تۆتىنچى سۆز


تۆتىنچى سۆز
بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ * اَلصَّلاَةُ عِمَادُ الدِّينِ

نامازنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر يەڭگىل ۋە ئاز بىر دەسمايە بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقىنى، ھەم نامازسىز ئادەمنىڭ نەقەدەر ئەقىلسىزلىق ۋە تولىمۇ چوڭ يوقىتىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئىككى كەرە ئىككى تۆت بولۇش دەرىجىسىدە ئېنىق چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلىي ھېكايىگە قارا، كۆر
بىر زامان بۈيۈك بىر ھۆكۈمدار ئىككى خىزمەتكارىنى -ھەر بىرىگە يىگىرمە تۆت ئالتۇن بېرىپ- ئىككى ئايلىق ئۇزاقلىقتىكى خاس ۋە گۈزەل بىر بېغىغا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. ھەم ئۇلارغا ئەمر قىلىدۇكى: «شۇ پۇلنى يول ۋە بېلەت ئۈچۈن سەرپ قىلىڭلار، ھەم بارىدىغان يېرىڭلاردا كېرەكلىك بولىدىغان لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىڭلار. بىر كۈنلۈك مۇساپىدىن كېيىن بىر ئىستانسا بار، ئۇ يەردە ماشىنا، كېمە، پويىز ۋە ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش قوراللىرى بار بولۇپ، دەسمايەڭلەرگە قارىتا چىقىسىلەر
ئۇ ئىككى خىزمەتكار بۇ ئەمرنى ئالغاندىن كېيىن يولغا چىقىدۇ. بىرى بەختىيار ئىدىكى، ئىستانسىغا بارغىچە پۇلنىڭ بىر قىسمىنى سەرپ قىلىدۇ، ئەمما خوجايىنىنى مەمنۇن قىلىدىغان بىر تىجارەتكە ئىشلىتىدۇكى دەسمايىسى بىردىن مىڭغا چىقىدۇ. يەنە بىر خىزمەتكار بەدبەخت ۋە باشباشتاق بولغانلىقتىن ئىستانسىغا بارغىچە يىگىرمە ئۈچ ئالتۇننى خەجلىۋېتىدۇ. قىمارغا ئوخشاش ئويۇن-تاماشالارغا ئىشلىتىپ زايا قىلىدۇ ۋە بىرلا ئالتۇنى قالىدۇ. كېيىن ئاۋۋالقى خىزمەتكار ئۇنىڭغا دەيدۇ
-«بۇرادەر، شۇ قېپقالغان بىرتال ئالتۇنىڭنى بولسىمۇ بىر بېلەت ئۈچۈن ئىشلەت، شۇندىلا بۇ ئۇزۇن يولدا ئاچ ۋە پىيادە قالمايسەن. ھەم بىزنىڭ خوجايىنىمىز بەك مەرتتۇر، ئىلتىپات قىلىپ سەھۋەنلىكلىرىڭنى ئەپۇ قىلىۋېتىشى ۋە سېنىمۇ ئايروپىلانغا چىقىرىشى مۇمكىن.بەلكى بىر كۈندىلا مەنزىلىمىزگە بېرىۋالىمز. بولمىسا ئىككى ئايلىق بۇ چۆلدە ئاچ، پىيادە ۋە يالغۇز مېڭىشقا مەجبۇر بولىسەن
ئەجەبا ئۇ ئادەم جاھىللق قىلىپ، شۇ بىر تال ئالتۇننى بىر خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى ھۆكمىدىكى بېلەتكە سەرپ قىلماي، ۋاقىتلىق لەززەت ئۈچۈن كەيپ-ساپاغا سەرپ قىلسا، تولىمۇ ئەقىلسىزلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە بەختسىزلىك ئىچىدە زىيان ۋە ھەسرەتكە قالىدىغانلىقىنى ئەڭ ئەقىلسىز ئادەممۇ چۈشەنمەمدۇ؟
ئەي نامازسىز ئادەم، ئەي نامازدىن ھوزۇر ئالالمايۋاتقان نەفسىم!
ئۇ ھۆكۈمدار رەببىمىزدۇر، ياراتقۇچىمىزدۇر. ئۇ ئىككى خىزمەتكار يولۇچى بولسا، بىرى تەقۋا ۋە نامىزىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيدىغان؛ يەنە بىرى غاپىل ۋە نامازسىز ئىنسانلاردۇر. ئۇ يىگىرمە تۆت ئالتۇن بولسا، ھەر كۈندىكى يىگرمە تۆت سائەتلىك ئۆمۈردۇر. ئۇ خاس باغ بولسا جەننەتتۇر. ئۇ ئىستانسا بولسا قەبرىدۇر. ئۇ ساياھەت بولسا، قەبرىگە، ھەشرگە ۋە ئەبەدكە بارىدىغان ئىنسانىيەت سەپىرىدۇر. ھەركىم ئەمىلىگە ۋە تەقۋا قۇۋۋىتىگە قارىتا ئۇ ئۇزۇن يولنى ئوخشىمىغان دەرىجىلەردە بېسىپ ئۆتىدۇ. بىر قىسىم ئەھلى تەقۋا چاقماق تېزلىكىدە مىڭ يىللىق يولنى بىر كۈندە باسىدۇ؛ يەنە بىر قىسمى بولسا خىيال تېزلىكىدە ئەللىك مىڭ يىللىق مۇساپىنى بىر كۈندە تۈگىتىدۇ. قۇرئانى ئازىيمۇششان شۇ ھەقىقەتكە ئىككى ئايەت بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇ بېلەت بولسا نامازدۇر، پەقەت بىر سائەت ۋاقىت بەش ۋاقىت ناماز ئۈچۈن -تاھارەت بىلەن- يېتەرلىكتۇر
ئەجەبا ھەر كۈنلۈك ئۆمرىنىڭ يىگىرمە ئۈچ سائىتىنى شۇ قىسقىغىنە دۇنيا ھاياتىغا سەرپ قىلىپ، ئۇزۇن ئەبەدىي ھاياتىغا بىر سائىتىنىمۇ سەرپ قىلمىغان ئادەم، نەقەدەر زىيان تارتىدۇ، نەقەدەر ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ، نەقەدەر ئەقىلگە زىت ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، مىڭ ئادەم قاتناشقان بىر لاتارىيە ئويۇنىغا -ئۇتۇش ئېھتىماللىقى مىڭدا بىر بولسىمۇ- مېلىنىڭ يېرىمىنى سەرپ قىلىشنى ئەقىل قوبۇل قىلىدۇ. ئەجەبا، مېلىنىڭ يىگىرمە تۆتتىن بىرىنى -ئۇتۇش ئېھتىماللىقى يۈزدە توقسان توققۇز مۇقەررەر بولغان- ئەبەدىي بىر خەزىنىگە سەرپ قىلماسلىقنىڭ نەقەدەر ئەقىل ۋە ھېكمەتكە خىلاپ ۋە نەقەدەر ئەقىلدىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئۆزىنى ئاقىل ھېساپلىغان ئادەم چۈشەنمەمدۇ؟
ھالبۇكى نامازدا روھ، قەلب ۋە ئەقىلنىڭ بۈيۈك راھىتى بار؛ ھەم جىسمانىي جەھەتتىنمۇ ئۇنچىلىك ئېغىر بىر ئىش ئەمەس. ھەم ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ باشقا مۇباھ(ساۋاپمۇ گۇناھمۇ بولمايدىغان) دۇنياۋى ئىشلىرىمۇ -ساغلام بىر نىيەت بىلەن- ئىبادەت ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، پۈتكۈل ئۆمۈر دەسمايىسىنى ئاخىرەت سائادىتى ئۈچۈن ۋاستە قىلالايدۇ. فانى ئۆمرىنى بىر ھېساپتا باقىيلەشتۈرگەن بولىدۇ

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.