، ھەق ۋە ھەقىقەت قوياشى بولغان قۇرئان نۇرىنىڭ مۇتلەق ۋە دائىمىي ھاكىمىيىتى قارشىسىدا چوڭقۇر بىر خىجىللىققا يۈز تۇتۇشقا مەجبۇردۇر.

  ئەگەر ئۇ ئىنساپسىزلار نۇر شاگىرتلىرىنىڭ ياخشى نىيەت ۋە گۈزەل ئەخلاقىغا ھەيران بولۇپ، فىيسەبىلىللاھ (ﷲ يولىدا) ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، پەقەتلا كىبىرلىرى ۋە غەرەزلىرى سەۋەبلىك قارشى چىقىش ۋە ئۇ نۇرنى ئۆچۈرۈش پىكرىدە بولىۋاتقان بولسا، بىھۇدىدۇر. چۈنكى «قۇرئان يۇلتۇزلىرىغا پەردە تارتىلمايدۇ. كۆزىنى يۇمغان پەقەتلا ئۆزى كۆرمەيدۇ، باشقىسىغا كېچە قىلالمايدۇ

ئىلاھىي تەقدىر بەزىلەرنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن قايتماس،

بىر مەشئەلكى ﷲ ياقار، پۈۋىلەش بىلەن ئۆچمەس.

جانابى ﷲ قۇرئانى كەرىمىدە نۇرنى ئۆچۈرۈشنى خالىغانلارغا شۇنداق خىتاپ قىلىدۇ:

«ئۇلار ﷲنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈشنى خالىشىدۇ، ﷲ چوقۇم نۇرىنى تاماملايدۇ، كاپىرلار ياخشى كۆرمىسىمۇ

نەشىر قىلغۇچىلار

—————————————————

*ئانارخىزم: ھۆكۈمەتسىزلىك؛ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ ئامانلىقنى بۇزۇش يولىدا بولۇش.

2223قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir