رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ قۇرئانى ھەكىمنىڭ نازىل بولۇشىغا قارىغان جەھەتى

  ئالتىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ قۇرئانى ھەكىمنىڭ نازىل بولۇشىغا ۋە رامىزاننىڭ قۇرئانى ھەكىمنىڭ نازىل بولغان ئەڭ مۇھىم ۋاقتى ئىكەنلىكىگە قارىغان كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن بىرى شۇدۇركى: قۇرئانى ھەكىم رامىزان ئېيىدا نازىل بولغاچقا، ئۇ قۇرئاننىڭ چۈشۈش ۋاقتىنى ئىنتىزار بىلەن، ئۇ ساماۋى خىتابنى ئالقىشلاش ئۈچۈن بۇ ئايدا نەفسنىڭ پەس ھاجەت ۋە مەنىسىز ھالەتلىرىدىن سىيرىلىپ چىقىپ، يەپئىچىشنى تەرك قىلىپ، خۇددى پەرىشتە كەبى بولۇش، شۇنداقلا، بىر جەھەتتە قۇرئاننى يېڭى نازىل بولۇۋاتقاندەك ئوقۇش ۋە تىڭشاش، ھەمدە ئۇنىڭدىكى ئىلاھى خىتابلارنى گويا دەل نازىل بولۇۋاتقان ۋاقتىدا ئاڭلاۋاتىمەن، دەپ ئاڭلاش ياكى ئۇ خىتابلارنى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن ئاڭلاۋاتقاندەك بىر ھالەتكە كىرىش، ھەتتا ھەزرىتى جىبرىئىل ۋە ھەتتا ئەزەلى مۇتەكەللىم(سۆزلىگۈچى) بولغان ﷲتىن ئاڭلاۋاتقاندەك بولۇشقا ئوخشاش مۇقەددەس ھالەتكە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۆزىنىڭمۇ تەرجىمانلىق قىلپ باشقىلارغا ئاڭلىتىش ۋە قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش ھىكمىتىنى بەلگىلىك نىسبەتتە كۆرسىتىش ئارزۇسىنى ئويغىتىدۇ.

  شۇنداق، رامىزانى شەرىپتە ئالەمى ئىسلام گويا بىر مەسچىت ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. شۇنداق بىر مەسچىتكى، مىليونلارچە قارىلار ئۇ چوڭ مەسچىتنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۇ قۇرئاننى، ئۇ ساماۋى خىتابىنى يەر شارىلىقلارغا ئاڭلىتىشىدۇ. ھەر رامىزان ﴿شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِى اُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ ئايىتىنى نۇرانىي ۋە پارلاق بىر تەرزدە كۆرسىتىدۇ. رامىزاننىڭ قۇرئان ئېيى ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىدۇ. ئۇ ھەشەمەتلىك جامائەتلەرنىڭ بەزىلىرى خۇشۇئ بىلەن ئۇ قارىلارنى تىڭشايدۇ. بەزىلىرى ئۆزلىرى ئوقۇشىدۇ.

  شۇنداق بىر ۋەزىيەتتىكى مۇقەددەس مەسچىتتە پەس نەفسنىڭ ھەۋەسلىرىگە بويسۇنۇپ يەپئىچىش بىلەن ئۇ نۇرانىي ۋەزىيەتتىن چىقىش نەقەدەر يىرگىنچلىك ئەھۋال بولسا، ھەمدە ئۇ مەسچىتتىكى جامائەتنىڭ مەنىۋى نەپرىتىگە نە قەدەر دۇچار بولسا، ئوخشاشلا رامىزانى شەرىپتە روزا تۇتقۇچىلارغا زىت ھەرىكەت قىلغانلارمۇ شۇ قەدەر دەرىجىدە ئۇ ئىسلام ئالىمىنىڭ مەنىۋى نەپرىتىگە ۋە ھاقارىتىگە دۇچاردۇر.

———————————————–

*خۇشۇئ : مۇھەببەت ئارىلاشقان قورقۇنچ.

959قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir