ئەگەر ھەق دىن بولمىسا دۇنيانىڭ بىر زىندان بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

سەككىزىنچى سۆز

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿اَللّهُ لاَاِلهَ اِلاَّهُوَالْحَىُّ الْقَيُّومُ﴿اِنَّ الدِّينَ عِنْدَاللّهِ اْلاِسْلاَم*

  شۇ دۇنيانىڭ ۋە دۇنيا ئىچىدىكى ئىنسان روھىنىڭ، ھەمدە ئىنسان ئۈچۈن دىننىڭ ماھىيەت ۋە قىممەتلىرىنى، ئەگەر ھەق دىن بولمىسا دۇنيانىڭ بىر زىندان بولىدىغانلىقىنى، دىنسىز ئىنساننىڭ ناھايىتى بەختسىز مەخلۇق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇ ئالەمنىڭ تىلسىمىنى ئاچىدىغان، ئىنسان روھىنى زۇلمەتتىن قۇتقۇزىدىغان

يَا اَللّهُ ۋە لاَ اِلهَ اِلاَّ اللّهُ

ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلى ھېكايە قارا، ئاڭلا:

  بۇرۇنقى زاماندا، ئىككى قېرىنداش بىللە ئۇزاق بىر ساياھەتكە چىقىشتى. كېتىۋاتقاندا يول ئىككىگە ئايرىلدى. ئۇ ئاچا يول بېشىدا مۇھىم بىر ئادەمنى كۆردى. ئۇنىڭدىن «قايسى يول ياخشى؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم ئۇلارغا دېدىكى:

  –ئوڭ يولدا قانۇن ۋە ئىنتىزامغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بار. ئەمما ئۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە بىر خاتىرجەملىك ۋە سائادەت بار. سول يولدا بولسا، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك بار. ئەمما ئۇ ئەركىنلىك ئىچىدە خەتەر ۋە بالا باردۇر. ئەمدىكى تاللاش ئىختىيارى ئۆزۈڭلاردىدۇر.

  بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئىككىسىدىن ئەخلاقى گۈزەل بولغان قېرىنداش

تَوَكَّلْتُ عَلَى اللّهِ**

دەپ ئوڭ يولغا ماڭدى ۋە قانۇن ۋە ئىنتىزامغا بويسۇنۇشنى قوبۇل قىلدى. ئەخلاقسىز ۋە ئەخمەق بولغان يەنە بىرى بولسا، پەقەت ئەركىنلىك ئۈچۈنلا سول يولنى تاللىدى. كۆرۈنۈشتە راھەت، ئەمما مەنىۋى جەھەتتە ئېغىر ۋەزىيەتتە ماڭغان بۇ ئادەمنى خىيالەن كۆزىتىمىز.

  بۇ ئادەم تاغدەريالاردىن ئېشىپ، خالى بىر چۆلگە كەلدى. توساتتىن دەھشەتلىك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى ۋە بىر ۋەھشى شىرنىڭ چاتقاللىقتىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال قاچتى. ئاتمىش مېتر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر سۇسىز قۇدۇققا دۇچ كەلدى. قورققىنىدىن ئۆزىنى قۇدۇق ئىچىگە ئاتتى. يېرىمىغىچە چۈشۈپ قوللىرى بىر دەرەخنىڭ شېخىغا تېگىشىپ ئۇنىڭغا يېپىشىۋالدى. قۇدۇق دىۋارىدا ئۆسۈپ چىققان بۇ دەرەخنىڭ ئىككى تال يىلتىزى بار بولۇپ، بىرى ئاق، يەنە بىرى قارا ئىككى چاشقان ئۇ ئىككى تال يىلتىزنى غاجاپ كېسىۋاتاتتى. يۇقىرىغا قاراپ كۆردىكى، ئۇ شىر خۇددى قاراۋۇلدەك قۇدۇق بېشىدا ئۇنى ساقلاۋاتاتتى. تۆۋەنگە قاراپ كۆردىكى، قورقۇنچلۇق بىر ئەجدىھا! بوينىنى كۆتۈرگەن ۋە بېشى ئوتتۇز مېتر يۇقىرىلىقتىكى پۇتلىرىغا يېقىنلا تۇراتتى، ئاغزى قۇدۇقنىڭ ئاغزىچىلىك يوغان ئىدى. قۇدۇق تاملىرىغا قارىدى. كۆردىكى، زىيانداش ھاشارەتلەر ئەتراپىنى قورشىۋالغان. دەرەخنىڭ بېشىغا قارىدى. كۆردىكى، بىر ئەنجۈر دەرىخى بولۇپ، شېخىدا ھەيران قالارلىق ھالدا كۆپلىگەن مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرى، ياڭاقتىن تارتىپ ئانارغىچە نۇرغۇن مېۋە بار ئىدى.

  بۇ ئادەم چۈشەنچىسىنىڭ ناچارلىقىدىن ۋە ئەقلىنىڭ يوقلىقىدىن بۇنىڭ بىر ئاددى ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇ ئىشلارنىڭ تاسادىپەن بولالمايدىغانلىقىنى، بەلكى بۇ ئاجايىپ ئىشلار ئىچىدە ھەيران قالارلىق سىرلارنىڭ بارلىقىنى ۋە بۈيۈك بىر ئەمر ئىگىسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىدى. بۇ ھالەتتە ئۇنىڭ قەلبى، روھى، ئەقلى شۇ ئەلەملىك ۋەزىيەتتىن يۇشۇرۇنچە پىغان ۋە پەرياد چېكىۋاتقان بولسىمۇ، نەفسى ئەممارىسى خۇددى ھېچ بىر ئىش بولمىغاندەك، روھ ۋە قەلبىنىڭ يىغلىشىدىن قۇلىقىنى ئىتىۋېلىپ، ئۆزئۆزىنى ئالدىغان ھالدا، خۇددى بىر باغچىنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىشكە باشلىدى. ھالبۇكى، ئۇ مېۋىلەر زەھەرلىك ۋە زىيانلىق ئىدى. بىر قۇدسى ھەدىستە دېگەنكى: اَنَا عِنْدَ ظَنِّ عَبْدِى بِى يەنى: «قۇلۇم مېنى قانداق تونۇسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن.»

  شۇنداق قىلىپ بۇ بەختسىز ئادەم يامان گۇمان ۋە ئەقىلسىزلىقىدىن كۆرگەنلىرىنى ئاددى ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۆزى دەپ چۈشەندى ۋە شۇڭا شۇ بويىچە مۇئامىلە كۆردى، كۆرىۋاتىدۇ ۋە كۆرىدۇ! يا قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆلۈۋالالمايدۇ يا راھەت ياشىيالمايدۇ. مۇشۇنداق ئازاب چېكىدۇ. ئەمدى بىز بۇ بەدبەختنى بۇ ئازابىغا قويۇپ، يەنە بىر قېرىندىشىنىڭ ھالىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىمىز:

  شۇ ئەقىللىق مۇبارەك زاتمۇ يولىغا راۋان بولىدۇ ئەمما بۇرادىرىگە ئوخشاش ئەلەم چەكمەيدۇ؛ چۈنكى گۈزەل ئەخلاقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى نەرسىلەرنى ئويلايدۇ. گۈزەل تەسەۋۋۇرلارنى قىلىدۇ. ئۆزلىكىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ. بۇرادىرىگە ئوخشاش زەخمەت ۋە مۇشەققەت چەكمەيدۇ. چۈنكى ئۇ نىزامنى بىلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، نۇرغۇن قولايلىقلارنىڭ يارىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. راھەتچىلىك ۋە خاتىرجەملىك بىلەن ئەركىنئازادە ماڭىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ يولدا بىر باغچىغا دۇچ كەلدى. باغچىدا ھەم چىرايلىق گۈللەر ۋە مېۋىلەر، ھەمدە قارالمىغانلىقى ئۈچۈن يىرگىنچلىك نەرسىلەرمۇ بار ئىدى. بايىقى دوستىمۇ مۇشۇنداق بىر باغچىغا كىرگەنىدى. ئەمما يىرگىنچلىك نەرسىلەرگىلا دىققەت قىلىپ ئۇلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىۋالغان، ھېچ راھەتلىك كۆرمەستىن چىقىپ كەتكەنىدى. ئەمدى بۇ زات بولسا، «ھەر نەرسىنىڭ ياخشىسىغا قاراش» قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، يىرگىنچلىك نەرسىلەرگە ھېچ قارىمىدى. گۈزەل نەرسىلەردىن ياخشى لەززەت ئېلىپ، ھۇزۇر ئىچىدە چىقىپ كەتتى. كېيىن بۇ سەپەر جەريانىدا ئۇمۇ بۇرادىرىگە ئوخشاش چوڭ بىر چۆلگە كىردى. بىردىنلا ھۇجۇم قىلغان بىر شىرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قورقتى، لېكىن بۇرادىرىدەك قورقۇپ كەتمىدى. چۈنكى ياخشى نەزەر ۋە گۈزەل پىكىر بىلەن: «بۇ چۆلنىڭ بىر ھاكىمى بار، بۇ شىر بەلكىم شۇ ھاكىمنىڭ ئەمرى ئاستىدىكى بىر خىزمەتكار بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلاپ ئۆزىگە تەسەللى تاپتى. ئەمما يەنىلا قاچتى. ئاتمىش مېتر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇسىز قۇدۇققا دۇچ كەلدى ۋە ئۆزىنى ئىچىگە ئاتتى. خۇددى دوستىغا ئوخشاش قولى بىر شاخقا تېگىپ ئېسىلىۋالدى. قارىسا ئىككى ھايۋان دەرەخنىڭ يىلتىزىنى كېسىۋاتاتتى. ئۈستىگە قارىسا شىر، ئاستىغا قارىسا بىر ئەجدىھا كۆردى. بۇمۇ قېرىندىشىغا ئوخشاش ئاجايىپ بىر ھالەت ئىچىدە قالدى. بۇمۇ قورقتى، ئەمما قېرىندىشىنىڭ قورقۇنچىدىن مىڭ ھەسسە يېنىك. چۈنكى گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭغا گۈزەل پىكىر بەرگەن. گۈزەل پىكرى بولسا ئۇنىڭغا ھەر نەرسىنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن شۇنداق ئويلىدىكى: «بۇ ئاجايىپ ئىشلار بىربىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋە بىر بۇيرۇق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولسا بۇ يەردە بىر تىلسىم بار. شۇنداق، بۇلار بىر يۇشۇرۇن ھاكىمنىڭ ئەمرى بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇنداقتا مەن يالغۇز ئەمەسمەن، ئۇ يۇشۇرۇن ھاكىم ماڭا قاراۋاتىدۇ، مېنى سىناۋاتىدۇ، بىر مەقسەت ئۈچۈن مېنى بىر يەرگە باشلاپ دەۋەت قىلىۋاتىدۇ

  شۇ خىل تاتلىق قورقۇنچ ۋە گۈزەل پىكىردىن بىر قىزىقىش ھاسىل بولدىكى: «ئەجەبا مېنى سىناپ ئۆزىنى ماڭا تونۇتتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ۋە بۇ ئاجايىپ يول بىلەن بىر مەقسەتكە يۈزلەندۈرىۋاتقان كىمدۇر؟» كېيىن تونۇش ئارزۇسىدىن تىلسىم ئىگىسىگە بولغان مۇھەببەت مەيدانغا كەلدى ۋە شۇ مۇھەببەتتىن تىلسىمنى ئېچىش ئارزۇسى ھاسىل بولدى، ھەمدە شۇ ئارزۇدىن تىلسىم ئىگىسىنى مەمنۇن ۋە رازى قىلىدىغان ۋەزىيەتكە كىرىش ئىرادىسى تۇغۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن دەرەخنىڭ بېشىغا قاراپ ئۇنىڭ بىر ئەنجۈر دەرىخى ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئەمما شاخلىرىدا مىڭلارچە دەرەخنىڭ مېۋىلىرى بار ئىدى. شۇ چاغدا قورقۇنچىسى پۈتۈنلەي تۈگىدى. چۈنكى قەتئىييەن چۈشەندىكى، بۇ ئەنجۈر دەرىخى بىر (مېۋىلەر) تىزىملىكى، بىر (ئەۋرىشكىلەر) مۇندەرىجىسى، بىر (نىئمەتلەر) كۆرگەزمىسىدۇر. ئۇ مەخپىي ھاكىم باغ ۋە بوستىنىدىكى مېۋىلەرنىڭ نەمۇنىسىنى بىر تىلسىم ۋە بىر مۆجىزە بىلەن ئۇ دەرەخكە تاقىغان، ھەمدە مېھمانلىرىغا ھازىرلىغان يىمەكلىكلىرىگە بىردىن ئىشارەت تەرزىدە ئۇ دەرەخنى بېزىگەن بولسا كېرەك. بولمىسا بىرلا دەرەختە مىڭلارچە دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرى بولالمايدۇ. كېيىن دۇئا قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە تىلسىمنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا ئىلھام قىلىندى. «ئەي بۇ يەرلەرنىڭ ھاكىمى! سېنىڭ مەرھىمىتىڭگە چىنپۈتتۈم، سەندىن ياردەم سورايمەن، ساڭا خىزمەتكارمەن، سېنىڭ رازىلىقىڭنى كۆزلەيمەن ۋە سېنى ئىزدەيمەن.» دەپ توۋلىدى. بۇ دۇئادىن كېيىن بىردىنلا قۇدۇقنىڭ تاملىرى يېرىلىپ، شاھانە، پاكىزە ۋە گۈزەل بىر باغچىغا بىر ئىشىك ئېچىلدى. بەلكى ئۇ ئەجدىھا ئاغزى ئۇ ئىشىككە ئۆزگەردى. شىر ۋە ئەجدىھا ئىككى خىزمەتكار سۈرىتىگە كىردى ۋە ئۇنى ئىچىگە تەكلىپ قىلدى. ھەتتا ئۇ شىر ئۇنىڭغا ئىتائەتمەن بىر ئات سۈرىتىدە بولۇپ بەردى.

  مانا ئەي ھورۇن نەفسىم ۋە ئەي خىيالى قېرىندىشىم!

  كېلىڭلار، بۇ ئىككى دوستنىڭ ۋەزىيەتلىرىنى تەھلىل قىلايلى، ياخشىلىق قانداق ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ ۋە يامانلىق قانداق يامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. كۆرەيلى، بىلەيلى!

  قاراڭلار، ئۇ سول يولنىڭ بەختسىز يولۇچىسى ھەر ۋاقىت ئەجدىھانىڭ ئاغزىغا كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، تىترەيدۇ. ئۇ بەختىيار بولسا مېۋىزار ۋە رەڭگارەڭ باغچىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ.

  ئۇ بەختسىز، ئەلەملىك بىر دەھشەتتە ۋە قاتتىق بىر قورقۇنچ ئىچىدە يۈرىكى پارە–پارە بولىدۇ. ئۇ بەختىيار بولسا لەززەتلىك بىر ئۈگۈت ۋە تاتلىق بىر قورقۇنچ، سۆيۈنچلىك بىر مەرىپەت (تۇنۇش) بىلەن ھەيران قالارلىق شەيئىلەرنى سەيرتاماشا قىلىدۇ.

  ئۇ بەختسىز ياتسىراش، مەيۈسلىنىش، ئىگىسىزلىك ئىچىدە ئازاب چېكىدۇ. ئۇ بەختىيار بولسا، خاتىرجەملىك، ئۈمىد ۋە ئىشتىياق ئىچىدە لەززەتلىنىدۇ.

  ئۇ بەختسىز ئۆزىنى ۋەھشىي ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن بىر مەھبۇس ھۆكمىدە كۆرىدۇ. ئۇ بەختىيار بولسا ئەزىز بىر مېھماندۇركى، ئۆزىنى مېھمان قىلغان كەرەملىك ساھىپخاننىڭ ئاجايىپ خىزمەتكارلىرى بىلەن دوستلىشىپ ھۇزۇر تاپىدۇ.

ئۇ بەختسىز كۆرىنىشتە تەملىك، مەنىۋى جەھەتتىن زەھەرلىك بولغان مېۋىلەرنى يەپ ئازابىنى تېزلەشتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ مېۋىلەر نەمۇنىلەردۇر. ھەقىقىي مەنبەلىرىگە بىر ئارزۇ ئويغىتىش ئۈچۈن تېتىپ بېقىشقا رۇخسەت بار. ئەمما ھايۋاندەك يەۋېرىشكە رۇخسەت يوق. شۇ بەختىيار بولسا تېتىپ باقىدۇ، ئىشنى چۈشىنىدۇ. يېيىشنى كېچىكتۈرىدۇ ۋە ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ لەززەتلىنىدۇ.

  ھەم ئۇ بەختسىز ئۆزئۆزىگە زۇلۇم قىلغاندۇر. كۈندۈزدەك بىر ھەقىقەتنى ۋە پارلاق بىر ۋەزىيەتنى قەلىب كۆزىنىڭ كورلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزى ئۈچۇن زۇلمەت ۋە قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بىر قورقۇنچلۇق جەھەننەم شەكلىگە كەلتۈرىۋالغاندۇر. شەپقەتكىمۇ لايىق ئەمەستۇر ۋە بىرسىدىن شىكايەت قىلىشقىمۇ ھېچ ھەققى يوقتۇر.

  مەسىلەن: بىر ئادەم ياز پەسلىدە، گۈزەل بىر باغچىدا، دوستيېقىنلىرى بىلەن بولغان خۇشاللىنارلىق بىر زىياپەتتىكى ھۇزۇرلارغا قانائەت قىلماي، ئۆزىنى نىجىس شاراپلار بىلەن مەست قىلىۋېلىپ، ئۆزىنى قىش ۋاقتىدا، ھايۋانلار ئارىسىدا، ئاچيالىڭاچ دەپ خىيال قىلىپ ۋارقىراش ۋە يىغلاشقا چۈشسە، قانداقمۇ شەپقەتكە لايىق بولسۇن! (چۈنكى) ئۇ ھەم ئۆزئۆزىگە زۇلۇم قىلغان، ھەم دوستلىرىنى ھايۋان كۆرۈپ مەسخىرە قىلغان بولىدۇ. بۇ بەختسىزمۇ خۇددى شۇنداقتۇر. شۇ بەختىيار بولسا ھەقىقەتنى كۆرىدۇ. ھەقىقەت بولسا گۈزەلدۇر. ھەقىقەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئىدراك قىلىپ ھەقىقەت ساھىبىنىڭ كامالىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، مەرھەمىتىگە لايىق بولىدۇ. مانا «يامانلىقنى ئۆزۈڭدىن بىل، ياخشىلىقنى ﷲتىن» دېگەن قۇرئانىي ھۆكۈمنىڭ سىرىنى كۆر. بۇنىڭغا ئوخشاش باشقا پەرقلەرنى مۇلاھىزە قىلساڭ چۈشىنەلەيسەنكى، ئاۋۋالقىسىغا نەفسى ئەممارىسى بىر مەنىۋى جەھەننەم ھازىرلىغان ۋە يەنە بىرىنىڭ ياخشى نىيىتى ۋە گۈزەل قارىشى، ياخشى پىكرى ۋە گۈزەل ئەخلاقى ئۇنى بۈيۈك بىر ئېھسان ۋە سائادەتكە، پارلاق بىر پەزىلەت ۋە پەيزگە ئىگە قىلغاندۇر.

  ئەي نەفسىم ۋە ئەي نەفسىم بىلەن بىللە بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغان ئادەم! ئەگەر ئۇ بەختسىزدەك بولۇشنى خالىمىساڭ ۋە بۇ بەختىياردەك بولۇشنى خالىساڭ، قۇرئاننى ئاڭلا، ھۆكۈمىگە بويسۇن، ئۇنىڭغا يېپىش ۋە ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىل!

  شۇ تەمسىلى ھېكايىنىڭ تېگىگە يېتەلىگەن بولساڭ، دىننىڭ، دۇنيانىڭ، ئىنساننىڭ ۋە ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئۇنىڭغا تەدبىقلىيالايسەن. مۇھىملىرىنى مەن سۆزلەي. ئىنچىكە قىسىملىرىنى ئۆزۈڭ چىقىرىپ ئىدراك قىل.

  قارا! ئۇ ئىككى ئادەمنىڭ بىرى، مۆئمىن روھى ۋە سالىھ قەلىبتۇر. يەنە بىرى كافىر روھى ۋە فاسىق قەلىبتۇر. ئۇ ئىككى يولدىن ئوڭ يول بولسا قۇرئان ۋە ئىمان يولىدۇر. سول بولسا كۇپۇر ۋە ئىسيان يولىدۇر. ئۇ يولدىكى باغچا بولسا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ۋە ئىنسانىي مەدەنىيەت ئىچىدىكى ۋاقىتلىق ئىجتىمائىي ھاياتتۇركى، ياخشى ۋە يامان، خەير ۋە زىيان، پاكىز ۋە مەينەت نەرسىلەر بىللە مەۋجۇتتۇر. ئاقىل ئۇدۇركى، خُذْ مَا صَفَا دَعْ مَاكَدَرْ***قائىدىسى بويىچە ئەمەل قىلىدۇ. قەلب خاتىرجەملىكى بىلەن ماڭىدۇ.

  ئۇ چۆل بولسا، شۇ زېمىن ۋە دۇنيادۇر. شىر بولسا ئۆلۈم ۋە ئەجەلدۇر. ئۇ قۇدۇق بولسا، ئىنسان بەدىنى ۋە ھاياتلىق ۋاقتىدۇر. ئاتمىش مېتر چوڭقۇرلۇق بولسا، ئوتتۇرىچە ئۆمۈر بولغان ئاتمىش يىلغا ئىشارەتتۇر. ئۇ دەرەخ بولسا، ئۆمۈر مۇددىتى ۋە ھاياتلىق ماددىسىدۇر. ئۇ ئاق ۋە قارا ئىككى ھايۋان بولسا، كېچە ۋە كۈندۈزدۇر. ئۇ ئەجدىھا بولسا، كىرىش ئاغزى قەبىر بولغان بەرزەخ يولى ۋە بىر ئاخىرەت راۋىقىدۇر. ئەمما ئۇ ئېغىز مۆئمىن ئۈچۈن زىنداندىن بىر باغچىغا ئېچىلغان ئىشىكتۇر. زىيانلىق ھاشارەتلەر بولسا، دۇنيانىڭ ئۇششاقچوڭ مۇسىبەتلىرىدۇر. ئەمما مۆئمىن ئۈچۈن غەپلەت ئۇيقۇسىغا چۈشمەسلىك ئۈچۈن تاتلىق بولغان بىر ئىلاھىي ئەسكەرتىش ۋە رەھمانىي ئىلتىپاتتۇر.

  ئۇ دەرەختىكى مېۋىلەر بولسا، دۇنياۋى نىئمەتلەردۇركى، مۇتلەق كەرەم ئىگىسى بولغان سېخى ﷲ ئۇلارنى ئاخىرەت نىئمەتلىرىگە ھەم بىر تىزىملىك، ھەم (ئۇلارنى) ئەسلەتكۈچى، ھەم (ئۇلارنىڭ) ئوخشىشى، ھەم جەننەت مېۋىلىرىگە دەۋەت قىلغۇچى بىر نەمۇنىلەر سۈرىتىدە ياراتقاندۇر. ئۇ دەرەخنىڭ بىر تۇرۇقلۇق ھەرخىل مېۋىلەرنى بېرىشى بولسا، جانابى ﷲنىڭ سەمەدانىي****قۇدرىتىنىڭ تامغىسىغا، ئىلاھىي رۇبۇبىيىتىنىڭ****** مۆھۈرىگە، تەڭداشسىز سەلتەنىتىنىڭ ئىمزاسىغا ئىشارەتتۇر. چۈنكى، «بىر نەرسىدىن ھەر نەرسىنى يارىتىش» يەنى، بىر تۇپراقتىن پۈتۈن ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەرنى چىقىرىش، بىر سۇدىن پۈتۈن ھايۋاناتنى يارىتىش، ئاددى بىر يېمەكلىكتىن ھايۋانى ئەزالارنى ئىجاد قىلىش؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە «ھەر نەرسىدىن بىرلا نەرسە يارىتىش» يەنى، جانلىقلار يەيدىغان بەكمۇ تۈرلۈكتۈرلۈك بولغان تائاملاردىن ئۇلارغا خاس گۆشلىرىنى شەكىللەندۈرۈش ياكى تېرىسىنى توقۇشقا ئوخشاش سەنئەتلەر ئەھەد ۋە سەمەد بولغان ئەزەلى ۋە ئەبەدىي سۇلتاننىڭ ئۆزىگىلا خاس مۆھۈرىدۇر، خۇسۇسى تامغىسىدۇر، تەقلىد قىلىنماس بىر ئىمزاسىدۇر. شۇنداق، بىر نەرسىنى ھەر نەرسە ۋە ھەر نەرسىنى بىر نەرسە قىلماق، ھەر نەرسىنىڭ، ھەر شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسىغىلا خاس ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ﷲقىلا مەخسۇس بىر ئالامەتتۇر، بىر ئايەتتۇر.

  ئۇ تىلسىم بولسا، ئىمان سىرى بىلەن ئېچىلغان يارىتىلىش ھىكمىتىنىڭ سىرىدۇر ۋە ئۇ ئاچقۇچ بولسا،

يَا اَللّهُ لاَ اِلهَ اِلاَّ اللّهُ اَللّهُ لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ الْحَىُّ الْقَيُّومُ دۇر.

  ئۇ ئەجدىھا ئاغزىنىڭ باغچا ئىشىكىگە ئۆزگىرىشى شۇنىڭغا ئىشارەتتۇركى، قەبىر زالالەت ۋە ئازغۇنلۇق ئەھلى ئۈچۈن ۋەھىمە ۋە ئۇنتۇلۇش ئىچىدىكى زىندانغا ئوخشاش ئازاپلىق بولغان، ئەجدىھا قارنىغا ئوخشاش تار بولغان بىر مازارغا ئېچىلغان ئىشىكتۇر. قۇرئان ۋە ئىمان ئەھلى ئۈچۈن بولسا، دۇنيا زىندانىدىن باقىي گۈلىستانغا ۋە ئىمتىھان مەيدانىدىن جەننەت باغچىلىرىغا ۋە ھايات زەخمىتىدىن رەھماننىڭ رەھمىتىگە ئېچىلغان بىر ئىشىكتۇر. ۋەھشى شىرنىڭ سۆيۈملۈك بىر خىزمەتكارغا ئۆزگىرىشى ۋە ئىتائەتمەن بىر ئات بولىشى شۇنىڭغا ئىشارەتتۇركى، ئۆلۈم زالالەت ئەھلى ئۈچۈن پۈتۈن دوستيېقىنلىرىدىن ئەبەدىي ئايرىلىش پىراقىدۇر. ئۆزىنىڭ يالغان دۇنيا جەننىتىدىن چىقىپ، قورقۇنچلۇق، يالغۇزلۇق ئىچىدىكى مازار زىندانىغا كىرىشتۇر. ھىدايەت ۋە قۇرئان ئەھلى ئۈچۈن بولسا، ئۇ دۇنياغا كېتىپ بولغان بۇرۇنقى دوستيېقىنلىرىغا قوشۇلۇشقا سەۋەبتۇر. ھەقىقى ۋەتىنىگە، ئەبەدى سائادەت دىيارلىرىغا كىرىش ۋاستىسىدۇر. دۇنيا زىندانىدىن جەننەت بوستانىغا تەكلىپتۇر. رەھمانىررەھىمنىڭ پەزلىدىن ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا ھەق ئېلىش نۆۋىتىدۇر. ھايات ۋەزىپىلىرىنىڭ كۈلپىتىدىن بوشىنىشتۇر. ئىبادەت ۋە ئىمتىھان تەلىماتلىرىدىن ئارامغا چىقىشتۇر.

  خۇلاسە: كىمكى بۇ فانى ھاياتنى ئاساسى مەقسەت قىلسا، كۆرىنىشتە بىر جەننەتتىكىدەك بولسىمۇ مەنىۋى جەھەتتىن جەھەننەمدىدۇر. كىمكى باقى ھاياتقا ئەستايىدىل يۈزلەنسە، ھەر ئىككى دۇنيا سائادىتىگە ئېرىشىدۇ. دۇنيالىق ھاياتى قانچىلىك يامان ۋە قىيىن بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ دۇنيانى جەننەتنىڭ بىر كۈتۈش زالى ھۆكمىدە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن يامان كۆرمەيدۇ، بەرداشلىق بېرىدۇ، سەبر ئىچىدە شۈكۈر قىلىدۇ

اَللّهُمَّ اجْعَلْنَا مِنْ اَهْلِ السَّعَادَةِ وَ السَّلاَمَةِ وَ الْقُرْآنِ وَ اْلاِيمَانِ آمِينْ******

اَللّهُمَّ صَلِّ وَ سَلِّمْ عَلَى سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ وَ عَلَى آلِهِ وَ صَحْبِهِ بِعَدَدِ جَمِيعِ الْحُرُوفَاتِ الْمُتَشَكِّلَةِ فِى جَمِيعِ الْكَلِمَاتِ الْمُتَمَثِّلَةِ بِاِذْنِ الرَّحْمنِ فِى مَرَايَا تَمَوُّجَاتِ الْهَوَاءِ عِنْدَ قِرَائَةِ كُلِّ كَلِمَةٍ مِنَ الْقُرْآنِ مِنْ كُلِّ قَارِءٍ مِنْ اَوَّلِ النُّزُولِ اِلَى آخِرِ الزَّمَانِ وَارْحَمْنَا وَ وَالِدَيْنَا وَارْحَمِ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِعَدَدِهَا بِرَحْمَتِكَ يَا اَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ آمِينَ وَالْحَمْدُ

لِلّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ.

————————————————

*بىر دىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. (سۈرە بەقەرە: 255)

**ھەقىقەتەن ﷲنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلامدۇر. (سۈرە ئالى ئىمران: 19)

ﷲقا تەۋەككۈل قىلدىم.(سۈرە ھۇد: 56)***

****گۈزەل ۋە ھۇزۇرلۇقنى ئال، يامان ۋە قايغۇلۇقنى تاشلا.ت

*****سەمەدانىي: ھەرنەرسە ئۇنىڭغا مۇھتاج بولۇپ، ئۆزى ھېچ نەرسىگە مۇھتاج بولمىغانقا سەمەد»كە) ئائىت.ت

******رۇبۇبىيەت: ﷲنىڭ تەربىيىلەش، بېقىش، باشقۇرۇش سۈپىتى، رەب»لىك).ت

*ئىلاھىم، بىزنى سائادەت، سالامەت، قۇرئان ۋە ئىمان ئەھلىدىن قىلغىن. ت*******

1276قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir