ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال! ئەھلى زالالەت ۋەكىلىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالما!

ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال! ئەھلى زالالەت ۋەكىلىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالما!

(ئوتتۇز ئىككىنچى سۆزنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدىن)

ئىككىنچى نۇقتىنىڭ ئىككىنچى قىسمى

ئەھلى زالالەتنىڭ (ئازغۇنلارنىڭ) ۋەكىلى تايىنىدىغان ھېچبىر يەر ۋە زالالىتىنى ئۈستىگە بىنا قىلىدىغان ھېچبىر نەرسە تاپالماي مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن دېدىكى:

 «مەن دۇنيادىكى بەخت-سائادەتنى، ھاياتتىكى لەززەتنى، مەدەنىي تەرەققىياتنى، پەن-تېخنىكىنىڭ كامالىتىنى ئۆزۈمچە ئاخىرەتنى ئويلىماسلىقتا، ﷲنى تونۇماسلىقتا، دۇنيانى سۆيۈشتە، ئەركىن بولۇشتا ۋە ئۆزىگىلا ئىشىنىشتە دەپ بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى شەيتاننىڭ ياردىمى بىلەن بۇ يولغا باشلىدىم ۋە باشلايمەن.»(؟)

جاۋاب: بىزمۇ قۇرئان نامىدىن دەيمىزكى: ئەي بىچارە ئىنسان! ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال! ئەھلى زالالەت ۋەكىلىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالما! ئەگەر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىساڭ زىيان ۋە ھەسرەتلىرىڭ ئۇ قەدەر چوڭ بولىدۇكى، تەسەۋۋۇر قىلىنىشىدىن روھ، ئەقىل ۋە قەلبلەر ئۈركۈيدۇ. شۇنداق، سېنىڭ ئالدىڭدا ئىككى يول بار:

  بىرسى: ئەھلى زالالەتنىڭ ۋەكىلى كۆرسەتكەن ھالاكەتلىك يولدۇر.

يەنە بىرى: قۇرئانى ھەكىم كۆرسەتكەن سائادەتلىك يولدۇر. مانا بۇ ئىككى يولنىڭ كۆپلىگەن پەرقلىرىنى «سۆزلەر»دە، بولۇپمۇ «كىچىك سۆزلەر»دە كۆردۈڭ ۋە چۈشەندىڭ. ھازىر تېما مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ پەرقنىڭ مىڭدىن بىرىنى كۆر ۋە بىل. يەنى:

 شېرىك ۋە زالالەت، گۇناھ ۋە كەيپ-ساپا يولى ئىنساننىڭ دەرىجىسىنى چەكسىز تۆۋەنگە چۈشۈرىۋېتىدۇ. چەكسىز ئەلەملەر ئىچىدە قويۇپ، چەكسىز بىر ئېغىر يۈكنى زەئىپ ۋە ئاجىز بېلىگە يۈكلەيدۇ. چۈنكى ئىنسان جانابى ﷲنى تونۇمىسا ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلمىسا، ئۇ ۋاقىت ناھايەت دەرىجىدە ئاجىز ۋە زەئىپ، چەكسىز پېقىر ۋە ھاجەتمەن، شۇنداقلا چەكسىز بالا-مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولغان غەم-قايغۇلۇق بىر ھايۋاندەك ياشاپ، ياخشى كۆرگەن، ئالاقىدار بولغان بارلىق دوست-يېقىنلىرىنى بىر قايغۇلۇق پىراق ئىچىدە تاشلاپ قويۇپ، يالغۇز ھالدا قەبرىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىغا كىرىپ كېتىدۇ. ھايات مۇددىتى ئىچىدە ئىنتايىن ئاز بىر ئىختىيارى، كىچىك بىر ئىقتىدارى، قىسقىغىنە بىر ھاياتى، ئاز بىر ئۆمرى، غۇۋا بىر پىكرى بىلەن، چەكسىز ئەلەملەر ۋە چەكسىز غايىلەر بىلەن پايدىسىز تىركىشىدۇ. چەكسىز ئارزۇلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مېۋىسىز بىھۇدە تىرىشىدۇ. ھەمدە ئۆز يۈكىنى كۆتۈرەلمەي تۇرۇپ، يوغان دۇنيانىڭ يۈكىنىمۇ بىچارە بېلىگە ۋە بېشىغا يۈكلىۋالىدۇ. جەھەننەمگە كەتمەستىنلا جەھەننەم ئازابىنى تارتىدۇ.

 شۇنداق، شۇ قايغۇلۇق ئەلەمنى ۋە دەھشەتلىك مەنىۋى ئازاپنى ھېس قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئاداشقان زالالەت ئەھلى ئۈستۈن ھېس تۇيغۇلىرىنى بىھۇش قىلىدىغان غەپلەت مەستلىكى بىلەن ئۇ ئازاپنى ۋاقىتلىق ھېس قىلمايدۇ. لېكىن ھېس قىلىدىغان ۋاقىت، يەنى قەبرىگە يېقىنلاشقان ۋاقىت بىراقلا ھېس قىلىدۇ. چۈنكى جانابى ﷲقا ھەقىقىي قۇل بولمىسا، ئۆزىنى ئۆزىگە ئىگە دەپ بىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇ جۈزئىي ئىختىيارى ۋە كىچىككىنە ئىقتىدارى بىلەن شۇ بوران-چاپقۇنلۇق دۇنيادا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالمايدۇ. ھاياتىغا زىيانلىق مىكروپتىن باشلاپ، تا يەر تەۋرەشلەرگە قەدەر مىڭلارچە تائىپە دۈشمەنلىرىنى ھاياتىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بىر ھالەتتە كۆرىدۇ. ئەندىشىلىك بىر قورقۇنچ دەھشىتى ئىچىدە ھەر ۋاقىت ئۆزىگە دەھشەتلىك كۆرۈنگەن قەبرە ئىشىكىگە قارايدۇ. ئۆزى شۇ ئەھۋالدا تۇرۇقلۇق، ئىنسانلىق ئېتىبارى بويىچە، ئىنسانىيەت ۋە دۇنيا بىلەنمۇ ئالاقىدار بولغان بۇ ئىنسان، دۇنيا ۋە ئىنسانلارنىڭ، چەكسىزلىگەن ھىكمەت، ئىلىم ئىگىسى، چەكسىزلىگەن قۇدرەت، شەپقەت ۋە ئىلتىپات ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ باشقۇرىشىدا ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى تاسادىپىيلىققا ۋە تەبىئەتتىن كۆرگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيانىڭ قورقۇنچلۇق ھاللىرى ۋە ئىنساننىڭ ئەلەملىك ئەھۋاللىرى ئۇنى دائىما ئېزىدۇ. ئۆز ئەلىمى بىلەن بىرگە باشقا ئىنسانلارنىڭمۇ ئەلەملىرىنى تارتىدۇ. دۇنيادىكى يەر تەۋرەش، ۋابا، سەل، ئاچارچىلىق، ئايرىلىشلار، ئۆلۈملەر ئۇنىڭغا بەكمۇ ئازاپلىق ۋە زۇلمەتلىك بالا-مۇسىبەت سۈرىتىدە كۆرىنىپ ئۇنى قىينايدۇ.

 شۇنداقتىمۇ شۇ ھالەتتىكى ئىنسان مەرھەمەت ۋە شەپقەتكە لايىق ئەمەستۇر. چۈنكى بۇ ئازاپلىق ھالەتكە ئۆزى سەۋەب بولغان. «سەككىزىنچى سۆز»دە، چوڭقۇر قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى كىشىنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا ئېيتىلغاندەك، مەسىلەن: بىر كىشى گۈزەل بىر باغچىدا، ئېسىل بىر زىياپەتتە، پەزىلەتلىك دوست-يېقىنلىرى ئىچىدە، پاكىز، تاتلىق، گۇناھسىز، ھوزۇرلۇق بولغان ھالال بىر لەززەت ۋە راھەتكە قانائەت قىلماي، ھارام ۋە سېسىق بىر لەززەت ئۈچۈن، يىرگىنچلىك ۋە نىجىس بىر شاراپنى ئىچسە، مەست بولۇپ خۇددى ئۆزىنى قىش مەزگىلىدە ۋە بەكمۇ پاسكىنا بىر يەردە، ھەتتا يىرتقۇچ ھايۋانلار ئىچىدە دەپ ئويلاپ تىترەپ ۋارقىراپ-جارقىرىسا، قانداقمۇ مەرھەمەتكە لايىق دېگىلى بولسۇن؟ چۈنكى، ئىپپەتلىك ۋە مۇبارەك دوستلىرىنى خۇددى يىرتقۇچدەك تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇلارغا ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. زىياپەتتىكى لەززەتلىك تائاملارنى ۋە پاكىز قاچىلارنى كىر ۋە مەينەت تاش ئورنىدا كۆرىدۇ ۋە سۇندۇرۇشقا باشلايدۇ. ھەمدە ئۇ يىغىلىشتىكى ھۆرمەتكە لايىق كىتابلارنى، مەنىدار مەكتۇپلارنى مەنىسز ۋە ئەرزىمەس نەقىشلەر دەپ ئويلاپ يىرتىپ يەرگە تاشلايدۇ ۋاھاكازا… ئەلۋەتتە بۇنداق بىر شەخس مەرھەمەتكە لايىق ئەمەس، بەلكى جازا كاچىتىغا لايىق بولغىنىدەك؛ ئوخشاشلا، كافىر يامان ئارزۇسىدىن چىققان كۇفۇر مەستلىكى بىلەن ۋە زالالەت ئەخمەقلىقى بىلەن چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچىنىڭ شۇ دۇنيا مېھمانخانىسىنى تاسادىپىيلىق ۋە تەبئەتنىڭ ئويۇنچىقى دەپ كۆرىدۇ. ئىلاھىي ئىسىملارنىڭ جىلۋىلىرىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى نەتىجىسىدە ۋەزىپىلىرىنى پۈتتۈرۈپ غەيپ ئالىمىگە كۆچۈشلىرىنى ھالاكەتكە يۈزلىنىپ يوقالدى دەپ ئويلايدۇ. ﷲنى ئۇلۇغلاش سادالىرىنى، مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ۋە پىراق پەريادلىرى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. سەمەدانىي مەكتۇپلارنى ئىپادىلىگەن شۇ مەۋجۇدات سەھىپىلىرىنى مەنىسىز، قالايمىقان نەرسىلەر دەپ خىيال قىلىدۇ. رەھمەت ئالىمىگە يول ئاچقان قەبرە ئىشىكىنى، يوقلۇق قاراڭغۇلىقىنىڭ ئاغزى دەپ بىلىدۇ. ھەقىقىي دوست-يېقىنلىرى بىلەن كۆرىشىش دەۋىتى بولغان ئەجەلنى، ئەكسىچە دوست-يېقىنلاردىن ئايرىلىش نۆۋىتى دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە ئۆزىگە دەھشەتلىك ۋە ئازاپلىق بىر قايغۇ بېرىش بىلەن بىرگە، ھەم مەۋجۇداتنى، ھەم جانابى ﷲنىڭ ئىسىملىرىنى ۋە مەكتۇپلىرىنى ئىنكار ۋە ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ مەرھەمەتكە ۋە شەپقەتكە لايىق بولمىغىنىدەك، شىددەتلىك بىر ئازاپ كۆرۈشكە تېگىشلىكتۇر. ھېچبىر جەھەتتە مەرھەمەتكە لايىق ئەمەستۇر.

ئەي بەختسىز كۇفۇر ۋە زالالەت ئەھلى! شۇ دەھشەتلىك چۆكۈشنى ۋە ئەزگۈچى ئۈمىدسىزلىكنى قايسى تەرەققىياتىڭلار، قايسى پەنلىرىڭلار، قايسى كامالىتىڭلار، قايسى مەدەنىيىتىڭلار ھەل قىلالايدۇ؟ ئىنسان روھىنىڭ ئەشەددى ئېھتىياج بىلەن مۇھتاج بولغان ھەقىقىي تەسەللىنى نېمەڭلاردا تاپالايسىلەر؟

ﷲ ياراتقان ۋە ئۇ ئېھسان قىلغان نەرسىلەرنى «ياراتتى» دەپ بەكمۇ ئىشەنچ باغلىغان قايسى تەبىئىتىڭلار، قايسى سەۋەبلىرىڭلار، قايسى شېرىكىڭلار، قايسى كەشپىياتىڭلار، قايسى مىللىتىڭلار، قايسى باتىل مەبۇدىڭلار سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەبەدىي يوقىلىش دەپ بىلىۋالغان ئۆلۈم قاراڭغۇلۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، قەبرە تاموژنىسىدىن، بەرزەخ تاموژنىسىدىن، مەھشەرگاھ تاموژنىسىدىن، سىرات كۆۋرۈكىدىن راھەتلىك ھالدا ئۆتكۈزەلەيدۇ ۋە ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ!؟

ھالبۇكى، قەبرە ئىشىكىنى تاقىيالمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەر قەتئىييەن ئۇ يولنىڭ يولۇچىسىلەر. ئەنە شۇنداق بىر يولۇچى، پۈتكۈل ئۇ چوڭ دائىرىلەر ۋە يۇقىرىدىكى تاموژنىلار، ئۆز ئەمرى ۋە ھاكىمىيىتىدە بولغان بىرىسىگە تايىنىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟!

يەنە، ئەي بەختسىز غەپلەت ۋە زالالەت ئەھلى! «شەرىئەت دائىرىسىدە بولمىغان بىر مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى، مەرھەمەتسىز ئازاپ تارتىشتۇر.» دېگەن قائىدىنىڭ سىرى بويىچە، سىلەر يارىتىلىشىڭلاردىكى جانابى ﷲنىڭ زات ۋە ئىسىم-سۈپەتلىرىگە سەرپ قىلىنىشى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇھەببەت (سۆيۈش) ۋە مەرىفەت (ئۆگىنىش) قابىلىيىتىنى، شۈكۈر ۋە ئىبادەت قىلىش قوراللىرىنى شەرىئەتكە خىلاپ بىر سۈرەتتە نەفسىڭلارغا ۋە دۇنياغا سەرپ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ھەقلىق شەكىلدە جازاسىنى تارتىۋاتىسىلەر. چۈنكى جانابى ﷲقا ئائىت بولغان مۇھەببەتنى نەفسىڭلارغا بەردىڭلار. شۇڭا سۆيگەن ئۇ نەفسىڭلارنىڭ چەكسىز بالاسىنى چېكىۋاتىسىلەر. چۈنكى ھەقىقىي بولغان بىر راھەتنى ئۇنىڭغا بەرمىدىڭلار. ھەمدە ئۇ نەفسىڭلارنى، ھەقىقىي سۆيۈشكە لايىق بولغان ھەممىگە قادىر ﷲقا تەۋەككۇل قىلىش ئارقىلىق تاپشۇرمىدىڭلار، نەتىجىدە داۋاملىق ئەلىمىنى چېكىۋاتىسىلەر. شۇنداقلا جانابى ﷲنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە تېگىشلىك مۇھەببەتنى دۇنياغا بەردىڭلار. ئۇنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئالەمدىكى سەۋەبلەرگە تەقسىم قىلدىڭلار. شۇڭا ئۇنىڭ بالاسىنىمۇ تارتىۋاتىسىلەر. چۈنكى، سىلەر ياخشى كۆرگەن ئۇ چەكسىز نەرسىلىرىڭلارنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە «خۇداغا ئامانەت»مۇ دېمەستىن سىلەرگە ئارقىسىنى بۇراپ تاشلاپ كېتىدۇ. بىر قىسمى سىلەرنى تونۇمايدۇ. تونۇسىمۇ سىلەرنى سۆيمەيدۇ. سۆيسىمۇ سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ. ھەمىشە ئۇ چەكسىز پىراقلاردىن، قايتا كەلمەسكە كەتكەن ئايرىلىشلاردىن ئۈمىدسىز ھالدا ئازاپ چېكىۋاتىسىلەر.

زالالەت ئەھلىنىڭ ھاياتىي سائادەت، ئىنسانىي كامالەت، مەدەنىي گۈزەللىك ۋە ئەركىنلىك لەززەت دېگەن نەرسىلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە ھەقىقىتى مانا بۇدۇر. كەيپ-ساپالىرى ۋە مەستلىكى بىر پەردە بولۇپ، ئۇ ئازاپلارنى ۋاقىتلىق ھېس قىلدۇرمايدۇ. «لەنەتلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ ئەقلىگە!» دە…

نۇرانىي بولغان قۇرئان يولى بولسا، زالالەت ئەھلى تارتىدىغان ئازاپ يارىلىرىنى ئىمانىي ھەقىقەتلەر ئارقىلىق داۋالايدۇ. ئاۋۋالقى يولدىكى پۈتۈن قاراڭغۇلۇق زۇلمەتلىرىنى يوقىتىپ، بارلىق زالالەت ۋە ھالاكەت ئىشىكلىرىنى ياپىدۇ. يەنى:

ئىنساننىڭ ئاجىزلىق ۋە كۈچسىزلىكىنى، پېقىرلىق ۋە ھاجەتمەنلىكىنى، چەكسىز قۇدرەت ۋە چەكسىز شەپقەت ئىگىسى بولغان ﷲقا تەۋەككۇل قىلىش ئارقىلىق داۋالايدۇ. ھاياتلىق ۋە ۋۇجۇد يۈكىنى ئۇنىڭ قۇدرىتىگە ۋە مەرھەمىتىگە تاپشۇرۇپ، ئۆزىگە يۈكلىۋالماستىن، بەلكى ئۆزى ئۇ ھاياتقا ۋە نەفسىگە مىنگەن ھالەتتە ھۇزۇرلۇق بىر مەرتىۋىگە ئىگە بولىدۇ. ئىمان ئۇنىڭ «سۆزلەيدىغان بىر ھايۋان» ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بىر ئىنسان ئىكەنلىكى ۋە شەپقەتلىك ﷲنىڭ مەقبۇل بىر مېھمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. دۇنيانىڭ بىر رەھمانىي مېھمانخانا، دۇنيادىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ئىلاھىي ئىسىملارنى كۆرسەتكۈچى ئەينەكلەر، سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بولسا ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بىر سەمەدانىي مەكتۇپلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىنساننىڭ يارىلىرىنى، يەنى دۇنيانىڭ ۋە شەيئىلەرنىڭ زاۋال تېپىشىدىن ۋە فانىيلارنى سۆيۈشتىن كەلگەن يارا-جاراھەتلىرىنى مۇكەممەل داۋالايدۇ. ۋەھىمىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۆلۈم ۋە ئەجەلنى، بەرزەخ ئالىمىگە كەتكەن، باقىي ئالەمدىكى دوست-يېقىنلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە كۆرۈشۈش مۇقەددىمىسى تەرىقىسىدە كۆرسىتىدۇ. ئەھلى زالالەت نەزىرىدە بارلىق دوست-يېقىنلىرىدىن ئەبەدىي ئايرىلىش دېيىلىدىغان ئۆلۈم يارىلىرىنى مانا شۇنداق داۋالايدۇ. ھەمدە ئۇ ئايرىلىشنىڭ ھەقىقەتتە ئۇچرىشىشنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. قەبرىنىڭ، رەھمەت ئالىمىگە، سائادەت دىيارىغا، جەننەت باغىستانىغا، رەھماننىڭ نۇرىستانىغا ئېچىلغان بىر ئىشىك ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك قورقۇنچىنى يوقىتىپ، بەكمۇ ئەلەملىك، ئېغىر ۋە قېيىن بولغان بەرزەخ ساياھىتىنى، بەكمۇ لەززەتلىك، ھۇزۇرلۇق، راھەتلىك بىر ساياھەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قەبرە بىلەن ئەجدىھا ئاغزىنى تاقاپ گۈزەل بىر باغچىغا ئىشىك ئاچىدۇ. يەنى قەبرىنىڭ ئەجدىھا ئاغزى ئەمەسلىكىنى، بەلكى رەھمەت باغىستانىغا ئېچىلغان بىر ئىشىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەمدە مۆئمىنگە ئۇ ئىمان ھەقىقىتى دەيدۇ: «ئىختىيارىڭ جۈزئىي بولسا (ئىختىيارىڭ بويىچە ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكىڭ ئاز بولسا)، ئۆز مالىكىڭنىڭ ئومۇمىي ئىرادىسىگە ئىشىڭنى تاپشۇر. ئىقتىدارىڭ كىچىك بولسا، ھەممىگە قادىر ﷲنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەن. ھاياتىڭ ئاز بولسا، باقىي بىر ھاياتنى ئويلا. ئۆمرۈڭ قىسقا بولسا، ئەبەدىي بىر ئۆمرۈڭ بار ، غەم قىلما. پىكرىڭ خۈنۈك بولسا، قۇرئان قۇياشى ئاستىغا كىر ۋە ئىماننىڭ نۇرى بىلەن قارىساڭ، يالتىراق قوڭغۇزدەك بولغان پىكرىڭ ئورنىغا، قۇرئاننىڭ ھەربىر ئايىتى ساڭا بىردىن يۇلتۇزدەك نۇر بېرىدۇ. ھەمدە چەكسىز تىلەكلىرىڭ، قايغۇلىرىڭ بار بولسا، چەكسىز بىر ساۋاپ ۋە چەكسىز بىر رەھمەت سېنى كۈتىۋاتىدۇ. چەكسىز ئارزۇلىرىڭ ۋە مەقسەتلىرىڭ بولسا، ئۇلارنى ئويلاپ ئازاپ چەكمە. ئۇلار بۇ دۇنياغا سىغمايدۇ. ئۇلارنىڭ يەرلىرى باشقا بىر دىياردۇر ۋە ئۇلارنى بەرگەنمۇ باشقىدۇر.»

يەنە دەيدۇكى:  «ئەي ئىنسان! سەن ئۆزۈڭگە مالىك ئەمەسسەن، سەن قۇدرىتى چەكسىز بىر قادىر، رەھمىتى چەكسىز بىر رەھىم بولغان ئۇلۇغ ﷲنىڭ قۇلىسەن، ئۇنداقتا سەن ئۆز ھاياتىڭنى ئۆزۈڭگە يۈكلەپ قىينالما. چۈنكى ھاياتلىقنى بەرگەن ئۇدۇر، ئىدارە قىلغانمۇ ئۇدۇر.

ھەم مادەم دۇنيا ئىگىسىز ئەمەس. ئۇنداقتا سەن ئۆز بېشىڭغا دۇنيانىڭ يۈكىنى يۈكلەپ، ئۆزۈڭچە يامان تەرەپلىرىنى ئويلىنىپ غەم قىلما. چۈنكى ئۇنىڭ ئىگىسى چەكسىز ھىكمەت ۋە چەكسىز ئىلىم بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. سەن بولساڭ بىر مېھمانسەن. ئوشۇقچە ئارىلاشما، ئارىلاشتۇرما.

ھەم ئىنسانلار ۋە ھايۋانلاردەك پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ۋەزىپىسىز ئەمەس، بەلكى ۋەزىپىدار خىزمەتچىلەردۇر. چەكسىز ھىكمەت ۋە مەرھەمەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ نەزىرى ئاستىدىدۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ قايغۇ ۋە مۇشەققەتلىرىنى ئويلىنىپ، روھىڭغا ئەلەم چەكتۈرمە. ئۇلارنىڭ شەپقەتلىك ياراتقۇچىسىنىڭ شەپقىتىدىن تېخىمۇ ئارتۇق بىر شەپقىتىڭ باردەك كۆرۈنمە. ھەم ساڭا دۈشمەن ۋەزىيىتىدە كۆرۈنگەن مىكروپتىن باشلاپ، تا ۋابا، سەل، ئاچارچىلىق، يەر تەۋرەشكە قەدەر بارلىق ھادىسىلەرنىڭ تىزگىنلىرى ئۇ چەكسىز شەپقەت ۋە ھىكمەت ئىگىسىنىڭ قولىدىدۇر. ئۇ ھەكىمدۇر، يەنى بىھۇدە ئىش قىلمايدۇ. رەھىمدۇر، مەرھەمىتى كۆپتۇر. قىلغان ھەر ئىشىدا بىر خىل ئىلتىپاتى باردۇر.»

 ئۇ ئىمان ھەقىقەتلىرى دەيدۇكى: «شۇ ئالەم گەرچە فانىيدۇر. بىراق ئەبەدىي بىر ئالەمنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلايدۇ. گەرچە زاۋالغا مەھكۇم ۋە ۋاقىتلىقتۇر، بىراق باقىي مېۋىلەرنى بېرىدۇ. باقىي بىر زاتنىڭ باقىي بولغان ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە لەززەتلىرى ئاز، ئەلەملىرى كۆپتۇر. بىراق رەھمانىررەھىمنىڭ ئىلتىپاتلىرى زاۋالسىز ھەقىقىي لەززەتلەردۇر. ئەلەملەر بولسا ساۋاپ جەھەتتىن مەنىۋى لەززەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.

مادەم شەرىئەت دائىرىسى روھ، قەلب ۋە نەفسنىڭ بارلىق لەززەتلىرىگە، كەيپلىرىگە يېتەرلىكتۇر، شەرىئەت دائىرىسىنىڭ سىرتىغا چىقما. چۈنكى ئۇ دائىرىدىكى بىر لەززەتنىڭ بەزىدە مىڭ ئەلىمى بولىدۇ. ھەمدە ھەقىقىي ۋە دائىملىق لەززەت بولغان ئىلاھىي ئىلتىپاتلاردىن مەھرۇم قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

ھەمدە زالالەت يولىدا يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئەسفەلى سافىلىنگە چۈشۈرىۋەتكىدەك شۇنداق بىر چۆكۈش باركى، ھېچبىر مەدەنىيەت، ھېچبىر پەلسەپە بۇنىڭغا بىر چارە تاپالمايدىغانلىقى ۋە ئۇ چوڭقۇر زۇلمەت ئازگىلىدىن ھېچبىر ئىنسانىي تەرەققىيات، ھېچبىر پەننىي كامالەت ئىنساننى چىقىرالمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر. قۇرئانى ھەكىم بولسا، ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق ئۇ ئەسفەلى سافىلىندىن قۇتۇلدۇرۇپ ئالايى ئىللىيىنگە چىقىرىدۇ ۋە قەتئىي دەلىللەر ئارقىلىق چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھەمدە ئۇ چوڭقۇر ئازگالنى مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ پەشتاقلىرى ۋە روھانى كامالەتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ.

ھەم ئىنساننىڭ ئۇزۇن، بوران-چاپقۇنلۇق ۋە ئىزتىراپلىق بولغان ئەبەد تەرەپكە ئۇزانغان سەپىرىنى ئىنتايىن قولايلاشتۇرىدۇ. مىڭ، ھەتتا ئەللىك مىڭ يىللىق مۇساپىنى بىر كۈندە كېسىپ ئۆتىدىغان ۋاستىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ھەم ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانى بولغان ئۇلۇغ ﷲنى تونۇتۇش ئارقىلىق، ئىنساننى ئۇنىڭغا قۇل بولغان بىر خىزمەتچى ۋە ۋەزىپىدار بىر مېھمان سۈپىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھەم دۇنيا مېھمانخانىسىدىكى، ھەم بەرزەختىكى، ھەم ئاخىرەتلىك ماكانلاردىكى ساياھىتىنى تولۇق بىر راھەتلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. خۇددى بىر پادىشاھنىڭ سادىق بىر خىزمەتچىسى، ئۇنىڭ مەملىكىتىدىكى ھەر يەرنىڭ چىگرالىرىدىن ئايروپىلان، پاراخوت، پويىزدەك تېز قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن ئۆتۈپ بەكمۇ قولاي ھالدا ساياھەت قىلالىغانغا ئوخشاش، ئەزەلى سۇلتانغا ئىمان بىلەن باغلانغان ۋە سالىھ ئەمەللىرى بىلەن ئىتائەت قىلغان بىر ئىنسان شۇ دۇنيا مېھمانخانىسىنىڭ تۈرلۈك مەنزىللىرىدىن، بەرزەخ ۋە مەھشەرگاھ قاتارلىق قەبرىدىن كېيىنكى بارلىق ئالەملەرنىڭ چوڭ چىگرىلىرىدىن چاقماق ۋە بۇراق تېزلىكىدە ئۆتىدۇ ۋە ئاخىرى ئەبەدىي سائادەتنى تاپىدۇ.» ھەمدە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئېنىق ھالدا ئىسپات قىلىدۇ. ئەسفىيالار ۋە ئەۋلىيالارغا كۆرسىتىدۇ.

يەنە قۇرئان ھەقىقىتى دەيدۇكى: «ئەي مۆئمىن! سەندىكى چەكسىز مۇھەببەت قابىليىتىنى يىرگىنچ، نۇقسان، ناچار ۋە ئۆزۈڭگە زىيانداش بولغان نەفسى ئەممارەڭ ئۈچۈن سەرپ قىلما. ئۇنى ئەڭ سۆيىلىشكە لايىق ۋە قۇللۇق قىلىنىدىغان بىر ئىلاھ قىلىۋالما. بەلكى سەندىكى ئۇ چەكسىز مۇھەببەت قابىلىيىتىنى، چەكسىز بىر مۇھەببەتكە لايىق بولغان؛ ھەم سەن ئۈچۈن ئېھسانى ھەددى-ھېساپسىز بولغان؛ ھەم سېنى كەلگۈسىدە چەكسىز دەرىجىدە بەختلىك قىلىدىغان؛ ھەم ئالاقىدار بولغان ۋە بەختىيارلىقىدىن سەنمۇ سۆيۈنگەن بارلىق زاتلارنى ئۆزىنىڭ ئېھسانلىرى بىلەن بەختىيار قىلغان؛ ھەم چەكسىز كامالەت ئىگىسى ۋە چەكسىز دەرىجىدە مۇقەددەس، ئۇلۇغ، پاك، قۇسۇرسىز، نۇقسانسىز، ئۆچمەس بىر جامال ئىگىسى بولغان؛ ھەر ئىسمىدا كۆپلىگەن ھۆسن ۋە جامال نۇرلىرى بولغان؛ ھەمدە جەننەتمۇ بارلىق گۈزەللىكلىرى ۋە نىئمەتلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ رەھمىتىنى ۋە جامالىنى كۆرسەتكەن؛ شۇنداقلا كائىناتتىكى سۆيۈملۈك ۋە سۆيۈلگەن بارلىق گۈزەللىكلەر، ھۆسنلەر، جاماللار، كامالەتلەر ئۇنىڭ جامال ۋە كامالىتىگە ئىشارەت قىلغان، دەلىل ۋە ئالامەت بولغان ئاشۇنداق بىر زاتنى ھەقىقىي سۆيۈلگۈچى ۋە بىردىنبىر ئىبادەت قىلىنغۇچى دەپ بىل!…»

يەنە دەيدۇ: «ئەي ئىنسان! ئۇنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە تېگىشلىك بولغان مۇھەببەت قابىلىيىتىڭنى، باشقا باقىي بولمىغان مەۋجۇداتلارغا سەرپ قىلما، پايدىسىز ھالدا باشقا مەخلۇقاتلارغا تارقاتما. چۈنكى مەخلۇقاتلار ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى فانىيدۇر. بىراق ئۇ مەخلۇقاتلاردا ۋە ئۇ سەنئەت ئەسەرلىرىدە نەقىش ۋە جىلۋىلىرى كۆرۈنگەن ‹ئەسمائۇلھۇسنا› دېيىلگەن گۈزەل ئىسىملار باقىيدۇر، دائىمىيدۇر. ئۇ ئىسىملار ۋە سۈپەتلەرنىڭ ھەربىرىدە مىڭلارچە ئېھسان ۋە جامال مەرتىۋىلىرى، مىڭلارچە كامالەت ۋە مۇھەببەت تەبىقىلىرى بار. سەن پەقەت شۇ ‹راھمان› ئىسمىغا قارىغىنكى، جەننەت ئۇ ئىسىمنىڭ بىر جىلۋىسى، ئەبەدىي سائادەت بىر شولىسى ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن رىزىق ۋە نىئمەتلەر بىر تامچىسىدۇر.»

مانا شۇ يۇقىرىدىكى سېلىشتۇرمىلاردىن كېيىن، زالالەت ئەھلى بىلەن ئىمان ئەھلىنىڭ ھايات ۋە ۋەزىپە جەھەتتىكى ماھىيەتلىرىگە ئىشارەت قىلغان ﴿لَقَدْ خَلَقْنَا اْلاِنْسَانَ فِى اَحْسَنِ تَقْوِيمٍثُمَّ رَدَدْنَاهُ اَسْفَلَ سَافِلِينَاِلاَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَ عَمِلُوا الصَّالِحَاتِ﴾ (تىن:4-6) ئايىتىگە، ھەمدە نەتىجە ۋە ئاقىۋەتلىرىگە ئىشارەت قىلغان ﴿فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ السَّمَاءُ وَ اْلاَرْضُ﴾(دۇخان:29) ئايىتىگە دىققەت بىلەن قارا، يۇقىرىدا بايان قىلغان سېلىشتۇرمىنى نەقەدەر يۈكسەك ۋە مۆجىزىلىك تۈردە ئىپادە قىلغان! بىرىنچى ئايەتنىڭ مۆجىزىلىك ۋە بالاغەتلىك ھالدا ئىپادە قىلغان ھەقىقىتى، «ئون بىرىنچى سۆز»دە تەپسىلىي ھالدا بايان قىلىنغانلىقتىن ئۇنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلىمىز. ئىككىنچى ئايەتنىڭ نەقەدەر يۈكسەك بىر ھەقىقەتنى ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى كىچىك بىر ئىشارەت بىلەن كۆرسىتىمىز. يەنى:

 شۇ ئايەت ئوچۇق ئىپادىسى بىلەن شۇنداق پەرمان قىلىدۇ: «زالالەت ئەھلىنىڭ ئۆلىشى بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ئۇلار ئۈچۈن يىغلىمايدۇ.» ئەكسىچە ئىپادە بىلەن بولسا: «ئەھلى ئىماننىڭ دۇنيادىن كېتىشى بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ئۇلار ئۈچۈن يىغلايدۇ.» دەيدۇ. يەنى، ئەھلى زالالەت ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. مەنىلىرىنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنى قەدر-قىممىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ياراتقۇچىسىنى تونۇمايدۇ، ھەمدە ئۇلارغا قارشى بىر ھاقارەت ۋە ئاداۋەت قىلغانلىقتىن، ئەلۋەتتە ئاسمان ۋە زېمىن ئۇلار ئۈچۈن يىغلاش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا نەپرەت، يەنى بەددۇئا ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلىشى بىلەن مەمنۇن بولىشىدۇ. ئەكسىچە ئىپادىسى بىلەن دەيدۇكى: «ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلى ئىماننىڭ ئۆلىشى بىلەن يىغلايدۇ». چۈنكى ئەھلى ئىمان بولسا، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ۋەزىپىلىرىنى بىلىدۇ. ھەقىقىي ھەقىقەتلىرىنى تەستىق قىلىدۇ ۋە ئۇلار كۆرسەتكەن، ئىپادىلىگەن مەنىلەرنى ئىمان بىلەن چۈشىنىدۇ. «نەقەدەر كۆركەم ۋە مۇكەممەل يارىتىلغان، نەقەدەر ياخشى خىزمەت قىلىۋاتقان-ھە!» دەيدۇ. ئۇلارغا لايىق قەدر-قىممەت بېرىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. جانابى ﷲ ھېسابىغا ئۇلارنى، ھەمدە ئۇلار ئەينەك بولۇپ كۆرسەتكەن ئىلاھىي ئىسىملارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەنە شۇ سىر ئۈچۈندۇركى، ئاسمان ۋە زېمىن يىغلاۋاتقاندەك، ئەھلى ئىماننىڭ دۇنيادىن ئايرىلىشىدىن قايغۇرىدۇ.

=======================================================================================

              ئەسفەلى سافىلىن: تۆۋەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنى؛ جەھەننەمنىڭ ئەڭ پەس دەرىجىسى.-ت

                  * ئالايى ئىللىيىن: ئەڭ ئالى دەرىجە؛ جەننەتتىكى ئەڭ ئۈستۈن دەرىجە.-ت

              ئەسفىيا: تەقۋالىق ۋە كامالەت ئىگىسى بولۇپ، پەيغەمبەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بولغان، ئەقىل ۋە قەلبى بىلەن ھەقىقەتكە يەتكەن چوڭ ئۆلىما.-ت

        *نەفسى ئەممارە: شەيتاننىڭ تەكلىپلىرىنى ئېتىرازسىز قوبۇل قىلىدىغان نەفىس. ساۋابلىق ئىشتىن ئۈركىدىغان، گۇناھلارغا ئاشىق بولغان ھېس.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.