ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئىمانىمىزنى مۇھاپىزەت قىلايلى

 

بۇ ئەسىرنىڭ چوڭ بىر مەنىۋى كېسىلى بار، ئۇ بولمىسۇ ئىمان ھەقىقەتلىرىگە ئېتىبارسىز قاراش ۋە ئىمان ھەقىقەتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، پەقەت غەپلەتتىكى كىشىلەرلا ئەمەس، بەلكى مەنىۋى ئالەمدە تەرەققى قىلىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشىۋاتقان مۇسۇلمانلارمۇ بۇ مەنىۋى كېسەللىكتىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى مۇسۇلمانلار ئىمانغا ئائىت مەسىلىلەرنىڭ دەلىللىرىنى ئىزدەشنى مەنىسىز ئىش دەپ قاراپ، «شۈبھىمىز يوق تۇرسا دەلىلگە نېمە ئېھتىياجىمىز بار؟» دەۋاتىدۇ. ئۇلار، ئىمان ھەقىقەتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر ھەققىدە ئىزدەنگەنلىك قەلبى ساغلام بولمىغانلىقنىڭ ئالامىتى، دەپ قارايدۇ. ھەمدە شۈبھىسى بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇنىڭ كېرىكى يوق، دەيدۇ. بۇ خىل كۆزقاراش ۋە ئېتىقادلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامىي بىلىمنىڭ كەمچىللىكى ۋە ئىلىمسىزلىكتىن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنداق گەپنى پەقەت ئىسلامنىڭ دەلىلگە بەرگەن ئەھمىيىتىنى بىلمىگەنلەر ۋە ئىماننىڭ ماھىيىتىدىن خەۋەرسىز بولغانلار قىلىشى مۇمكىن.

ئىمام ئەزەم، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىمام شافىئى، سۇفيانى سەۋرى ۋە باشقا پۈتۈن ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىدا، ئىمانغا ئائىت مەسىلىلەرنىڭ دەلىللىرىنى بىلمەي تۇرۇپ ئىشەنگەن كىشى ئىمان ئېيتقان ھېسابلىنىدۇ؛ ئەمما دەلىلىنى ئىزدەشنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار ۋە ئاسىي بولىدۇ. بۇ ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئىمان ھەقىقەتلىرىنىڭ دەلىللىرىنى بىلىش ۋاجىپ؛ ئىزدىنىشنى تەرك قىلىش بولسا، ھارامدۇر.

ئىمام ئەشئەرى بولسا، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەيدۇكى: «ئىماننىڭ ساغلام بولىشىنىڭ شەرتى – ئىمان ئاساسلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەقلى دەلىللىرىنى بىلىشتۇر.» بۇ بويىچە ئېيتقاندا، ئىماننىڭ دەلىللىرىنى بىلمىگەن بىر كىشى، ئىمام ئەشئەرىنىڭ نەزىرىدە، مۇتلەق مۇئمىن ھېسابلانمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر مۇتلەق ھالدا ئىمان ئېيتقان ھېسابلانمىسىمۇ، قەلبىدە كۇفۇر ئېتىقادىغا زىت بولغان ئېتىقاد بولغانلىقى ئۈچۈن كافىرمۇ ئەمەس. ئەمما ئىزدىنىش ۋە دەلىل تەلەپ قىلىشنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاسىي بولىدۇ.

ئىمام ئەشئەرى مۇنداق داۋام قىلىدۇ: «بۇنداق كىشى باشقا ئاسىيلارغا ئوخشاش. يەنى، ھاراق ئىچكەن، قىمار ئوينىغان ۋە باشقا ھارام ئىشلارنى قىلغان ئاسىيلار بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ﷲ ئۆزى بىلىدۇ. ﷲ تائالا، خالىسا ئۇنى كەچۈرۈپ جەننىتىگە كىرگۈزىدۇ؛ خالىسا ئۇنىڭغا گۇناھىغا لايىق ئازاب بېرىپ، ئۇندىن كېيىن جەننىتىگە ئالىدۇ.

دېمەك، تۆت مەزھەپنىڭ ئىماملىرىدىن ئىمام ئەزەم، ئىمام شافى ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل قاتارلىقلارنىڭ قارىشىدا، ئىمان مەسىلىلىرىنىڭ دەلىللىرىنى بىلىش ۋە دەلىل تەلەپ قىلىش ۋاجىپ. دەلىلىنى بىلمەستىن ئىشەنگەن كىشى مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ، دەلىل ئىزدەشنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاسىي ۋە گۇناھكار بولىدۇ. بىرلىككە كەلگەن كۆزقاراشمۇ مانا مۇشۇ. ئىمامى ئەشئەرى بولسا، دەلىلىنى بىلىشنى ئىماننىڭ ساغلام بولۇشىنىڭ شەرتى دەپ تونۇغان. ھەمدە ئىمان ھەقىقەتلىرىگە دەلىللىرىنى بىلمەستىن ئىشەنگەن كىشىنىڭ مۇتلەق مۇئمىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇنداقتا بىر مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى – ئۆگىنىشى ۋاجىپ بولغان، ئىمان ھەقىقەتلىرىنىڭ دەلىللىرىنى ئۆگىنىش ۋە دەلىللەرنى ئۆگىنىشنى تەرك قىلىشى سەۋەپلىك يۈكلىنىدىغان «ئاسىي» ۋە «گۇناھكار» دېگەن سۈپەتلەردىن قۇتۇلۇشتۇر. بۇ بولسا، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش ۋە روزا تۇتۇشقا ئوخشاش قىلىش زۆرۈر بولغان بىر ئىبادەت؛ پەرزى كۇپايە ئەمەس، بەلكى پەرزى ئەين بولغان بىر ئىلىمدۇر.

بۇ تور بىكىتىنى ھازىرلاشتىكى مەقسىتىمىز، ﷲنىڭ بارلىقىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىش ۋە ﷲنىڭ بارلىقى ھەققىدە شۈبھىسى بولغانلارنى ئۇ شۈبھىلەردىن قۇتقۇزۇشتۇر. بۇ دەرسلەردە بايان قىلىنغان دەلىللەر ئىنتايىن قۇۋۋەتلىك بولۇپ، ئىنكار قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

شۇنىمۇ ئوچۇق ئېيتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك:    ئىمان ھەقىقەتلىرى جەھەتتە ﷲنىڭ بارلىقى ۋە باشقا ھەقىقەتلەرنىڭ ئىسپاتى جەھەتتە، بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ «رىسالەئى نۇر كۇللىياتى» ئالاھىدە ئۈستۈن دەرىجىگە ۋە قىممەتكە ئىگە.

رىسالئى نۇر شاگىرتى پەرىزلەرنى ئىشلىگەن ، گۇناھى كەبىرلەرنى تەرك قىلغان، سۈننەتنىڭ پۈتۈنلەي ھەممىسىگە تەرەپدار بولغان ۋە بىدئەتلەرگە تەرەپدار بولمىغان، قۇرئان ۋە ھەدىتىن كىيىن ئىمان ھەقىقەتلىرى جەھەتتە رىسالئى نۇرنى ھۈججەت دەلىل سۈپىتدە قۇبۇل قىلغان كىشىدۇر.

بىز بۇ ئىنتىرنىت بىكىتمىزنى ھازىرلاشتا «رىسالەئى نۇر كۇللىياتى»نى مەنبە قىلىپ قوللاندۇق.  بۇ يازمىلار، «رىسالەئى نۇر»دىكى ھەقىقەتلەرنىڭ تەرجىمىسى، شەرھلىرى ۋە ئىزاھلىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تور ئالاقە خىزمىتىمىزنىڭ بىرىنچى مۇخاتاپلىرى «رىسالەئى نۇر» بىلەن ئۇچراشمىغان ئوقۇرمەنلەردۇر. بۇ ئوقۇرمەنلەر ھەققىدە ئۈمىدىمىز شۇكى: بۇ تىرىشچانلىقلار، رىسالەئى نۇر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كۆۋرۈك بولغۇسى؛ ھەمدە بۇ يېزىلغان ماقالە ۋە ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان «رىسالەئى نۇر» بىلەن ئۇچرىشىشىغا بىر سەۋەپ بولغۇسى.

بۇ ئۇلىشىش باغلىرىدىن پايدىلىنىدىغانلارنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرى، «رىسالەئى نۇر»نى ئوقۇمىغانلار. ئىنشاﷲ بۇ ھەقىقەتلەردىكى قۇۋۋەت، ئۇلارنىڭ «رىسالەئى نۇر»غا بولغان قىزىقىشىغا ۋە «رىسالەئى نۇر»نى ئوقۇشىغا سەۋەپ بولغۇسى، شۇنداقلا نەتىجىدە قۇرئانغا ھەقىقى ئاشىق بولغۇسى.  ئىككىنچى قىسىم بولسا، «رىسالەئى نۇر»نىڭ دائىمى ئوقۇرمەنلىرى. بۇلار ئۈچۈن بۇ  ئەسەرلەر، رىسالىلەردىكى ھەقىقەتلەرنىڭ بىر قىسىم تەرجىمە ۋە ئىزاھلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر دەرىزىلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەپ بولغۇسى؛ ھەمدە ئۇ ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىشى ئۈچۈن پەشتاق بولغۇسى. شۇدەلىللەر بىلەن ھەقىقەتكە يۈزلىنىپ ھەقىقەت بىلەن تەھقىق ئەھلى بۇلغۇسى! شۇنداقلا نەتىجىدە ھەدىس شەرىپىلەرگە ھەقىقى چىڭ باغلىنىشقا  ياردىمى تەككۈسى! شەرئىي ئۆلچەملەرنى شەكىللەندۈرۈپ، قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائى ئۈممەت ۋە قىياسى فۇكەھا بۇيىچە ھۆكۈم قىلغۇسى! ئەسەرلەرنىڭ مەنىسىگە دىققەت بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئەدىللەئى شەرئىييە بۇيىچە تاسقاپ تەكشۈرۈپ ئالماس ۋە ئالتۇن چىقسا ئېلىپ، كۈمۈش چىقسا ئەپكەس قىلغۇسى!

بۇ تەرجىمە ئەسەرلەردە ﷲنىڭ بارلىقى، ئىككى كەررە ئىككى تۆت بولغىنىدەك دەرىجىدە، ئېنىق ۋە قەتئىي ئىسپات قىلىنماقتا. بىز باشقا ئىمان ھەقىقەتلىرىنىڭ ئىسپاتى ھەققىدىمۇ ئىزاھلار نى ھازىرلاپ، سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن سۇندۇق. كىشىلەرنىڭ ئىمانلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە، تەقلىدىي دەرىجىدىن تەھقىقىي دەرىجىگە چىقىشىغا ۋە «رىسالەئى نۇر» بىلەن ئۇچرىشىشىغا سەۋەپ بولالىساق، بىزمەمنۇن بولىمىز شۇنداقلا بۇ بىز ئۈچۈن زور بەخت.

ياردەم ۋە تەۋپىق ﷲتىندۇر.

سەللاللاھۇ ئەلا سەييىدىنا مۇھەممەدەن ۋە ئەلا ئالىھى ۋەسەللەم…

 

 

953قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir