رامىزانى شەرىپ ھەققىدە

رامىزانى شەرىپ ھەققىدە

رامىزانى شەرىپ ھەققىدە

  بۇ ئىككىنچى قىسىم رامىزانى شەرىپنىڭ ناھايىتى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن توققۇز ھىكمەتنى بايان قىلغان «توققۇز نۇقتا»دۇر.

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِى اُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِلنَّاسِ وَ بَيِّنَاتٍ مِنَ الْهُدَى وَ الْفُرْقَانِ

(بەقەرە:185)

  بىرىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزا، ئىسلامىيەتنىڭ بەش ئاساسىنىڭ ئاۋۋالقىلىرىدىندۇر. ھەمدە ئىسلام شەئائىرلىرىنىڭ چوڭلىرىدىندۇر. رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن ھەم جانابى ﷲنىڭ رۇبۇبىيىتىگە**، ھەم ئىنساننىڭ ئىجتىمائى ھاياتىغا، ھەم شەخسى ھاياتىغا، ھەم نەفسنىڭ تەربىيىسىگە، ھەم ﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشقا قارىغان نۇرغۇنلىغان ھىكمەتلىرىدىن جانابى ﷲنىڭ رۇبۇبىيىتى نۇقتىسىدىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى:

  جانابى ﷲ، زېمىن يۈزىنى بىر نىئمەت داستىخىنى سۈرىتىدە يارىتىپ، خىلمۇخىل بولغان بارلىق نىئمەتلىرىنى ئۇ داستىخاندا ﴿مِنْ حَيْثُ لاَ يَحْتَسِبُ (كۈتۈلمىگەن يەردىن) تىزىش ئارقىلىق، چەكسىز كامالەتتىكى رۇبۇبىيىتىنى، رەھمانىيىتىنى ۋە رەھىمىيىتىنى ئۇ ۋەزىيەت بىلەن ئىپادە قىلىدۇ. ئىنسانلار غەپلەت پەردىسى ئاستىدا ۋە سەۋەبلەر دائىرىسىدە ئۇ ۋەزىيەت ئىپادە قىلغان ھەقىقەتنى دەل كۆرەلمەيدۇ، بەزىدە ئۇنۇتىدۇ. رامىزانى شەرىپتە بولسا، مۆئمىنلەر بىراقلا بىر مۇنتىزىم ئارمىيە ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. ئەزەلىي سۇلتاننڭ زىياپىتىگە دەۋەت قىلىنغان بىر سۈرەتتە، شامغا يېقىن «بېقىڭلارئەمرىنى كۈتۈۋاتقاندەك بىر خىل قۇللۇق ھالىتىنى كۆرسىتىشلىرى، ئۇ شەپقەتلىك، ھەشەمەتلىك ۋە ئومۇمى رەھمانىيەتكە قارىتا كەڭرى، يۈكسەك ۋە ئىنتىزاملىق بىر ئىبادەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرغانلىق بولىدۇ. ئەجەبا شۇنداق بىر ئۇلۇغ ئىبادەتكە ۋە يۈكسەك شەرەپكە قاتناشمىغان ئىنسانلار ئىنسان ئىسمىغا لايىق بولالامدۇ؟

—————————————————

*شەئائىر: دىن ھېسسىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان ئىسلامنىڭ جامائەتكە ئائىت ياخشى ئادەتلىرى.

**رۇبۇبىيەت: رەببىمىزنىڭ بېقىش، ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش، تەمىنلەش سۈپىتى.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.