بۇ ساۋاپنى مەن قازىناي، بۇ كىشىلەرگە مەن يولباشچى بولاي، ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىسۇن

بۇ ساۋاپنى مەن قازىناي، بۇ كىشىلەرگە مەن يولباشچى بولاي، ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىسۇن

ئۈستۈنلۈك ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپلىگى بىلەن ئەمەس، بەلكى ﷲنىڭ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بولىدۇ.

ئۈچىنچى سەۋەب:

 ئەھلى ھەقىقەتنىڭ ئىختىلاپلىشىش ھامىيەتسىزلىكتىن ۋە پەسكەشلىكتىن كەلمىگىنىدەك، ئازغۇنلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشمۇ يۈكسەك ھامىيەتدارلىقتىن (تۆھپىكارلىقتىن) كەلگەن ئەمەس. بەلكى ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئىختىلاپى يۈكسەك ھامىيەتدارلىقنىڭ سۇيئىستىمال قىلىنىشىدىن، ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقى بولسا ھامىيەتسىزلىك نەتىجىسىدىكى ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكتىندۇر. ئەھلى ھىدايەتنى يۈكسەك ھامىيەتدارلىقنى سۇيئىستىمال قىلىشقا، نەتىجىدە ئىختىلاپ ۋە رىقابەتكە ئۈندەيدىغان نەرسە، ئاخىرەت نۇقتىنەزىرىدە ياخشى خىسلەت ھېسابلىنىدىغان ساۋاپقا ھېرىسمەنلىك ۋە ئاخىرەتلىك ۋەزىپىسىگە قانائەت قىلماسلىقتۇر. يەنى «بۇ ساۋاپنى مەن قازىناي، بۇ كىشىلەرگە مەن يولباشچى بولاي، ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىسۇن» دەپ، يەنە بىر يولدىكى ھەقىقىي قېرىندىشى ۋە سەمىمى مۇھەببەت، ياردەم ۋە قېرىنداشلىقىغا مۇھتاج بىر زات بىلەن رىقابەتلىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. «نېمە ئۈچۈن شاگىرتلىرىم ئۇنىڭ يېنىغا بارىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مېنىڭمۇ ئۇنىڭكىدەك كۆپ شاگىرتلىرىم يوق؟» دەپ مەنمەنچىلىكى بۇ يەردىن پۇرسەت تېپىپ ناچار بىر سۈپەت بولغان ئابرويپەرەسلىككە مايىل قىلغۇزىدۇ. ئىخلاسنى قاچۇرىدۇ ۋە رىياكارلىق ئىشىكىنى ئاچىدۇ.

  مانا بۇ خاتالىق ۋە يارىنىڭ، ھەمدە دەھشەتلىك روھانى كېسەللىكنىڭ دورىسى شۇدۇركى: جانابى ﷲنىڭ رىزاسى ئىخلاس بىلەن قازىنىلىدۇ. ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆپلىكى ۋە مۇۋەپپىقىيىتىنىڭ چوڭلىقى بىلەن ئەمەستۇر. چۈنكى بۇلار ﷲنىڭ ۋەزىپىسىگە ئائىت بولغانلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنمايدۇ، بەلكى بەزىدە بېرىلىدۇ. شۇنداق، بەزىدە بىر ئېغىز سۆز نىجاتلىققا ۋە ﷲ رازىلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ساننىڭ كۆپلىكى ئۇ قەدەر مۇھىم كۆرۈنمەسلىكى لازىم. چۈنكى بەزىدە بىر ئادەمنىڭ يېتەكلىنىشى مىڭ ئادەمنىڭ يېتەكلىنىشىدەكلا ﷲ رىزاسىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ھەمدە ئىخلاس ۋە ھەقىقەتپەرۋەرلىك بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ قەيەردىن ۋە كىمدىن پايدىلىنىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلارغا تەرەپدار بولۇشتۇر. ئەمما «باشقىلار مەندىن دەرس ئېلىپ مېنى ساۋاپقا ئېرىشتۈرسۇن» دەپ ئويلاش بولسا نەفسنىڭ ۋە مەنمەنچىلىكنىڭ بىر ھېيلىسىدۇر.

  ئەي ساۋاپقا ھېرىسمەن، ئاخىرەتلىك ئەمەللەرگە قانائەتسىز ئىنسان! بەزى پەيغەمبەرلەر كەلگەنكى، ساناقلىق بىر قانچە كىشىدىن باشقا ئەگەشكۈچىلىرى بولمىغان بولسىمۇ، يەنىلا پەيغەمبەرلىك مۇقەددەس ۋەزىپىسىنىڭ چەكسىز ئەجرىگە ئېرىشكەندۇر. دېمەك ئۈستۈنلۈك ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپلىگى بىلەن ئەمەس، بەلكى ﷲنىڭ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بولىدۇ. ساڭا نېمە بولدىكى، بۇنداق ھېرىسمەنلىكىڭ بىلەن «ھەر كىم مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلىسۇن» دەپ، ئۆز ۋەزىپەڭنى ئۇنۇتۇپ ﷲنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلىشىۋاتىسەن؟ قوبۇل قىلدۇرۇش، سېنىڭ ئەتراپىڭغا خەلقنى توپلاش جانابى ﷲنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ۋەزىپەڭنى قىل، ﷲنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما.

  ھەم ھەق ۋە ھەقىقەتنى ئاڭلايدىغان، سۆزلىگەنلەرگە ساۋاپ قازاندۇرىدىغانلار پەقەت ئىنسانلارلا ئەمەستۇر. جانابى ﷲنىڭ ئىدراكلىق مەخلۇقلىرى، روھانىلىرى ۋە پەرىشتىلىرى كائىناتنى تولدۇرغان، ھەر تەرەپنى جانلاندۇرغاندۇر. مادەمكى سەن كۆپ ساۋاپ خالايسەن، ئۇنداقتا ئىخلاسنى ئاساس تۇت، پەقەتلا ﷲنىڭ رىزاسىنى ئويلا، شۇندىلا سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىققان مۇبارەك سۆزلەردىن ھاۋادا كۆپەيتىلگەن ھەربىر سۆز ئىخلاس ۋە توغرا نىيەت بىلەن ھاياتلىنىدۇ، جانلىنىدۇ. سانسىزلىغان ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا كىرىپ ئۇلارنى نۇرلاندۇرىدۇ. ساڭىمۇ ساۋاپ قازاندۇرىدۇ.

  چۈنكى: مەسىلەن، «ئەلھەمدۇلىللاھ» دېسەڭ، بۇ كەلام مىليونلارچە چوڭكىچىك «ئەلھەمدۇلىللاھ» سۆزلىرى بولۇپ ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن ھاۋادا يېزىلىدۇ. ھىكمەتلىك نەققاش (بولغان ﷲ) ھىكمەتسىز ۋە ئىسراپ ئىش قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ چەكسىز مۇبارەك سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلايدىغان چەكسىز قۇلاقلارنى ياراتقاندۇر.

  ئەگەر ئۇ ھاۋادىكى سۆزلەر ئىخلاس ۋە ساپ نىيەت بىلەن ھاياتلانسا بىردىن لەززەتلىك مېۋىگە ئوخشاش (نىئمەت بولۇپ) روھانىلارنىڭ قۇلىقىغا كىرىدۇ. ئەگەر ﷲ رىزاسى ۋە ئىخلاس ھاۋادىكى ئۇ سۆزلەرگە ھايات بەرمىسە ئاڭلانمايدۇ، ساۋاپمۇ پەقەت ئېغىزدىكى سۆزگىلا چەكلىنىپ قالىدۇ. ئاۋازلىرىنىڭ چىرايلىق بولمىغانلىقىدىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئازلىقىدىن قىينالغان قارىلار بۇنىڭغا قۇلاق سالسۇن!


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.