ھەققىمىزدە

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّح۪يمِ

اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ رَبِّ الْعَالَم۪ينَ وَ الصَّلاَةُ وَ السَّلاَمُ عَلٰى سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ وَ عَلٰى اٰ لِهِ وَ صَحْبِهِ اَجْمَع۪ينَ

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ

اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّٰهِ وَ بَرَكَاتُهُ اَبَدًا دَائِمًا

 

   رىسالەئى نۇردىكى بارلىق ئىمانى ۋە ئىسلامى مەسىللەر توغرىدىنتوغرا قۇرئاننىڭ ۋە قۇرئاننىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇپەسسىرى بولغان ھەدىسنىڭ مېلىدۇر. بۇ سەۋەپتىن، ئىمانغا ۋە ئىسلامغا ئائىت بىر مەسىلە ئوقۇلغان ۋاقىتتا مەھازىدىكى قۇدسىيەت يەنى مەنبەدىكى مۇقەددەسلىك سەۋەبىدىن ئۇ مەسلىلەر ئىچىدىن قۇرئان ۋە ھەدىسنى تىپىش لازىمدۇر. ھەم قۇرئانغا ئائىت بىر مەسىلە چۈشەندۈرۈلگەن ۋاقىتتا نەزەرلىرىمىز ئەڭ ئەۋۋەل بىۋاستە قۇرئان ئايەتلىرىگە بۇرىلىشى لازىم.

  مۇئەللىپ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بايان قىلىنغان تىما ھەققىدە سۈنۇخات ناملىق ئەسىردە مۇنداق دەيدۇ: “دەلىلھۇججەتتىن بەكراق، مەنبەدىكى مۇقەددەسلىكئاۋام خەلىقنىڭ قۇرئانغا بويسۇنۇشىغا تۈرىتكە بولىدۇ.”

  مۇجتەھىتلەرنىڭ كىتاپلىرى ۋاسىتەۋەسىلە بولىشى ۋە ئەينەككە ئوخشاش قۇرئاننى كۆرسىتىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ ۋەكىل ۋە كۆلەڭگە بولوپ قالماسلىقى لازىم.

  ئەگەر دىننىڭ زۆرۇرىيەت قىسمىدا بىۋاستە قۇرئان كۆرسىتىلگەن بولسا ئىدى، زىھىنلەردە تەبىئىي ھالدا مۇشەۋۋىكى ئىمتىسال يەنى قۇرئان ئەمىرىلىرگە بويسۇنۇش قىزغىنلىقى پەيدا بولۇپ، مۇقىزى ۋىجدان يەنى ۋىجداننى غەپلەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋە زاتى لازىمى يەنى بولمىسا بولمايدىغان لازىمى بولغان مۇقەددەسلىككە (يەنى قۇرئانغا) يۈزلەنگەن بولاتتى. ۋە بۇ شەكىلدە قەلىبكە مەلەكەئى خاسساسىيەت يەنى سەزگۈرلۈك ماھارىتى پىشىپ يەرلىشىپ، ئىماننىڭ ئەسكەرتىشئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارشى “ئاسام” يەنى بىپەرۋالىق، ھەقنى ئاڭلىماسلىق ۋە بۇيۇنتاۋلىق قىلىشتەك قاتتىقلىقى قالمىغان بولاتتى.

  دىمەك شەرىئەت كىتاپلىرى بىرەر سۈزۈك پارلاق ئەينەك ماھىيىتىدە بولىشى لازىم تۇرۇقلۇق، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن تەقلىتچىلىرنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن داتلىشىپ پەردە بولۇپ قالغاندۇر. شۇنداق، بۇ كىتاپلار قۇرئانغا تەپسىر بولۇش لازىم تۇرۇقلۇق، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا ئوقۇلىدىغان كىتاپ ئورنىغا ئۆتۇپ قالغان.

  مەسىلەن: بىر ئادەمئبنى ھاجەرگە نەزەر سالغان ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ ئىبنى ھاجەرنىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشۈنۈش مەقسىتى بىلەن ئەمەس بەلكى قۇرئاننى چۈشۈنۈش ۋە قۇرئاننىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنى ئۈگۈنۈش مەقسىتى بىلەن قاراش لازىم.

  مەسىلەن: بىر ئادەمئبنى ھاجەرگە نەزەر سالغان ۋاقىتتا، قۇرئاننى چۈشۈنۈش ۋە قۇرئاننىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۈگۈنۈش مەقسىتى بىلەن قاراش لازىم. ھەرگىزمۇ ئىبنى ھاجەرنىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشۈنۈش مەقسىتى بىلەن ئەمەس.

  ئەگەر ئىسلام جامائەتلىرىنىڭ دىنى زۈرۈرى ئىھتىياجلىرى بىۋاستە قۇرئانغا يۈزلەنگەن بولسا، ئۇ قۇرئانى مۇبىن، مىليونلارچە كتاپلارغا تەقسىم قلىنغان رىغبەتلەندۈرۈشلەردىن تىخىمۇ كۈچلۈك بىر رىغبەتكە ۋە ئھتىياج نەتىجىسى بولغان ئومۇمى يۈزلۈنۈشكە ئىگە بولغان بولاتتى. ۋە بۇ شەكىلدە نەپىس ساھىپلىرىگە ھەممە تەرەپتىن ھەقىقىي ھاكىم ۋە نۇپۇزلۇق تەسىرگە ئىگە بولغان بولاتتى. پەقەتلا تىلاۋەت قىلىپ ئوقولىشقا خاس مۇبارەك بىر كتاپ دەرىجىسىدىلا قالمايىتتى.

  شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دەستۇرلارغا بىنائەن رىسالەئى نۇردىكى ھەر بىر ئىمانى مەسلىلەرنى ئوقوغاندا ۋە چۈشەندۈرگەن ۋاقىتتا، ئەۋۋەل قۇرئاننى چۈشۈنۈش ۋە قۇرئاننىڭ نىمە دەۋەتقانلىغىنى چۈشۈنۈش مەقسىتى بىلەن قاراش كېرەك. ھەرگىزمۇ رىسالەئى نۇرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقى چۈشىنىش مەقسىتىدە ئەمەس.

  چۈنكى رىسالەئى نۇر ئىزاھ قىلغان ھەربىر مەسىلىدە نەزەرلەرنى دائىم قۇرئانغا يۈزلەندۈرمەكتە ۋە ئۇ مەسىلىنى قۇرئانغا ئەينەك قىلماقتا.

  مۇئەللىپ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) “28مەكتۇب: 7مەسىلەدە بۇ ھەقىقەتنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، كۆرۈشنى خالىغانلار مۇراجات قىلسا بولىدۇ.

   ئۇنۇتۇلماسلىقى كىرەكتۇركى، ئوقولۇشى ئىبادەت ھېساپلىنىدىغان ۋە ھەربىر ھەرپىگە ئەڭ ئاز ئون ساۋاپ يېزىلىدىغان يىگانە كتاب قۇرئانىھەكىمدۇر. ئەگەر ئوقولغان ئەسەردە دىققەت نەزىرى ئايەتلەرگە يۈزلەندۈرۈلمىسە ۋە ئەسەردە زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئوقۇلمىسا، ئۇ دەرىس ئىبادەت بولمىغىنىغا ئوخشاس ساۋاپمۇ قازىنىلمايدۇ. (فىقىھى كتابى ئىبنىھاجەرنىڭ مۇستەققل بىر كتاب نىيىتى بىلەن ئوقۇلغىنىغا ئوخشاش.)

  رىسالەئى نۇر تەۋەرۇك سۈپتىدە ئوقۇلىدىغان مۇستەققل بىر كتاب ئەمەس. پەقەت ۋە پەقەت قۇرئاننىڭ سېرلىرىنى چۈشۈنۈش نىيىتى بىلەن ئوقۇلۇشى كىرەك. بۇ سەۋەپتىن رىسالەئى نۇردىكى ئىماني ۋەياكى قۇرئاني بىر مەسىلىلەر ئوقۇلغان ۋاقىتتا، ھىچ بولمىغاندا باشتا زىكىر قىلىنغان ئايەتىكەرىمىنىڭ قىسقا مەنىسىنى ئۈگۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ (رىسالەئى نۇرنى) مەنىۋى تەپسىرنى ئوقۇش لازىم. چۈنكى ئۇ مەسىلە، ئۇ ئايەتتىكى قۇرئاننىڭ مۇئجىزجىزلىكىدىن دەرىس بىرىۋاتىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى بىلىنمىسە، قۇرئاننىڭ ئۇ مۇئجىزىلىكىمۇ بىلىنمەيدۇ.

  بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىنىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن): “قۇرئانغا ئائىت مەسلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش بىر تۇرلۇك مەنىۋى تەپەككۇر قىلىپ تۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش ھۆكمىدە بولىدۇ. ھەم ئىبادەت، ھەم ئىلىم، ھەم مەرىپەت (ئاللاھنى ئىسىم سۈپەتلىرى ۋە ئىلىم بىلەن تونۇشت)، ھەم تەپەككۇر، ھەم قۇرئان تىلاۋىتى بولۇشتىن ئىبارەت مەنىلەر رىسالەئى نۇرنىڭ ئىستىنساھ نۇسخىللىرىدا ۋە مۇتالىيەسىدە(ئەتراپلىق مۇلاھىزىلىرىدە) بار.” (بارلا لاھىقاسى،334بەت) دېگەن ئىپادىلىرىدىكى مۇراتمەقسىتى شۇدۇركى:

  <<رىسالەئى نۇردا ئورۇن ئالغان ھەر بىر ئىماني مەسىلە، ئىككى يۈزدىن كۆپرەك قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ خۇلاسىسى ۋە ئىزاھىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، رىسالەئى نۇرنى ئوقۇغان بىر شەخىس ئوقۇۋاتقان تىمىنىڭ قايسى ئايەتىكەرىمىدىن سۈزۈلۈپ ئېلىنغانلىقىنى تېپىپ چۈشۈنەلىشى ۋە ئۇ مەۋزۇنى شۇ ئايەتىكەرىمىنىڭ تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئوقۇشى لازىم. بولمىسا ھەرگىزمۇ رىسالەئى نۇرنى قۇرئاندىن ئايرىم، مۇستەقىل بىر ئەسەر سۈپىتى بىلەن قاراپ ئۇنى –ھاشا!(ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس)-قۇرئاننىڭ ئورنىدا ئوقۇش دىگەنلىك ئەمەستۇر.>>

  رىسالەئى نۇرنىڭ مۇئەللىپى رىسالەئى نۇرنى ئۆز شەخسىيىتىگە باغلىمىغانلىقىغا ئوخشاش، رىسالەئى نۇرنى ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ ئەسەرلەرنى ئۇستادنىڭ شەخسىيىتىگە باغلىماسلىقى كېرەك ۋە بۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق بىۋاستە قۇرئانغا يېپىشىپ، ئوقۇلغان تىمىنى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئوقۇشى لازىم.

  چۈنكى رىسالەئى نۇر قۇرئاننىڭ تەپسىرىدۇر، ئۇستادنىڭ شەخسى ئويپىكرىدىن ئوتتۇرغا چىققان بىر ئەسەر ئەمەستۇر.

  مادەم رىسالەئى نۇر دەرىسلىرى قۇرئان دېڭىزىدىن ئېقىپ كەلگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە ئوقۇلغان دەرىسلەرمۇ ئۆز مەنبەسى بولغان قۇرئانغا باغلىنىشى لازىم. ئۇ ۋاقىتتا دەرىس، ھەقىقى ئۇستازى بولغان قۇرئاندىن بىۋاستە ئېلىنغان دەرىس بولىدۇ. شەخىس ئوتتۇرلۇققا كىرىپ كۆلەڭگە بولالمايدۇ. ئەكسچە بولسا، دەرىس شەخىسكە باغلىنىپ ، مۇقەددەسلىك يوقايدۇ ۋە دەرىسنىڭ مەنىۋى تەسىرى بولمايدۇ.

  دىمەك، دەرىس شەخىسكە باغلانماستىن بىۋاستە قۇرئانغا باغلانغاندا، ئۇ دەرىسلەردىكى مەنىۋى كۈچنىڭ تەسىرى بولىدۇ، شۇندىلا دەرىستىن مەنىۋى زوقپەيىز ئېلىنىدۇ ۋە ئۇ مەنىۋى كۈچ تۈرىتكىسى سايىسىدا گۇناھلاردىن ساقلىنىشقا تىرشالايدۇ.

  قۇرئان بىلەن مۇناسىۋىتى قۇرۇلمىغان بىر دەرىسنىڭ قىسقا بىر زاماندىن كېيىن تەسىرىنى يىتتۈرۈپ قويىدۇ ۋە مەنىۋى تۈرىتكىسىتەسىر كۈچىمۇ قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئوقۇلغان تىما چۈشۈنۈلمىگەنلىكتىن خاتا يوللارغا مېڭىپ ئېزىپ گۇناھلارغا كېرىپ قېلىشى مۇمكىن. نەئۇزۇبىللاھ(ئاللاھ ساقلىسۇن).

  خۇلاسە: رىسالەئى نۇردىكى مەسىلىلەر تەپەككۈر بىلەن، تەتقىق بىلەن قۇرئاننىڭ بىر تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئەتراپلىق ئوقۇلىشى ۋە مۇلاھىزە قىلىنىشى كېرەك. رىسالەئى نۇر مۇستەققىل بىر ئەسەر دەپ قارىلىپ ئوقۇلماسلىقى كىرەك. قۇرئاننىڭ مەنىۋى تەپسىرى بولغان بۇ ئەسەر قۇرئانغا خىزمەتكار بولىشى كېرەك ۋە قۇرئاننىڭ ئورنىغا چىقىۋالماسلىقى لازىم. شۇنداقلا قۇرئاننى ئۈگۈنۈش مەقسىتى بىلەن ۋە قۇرئان ئارقىلىق دەردىگە دەرمان تېپىش مەقسىتى بىلەن ئوقۇلىشى لازىم. “دەرت بىزنىڭ، دەرمان بولسا قۇرئاندىندۇر.” دىگەن كىشى ئۇستاز ھەزرەتلىرىدۇر.

  دېمەك، بىز نەشر قلغان نۇر بۇلىقىئىسمدىكى بۇ تور ساھىپىسىدىكى تەرجىمە ئەسەرلەر ۋە ئىزاھلار، يۇقارىدا كۆرسىتىلگەن ئۇلئاساسلار دائىرەسىدە يېزىلغاندۇر. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭمۇ رىسالەئى نۇرنى ۋە بىز نەشر قىلىدىغان ئەسەرلەرنى بۇ ئۆلچەمپىرىنسىپلارنى دىققەت نەزىرىگە ئالغان ئاساستا ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  غەيرەت ۋە تىرشچانلىق بىزدىن ياردەم ۋە مۇۋاپىقىيەت ئاللاھتىن.

نەشر قلغۇچىلار

ئەزىز قېرىنداشلىرىم!

  ئىنساننىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىسىنىڭ نېمە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال بىزنى ياراتقان زاتنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى ئاڭلىشىمىز لازىم.

وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْاِنْسَ اِلَّا لِيَعْبُدُونِ

« جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.»

زارىيات سۈرىسى،56-ئايەت›

  بۇ ئايەتتىكى

«لِيَعْبُدُونِ»

كەلىمىسى نوقۇل ھالدا تار دائىرىدىكى ئىبادەت قىلىشنى كۆرسەتمەي، بەلكى كەڭ مەنىدىكى «قۇلچىلىق قىلىش» مەنىسىنى ئىپادە قىلىدىغان بولۇپ، ئىبنى ئابباس رەزىيەنلاھۇ ئەنھۇ بۇ تەبىرنى «مەرىفەت» يەنى، ئاللاھنى تونۇش دەپ تەپسىرلىگەن. يەنە بەزى ئالىملار بولسا، ئاللاھقا قەلب بىلەن باغلىنىش دەپ چۈشەنگەن. چۈنكى، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ئاساسى بولسا، ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھقا ئىشىنىش، ئاندىن ئاللاھنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلاشتۇر. قۇرئانى كەرىمدە كۆپ يەردە زىكىر قىلىنغان «ئىمان ئېيتقانلار ۋە سالىھ ئەمەل قىلغانلار» تەبىرىدە، ئىمان ئېيتىشنى شەرت قىلىپ بايان قىلىشىمۇ بۇ ھەقىقەتنى نامايەت قىلىپ بەرمەكتە. ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغان ئەلۋەتتە ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ.

  بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خۇسۇسىيەت باردۇركى، بۇلار كىمدە بولسا شۇ ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدۇ: ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى ھەر نەرسىدىن بەكراق سۆيۈش. سۆيگەنلىرىنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش. ئاللاھ ئۇ كىشىنى كۇفۇر پاتقىقىدىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن، قايتا كۇفۇرغا قايتىشنى خۇددى ئوتقا تاشلانغاندەك يامان ۋە خەتەرلىك كۆرۈش.»‹بۇخارى، ئىمان 9

بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى ئىماننىڭ دەرىجىلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:

  «قەتئىييەن بىلگىنكى، يارىتىلىشنىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىسى ۋە فىتراتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن نەتىجىسى «ئىمانى بىللاھ»(اﷲقا ئىمان)دۇر. ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەرتىۋىسى ۋە ئەڭ بۈيۈك ماقامى، ئىمانى بىللاھ ئىچىدىكى «مەرىفەتۇللاھ»تۇر. جىن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ پارلاق سائادىتى ۋە ئەڭ تاتلىق نېئمىتى، ئۇ مەرىفەتۇللاھ ئىچىدىكى «مۇھەببەتۇللاھ»تۇر. ھەمدە ئىنسان روھى ئۈچۈن ئەڭ خالىس خۇشاللىق ۋە ئىنسان قەلبى ئۈچۈن ئەڭ ساپ سۆيۈنچ، ئۇ مۇھەببەتۇللاھ ئىچىدىكى «روھانىي لەززەت»تۇر

لَقَدْ خَلَقْنَا اْلاِنْسَانَ فِى اَحْسَنِ تَقْوِيمٍ ثُمَّ رَدَدْنَاهُ اَسْفَلَ سَافِلِينَ اِلاَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَ عَمِلُوا الصَّالِحَاتِ

بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق [4]. ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق [5]. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ [6]

تىن سۈرىسى، 4،5،6-ئايەت›

   بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى بۇ مۇئەززەم ئايەتى كەرىمنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:

   «ئىنسان ئىمان نۇرى ئارقىلىق ئالايى ئىللىييىنگە(ﷲنىڭ نەزىرىدە ئەڭ كامىل ئىنسانلارنىڭ دەرىجىسى، ئەڭ يۇقىرى دەرىجە. يۇقىرىنىڭ يۇقىرىسى.) چىقىدۇ، جەننەتكە لايىق بىر قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. كۇفۇر قاراڭغۇلىقى ئارقىلىق بولسا ئەسفەلى سافىلىنگە(ئەڭ تۆۋەن دەرىجە، پەسلەرنىڭ ئەڭ پېسى.) چۈشىدۇ، جەھەننەملىك بولىدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ

«ئىماننىڭ دۇئانى ئۆزىگە قەتئىي بىر ۋاستە سۈپىتىدە تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشى دۇئانى شىددەت بىلەن خالىغىنىدەك، جانابى ھەقمۇ «دۇئايىڭلار بولمىسا نېمە ئەھمىيىتىڭلار بار؟» مەنىسىدە

﴿قُلْ مَا يَعْبَؤُا بِكُمْ رَبِّى لَوْلاَ دُعَاؤُكُمْ

(سۇرە فۇرقان:77) دەپ پەرمان قىلىدۇ. ھەم

﴿اُدْعُونِى اَسْتَجِبْ لَكُمْ

(سۇرە مۇئمىن:60) دەپ ئەمىر قىلىدۇ

«ئىمان ئىنساننى ئىنسان قىلىدۇ

  «ئىنسان بۇ ئالەمگە ئىلىم ۋە دۇئا ۋاستىسى ئارقىلىق مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن كەلگەندۇر. ماھىيەت ۋە قابىلىيەت ئېتىبارى بويىچە ھەر نەرسە ئىلىمگە باغلىق بولۇپ، بارلىق ھەقىقىي ئىلىملەرنىڭ ئاساسى، بۇلىقى، نۇرى ۋە روھى مەرىفەتۇللاھتۇر.(ﷲنىڭ ئىسىمسۈپەتلىرىنى بىلىشتۇر.) ئۇنىڭمۇ ئاساسى ئۇلى ﷲقا ئىماندۇر.

   ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن ئەقلى بېشىدا ، قەلبى ئورنىدا بولغانلىرى، يەنى ئۈممەتى ئىجابەتھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە قۇرئانغا ئەگەشتى (يەنى ھۆكۈملىرگە بويسۇندى ۋە قوبۇل قىلدى). شۇ دۇنيا سارىيىغا ئەدەب بىلەن كىرىپ ھەر تۈرلۈك ھەرىكەت ۋە ئەھۋاللىرىدا ياۋەرىئەكرەم دىيلگەن ئاللاھنىڭ ئەڭ يىقىن ئەسكىرى،قۇلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئەگەشتى. چۈنكى، ئۇ زات (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرغا ئالاقىدار بولغان ھەممە نەرسىنى كەمكۈتىسز، تولۇق بايان قىلغاندۇر.

  شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەتىسەنىييە دىيىلگەن پەيغەمبىرىمىزنڭ ئالى ۋە يۈكسەك ھايات يولىدا، ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادەتى بىلەن ئالاقىدار بولغان تولۇق ۋە يىتەرلىك ھۆكۈملەر بار. “ھەدىسھاياتلىق مەنبەسى ۋە ھەقىقەت بۇلىغىدۇر.”(سەئىد نۇرسى، مەكتۇبات: 508.بەت)

بىر ھەدىسىشەررىفتە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنداق دېگەن:

أدبني ربي فأحسن تأديبي

رەببىم مىنى ئەخلاقلاندۇردى ۋە ئەخلاقىمنى ئەڭ گۈزەل سۈرەتتە قىلدى.”

 ئىككىنچى گورۇھ ئىنسانلار بولسا، ئەھلىكۈفۈر ۋە شىرىكتۇر. يەنى، ئۈممەتى دەئۋەتتۇركىنەپىس ۋە شەيتانغا ئەگەشكەن ، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ دەۋىتنى قوبۇل قىلمىغان، دۇنيانى يىگانە غايە قىلغانلىقتىن ھايۋانلاردىن تېخمۇ پەس بىر مەرتىۋىگە چۈشۈپ قالغان. جانابى ھەق ئاللاھ، بۇ تۈركۈم ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ شۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ شَرَّ الدَّوَابَّ عِندَ اللّهِ الصُّمُّ الْبُكْمُ الَّذِينَ لاَ يَعْقِلُونَ

شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى گاس (ھەقنى ئاڭلىمايدىغان)، گاچا(ھەقنى سۆزلىمەيدىغان) كافىرلاردۇركى، ئۇلار ھەقنى پەرىق ئەتمەيدۇ.”(سۈرە ئەنفال 22.ئايەت)

  مۇئەللىپ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)، بۇ تىما ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ:

  “ئىمان ئىنساننى ئىنسان قىلىدۇ، ھەتتا ئىنساننى سۇلتان قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ئىمان ۋە دۇئادۇر. كۇفۇر ئىنساننى ناھايىتى ئاجىز بىر يىرتقۇچ ھايۋان قىلىدۇ.”(سەئىد نۇرسى، 23.سۆز، 4.نوقتا: 329.بەت)

  بىرىنچى گۇرۇپ بولغان بەختيار ۋە ئىتائەتكار ئىنسانلار بولسا، زۇلجەناھەين (ئىككى قاناتلىق، يەنى ھەم قۇل ھەم پەيغەمبەر ) بولغان ئۇستازنى ئاڭلاشتى. ئۇ ئۇستاز ھەم قۇلدۇر، قۇللۇق جەھەتتە رەببىنى سۈپەتلەيدۇ، تەرىپلەيدۇ (باشتا، مئراجىئەكبەردە، يەنى بۈيۈك مئراجدا، كىيىن نامازدا جانابى ھەققە مىڭ بىر ئىسىمى بىلەن مەدىھسانا ئېيتىدۇ. يەنى: مەخلۇقاتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، مەخلۇقاتقا ۋاكالەتەن ئاللاھقا مەدىھسانا ئېيتىدۇ. بۇ سۈپەتلەش ۋە مەدىھساناسى ئاللاھقاخاستۇر.) كى، بۇ قۇللىقى جەھەتتە جانابى ھەقنىڭ ھوزۇرىدا، ئۈممىتىىڭ ئەلچىسى ھۆكۈمىدىدۇر. ھەم رەسۇل پەيغەمبەردۇر، پەيغەمبەرلىك جەھەتىدە رەببىنىڭ ھۆكۈملىرىنى، (شەرىئىتىنى) قۇرئان ۋاستىسى بىلەن جىن ۋە ئىنسانلارغا تەبلىغ قىلىدۇ. (رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مىئراج كېچىسى قۇللۇق سۈپىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ ، پەيغەمبەرلىك سۈپىتى بىلەن قايتقان.)

   شۇ بەختىيار جامائەت (مۇئمىنلەر)، ئۇ رەسۇلنى ئاڭلاپ، قۇرئانغا قۇلاق سالدى. (بۇ يەردە بەختىيار بولۇشنىڭ شەرتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى ئاڭلاش ۋە قۇرئانغا قۇلاق سىلىشتۇرشەكلىدە بايان قىلىنغاندۇر. بۇ جۈملىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇكى، پەيغەمبەرنى ئاڭلاشنىڭ شەرتى قۇرئانغا ئەگىشىشتۇر، قۇرئانغا ئەگىشىشنىڭ شەرتى پەيغەمبەرنى ئاڭلاشتۇر، ئىككىسى بىربىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ يەردە پەيغەمبەردىېيشتىكى مەقسەت، ھەدىسلەردۇر، يەنى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتىسەنىييەسدۇر. قۇرئاننى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ھەدىسشەرىفلەرگە مۇراجىئەت قىلىش كىرەك بولىدۇ، چۈنكى قۇرئاننىڭ بىرىنچى مۇپەسسىرى ھەىسشەرىفلەردۇر، شۇنداقلا ھەدىسشەرىفلەرنى چۈشۈنۈش ئۈچۈنمۇ قۇرئاننى ئاساس قىلىش كىرەكتۇر. بۇ چۈشۈنۈش مەسىلىسىمۇ پەقەتلا ئىلمى دەستۇرلار ئۈستىگە بىنا قىلىنىشى لازىم.

  شۇنداق، قۇرئاننىڭ ئەسىلى تەپسىرى سۈننەتىسەنىييەدۇر. قۇرئان ۋە ھەدىس ئېلىمى بولسا تولىمۇ چوڭقۇر بىر ئېلىمدۇر. ھەر ئىككىسىنىڭمۇ

مۇھكەم ۋە مۈتەشابىھىنى،

مۇجمەل ۋە مۈپەسسەلىنى،

ناسىھ ۋە مەنسۇھىنى،

زاھىر ۋە باتىنىنى

ۋەھاكاز،

  پۈتۈن ئىلمى دەرىجلىرىنى بىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمىر ۋە چەكلىمىلىرىنى ۋە ئىبادەت جەھەتلىرىنى چۈشۈنۈش كېرەك. بۇلارمۇ ئىككى قىسىمدۇر.

  بىر قىسىمى ناماز، روزا، ھەج، زاكاتقا ئوخشاش پەرىزى ئەيىنبولۇپ، ھەر مۇئمىن كىشى بۇلارنى بىلىش بىلەن ۋەزىپىداردۇر.

  ئىككىنجى قىسىم بولسا، مېىيت نامىزى،ئىلاھى ھۆكۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئوخشاش پەرىزى كۇپايەدۇركى، مۇئمىنلەردىن بىر قىسىمىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى بىلىشى ۋە ئورۇندىشى بىلەن باشقىلىرى مەسئۇلىيەتكە تارتىلمايدۇ.

  ھەر مۇئمىننىڭ ئىتىقاد بىلەن ئالاقىلىق مەسىلىلەرنى بىلىشى پەرىز قىلىنغان، مۇئمىن پەقەتلا ئېلىم ۋاستىى بىلەن ئالىمىمۇتلەق (چەكسىز ئىېلىم ساھىبى بولغان ئاللاھ)نىڭ ئەمىر ۋە چەكلىمىلىرىنى توغرا چۈشىنەلەيدۇ ۋە شۇنداقلا، ئۇنىڭ رىزاسىنى (رازىلىقىنى) قازىنىپ بەختىيار بولالايدۇ.

   «بىز قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشۈنمىگەنلىگىمىز ئۈچۈن، قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئوقۇمايمىز” دىېگەنلىك ناھايىتى چوڭ بىر خاتالىق ھىسابلىىندۇ. چۈنكى ئىسلام ئۆلىمالىرى» قۇرئاننىڭ مەنىسنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ” دېگەن بىر سۆزنى قوللىنىشنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ھەتتا بەزى ئۆلىمالار بۇنداق دېيىشنىڭ كۈپۈر لا فىزى دەپ قارىغان. چۈنىكى بۇسۆز وَهَـذَا لِسَانٌ عَرَبِيٌّ مُّبِينٌ  بۇ (قۇرئان) بولسا روشەن ئەرەب تىلىدۇر” غا ئوخشاش ناھايىتى كۆپ ئوپئوچوق ئايەتلەرگە، قۇرئاننىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇئجىزىسى بولغان بالاغىتگە ۋە پاساھەتىگە زىتتىتۇر.

   فەخرى رازى تەپسىرىدە ۋە بەدىئۇززامانمۇ ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە بولۇپمۇ 25.سۆزدە قۇرئاننىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خىتاپ قىلدىغانلىقىنى، ھەتتا ئەڭ بەدەۋى بىر ئادەمنىڭمۇ ئىبنى سىنادەك زىرەك بىر ئالىم بىلەن بىرلىكتە قۇرئاندىن ئوخشاش بىر دەرىسنى ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئىستىفادە قىلىپ پايدا ئالالايدىغانلىقىنى ئىسپات قىلغان. ئۇ ئەسەرلەرگە مۇراجات قىلىنسا بولىدۇ

  شۇنداق، ئىنسان ئىلىمسىز ھالدا دۇنياغا كېلىدۇ. كېىيىن، ئىلىم ۋاستىسى بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. ئىلىمنىڭ بېشى، ئاساسى مەرفەتۇللاھ (اللە نى ئىسىمسۈپەتلىرى بىلەن تونۇش ) ۋە مۇھەببەتۇللاھ ( اللە نى سۆيۈش ) تۇر. بۇ بولسا ئىمان ۋە ئۇبۇدىيەت (اللە قا قۇللۇق ۋە ئىبادەت قىلىش) ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئىمان ۋە ئۇبۇدىيەتنى بىزگە دەرىس بىرىپ ئۈگەتكەن ئەسلى مەنبە قۇرئان ۋە ھەدىستۇر. قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى چۈشۈنۈش ئۈچۈنمۇ، بەزى ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە بۇ جەھەتتە تىرشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.

   دۇنيالىق بىر مەنپەئەت ئۈچۈن ھەر كۈندە چەتئەل تىلىدىن ئەللىك خام سۆزنى ئۈگەنگەن ۋە بىر مالنى تېخمۇ ئەرزان باھادا سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەللىك يەردىن سۈرۈشتە قىلغان بىر ئىنساننىڭ، ئىككى دۇنيا بەخىتسائادەتىنىڭ ئاچقۇچى بولغان قۇرئان ۋە ھەدىسنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن نە قەدەر تېرىشىچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىۋالسا بولىدۇ.

  قۇرئان ۋە ھەدىس دۇنيادا ئەڭ قولاي چۈشۈنىلىدىغان بىر كىتاپ بولۇش بىلەن بىرگە، سرلىرى پۈتمەستۈگمەس چەكسىزدۇر.

  ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالاتۇ ۋەسسالامدىن باشقا قۇرئاننىڭ ئەسىلى سىرلىرىنى باشقىلار بىلىشكە قادىر بولالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالاتۇ ۋەسسالامدىن كېىن كەلگەن بىر شەخىس ئۆزى يالغۇز قۇرئاننىڭ مەنىسىنى پۈتۈنلەي چۈشۈنەلمەيدۇ. پەقەت ۋە پەقەت ئەسىرى سائادەتتىن تاكى قىيامەتكىچە بولغان ئۈممەتنىڭ پۈتۈن ئۆلىمالىرى بىرلەشكەندىلا ئاندىن قۇرئاننىڭ ئەسىلى سىرلىرىنى چۈشىنەلەيدۇ. چۈنكى قۇرئان ھەر ئەسىرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجلىرىنى قامدايدىغان مۇقەددەس بىر كىتاپتۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى بولسا، قۇرئاننىڭ شۇ ئەسىرگە قارىغان جەھەتىنى مەنبەسىدىن چىقىرىپ شۇ ئەسىرنىڭ چۈشىنىشىگە قارىتا ئېلىپ دەرىس بىرىپ كەلمەكتە.

  قۇرئان، پۈتمەستۈگىمەس چەكسىز مەنىلىرى بولغان بىر خەزىنىدۇر. قۇرئان شۇنداق بىر كالامدۇركى، ئەڭ ئاۋام مۇئمىندىن تارتىپ «بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى، ئىمام غازالى، ئىمام راببانى»دەك ئۇممەت ئىچىدىن چىققان ئەسفىيائالىملارغىچە، تاكى ساھابىلەرگە قەدەر ھەر كىشىنىڭ قۇرئاندىن ئالىدىغان ئايرىمئايرىم ئۈلۈشىلىرى بار.

  مۇئەللىپ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) شۇنداق دەيدۇ: «ھەم قۇرئان توغرا يولغا باشلاش جەھەتتىن شۇنداق بىر ئومۇمىلىقىقا ئىگە بولۇپ، ئوخشاش بىر دەرسىتە ھەزرىتى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىر كىچىك نارسىدە بالا بىلەن بىرگە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە ئۇ دەرسنى ئاڭلايدۇ، ئۆز ئۈلۈشلىرىنى ئالىدۇ؛ ئەڭ ئاۋام بىر ئوقۇغۇچى بىلەن ۋە ئىبنى سىنادەك داھى پەيلاسوپمۇ بىرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئوخشاش بىر دەرىستىن تەلىم ئالىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئۇ ئاۋام كىشى قۇۋۋەت ۋە ئىمانىدىكى پاكلىق جەھەتتە ئىبنى سىنادىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ئالالايدۇ.

  دېمەك،«ئەدىللەئى شەرئىييە »شەرئى دەلىللەر دېيىلدىغان «كىتاپ، سۈننەت، ئىجمائى ئۈممەت ۋە فىقھى ئالىملارنىڭ قىياسى »نى ئۆزىگە رەھبەر قلغان ئەۋلىيالار، سالامەت يولنى تاپقان ۋە ئىستىقامەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغان، رىزايى بارى(ئاللاھ رىزاسى)نى قازانغان. بۇ شەرئى دەلىللەرنى رەھبەر قىلمىغانلار بولسا، ياكى ئىفرات قىلىپ چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن ۋەياكى تەفرىت قىلىپ چەكتىن كېمەيتىۋەتكەن بولۇپ يېڭى بىدئەتلەرنى ئىجاد قىلغان، ئىستىقامەتلىك توغرا يولنى تاپالمىغان. (ئەگەر مۇھەببەت بولمىسا، ئۇ ۋاقىت ئۆز نەپسى ۋە شەيتىنى ۋە سىرىتتىكى شەيتانلارنىڭ ئېتىرازلىرى ئىچىدە قايمۇقۇپ قالىدۇ. قەھرىمانلارچە چىڭمەھكەم تۇرالىشى ۋە قۇۋۋىتلىك ئىمانى ۋە ھەر دائىم ئۆتكۈر نەزەر ساھىبى بولالىشى لازىم بولىدۇكى، شۇندىلا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالايدۇ.) ئەھلى تەسەۋۋۇپ، مۇھەببەتۇللاھ، مۇھەببىتى كەلامۇللاھ ۋە مۇھەببىتى رەسۇلۇللاھ پىرىنسىپىنى ئاساس تۇتمىسا ، خەتەرلەرگە يول ئاچىدۇ

  ھەم ئىنسان چەكسىز ئاجىزلىقى بىلەن بىرگە، چەكسىز قايغۇبالالارغا دۇچار ۋە چەكسىز دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا مۇپتىلاھەمدە چەكسىز مۇھتاجلىقى بىلەن بىرگە، چەكسىز ھاجەتلەرگە ۋە چەكسىز ئارزۇلارغا گىرىپتار بولغانلىقتىن، يارىتىلىشتىكى ھەقىقىي ۋەزىپىسى ئىماندىن كېيىن دۇئادۇر. دۇئا بولسا ئىبادەتنىڭ ئاساسىدۇر

  «ئىنسان شۇ دۇنياغا بىر خىزمەتچى ۋە مېھمان قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. كۆپلىگەن مۇھىم قابىلىيەتلەر ئۇنىڭغا بېرىلگەن. قابىلىيىتىگە قارىتا مۇھىم ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن. ئىنسانغا ئۇ غايە ۋە ئۇ ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تەشۋىقلەر (قىزىقتۇرۇشلار) ۋە دەھشەتلىك تەھدىتلەر قىلىنغان. «ئەھسەنە تەقۋىم» سىرىنىڭ چۈشىنىلىشى ئۈچۈن، بىز باشقا يەردە ئىزاھ قىلغان ئىنسانىيەت ۋەزىپىسىنىڭ ۋە ئىبادەتنىڭ ئاساسلىرىنى بۇ يەردە قىسقىچە يىغىنچاقلايمىز:

ئىنسان شۇ كائىناتقا كەلگەندىن كېيىن«ئىككى جەھەت»بىلەن ئىبادىتى بار.

  بىرىنچى جەھەت: غەيبى شەكىلدىكى بىر ئىبادىتى ۋە بىر تەپەككۇرى بار.

  يەنە بىرى: توغرىدىنتوغرا خىتاپ قىلىش سۈرىتىدە بىر ئىبادىتى، بىر دۇئاسى بار. (بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى، 23.سۆز)

  دېمەك، بۇلار بايان قىلىنغاندىن كېيىن چۈشەندۇق ۋە باشقا ئىزاھقا ھاجەت قالمىدىكى، بىزنىڭ ئەڭ بىرىنچى ۋە دائىمىي ۋەزىپىمىز ئىمان ۋە دۇئادۇر. كەلام ئالىملىرىنىڭ «ئىمان ئاساسلىرىنىڭ دەلىللىرىنى بىلىش پەرزى ئەيندۇر» دېيىشىنىڭ تەتۈرىسىگە، زامانىمىزدا بۇ بىرىنچى ۋە دائىمىي ۋەزىپىمىز بولغان ئىمان ئىلمىنى ئۆگىنىشكە بەكمۇ سەل قارالماقتا.

   بىز بولساق، قۇرئاننىڭ ئىمانىي ھەقىقەتلىرىنى كىشىلەرگە تەھقىقىي سۈرەتتە يەتكۈزۈپ، ئىمانى بولمىغانلارنىڭ ئىماندىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئالىي نىئمەتكە ئېرىشىشىگە سەۋەپ بولۇش، ئىمانى ئاجىزلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىش، تەقلىدىي ئىماندىن تەھقىقىي ئىمان دەرىجىسىگە چىقىرىش، ئىمانغا دائىر ئېتىراز ۋە شۈبھىلەرگە جاۋاپ بېرىش ئارقىلىق ئەھلى ئىماننىڭ ئىمانلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ھەمدە مەرىفەتۇللاھ ۋە مۇھەببەتۇللاھ مەرتىبىلىرىدە تەرەققىي قىلىشنىڭ نەتىجىسىدە قۇرئانى كەرىمنىڭ تەبىرىدىكى «ئەڭ گۈزەل رەۋىشكە» ۋە «ئىمان گۈزەل ئەخلاقتۇر» دېگەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتى سەنىييەدىكى گۈزەل ئەخلاققا يېقىنلىشىش ۋە ئۇيغۇنلىشىش ، بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رىزاسىنى قازىنىش، ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىمانىنى ۋە ئاخىرىتىنى قۇتقۇزۇشنى ھاياتى غايە ۋە مەقسىتىمىز قىلدۇق. بۇ قۇرئانىي، ئىمانىي، ئەخلاقىي ۋە ئىلمىي غايىمىزگە يېتىشتە، ئۆتكەن ئەسىردىكى ۋە بۇ ئەسىردىكى ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىر، ھەمدە ئىمان ئىلمى بويىچە مىسىلسىز ئەسەر بولغان «رىسالەئى نۇر توپلىمى»نى قورال ئەسەر قىلىپ تاللىدۇق. ھەمدە قۇرئاننىڭ مەنىۋى تەپسىرى بولغان بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش، چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ياكى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشماقتىمىز.

   شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارنى بۇ خىزمەتتىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپ قىلماقتىمىز:

*بۇ خىزمەتتە پەقەت جانابى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلەش؛

*ماددى مەنپەئەت قازىلىش، شۆھرەتكە ئېرىشىش، كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى قازىنىش، ماقام ۋە مەرتىبە قازىنىشنى كۆزلىمەسلىك، مەقسەت قىلماسلىق؛

*مۇسۇلمانلار ئارا قېرىنداشلىق، بىربىرىگە تايىنىش ۋە ئىتتىپاقنى ئاساس قىلىش؛ مەنپى رىقابەت، تەرەپبازلىق ۋە ئاداۋەتنى تاشلاش؛

*تەقۋالىقنى ئاساس تۇتۇش، سۈننەتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە تىرىلدۈرۈش، ھەمدە بىدئەتلەرنى تەرك قىلىش؛

*ئىقتىسادچىللىق ۋە ئىستىغنا دەستۇرى : ئاللاھ نامىدىن ۋە ئاللاھ ئۈچۈن بەرمىگەنلەردىن ئالماسلىق؛

*مۇسبەت ھەرىكەت قىلىش، مەنپى ھەرىكەت قىلماسلىق؛ بۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس، تۈزەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش؛ ئاللاھنىڭ رازىلىقى يولىدا ئىمان خىزمىتى قىلىش؛ (ھىدايەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان) ئاللاھنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىق؛ ئاسايىشلىقنىڭ ساقلىنىشىنى نەتىجىلەندۈرىدىغان مۇسبەت بولغان ئىمان خىزمىتى جەريانىدا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا سەبىر ۋە شۈكۈر قىلىش؛

*ئېرىقچىلىق ۋە مەنپىي مىللەتچىلىكنى تاشلاش؛

*ئىمان خىزمىتىنى ھەرقانداق دۇنياۋى ۋە سىياسى پايدا ياكى مەقسەتكە ۋاستە قىلماسلىق؛

خۇلاسە

  ھەمىدۇ ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھۇ تائالاغا مەخسۇستۇر. ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيمىز ۋە يەنىلا ئۇنڭدىنلا بىزنى ئەپۇ قىلىشىنى تىلەيمىز.

  نەپسىمىزنىڭ شەررىدىن ۋە يامان ئەمەللىرىمىزدىن ئاللاھقا سېغىنىمىزئۇ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرىدىغان، ئۇ ئازدۇرغان كىشىگە ھىدايەت بىرەلەيدىغان پەقەت ئاللاھۇ تائالادىن باشقىسى يوقتۇر.

  شاھادەت ئېيتىمەنكى ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يىگانە، ئۇنىڭ شىرىكى يوقتۇر.

  ۋە يەنە شاھادەت ئېيتىمەنكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ قۇلى ۋە رەسۇلىدۇر.

  «ھەقىقەتەنمۇ، سۆزلەرنىڭ ئەڭ توغرىسى ئاللاھنىڭ كەلامىدۇر، يوللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەيىرلىكى بولسا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يامىنى بولسا كېيىن ئۇيدۇرۇلۇپ چىقىرىلغىنىدۇر. كېيىن ئۇيدۇرۇلۇپ چىقىرىلىپ دىنغا كىرگۈزۋىتىلگەن ھەرتۈرلۈك ئەمەل بىدئەت، ھەممە بىدئەت ئازغۇنلۇق ۋە ھەممە ئازغۇنلۇق ئاتەشتە بولىدۇ.(مۇسلىم جۈمە:13، نەسائى جۈمە:24)

   مۇھتەرەم قېرىنداشلىرىمىز بۇ تور ساھىپىسى قۇرئاننىڭ مۇجىزىلىك ئىجاز سىررىنىڭ ئەسىرىمىزگە قارىغان جەھەتىنى، قۇرئان ۋە ھەدىسى نەبەۋى ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن تامچىلىغان رىسالەئى نۇر ھەقىقەتلىرىنى نەشىر قىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان بولۇپ، خىزمىتىمىزنىڭ ئىستىقامەت يولىدا دادىللىق بىلەن داۋام قىلالىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزدىن دۇئا تەلەپ قىلىمىز.

مۇھىم بىر ئەسكەرتىش:

  ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! قۇرئاننىڭ مەنىۋى تەفسىرى بولغان «رىسالەئى نۇر توپلىمى»دىن بۇ قىممەتلىك رىسالىلەرنى قولدىن كېلىشىچە ياخشى تەرجىمە قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەسلىدىكى ئىپادە گۈزەللىكىنى مۇھاپىزەت قىلالىدۇق دېيەلمەيمىز. قانائەتلىنەرلىك ھالدا ئىمان ئىلمى ئېلىشقا مۇھتاجلىق ھېس قىلغانلارنىڭ تىلىمىزغا ناھايىتى يېقىن بولغان تۈركچە ئورىگېنالىدىن ئوقۇپ پايدىلىنىشقا تىرىشىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز.-ت

رَبَّنَا لاَ تُؤَاخِذْنَا اِنْ نَسِينَا اَوْ اَخْطَاْنَا

سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

تىرشچانلىق بىزدىن، تەۋپىق ئاللاھ ئەززە ۋە جەللىدىن.

اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلَى سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ وَ عَلَى آلِهِ وَ صَحْبِهِ وَ سَلِّمْ

Bir Cevap Yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir