رامىزاندىكى روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ شەخسى ھاياتىغا قارىغان جەھەتتىكى ھىكمەتلىرى

رامىزاندىكى روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ شەخسى ھاياتىغا قارىغان جەھەتتىكى ھىكمەتلىرى

  سەككىزىنچى نۇقتا: رامىزاندىكى روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ شەخسى ھاياتىغا قارىغان جەھەتتىكى كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى:

  روزا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر دورا قاتارىدىكى ماددى ۋە مەنىۋى بىر پەرھىز تۇتماقتۇر. ھەمدە تىببى جەھەتتىن بىر داۋا بولۇپ، ئىنساننىڭ نەفسى يەپئىچىش جەھەتتە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىۋەرسە، ئۇنىڭ جىسمانى ھاياتىغا تىببى جەھەتتىن زىيان يەتكىنىدەك، ھالالھارام دېمەستىن ئۇچرىغان نەرسىنى يەۋەرسە، مەنىۋى ھاياتىنىمۇ زەھەرلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەلب ۋە روھقا ئىتائەت قىلىش ئۇ نەفس ئۈچۈن ئېغىر كىلىشكە باشلايدۇ. ھاكاۋۇرلۇق بىلەن تىزگىنىنى قولىغا ئالىدۇ. ئىنسان مىنەلمەيدىغان، ئەكسىچە ئۇ ئىنسانغا مىنىدىغان ھالغا كېلىدۇ.

  رامىزانى شەرىپتىكى روزا ۋاستىسى ئارقىلىق بىر خىل پەرھىزگە كۆنىدۇ. نەفسىنى تەربىيىلەشكە(رىيازەتكە) تېرىشىدۇ ۋە ئەمىر ئاڭلاشنى ئۆگۈنىدۇ. بىچارە زەئىپ ئاشقازاننىمۇ ھەزىم بولۇشتىن بۇرۇن يەۋېرىش ۋە تولدۇرىۋېرىش ئارقىلىق كېسەل قىلىپ قويمايدۇ. شۇنداقلا ئەمىر ۋاستىسى بىلەن ھالالنى تەرك قىلىش نەتىجىسىدە، ھارامدىن ئۆزىنى تارتىش ئۈچۈن ئەقىل ۋە شەرىئەتتىن كەلگەن ئەمىرنى ئاڭلاشقا قابىلىيەت شەكىللىنىدۇ. مەنىۋى ھاياتىنى بۇزماسلىققا تېرىشىدۇ.

  ھەمدە ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئاچلىققا كۆپ قېتىم دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا سەۋىرچانلىق ۋە چىدامچانلىق ئۈچۈن بىر چېنىقىش ھۆكمىدە بولغان ئاچلىققا ۋە پەرھىز تۇتۇپ كۆنۈشكە مۇھتاجدۇر. مانا بۇ رامىزاندىكى روزا ئون بەش سائەت، زوھۇر تامىقىسىز بولسا يىگىرمە تۆت سائەت داۋاملاشقان بىر ئاچلىق مۇددىتىگە سەۋىر قىلىپ چىداشمۇ ئەنە شۇنداق بىر رىيازەت ۋە چېنىقىشتۇر. دېمەك ئىنساننىڭ بالامۇسىبىتىنى ھەسسىلەندۈرىۋىتىدىغان سەۋىرسىزلىك ۋە چىدامسىزلىقنىڭ بىر دورىسىمۇ روزىدۇر.

  ھەمدە، ئۇ ئاشقازان زاۋۇتىنىڭ كۆپلىگەن خىزمەتچىلىرى بار. شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار كۆپلىگەن ئىنسانىي ھېستۇيغۇلار بار. نەفس ئەگەر مۇئەييەن بىر ئاينىڭ كۈندۈز زامانىدا مەشغۇلىيەتتىن توختىتىلمىسا، ئۇ زاۋۇت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە ئۇ ھېستۇيغۇلارنىڭ خۇسۇسى ئىبادەتلىرىنى ئۇلارغا ئۇنۇتتۇرۇپ قويىدۇ، ئۆزى بىلەنلا مەشغۇل قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قويۇپ قويىدۇ. ئۇ باشقا ھېستۇيغۇلارنىمۇ ئۇ زاۋۇت ئۆزىنىڭ مەنىۋى چاقلىرىنىڭ شاۋقۇنلىرى ۋە تۇمانلىرى بىلەن گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگىلا جەلپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈكسەك ۋەزىپىلىرىنى ۋاقىتلىق ئۇنۇتتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا بۇرۇندىن بىرى ئەۋلىيالار تاكامۇللىشىش ئۈچۈن رىيازەتكە، ئاز يېيىش، ئاز ئىچىشكە ئۆزلىرىنى كۆندۈرگەندۇر. بىراق رامىزاندىكى روزا ئارقىلىق ئۇ زاۋۇتنىڭ خىزمەتچىلىرى، پەقەتلا ئۇ زاۋۇت ئۈچۈن يارىتىلمىغان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. باشقا ھېستۇيغۇلارمۇ ئۇ زاۋۇتنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ھوزۇرلىنىشلىرىغا بەدەل، بۇلار رامىزانى شەرىپتە پەرىشتىدەك روھانىي ھوزۇرلار بىلەن لەززەتلىنىدۇ. نەزەرلىرىنى بۇ خىل ئىشلارغا قارىتىدۇ. شۇڭا رامىزانى شەرىپتە مۆئمىنلەر دەرىجىلىرىگە قارىتا ئايرىمئايرىم نۇرلارغا، پەيزلەرگە ۋە مەنىۋى سۆيۈنچلەرگە ئىگە بولىدۇ. قەلب، روھ، ئەقىل، سىرغا ئوخشاش سېزىملارنىڭ بۇ مۇبارەك ئايدا روزا نەتىجىسىدىكى كۆپ تەرەققىيات ۋە نۇرلىنىشلىرى باردۇر. ئاشقازاننىڭ يىغلىشىغا بەدەل، بۇلار تەبەسسۇم بىلەن كۈلىشىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.