بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمغا


بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمغا خۇسۇسىي مەكتۇپتۇر

  يېزىشتىن زېرىككەن ۋە ئىبادەت ئايلىرى بولغان ئۈچ ئايلاردا باشقا زىكىرلەرنى بەش جەھەتتىن ئىبادەت سانالغان (ھاشىيە) رىسالەئى نۇرنى يېزىشتىن ئۈستۈن كۆرگەن قېرىنداشلىرىمغا ئىككى ھەدىسى شەرىفنىڭ ئىككى نۇكتەسىنى سۆزلەيمەن.

  بىرىنچىسى: يُوزَنُ مِدَادُ الْعُلَمَاءِ بِدِمَاءِ الشُّهَدَاءِ (ئەۋ كەما قال) يەنى: «مەھشەرگەھتا ھەقىقەت ئۆلىمالىرى سەرپ قىلغان سىياھ شېھىتلەرنىڭ قېنى بىلەن مۇۋازىنەتكە كېلىدۇ، ئۇ قىممەتتە بولىدۇ

  ئىككىنچىسى: مَنْ تَمَسَّكَ بِسُنَّتِى عِنْدَ فَسَادِ اُمَّتِى فَلَهُ اَجْرُ مِاَةِ شَهِيدٍ (ئەۋ كەما قال) يەنى: بىدئەتلەر ۋە ئازغۇنلۇقلار يامرىغان زاماندا، كىم سۈننەتى سەنىييەگە ۋە قۇرئان ھەقىقەتلىرىگە يېپىشىپ خىزمەت قىلسا يۈز شېھىتنىڭ ساۋابىنى قازىنىدۇ.

  ئەي ھورۇنلۇق ھېسسى بىلەن يېزىشتىن زېرىككەن ۋە سوپى پىكىرلىك قېرىنداشلار! بۇ ئىككى ھەدىس بىرلىشىپ كۆرسىتىدۇكى: مۇنداق بىر زاماندا ئىمان ھەقىقەتلىرىگە، ھەمدە شەرىئەت ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ سىرلىرىغا خىزمەت قىلغان مۇبارەك خالىس قەلەملەردىن ئاققان قارا نۇر ياكى ئابى ھايات ھۆكمىدە بولغان سىياھلارنىڭ بىر دەرھىمى شېھىتلەرنىڭ يۈز دەرھەم قېنى ھۆكمىدە مەھشەر كۈنىدە سىلەرگە پايدا بېرەلەيدۇ. ئۇنداقتا ئۇنى قازىنىشقا تىرىشىڭلار.

  ئەگەر دېسەڭلار: ھەدىستە «ئالىم» تەبىرى بار. بىزنىڭ بىر قىسمىمىز پەقەتلا كاتىپ تۇرساق؟

  ئەلجاۋاب: بىر يىل بۇ رىسالىلەرنى ۋە بۇ دەرسلەرنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ۋە قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان، بۇ زاماننىڭ مۇھىم ۋە ھەقىقەت جەھەتتىكى بىر ئالىمى بولالايدۇ. ئەگەر چۈشەنمىسىمۇ، مادەم رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىنىڭ بىر مەنىۋى شەخسى بار. ئۇ مەنىۋى شەخىس شۈبھىسىزكى بۇ زاماننىڭ بىر ئالىمىدۇر. سىلەرنىڭ قەلەملىرىڭلار بولسا ئۇ مەنىۋى شەخسنىڭ بارماقلىرىدۇر. ئۆز نۇقتىئىنەزىرىمدە لاياقەتسىز بولساممۇ، بوپتۇ ھۇسنى زەنلىرىڭلارغا (ياخشى گۇمانىڭلارغا) بىنائەن بۇ پېقىرغا بىر ئۇستادلىق ۋە ئەگىشىش جەھەتتە بىر ئالىم نەزىرىدە قاراپ باغلىنىپسىلەر. مەن ساۋاتسىز ۋە قەلەمسىز بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرنىڭ قەلەملىرىڭلار مېنىڭ قەلىمىم ھېساپلىنىدۇ، ھەدىستە كۆرسىتىلگەن ئەجىرنى ئالىسىلەر.

سەئىد نۇرسى

——————————————————————-

*(ھاشىيە): بۇ قىممەتلىك مەكتۇپتا ئۇستادىمىز ئىشارەت قىلغان بەش تۈرلۈك ئىبادەتنىڭ ئىزاھىنى ئۆزىدىن تەلەپ قىلدۇق. ئالغان ئىزاھ تۆۋەندىكىچە:

1- ئەڭ مۇھىم بىر جىھاد بولغان ئەھلى زالالەتكە قارشى مەنىۋى جىھاد قىلماقتۇر.

2- ھەقىقەتنى تارقىتىش جەھەتتە ئۇستادىغا ياردەم سۈرىتىدە خىزمەت قىلماقتۇر.

3- مۇسۇلمانلارغا ئىمان ھەقىقەتلىرى بويىچە خىزمەت قىلماقتۇر.

4- قەلەم بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلماقتۇر.

5- بەزىدە بىر سائىتى بىر يىل ئىبادەت ھۆكمىگە ئۆتكەن تەپەككۇرنى قىلماقتۇر.

رۈشتۈ، خۇسرەۋ، رەئفەت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.