(تەسەتتۈر رىسالىسى(چارشاپ ۋە ھىجاب ھەققىدە

يىگىرمە تۆتىنچى لەمئا

ھىجاب توغرىسىدا

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿يَا اَيُّهَا النَّبِىُّ قُلْ ِلاَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ

يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلاَبِيبِهِنَّ

(سۇرە ئەھزاب: 59)

ئايىتى ھىجابنى (ئورۇنۇپ كىيىنىشنى) ئەمر قىلىدۇ. بۇزۇق مەدەنىيەت بولسا، قۇرئاننىڭ ئۇ ھۆكۈمىگە قارشى چىقىدۇ. ھىجابنى فىترىي(تەبىئىي ۋە يارىتىلىشقا مۇۋاپىق) كۆرمەيدۇ. «بىر ئاسارەتتۇر» دېيىشىدۇ. (قانداق چۈشىنىش كېرەك؟) (*)

  جاۋاب: قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ھۆكۈمىنىڭ دەل فىترىي ئىكەنلىكىنى، قارشى تەرەپنىڭ پىكرى بولسا فىترىي ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن كۆپلىگەن ھىكمەتلەردىن «تۆت ھىكمەت»نى بايان قىلىمىز.

  بىرىنچى ھىكمەت: ھىجاب ئاياللار ئۈچۈن فىترىيدۇر، يارىتىلىشى ئۇنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئاياللار يارىتىلىشىدىن ئاجىز ۋە نازۇك بولغانلىقتىن، ئۆزىنى ۋە ئۆز ھاياتىدىنمۇ زىيادە سۆيگەن بالىلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان بىر ئەرنىڭ ھىمايە ۋە ياردىمىگە مۇھتاجتۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ئۆزىنى سۆيدۈرۈش، نەپرەت قىلدۇرماسلىق ۋە يىرگىنىش نەزىرىگە دۇچ كەلمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىشقا تەبىئىي بىر مايىللىقى بار. ھەمدە ئاياللاردا ئوننىڭ ئىچىدە ئالتەيەتتىسى يا قېرىپ قالغان، يا كۆرۈمسىز بولۇپ، قېرىلىقىنى ۋە كۆرۈمسىزلىكىنى ھەركىمگە كۆرسىتىشنى خالاشمايدۇ. ياكى ھەسەتخور بولۇپ ئۆزىدىن تېخىمۇ چىرايلىقلارغا نىسبەتەن تۆۋەن چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن؛ ياكى نەفسانىي ھۇجۇملاردىن ۋە تۆھمەتكە قېلىشتىن قورققاچقا، دەخلىتەئەررۇزغا دۇچار بولماسلىق، ھەمدە ئېرى نەزىرىدە ساداقەتسىز قارىلىپ ئەيىپلىنىشكە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن يارىتىلىش جەھەتتىن ھىجاب خالايدۇ. ھەتتا دىققەت قىلىنسا بىلىنىدۇكى، ھەممىدىن كۆپ ئۆزىنى ئاسىرىغان قېرىپ قالغانلاردۇر.

  ئاياللاردا ئوننىڭ ئىچىدە ھەم ياش، ھەم چىرايلىق، ھەم ئۆزىنى كۆرسىتىپ يۈرۈشتىن ئىچى سىقىلمايدىغاندىن ئىككىئۈچى بولىشى مۇمكىن. مەلۇمدۇركى، ئىنسان ئۆزى سۆيمىگەن ۋە يامان كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن (قارىشىدىن) ئىچى سىقىلىدۇ. ئەلۋەتتە خالىغىنىچە بەدىنىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ يۈرىدىغان بىر چىرايلىق ئايال، قارىشىنى ياقتۇرىدىغان نامەھرەم ئەرلەردىن ئوندىن ئىككىئۈچى بولغان بولسا، يەتتەسەككىزىنىڭ قارىشىنى يامان كۆرىدۇ. پاھىشە ۋە بۇزۇقچىلىق يولىغا ماڭمىغان بىر چىرايلىق ئايال نازۇك ۋە ھاياجانلىق بولغانلىقتىن، ماددى جەھەتتىنمۇ تەسىرى كۆرىنىدىغان، بەلكى زەھەرلەيدىغان نەزەرلەردىن ئەلۋەتتە ئىچى سىقىلىدۇ. ھەتتا ئاڭلايمىزكى، ئاياللارنىڭ ئوچۇق يالىڭاچلىق ماكانى بولغان ياۋرۇپادا، كۆپلىگەن ئاياللار بۇ خىل نەزەرلەردىن ئىچى سىقىلىپ «بۇ پەسلەر بىزنى كۆز تۈرمىسىگە ئېلىپ ئىچىمىزنى سىقىۋاتىدۇ» دەپ ساقچىغا ئەرز قىلىشىدىكەن.

  دېمەك، بۇزۇق مەدەنىيەتنىڭ ھىجابنى قوبۇل قىلماسلىقى يارىتىلىشقا زىتتۇر. قۇرئاننىڭ ھىجاب ئەمرى فىترىي بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ شەپقەت مەدەنلىرى بولغان ۋە قىممەتلىك بىر ئەبەدىي ھەمراھ بولىدىغان خانىمقىزلارنى ھىجاب ئارقىلىق، چۆكۈشتىن، پەسلىكتىن، مەنىۋى جەھەتتىكى ئاسارەتتىن ۋە قەدرسىزلىنىشتىن قۇتقۇزىدۇ.

  ھەمدە ئاياللاردا نامەھرەم ئەرلەرگە قارىتا تەبىئىي بىر خىل قورقۇنچاقلىق بار. ئۇ قورقۇش بولسا فىترىي ھالدا ھىجابنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى سەككىزتوققۇز مىنۇتلۇق بىر لەززەتنى تامامەن ئاچچىقلاشتۇرىدىغان سەككىزتوققۇز ئاي ئېغىر بىر بالا يۈكىنى زەخمەت بىلەن كۆتۈرۈش بىلەن بىللە، ھامىيسىز بىر بالىنى بېقىش ئۈچۈن سەككىزتوققۇز يىل ئۇ سەككىزتوققۇز مىنۇتلۇق ھارام لەززەتنىڭ بالاسىنى تارتىش ئېھتىمالىمۇ بار. بۇ خىل ئەھۋالمۇ كۆپ يۈز بەرگەنلىكتىن، نامەھرەملەردىن شىددەتلىك ھالدا قورقىدۇ، تەبىئىتى ساقلىنىشنى خالايدۇ. ھەمدە ھىجاب ئارقىلىق، نامەھرەملەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىماسلىق ۋە دەخلىتەئەررۇزىغا يول ئاچماسلىقنى ئاجىز يارىتىلىشى ئەمر قىلىدۇ، قۇۋۋەتلىك ھالدا ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. ھىجاب كىيىمىنىڭ ئۇنىڭ بىر قورغانى ۋە قەلئەسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئاڭلىشىمىزچە مەركەز ۋە پايتەختتە (تۈركىيە) بازار ئىچىدە، كۈندۈزدە، خەلقنىڭ كۆزى ئالدىدا، ناھايىتى ئاددى بىر ئاياغ مايلامچىسىنىڭ، دۇنياۋىي دەرىجىسى چوڭ بولغان بىر كىشىنىڭ ئوچۇق پاچاق ئايالىغا ئەدەپسىز ھەرىكىتى بىلەن بىر ناچار مۇئامىلىدە بولىشى، ھىجابقا قارشا چىققۇچىلارنىڭ ھاياسىز يۈزىگە بىر كاچات ئۇرىدۇ!

  ئىككىنچى ھىكمەت: ئەر ۋە ئايال ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك ۋە ئەڭ ئاساسلىق مۇناسىۋەت، مۇھەببەت ۋە ئالاقە پەقەتلا دۇنياۋى ھاياتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەمەستۇر. شۇنداق، بىر ئايال ئېرىگە پەقەتلا دۇنياۋى ھاياتقىلا مەخسۇس بولغان بىر ھايات رەپىقىسى ئەمەس، بەلكى ئەبەدىي ھاياتتىمۇ بىر ھايات رەپىقىسىدۇر. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە ئەبەدىي يولدىشى ۋە دوستى بولغان ئېرىنىڭ نەزىرىدىن باشقا غەيرىنىڭ نەزىرىنى ئۆز گۈزەللىكىگە جەلپ قىلماسلىقى، ئۇنى رەنجىتمەسلىكى ۋە قىزغاندۇرماسلىقى كېرەك. مادەم ئىمان سىرى بويىچە ئىمانلىق ئېرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى، دۇنياۋى ھاياتقىلا مەركەزلىشىپ قالغان، پەقەت ھايۋانىي ھېس بويىچىلا ۋە گۈزەللىك ۋاقتىغىلا مەخسۇس بولغان ۋاقىتلىق مۇھەببەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەبەدىي ھاياتتىمۇ ئۇنىڭ بىر ھايات رەپىقىسى بولۇش جەھەتتە، ساغلام ۋە سەمىمىي بىر مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەندۇر. ھەمدە ياشلىقىدىلا ۋە گۈزەللىك ۋاقتىدىلا ئەمەس، قېرىپ گۈزەللىكتىن كەتكەن ۋاقتىدىمۇ ئۇ خىل سەمىمىي مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت داۋام قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئەلۋەتتە بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇ ئايالمۇ ئۆز گۈزەللىكىنى ئۇنىڭ نەزىرىگىلا مەخسۇسلاشتۇرۇش ۋە مۇھەببىتىنى ئۇنىڭ ئۈچۈنلا سەرپ قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ تەلىپىدۇر. بولمىسا بەك ئاز ئۇتىدۇ، بىراق بەك كۆپ ئۇتتۇرىدۇ.

  شەرىئەت بويىچە، ئەرئايال ئوتتۇرىسىدا كۇفۇۋ (تەڭلىك) بولىشى، يەنى بىربىرىگە مۇناسىپ بولىشى كېرەك. بۇ مۇناسىپلىق ۋە تەڭلىك ئەڭ مۇھىمى دىندارلىق جەھەتتىدۇر.

  ئايالىنىڭ دىندارلىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان، رەپىقىسىنى ئەبەدىي ھاياتتا يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن تەقۋادارلىققا كىرىدىغان ئەر نېمىدىگەن بەختىيار!

  ئېرىنىڭ دىندارلىقىغا قاراپ، «ئەبەدىي ھاياتتىكى يولدىشىمنى يوقىتىپ قويماي» دەپ تەقۋادار بولىدىغان ئايالمۇ نە قەدەر بەختلىك!

  تەقۋادار ئايالىنى مەڭگۈلۈك يوقاتتۇرىۋېتىدىغان كەيپساپا يوللىرىغا ماڭىدىغان شۇ ئەرنىڭ ۋاي ھالىغا!

  تەقۋادار بولغان ئېرىنىڭ يولىغا ماڭماي، مۇبارەك ئەبەدىي يولدىشىنى يوقىتىۋالىدىغان ئايال نېمىدىگەن بەختسىز!

  بىربىرىنىڭ گۇناھىنى ۋە كەيپساپاسىنى دورىشىپ، بىربىرىنىڭ جەھەننەمگە تاشلىنىشلىرىغا ياردەم قىلىشىدىغان بەختسىز ئەرئاياللارغا مىڭلارچە ۋەيل! (ئىسىت ھالىغا!)

  ئۈچىنچى ھىكمەت: بىر ئائىلىنىڭ ھاياتىي بەختسائادىتى ئەرئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچ، سەمىمىي ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن داۋام قىلالايدۇ. ھىجابسىزلىق ۋە ئوچۇق بەدەن يۈرۈش ئۇ ئىشەنچنى بۇزىدۇ. ئۇ خىل ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتنىمۇ سۇندۇرىدۇ. چۈنكى ئوچۇق بەدەن يۈرىدىغان ئون ئايالدىن بىرسىلا بولىدۇكى، ئۆز ئېرىدىن تېخىمۇ ياخشىراقىنى كۆرمىگەچكە ئۆزىنى نامەھرەملەرگە سۆيدۈرۈشكە تىرىشمايدۇ. توققۇزى ئۆز ئېرىدىنمۇ ياخشىراقىنى كۆرىدۇ. ھەمدە يىگىرمە كىشى ئىچىدە ئۆز ئايالىدىن تېخىمۇ گۈزىلىنى كۆرمەيدىغان بىرسىلا بولىدۇ. ئۇ ۋاقىت ئۇ سەمىمىي مۇھەببەت ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت يوقىلىشى بىلەن بىللە، غايەت دەرىجىدە يىرگىنچلىك ۋە پەسلەرچە بىر ھېسنىڭ ئويغىنىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن. يەنى:

  ئىنساندا ھەدەسىڭىللاردەك مەھرەملەرگە (نامەھرەم بولمىغانلارغا) قارىتا يارىتىلىشىدىن شەھۋانىي ھېس بولمايدۇ. چۈنكى مەھرەملەرنىڭ سىيمالىرى تۇغقانلىق ۋە مەھرەملىك جەھەتتىكى توغرا شەپقەت ۋە مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرغاچقا ئۇ خىل نەفسانىي ۋە شەھۋانىي بولغان مايىللىقلارنى سۇندۇرىدۇ. بىراق پاچاقلاردەك شەرىئەت جەھەتتىن مەھرەملەرگىمۇ كۆرسىتىلىشى رۇخسەت قىلىنمايدىغان يەرلىرىنى ئوچۇقيالىڭاچ قويۇش، پەس نەفىسلەرگە قارىتا، ئىنتايىن يىرگىنچلىك بىر ھېسنىڭ ئويغىنىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن.

  چۈنكى مەھرەمنىڭ (تۇغقاننىڭ) سىيماسى مەھرەملىكتىن خەۋەر بېرىدۇ ۋە نامەھرەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بىراق، مەسىلەن ئوچۇق پاچاق نامەھرەمنىڭكى بىلەن بىردەكتۇر. مەھرەملىكنى خەۋەر بېرىدىغان بىر پەرقلىق ئالامىتى بولمىغانلىقتىن ھايۋانىي بىر ھەۋەس نەزىرىنى بىر قىسىم پەس مەھرەملەردە ئويغىتىشى مۇمكىندۇر. مۇنداق نەزەر بولسا، تۈكلەرنى تەتۈر ئۆرىۋەتكىدەك دەرىجىدىكى بىر ئىنسانىي چۆكۈشتۇر (ھالاكەتتۇر).

  تۆتىنچى ھىكمەت: مەلۇمدۇركى نەسىلنىڭ كۆپ بولىشى ھەممە تەلەپ قىلىدىغان ئىشتۇر، نەسىلنىڭ كۆپىيىشىگە تەرەپدار بولمايدىغان ھېچبىر مىللەت ۋە ھۆكۈمەت يوقتۇر. ھەتتا پەيغەمبىرىمىز رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام:

  تَنَاكَحُوا تَكَاثَرُوا فَاِنِّى اُبَاهِى بِكُمُ اْلاُمَمَ

يەنى، «ئۆيلىنىڭلار، كۆپىيىڭلار، مەن قىيامەتتە سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلار بىلەن پەخىرلىنىمەن» دېگەن. ھالبۇكى ھىجابسىزلىق ئۆيلىنىشنى كۆپەيتمەستىن ئازايتىۋېتىدۇ. چۈنكى ئەڭ ھۇشسىز ۋە غەرب مەدەنىيىتىگە مۇپتىلا بىر ياشمۇ ھايات رەپىقىسىنىڭ ئارنومۇسلۇق بولىشىنى خالايدۇ. ئۆزىدەك بۇزۇق يولدا يۈرىدىغان، يەنى يېرىم يالىڭاچ يۈرىدىغان بولىشىنى خالىمىغانلىقتىن بويتاق قالىدۇ. ھەتتا پاھىشە يولىغا مېڭىشى مۇمكىن.

  ئايال ئۇنداق ئەمەس، يەنى ئېرىنى ئۇ دەرىجىدە چەكلىمە ئاستىغا ئالالمايدۇ. چۈنكى ئايال ئائىلە ھاياتىدا ئىچكى مۇدىر بولىشى جەھەتتە، ئېرىنىڭ مالمۈلكى، ئەۋلادى ۋە ھەر نەرسىسى ئۈچۈن مۇھاپىزەت خىزمەتچىسى بولغانلىقتىن، ئايالنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خىسلىتى ساداقەت ۋە ئىشەنچدۇر. ئوچۇقيالىڭاچلىق بولسا، بۇ ساداقەتنى سۇندۇرىدۇ. ئېرى نەزىرىدە ئىشەنچىنى يوقىتىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋىجدان ئازابى چەكتۈرىدۇ. ھەتتا ئەرلەردىكى ئىككى ياخشى خىسلەت ھېساپلىنىدىغان جاسارەت ۋە ساخاۋەت ئاياللاردا بولسا، يۇقىرىدىكى ئىشەنچ ۋە ساداقەتكە زىيان كەلگەنلىكتىن ناچار ئەخلاق ھېساپلىنىدۇ، يامان خىسلەتتۇر. بىراق يولدىشىنىڭ ۋەزىپىسى خەزىنىدارلىق ۋە ساداقەت ئەمەس، بەلكى ھىمايە، مەرھەمەت ۋە ھۆرمەتتۇر. شۇڭلاشقا ئۇ ئەر چەكلىمە ئاستىغا ئېلىنمايدۇ. باشقا ئاياللارنىمۇ نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ.

  مەملىكىتىمىز ياۋروپاغا قىياس قىلىنسا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەردە ئوچۇق بەدەنلەر بولسىمۇ، دۇئېلدەك (ئېتىشىشتەك) ۋاستىلار بىلەن ئارنۇمۇس قىسمەن قوغدىلىنىدۇ. ئىناۋىتى بولغان بىرىنىڭ ئايالىغا بىراۋ پەس نەزەر بىلەن قارىسا، ئۆلۈمدەك نەتىجىنى ئويلىشىپ قويۇپ ئاندىن قارايدۇ.

  ھەمدە سوغوق مەملىكەت بولغان ياۋروپادىكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى ئۇ مەملىكەتتەك سوغۇق ۋە جانسىزدۇر. بۇ ئاسىيا يەنى ئىسلام قىتئەسى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىسسىق مەملىكەتلەردۇر. مەلۇمدۇركى تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئىنساننىڭ ئەخلاقىغا تەسىرى بولىدۇ. ئۇ سوغۇق مەملىكەتلەردىكى سوغۇق مىجەز ئىنسانلاردا ھايۋانىي ھەۋەسلەرنى قوزغاش ۋە باشقىسىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش جەھەتتە، ئۇ ئوچۇق بەدەن بەلكىم بەكمۇ كۆپ سۇيىئىستېمالغا ۋە بۇزۇقچىلىققا سەۋەب بولمايدۇ. بىراق ھاياجانلىق ۋە نازۇك بولغان ئىسسىق مەملىكەت ئىنسانلىرىنىڭ نەفسانىي ھەۋەسلىرىنى داۋاملىق ھاياجانغا كەلتۈرىدىغان ئۇ ئوچۇق بەدەنلەر، ئەلۋەتتە كۆپلىگەن سۇيىئىستېمالغا، بۇزۇقچىلىققا، نەسىلنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ۋە قۇۋۋەتنىڭ زەئىپلىشىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بىر ئايدا ياكى يىگىرمە كۈندە بىر تەبىئىي ئىھتىياجغا بەدەل، بىر قانچە كۈندە بىر ئۆزىنى ئۇ خىل ئىشلارغا مەجبۇر دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇ ۋاقىت ھەر ئايدا ئون بەش كۈندەك ھەيىزگە ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايالىدىن ئۇزاق تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئەر، نەفسىگە مەغلۇپ بولسا پاھىشە يولىغىمۇ مېڭىپ قالىدۇ.

  شەھەرلىكلەر، يېزا ۋە سەھرالىقلارغا قاراپ ھىجابقا ئەھمىيەتسىز قارىسا بولمايدۇ. چۈنكى يېزىلاردا تىرىكچىلىك مەشغۇلىيەتلىرى، جىسمانىي جەھەتتىن ئىشلەش ۋە ھېرىش سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا شەھەرلىكلەرگە نىسبەتەن دىققەت نەزەرنى ئاز جەلپ قىلىدىغان مەسۇم ئىشچى ۋە قوپالراق سەھرا ئاياللىرىنىڭ، نىسبەتەن ئوچۇقراق كېيىنىشلىرى نەفسانىي ھەۋەسلەرنى قوزغاشقا ئانچە سەۋەب بولالمىغاندەك، لاغايلاپ يۈرىدىغان ئىشسىز كىشىلەرمۇ ئاز بولغانلىقتىن شەھەردىكى بۇزۇقچىلىقنىڭ ئوندىن بىرىسى ئۇلاردا بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا قىياس قىلىپ ھىجابقا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

———————————————————

(*) سوت مەھكىمىسىدە دېيىلگەن ۋە سوتچىلارنى جىمىقتۇرغان ئالىي سوتقا قارشى ئاقلىنىش ئىپادىسىدىن بىر پارچە: «مەنمۇ ئەدلىيە مەھكىمىسىگە دەيمەنكى: بىر مىڭ ئۈچيۈز ئەللىك يىلدا، ھەر ئەسىردە ئۈچيۈز ئەللىك مىليون ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتلىرىدا ناھايىتى مۇقەددەس، ھەقىقىي ۋە ھەقىقەتلىك ھېساپلانغان بىر ئىلاھىي دەستۇرنى، ئۈچيۈز ئەللىك مىڭ تەپسىرنىڭ تەستىقلىشى ۋە بىردەك قاراشلىرىغا تايىنىپ، بىر مىڭ ئۈچيۈز يىل مابەينىدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئېتىقادلىرىغا ئەگىشىپ تەپسىر قىلغان بىر ئادەمنى جازاغا مەھكۇم قىلغان ھەقسىز بىر قارارنى، ئەلۋەتتە زېمىن يۈزىدە ئادالەت بولسا ئۇ قارارنى رەت قىلىپ، بۇ ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ!»-ئا

يېپىشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

947قېتىم كۆرۈلدى

Bir Cevap Yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir