خۇراپاتلىقىدىن ۋە تومپايلىقتىن قۇتۇلۇش يولى

خۇراپاتلىقىدىن ۋە تومپايلىقتىن قۇتۇلۇش يولى

ئەقلىنى«ھاھامنىڭ ۋە پاپازلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان» كىشى ۋەھشىي ياۋايى(تومپاي) ھېساپلىنامدۇ؟ ۋەياكى مەدىنىي دېيىلەمدۇ؟

«مەدىنىي كىمدۇر؟»

  سوئالىنىڭ جاۋابى: «مەدىنىي ئىنسان»-ئۆزىگە ئىسلام تەبلىغ قىلىنغاندا قوبۇل قىلغان، يەنى ئىنسانىيەتنىڭ سەزگۈر بىر قۇرالى بولغان ئەقلىنى قوللىنىپ، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلىنغان ئىسلامىيەتنىڭ داۋاسىنى قوبۇل قىىلغان، مۇتەئەسسىپلىق قىلمىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئان مەدىنىيىتىنىڭ تەربىيىسى ئاستىغا كىرگەن كىشىدۇر. باشقا بىر تەبىر بىلەن «مەدىنىي»ئىنسانھاھام(يەھۇدى دىن ئادىمى)ۋە پاپالارنىڭ(خىرىستىيان پوپى)ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىدىن، ھاۋرانىڭ(يەھۇدى ئىبادەتخانىسى)ۋە كىلىسەنىڭ(خىرىستىيان چىركاۋى) مۇتەئەسسىپلىقلىرىدىن ۋە خۇراپاتلىقلىرىدىن قوتۇلغان » كىشىدۇر. ئۇستاد بەدىئۇززامان(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇنمەدىنىي»لەردىن سۆز ئاچقاندا بايان قىلغان كىشىلەر يوقارىدىكى تەرىپ قىلغان كىشىلەردۇ. «ۋھشىي ياۋايى ئىنسان» بولسا، كاجلىقجايىللىق بىلەن مۇتەئەسسىپلىق ئىچىدە قالغان، يەنى «ئەقلىنى ھاھام ۋە پاپالارنىڭ ھوجۇملىرنىڭ تەسىرىدىن، ھاۋرا ۋە كىلىسەلەرنىڭ خوراپاتلىقلىرىدىن قۇتۇلدۇرالماي قالغان، ھەق دىن بولغان ئىسلامىيەتكە قارشى ئىناتكاجلىق قىلغان كىشىدۇر

«مەدىنىيەت» دىگەن نېمە؟

  «مەدىنىيەت» دىگەن نېمە؟ دېگەن سۇئالنىڭ جاۋابى:

  «مەدىنىيەت» كەلىمىسىنىڭ لۇغەتچە «شەھەر» مەنىسىدە كەلگەن «مەدىنە» كەلىمىسىدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ «شەھەرلىك»مەنىسىگە كىلىدۇ. ئىستىلاھى مەنىسىگە كەلسەك: ئىنسانلار ئاجىز ۋە پېقىرلىقى تۈپەيلىدىن ئۆز جىنسىدىكلەر بىلەن بىللە ياشاشقا ۋە ئىجتىمائى ھاياتقا مۇھتاجدۇر. شۇڭلاشقا، «ئىنسانلارنىڭ بىر ئىجتىمائى ھاياتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان ئۆرپ، ئادەت، ئەخلاق ۋە قانۇنلارغا» مەدىنىيەت دېيىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن «مەدىنىيەت» كەلىمىسى «ھۈنەرسانائەت ۋە پەنتېخنىكا بىلەن ئارلاشتۇرىلۋەتمەسلىكى لازىم

  ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە ئۇرۇن ئالغان «مەدىنىيەت» كەلىمىسىدىكى مۇراتمەقسىتى، ھەرگىزمۇ فۇھشىياتبۇزغۇنچىلىقلارنى، ئەخلاقسىزلىقپەسلىكلەرنى، جازانەئۈسۈملەرنى، زۇلۇم ۋە ھاقارەتلەرنى ئۇل ئاساسى قىلىۋالغان ياۋرۇپا مەدىنىيىتى ئەمەستۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى يۈزەكى ھىساپلىنىدۇ. يەنى زاھىر كۆرىنىشتە مەدىنىيەتتەك كۈرۈنسىمۇ، باتىنى ئىچ يۈزى جەھەتتە ۋە ھەقىقەت نوقتىسىدا «دەنىييەت» يەنى «پەسلىك»تۇر،«پەسكەشلىك»تۇر. قەتئىى ھالدا ئۇستاد بەدىئۇززاماننىڭ(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئەسەرلىرىدىكى ھەقىقى«مەدىنىيەت» بولسا، شانى پاكشەرىئەتى غاررا مەدىنىيىتىدۇر. يەنى، ھەزرىتى ئادەم (ئەلەيھىسسالام)دىن باشلىنىپ ساماۋى ۋەھىيدىن كەلگەن ۋە قۇرئانى ھەكىمنىڭ ۋە سۈننەتى نەبەۋىيەنىڭ ئىچىدە جەم قىلىنغان مەدىنىيەت ۋە ئۇ مەدىنىيەتتىكى ئۆرپ، ئادەت ۋە ئىسلامى شەئائىرئالامەتلەر، قۇرئانى قانۇنلار يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ شەرىئىيتى ۋە شەرىئەت ئەخلاقىدۇر.

  شۇنداق، ھەقىقى مەدىنىيەتئىسلام مەدىنىيىتىدۇر ۋە بۇ مەدىنىيەتنىڭ ئانا مەركىزى «يەسىرب»شەھرى بولغانلىقى تۈپەيلى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھىجرەتتىن كىيىن بۇ شەھەرگە «مەدىنە» ئىسمىنى قويغان. لىكىن، ياۋرۇپا مەدىنىيىتى ئىچىدە كۆرۈنگەن بەزى گۈزەللىكئارتۇقچىلىقلار بولسا، ئۇلارنىڭ مېلى ئەمەس، بەلكى ئۇ ساماۋى ۋەھىينىڭ خولاسىسى ۋە مۇتلەق ۋارىسى بولغان قۇرئانى ھەكىمنىڭ خالىس مېلىدۇر. شۇنىڭغا بىنائەن: ياۋرۇپا مەدىنىيىتى تەلمۈرۈشكە لايىق ۋە ئەگىشىشكە ئەرزىيدىغان بىر مەدىنىيەت ئەمەستۇر. ئىنسانلار، بارلىق مەزىيەتگۈزەللىكلەرنى ئۆزىدە جەم قىلغان قۇرئان مەدىنىيىتىگە ئەگىشىشلىرى نىسبىتىدە مەدىنىيلىشىدۇ. بۇ تۈپەيلى ئۇستاد بەدىئۇززامانغا(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ياۋروپالارچە بىر مەدىنىيەت خالىغان ۋە ئۇنى مەدىھىيلىگەن دەپ قاراش ۋە «مەدىنىي» تەبىرى بىلەن غەيرى مۇسلىم بولغان ۋە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلمىغان ئەجنەبىلەرنى قەسىت قىلغان دەپ قاراش چوڭ بىر خاتالىقتۇر. بەلكى ئۇستاد بەدىئۇززامان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان «مەدىنىيەت» كەلىمىسىدىن مۇرادىيۇقارىدا دېيىلگىنىدەك «ئۆرپ، ئادەت ۋە ئىسلامى شەئائىرئالامەتلەر ۋە قۇرئاننىڭ قانۇنلىرى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ شەرىئىتى ۋە شەرئى بولغان ئەخلاقىدۇرباشقا بىر تەبىر بىلەن ئېيىتقاندا، «مەدىنىيەت»- «ھاھامنىڭ ۋە پاپازنىڭ ھوجۇملىرىنىڭ تەسىرىدىن، ھاۋرانىڭ ۋە كىلىسەنىڭ مۇتەئەسسىپلىقىدىن ۋە خۇراپاتلىقىدىن قۇتۇلۇشتۇر


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.