ئەي ئىنسان! ھەزەر قىل، دىققەت بىلەن يۈر، چۆكۈشتىن قورىققىن

ئەي ئىنسان! ھەزەر قىل، دىققەت بىلەن يۈر، چۆكۈشتىن قورىققىن

ئۈچىنچى ئىشارەت:

   ئەي ئىنسان! چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچىنىڭ سېنىڭ ماھىيتىڭگە قويغان ئەڭ ئاجايىپ بىر ھالەت شۇدۇركى، بەزىدە دۇنياغا سىغمايسەن. زىنداندا كانىيى سىقىلغان ئادەمدەك «ئوفئوف» دەپ دۇنيادىن تېخىمۇ كەڭرى بىر يەر خالايسەنيۇ، بەزىدە زەررىچىلىك بىر ئىش، بىر خاتىرە، بىر مىنۇت ئىچىگە كىرىپ يەرلىشىسەن. چوڭ دۇنياغا سىغمىغان قەلب ۋە پىكرىڭ ئۇ كىچىككىنە زەررىگە سىغىدۇ، ئەڭ شىددەتلىك ھېسسىياتلىرىڭ بىلەن ئۇ مىنۇت ۋە ئۇ ئەسخاتىرىدە ئايلىنىپ يۈرىسەن.

   ھەمدە سېنىڭ ماھىيىتىڭگە شۇنداق مەنىۋى تۈزۈلمە ۋە ھېسلار بېرىلگەنكى، بەزىلىرى دۇنيانى يۇتسىمۇ تويمايدۇ. بەزىلىرى بىر زەررىنىمۇ ئۆزىگە پاتقۇزالمايدۇ. باش بىر پاتمان تاشنى كۆتىرەلەيدۇ، بىراق كۆز بىر تال چاچنى كۆتۈرەلمىگەنگە ئوخشاش؛ ئۇ ھېسمۇ بىر تال چاچچىلىك بىر ئېغىرلىققا، يەنى غەپلەت ۋە ئازغۇنلىقتىن كەلگەن كىچىك بىر ھالەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ھەتتا بەزىدە ئۆچىدۇ ۋە ئۆلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەي ئىنسان! ھەزەر قىل، دىققەت بىلەن يۈر، چۆكۈشتىن قورق! بىر لوقما، بىر سۆز، بىر دانە، بىر جىلۋە، بىر ئىشارەتتە، بىر سۆيمەكتە چۆكۈپ كەتمە! دۇنيانى يۇتىدىغان چوڭ ھېسلىرىڭنى ئۇلاردا چۆكتۈرمە. چۈنكى كۆپلىگەن كىچىك نەرسىلەر بار، كۆپلىگەن چوڭ نەرسىلەرنى بىر جەھەتتە يۇتىدۇ. مەسىلەن، كىچىك بىر ئەينەك پارچىسىدا، ئاسمان ئۆز يۇلتۇزلىرى بىلەن بىللە ئىچىگە كىرىپ غەرق بولىدۇ. تېرىقچىلىك كىچىك بىر ئەستە تۇتۇش سېزىمىڭدا سېنىڭ ئەمەل سەھىپىلىرىڭنىڭ كۆپىنچىسى ۋە ئۆمۈر بەتلىرىڭنىڭ كۆپ قىسمى ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىدەك، كۆپلىگەن كىچىك نەرسىلەر بار، شۇنىڭدەك چوڭ نەرسىلەرنى بىر جەھەتتە يۇتىدۇ، ئىچىدە يوقىتىۋېتىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.