ئاللاھ ھەممە نەرسىگە مۇتلەق ھاكىم

ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئىنكار قىلىنسا(نەئۇزۇبىللاھ)، ئۇ چاغدا ھەربىر زەررىچىنىڭ ھەم ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى، ھەم بويسۇنغۇچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئوخشاش بىر زاتنىڭ ھەم ھۆكۈمران بولۇشى، ھەم بويسۇنغۇچى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. يەنى:

بىر بىنانى تۈزگۈچى تاشلارنىڭ، بىر ئۇستىغا تايالماستىن ئۆزلىرى ئۇ بىنانى قۇرۇپ چىققانلىقىنى قۇبۇل قىلساق، ھەربىر تاشنىڭ ھەم ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى، ھەم مەھكۇم ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش لازىم. چۈنكى، بۇ چاغدا ھەربىر تاش ھۆكۈمرانلىق بىلەن، باشقا تاشلارنىڭ بىنانى قۇرۇش ئۈچۈن توپلىنىشىنى قارار قىلغان. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ھەربىر تاش مەھكۇملۇق بىلەن، باشقا ھەربىر تاشنىڭ قارارىغا بويسۇنۇپ، بىنانى قۇرۇش ئۈچۈن توپلىنىشى كېرەك. شۇندىلا بۇ بىنا پۈتۈپ چىقىدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ئىنساننىڭ بەدەن بىناسىنى جانابى ئاللاھ ئەمەس، بەلكى ئاتوملار ياراتقان بولسا، بەدەندىكى زەررىلەر بۇ قۇسۇرسىز ئەزا ۋە ئورگانلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىنىپ، ئۇ ئەزا ۋە ئورگانلارنى ياساش قارارىنى چىقارغان، ھەمدە ھۆكۈمرانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇنداق، مەسىلەن: بۇ زەررىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ بىر يۈرەك ياساشنى قارار قىلدى، دەيلى. بۇ قارار بىر ھۆكۈمدۇر. بۇ ھۆكۈمنى چىقارغۇچى بولسا ھۆكۈمراندۇر. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرى چىقارغان بۇ ھۆكۈمگە ئىتائەت قىلىپ، ئۆزلىرىنى مەھكۇم قىلىدۇ. چۈنكى، ھەربىر زەررە ئۆزىنىڭ شۇ ئورگاندىكى ئورنىنى تەرك قىلمايۋاتىدۇ. بۇ بولسا بىر مەھكۇملۇقتۇر.

قاشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا: بىر ئاتوم باشقا ئاتوملارنى ئۆز ئەمرىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ ھۆكۈمران بولغان. ھەمدە يەنە باشقا ئاتوملارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق مەھكۇم بولغان. ھالبۇكى ھۆكۈمرانلىق ۋە مەھكۇملۇقنىڭ بىر شەخىستە بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دۇنيادا ھەم ھاكىم ھەم مەھكۇم بولغان ھېچبىر كىشى كۆرۈلمىگەن.

ئاللاھنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئىنسان بەدىنىدىكى سان-ساناقسىز ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ ئىككى سۈپەتنىڭ بار ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. كۇفۇر ئېتىقادىدا مانا مۇشۇنداق مىڭلارچە باتىل پىكىر مەۋجۇت.

ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دائىر دەلىللەرنى كۆرسەتكەن «ئاللاھقا ئىمان» ناملىق ئەسىرىمىزنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرىمىز. ئەمما ھەرگىزمۇ، ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلدىن پەقەت يىگىرمە بەش دانىسىلا بار ئىكەن، دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئەسلا! ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دائىر يەنە نۇرغۇنلىغان دەلىللەر بار. بۇ دەلىللەر بەزىلىرى:

ۋجدان دەلىلى، پەيغەمبەرلىك دەلىلى، قۇرئان دەلىلى، ئىختىساس ئەھلىنىڭ بىردەكلىكى دەلىلى، ئۆلۈم دەلىلى، ئىبادەت دەلىلى، زىننەتلەر دەلىلى، ئۆزئارا ئوخشىشىش دەلىلى، بىر-بىرىگە تايىنىش دەلىلى، ئىنايەت دەلىلى، رەھمەت دەلىلى، تەسەررۇپ قىلىش دەلىلى، ھالدىن ھالغا ئۆزگىرىش دەلىلى، ئاجىزلىق دەلىلى، جاھالەت دەلىلى، ھاكىمىيەت دەلىلى، ئاسان ئىجاد قىلىنىش دەلىلى، بۈيۈكلۈك دەلىلى، گۈزەللىك دەلىلى، تەسىر قۇبۇل قىلىش دەلىلى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن دەلىللەر…

بۇ ئەسەردىكى يىگىرمە بەش دەلىل بىلەن ئاللاھنىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدۇق. ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا يىگىرمە بەش دەلىل ئەمەس، بەلكى بۇ فىلىملەردە كۆرسىتىلگەن دەلىللەردىن بىرسىلا كۇپايە قىلىدۇ.

ئەگەر ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دائىر باشقا دەلىل ۋە ئىزاھلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشنى خالىسىڭىز، سىزگە بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ «ئايەتۇلكۇبرا» نامىدىكى ئەسىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئىشىنىمىزكى، ئۇ ئەسەرنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ يالغۇز بىرلا بېتىدە ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دائىر ئونلارچە دەلىللەرنى كۆرەلەيسىز.

906قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir