ئەڭ بەختىيار كىشى

ئەڭ بەختىيار كىشى

(ئون ئالتىنچى مەكتۇپتىن)

   بەشىنچى مەسىلە: مادەم دۇنيا فانىيدۇر؛ ۋە مادەم ئۆمۈر قىسقىدۇر؛ ۋە مادەم بەكمۇ زۆرۈرىي بولغان ۋەزىپىلەر كۆپتۇر؛ مادەم ئەبەدىي سائادەت بۇ يەردە قازىنىلىدۇ؛ ۋە مادەم بۇ دۇنيا ئىگىسىز ئەمەستۇر؛ ۋە مادەم شۇ دۇنيا مېھمانخانىسىنىڭ غايەت ھىكمەت ۋە ساخاۋەت بىلەن ئىش يۈرگۈزىدىغان بىر باشقۇرغۇچىسى باردۇر؛ ۋە مادەم نە ياخشىلىق، نە يامانلىقلار جاۋابسىز(سوراقسىز) قالمايدۇ؛ ۋە مادەم

﴿لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْسًا اِلاَّ وُسْعَهَا﴾(بەقەرە:286)

سىرى بويىچە، كۆتۈرەلمىگىدەك ئىمتىھانغا تۇتۇلمايدۇ؛ ۋە مادەم زىيانسىز يول زىيانلىق يولدىن ئۈستۈندۇر (ياخشىدۇر)؛ ۋە مادەم دۇنياۋىي دوست ۋە مەرتىۋىلەر قەبىر ئىشىكىگە قەدەردۇر.

   ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ئەڭ بەختىيار كىشى شۇدۇركى: دۇنيا ئۈچۈن ئاخىرەتنى ئۇنۇتمىغان؛ ئاخىرىتىنى دۇنيا ئۈچۈن پىدا قىلمىغان؛ ئەبەدىي ھاياتىنى دۇنياۋى ھاياتىنى دەپ نابۇت قىلمىغان؛ مەنىسىز ئىشلار بىلەن ئۆمرىنى زايا قىلىۋەتمىگەن؛ ئۆزىنى مېھمان دەپ بىلىپ، بۇ مېھمانخانا ئىگىسىنىڭ ئەمىرپەرمانلىرىغا قارىتا ھەرىكەت قىلغان؛ شۇنداقلا ساغلام ھالدا قەبىر ئىشىكىنى ئېچىپ ئەبەدىي سائادەتكە يول ئالالىغان كىشىدۇر.

——————————————————-

*مادەم: مادامىكى؛ سەۋەب ۋە دەلىل ئۈچۈن جۈملىنىڭ بېشىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: مادەم شۇنداق، ئۇنداقتا نەتىجە بۇنداق بولىدۇ. (يەنى، شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنداقتا نەتىجە بۇنداق بولىدۇ.)-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.