جەننەتتە ئەھلى ئىمانغا ئېھسان قىلىنىدىغان نېئمەتلەر قايسىلار؟

جەننەتتە ئەھلى ئىمانغا ئېھسان قىلىنىدىغان نېئمەتلەر قايسىلار؟

جەننەتتە ئەھلى ئىمانغا ئېھسان قىلىنىدىغان نېئمەتلەر قايسىلار؟

  ئەھلى جەننەت، جەننەتتە ئۆزى يالغۇز ئەڭ ئاز بولغاندا ئون يەرشارىچىلىك بىر مەملىكەتنىڭ سۇلتانى بولىدۇ. يەتمىش مىڭ قەسىر ۋە يەتمىش مىڭ ھۆرى ئۇنىڭ ئەمرس ئاستىدا، يۈزمىڭلارچە مەلەك ئۇنىڭ خىزمىتىدە، پۈتۈن جەننەت نېئمەتلىرى ئۇ خالىغان شەكىلدە ئالدىدا تەييارلىنىپ ھازىر قىلىنىدۇ. ھەر نەرسە ئەمىربەردار ئەسكەرلەرگە ئوخشاش، ئۇنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىىدۇ. مەسىلەن: تاشقا ئىشارەت قىلسا، تاش يېنىغا كىلىدۇ. بىرلا ئىشارەت بىلەن يۈلەنچۈكلۈك دىۋانمۇ يېنىدا تەييار بولىدۇ، دىۋاندا ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دىۋان بەش يۈز يىللىق مۇساپە ئىگىزلىكىدە يۈكسىلىدۇ. ئۇ دىۋان خالىغان ۋاقىتتا ئۇنى ئۆزىگە ئائىت بولغان مەملىكىتىدە، خىيال تىزلىكدە كەزدۈرىدۇۋەھەكازا شۇنداق بىر ئاتقا مىنىدۇكى، ئۇ ئاتنىڭ بىر قەدىمى بەش يۈز يىللىق مۇساپىچىلىكتۇر. دەل جايىدا سالامەتچىلىك ۋە ئەمىنخاتىرجەملىك ئىچىدە بولغاچقا ئاتتىن چۈشكىسى كەلمەيدۇ. ئاللاھ مۇشۇنداق بىر ئەمىنخاتىرجەملىك بېرىدۇ، ئات چاپتۇرۇش زوقى مۇشۇنداق قىلىپ تويغۇزۇلغان بولىدۇ.

  جانابى ھەق، ئەھلى جەننەتكە ئارزۇ قىلغان پۈتۈن نېئمەتلىرىنى ئېھسان قىلىدۇ. ماددى مەنىۋى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەزائورگانلىرىنى تۇيۇندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ دائىمى ۋە باقى بولغان مەملىكەتتە ھېچبىر سىقىلىشى، ھېچبىر ئەلىمى، ھېچبىر ھارغۇنلىقى، ھېچبىر كېسەللىكى، ھېچبىر بالا ۋە مۇسىبەتلىرى قالمايدۇ. ھەم پۈتۈن بۇ نېئمەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدە رۇئيەتى جەمالۇللاھ يەنى ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈش بىلەن مۇشەررەپ قىلىنىدۇ. ئالەملەرنىڭ خالىقى بىلەن ئۆزى بىۋاستە كۆرىشىدۇ. ئۇنىڭ يالغۇزلا ئامىرى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتۇر ۋە ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولغان بولىدۇ. رەببى كەرىمى ئۇنى ئىبادەت تەكلىپلىرىدىن ئازات قىلغاندۇر. جەننەتتە ئىبادەت ۋە مۇكەللىپ يەنى مەجبۇرى ۋەزىپىسى يوقتۇر. ئەھلى ئىمان جەننەتتە، پۈتۈن ئارزۇ ۋە ئىستەكلىرى دەل جايىغا كەلتۈرۈلگەن ئەزىز بىر مىسافىرى راببانى يەنى ئاللاھنىڭ ئەزىز مىھمىنى بولىدۇ. دېمەك، مۇشۇنداق بىر مەملىكەت، پەقەتلا زوق ۋە سافا يەنى راھەتلىنىشى ئۈچۈن ئەھلى ئىمانغا ئېھسان قىلىنىدۇ. پۈتۈن بۇ نېئمەتلەرنى نېئمەت قىلغان، بەخىتسائادىتىنى بەخىتسائادەت قىلغان، داۋام قىلىش ۋە ئەبەدىيلىك بولىشى بىلەن بولىدۇ. جەننەتنىڭ پۈتۈن لەززەتلىرى ۋە بەخىتسائادىتى داۋاملىشىپ تۇرىدۇ، پۈتمەستۈگىمەستۇر ۋە ئاخىرلاشمايدۇ. چۈنكى، پۈتۈن بۇ ماددى ۋە مەنىۋى سائادەت ۋە لەززەتنىڭ مەنبەسى بولغان زاتى ھاييى قەييۇم بولغان ئاللاھ، پۈتۈن ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن باقىيدۇر، دائىمىيدۇر، مەڭگۈدۇر. ئامەننا!ئىمان ئېيىتتۇق، مۇشۇنداق بىر سەلتەنەت، مۇشۇنداق بىر رىياسەت، مۇشۇنداق بىر رۈتبەماقام، مۇشۇنداق بىر سائادەت، مۇشۇنداق بىر زوق بۇ دۇنيادا بارمىدۇ؟ ئەلبەتتە يوقتۇر ۋە مۇمكىنمۇ ئەمەستۇر. چۈنكى، بۇيەر بۇنىڭغا ماس كىلىدىغان قىلىپ يارىتىلمىغان. دېمەك، ھەقىقى سەلتەنەت ۋە رىياسەت بۇدۇر ۋە مۇشۇنداق بولىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.