…جانابى ﷲ، سېنىڭ ئىبادىتىڭگىلا ئەمەس، بەلكى ھېچبىر نەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر

  تەبىئەتپەرەستلىككە ئائىت كۇفۇر پىكىرلىرىنى تاشلاپ ئىمانغا كەلگەن زات مۇنداق دەيدۇ: ئەلھەمدۇلىللاھ، مېنىڭ شۈبھىلىرىم قالمىدى. بىراق قىزىقىۋاتقان بىر نەچچە سوئالىم بار:

  بىرىنچى سوئال: كۆپلىگەن ھورۇنلارنىڭ ۋە نامازنى تەرك قىلغانلارنىڭ مۇنداق دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز: جانابى ﷲنىڭ بىزنىڭ ئىبادىتىمىزگە نېمە ئېھتىياجى باركى، قۇرئاندا ناھايىتى شىددەتلىك ۋە تەكرارتەكرار ھالدا ئىبادەتنى تەرك قىلغانلارنى جەھەننەمدەك دەھشەتلىك بىر جازا بىلەن تەھدىت قىلىدۇ؟ ئەھمىيەتسىز كىچىككىنە بىر خاتالىققا بەكمۇ چوڭ شىددەتنى كۆرسىتىش، ئىپادىسى ئستىقامەتلىك، ھىكمەتلىك ۋە ئادالەتلىك بولغان قۇرئانغا قانداق ماس كېلىدۇ؟

  جاۋاب: شۇنداق، جانابى ﷲ، سېنىڭ ئىبادىتىڭگىلا ئەمەس، بەلكى ھېچبىر نەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر، لېكىن سەن ئىبادەتكە مۇھتاج. چۈنكى مەنىۋى جەھەتتىن كېسەلسەن ۋە بىچارىسەن. ئىبادىتىڭ بولسا، مەنىۋى يارىلىرىڭغا قۇتقازغۇچ دورا بولىدىغانلىقىنى كۆپ رىسالىلەردە ئىسپاتلىدۇق. ئەجەبا بىر كېسەل، پايدىلىق دورىلارنى ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈش ئۈچۈن قايتاقايتا جېكىلىگەن ناھايىتى شەپقەتلىك بىر دوختۇرغا: نېمە ئۈچۈن مۇنداق جېكىلەۋىرىسەن؟ سېنىڭ نېمە ئېھتىياجىڭ بار؟ دېسە نەقەدەر مەنىسىز بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن.

  ئەمدى قۇرئاننىڭ ئىبادەتنى تەرك قىلغانلارغا قارشى شىددەتلىك تەھدىتلىرى ۋە دەھشەتلىك جازالار ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىگە كەلسەك، مەسىلەن: بىر پادىشاھ ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئاددى بىر كىشىنىڭ خەلق ھوقوقىغا زىيانلىق بولغان بىر جىنايىتى سەۋەبلىك شىددەتلىك جازاغا تارتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، نامازنى ۋە ئىبادەتنى تەرك قىلغان كىشىمۇ ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانى بولغان ﷲنىڭ خەلقى ھۆكمىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھوقۇقىغا چوڭ بىر دەپسەندىچىلىك ۋە مەنىۋى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، مەۋجۇداتلارنىڭ كامالەتلىرى، ئۇلارنىڭ تەسبىھ ۋە ئىبادەتلىرى ئارقىلىق سەنئەتكارى بولغان ﷲقا قارىغان جەھەتىدە كۆرۈنىدۇ. ئىبادەتنى تەرك قىلغان كىشى بولسا مەۋجۇداتلارنىڭ ئىبادىتىنى كۆرمەيدۇ ۋە كۆرەلمەيدۇ، ھەتتا ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ ۋاقىت، ئىبادەت ۋە تەسبىھ جەھەتتە يۈكسەك ئورۇندا بولغان، ھەمدە ھەربىرى بىردىن مەنىدار ئىلاھىي مەكتۇپ ۋە بىردىن رەببانىي ئىسىملارنىڭ ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئەينىكى بولغان مەۋجۇداتنى ئالى دەرىجىلىرىدىن چۈشۈرۈپ، ئەھمىيەتسىز، ۋەزىپىسىز، جانسىز، پەرىشان بىر ھالەتتە كۆرگەنلىكىدىن مەۋجۇداتنى پەس كۆرگەن، كامالەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان بولىدۇ.

  شۇنداق، ھەركىم كائىناتنى ئۆز ئەينىكى بىلەن كۆرىدۇ. جانابى ﷲ ئىنساننى كائىناتتىكى مەۋجۇداتلار ئۈچۈن بىر سېلىشتۇرىلىدىغان ئۆلچەم قىلىپ ياراتقان. ھەر ئىنسان ئۈچۈن، بۇ ئالەمدىن خۇسۇسىي بىر ئالەم بېرىپ، ئۇ ئالەمنىڭ رەڭگىنى ئۇ ئىنساننىڭ قەلب ئېتىقادىغا قارىتا كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ناھايىتى مەيۈس ۋە ماتەملىك ھالدا يىغلىغان ئىنسان، مەۋجۇداتنى يىغلاۋاتقان ۋە مەيۈس سۈرەتتە كۆرىدۇ. ناھايىتى خۇشاللىق، خوشلۇق، سۆيۈنچ ۋە شاتلىقتىن كۈلگەن بىر ئادەم كائىناتنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە كۈلۈۋاتقاندەك خۇشال ھالەتتە كۆرىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەقىقى بىر تەپەككۇر ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن تەسبىھ ۋە ئىبادەتكە بېرىلگەن ئادەم، مەۋجۇداتلارنىڭمۇ ھەقىقەتەن ئېنىق ۋە ئەمەلىي بولغان ئىبادەت ۋە تەسبىھلىرىنى چۈشىنىدۇ ۋە كۆرىدۇ. غەپلەت ياكى ئىنكار بىلەن ئىبادەتنى تەرك قىلغان ئادەم بولسا، مەۋجۇداتنى ھەقىقىي كامالىتىگە پۈتۈنلەي زىت ۋە مۇخالىپ بىر شەكىلدە كۆرۈپ، مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ھوقوقىغا تاجاۋۇز قىلغان بولىدۇ.

  ھەمدە ئۇ نامازنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىگە ئۆزى مالىك (ئىگە) بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز مالىكىنىڭ بىر قۇلى بولغان «ئۆزى»گە زۇلۇم قىلىدۇ. ئۇنىڭ مالىكى ئۇ قۇلىنىڭ ھەققىنى، ئۇنىڭ نەفسى ئەممارىسىدىن ئېلىش ئۈچۈن دەھشەتلىك بىر تەھدىت بىلەن قورقىتىدۇ.

  شۇنداقلا، يارىتىلىش نەتىجىسى ۋە ھاياتىي غايىسى بولغان ئىبادەتنى تەرك قىلغانلىقتىن ئىلاھىي ھىكمەت ۋە رەببانىي ئىرادىگە قارشى ئىسيان قىلغان بولىدۇ ۋە جازاغا تارتىلىشى ھەق بولىدۇ.

  دېمەك، ئىبادەتنى تەرك قىلغان ئادەم، ھەم ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ، (ئۆزى بولسا ﷲنىڭ قۇلى ۋە بەندىسىدۇر.) ھەم بۇ كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ كامالەت ھوقۇقلىرىغا قارشى بىر دەخلىتەئەررۇز ۋە زۇلۇم قىلىدۇ. شۇنداق، كۇفۇر مەۋجۇداتلارغا قارشى ھاقارەت بولغىنىدەك، ئىبادەتنى تەرك قىلىشمۇ كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ كامالەتلىرىنى ئىنكار قىلىشتۇر. شۇنداقلا ئىلاھىي ھىكمەتكە قارشى بىر دەخلىتەئەررۇز بولغانلىقتىن، دەھشەتلىك تەھدىتكە ۋە شىددەتلىك جازاغا لايىق بولىدۇ.

  مانا شۇ ھوقۇق ۋە ھەقىقەتنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن، بايانى مۆجىزىلىك بولغان قۇرئاننىڭ، مۆجىزىۋى بىر سۈرەتتە ئۇ شىددەتلىك ئۇسۇلنى قوللىنىشى، بەكمۇ مۇۋاپىق ۋە مۇناسىپ ھالدا، بالاغەت ھەقىقەتلىرىدىن بولغان «ئەھۋالنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلۇق»قا دەل ئۇيغۇندۇر.

857قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir