بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە سۈيقەسىت قىلىشى

بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە سۈيقەسىت قىلىشى

  ئىككىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار خەۋەر بېرىدۇكى، خەيبەر غازىتىدا بىر يەھۇدىي ئايال بىر ئۆچكىنى كاۋاپ قىلىپ، ناھايىتى تەسىرلىك بىر زەھەر بىلەن زەھەرلەپ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئەۋەتتى. ساھابىلەر يېيىشكە باشلىدى. بىردىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدى:

«اِرْفَعُوا اَيْدِيَكُمْ اِنَّهَا اَخْبَرَتْنِى اَنَّهَا مَسْمُومَةٌ

يەنى: پىشۇرۇلغان ئۆچكە ماڭا ‹مەن زەھەرلىكمەن› دېدىشۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قولىنى تارتتى. ئەمما ئۇ شىددەتلىك زەھەرنىڭ تەسىرىدىن بىشر ئىبنى بەررا يېگەن بىر چىشلەم گۆشنىڭ تەسىرىدىن ۋاپات بولدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇ زەينەپ ئىسىملىك ئايالنى چاقىرىپ: «نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟» دېگەندە، ئۇ شور پىشانە خوتۇن: «ئەگەر پەيغەمبەر بولساڭ ساڭا زىيان بەرمەيدۇ، ئەگەر پادىشاھ بولساڭ ئىنسانلارنى سەندىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلدىمدەيدۇ. بەزى رىۋايەتتە ئۇنى ئۆلتۈرگۈزمىگەن، بەزى رىۋايەتتە ئۆلتۈرگۈزگەن، دېيىلىدۇ. ئەھلى تەھقىق دەيدۇكى، ئۆزى ئۆلتۈرگۈزمىگەن، ئەمما بىشرنىڭ ۋارىسلىرىغا بېرىلگەن، ئۇلار ئۆلتۈرگەن. شۇ ئاجايىب ۋەقەدىكى مۆجىزە تەرەپلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىككىئۈچ نۇقتىنى ئاڭلا:

  بىرىنچىسى: بىر رىۋايەتتە باركى، ئۇ ئۆچكە قولى بىلەن خەۋەر بەرگەندە بەزى ساھابىلەرمۇ ئاڭلىغان.

  ئىككىنچىسى: ھەم بىر رىۋايەتتە باركى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام خەۋەر بەرگەندىن كېيىن: «بىسمىللاھ» دەپ ئاندىن يېسەڭلار، زەھەر تەسىر قىلمايدۇ، دېگەن. بۇ رىۋايەتنى گەرچە ئىبنى ھاجەر ئەسقەلانى قوبۇل قىلمىغان، ئەمما باشقىلار قوبۇل قىلغان.

  ئۈچىنچىسى: ھەم ھىيلىگەر يەھۇدىيلار رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ۋە يېقىن ساھابىلىرىگە بىراقلا زەربە بېرىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىردىنلا غايبتىن خەۋەر بېرىلگەندەك، ھادىسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى ۋە ھىيلىسىنىڭ ئىشلىمەي قېلىشى، ھەمدە ئۇ خەۋەر بېرىلگەن ۋەقەنىڭ توغرا چىقىشى ۋە ساھابىلەرنىڭ نەزىرىدە ھېچبىر ۋاقىت ئەمەلىيەتكە زىت بىر خەۋىرى كۆرۈلمىگەن زاتى ئەھمەدىيەنىڭ «شۇ ئۆچكىنىڭ قولى ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ» دېيىشى، ھەر ئادەمنىڭ ئۇ ئۆچكىدىن ئۆز قۇلىقى بىلەن ئۇ سۆزنى ئاڭلىشى قەدەر قەتئىي قانائەت بېرىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.