رامىزان روزىسىنىڭ، دۇنياغا ئاخىرەتلىك ھوسۇل ۋە پايدا ئۈچۈن تېرىش جەھەتىگە قارىغان تەرىپى

رامىزان روزىسىنىڭ، دۇنياغا ئاخىرەتلىك ھوسۇل ۋە پايدا ئۈچۈن تېرىش جەھەتىگە قارىغان تەرىپى

  يەتتىنچى نۇقتا: رامىزان روزىسىنىڭ، دۇنياغا ئاخىرەتلىك ھوسۇل ۋە پايدا ئۈچۈن تېرىش ۋە تىجارەت قىلىشقا كەلگەن ئىنسانلارنىڭ تاپاۋىتىگە قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: رامىزانى شەرىپتە ئەمەللەرنىڭ ساۋابى بىرگە مىڭدۇر. ھەدىسنىڭ ئېنىق ئىپادىسى بويىچە قۇرئانى ھەكىمنىڭ ھەر بىر ھەرپىنىڭ ئون ساۋابى بار، ئون ھەسەنە (ياخشىلىق) يېزىلىدۇ. ئون جەننەت مېۋىسى بېرىدۇ. رامىزانى شەرىپتە بولسا، ھەر بىر ھەرپنىڭ ئون ئەمەس، مىڭ، «ئايەتەل كۇرسى»دەك ئايەتلەرنىڭ ھەر بىر ھەرپىنىڭ مىڭلارچە، رامىزاننىڭ جۈمەلىرىدە تېخىمۇ كۆپ، قەدىر كېچىسىدە بولسا ئوتتۇز مىڭ ساۋابى بولىدۇ.

  شۇنداق، ھەر بىر ھەرپى ئوتتۇز مىڭ باقى مېۋە بەرگەن قۇرئانى ھەكىم، شۇنداق بىر نۇرانى تۇبا دەرىخى ھۆكمىگە ئۆتىدۇكى، مىليونلارچە ئۇ باقى مېۋىلەرنى رامىزانى شەرىپتە مۆئمىنلەرگە قازاندۇرىدۇ. مانا كەل، بۇ مۇقەددەس ۋە ئەبەدى بولغان پايدىلىق تىجارەتكە قارا، كۆر ۋە ئويلان. بۇ ھەرپلەرنىڭ قەدىرقىممىتىنى تۆۋەن كۆرگەنلەرنىڭ نەقەدەر چەكسىز زىياندا ئىكەنلىكىنى چۈشەن.

  دېمەك، رامىزانى شەرىپ ئاخىرەت تىجارىتى ئۈچۈن خۇددى غايەت مەنپەئەتلىك بىر بازار، بىر يەرمەنكىدۇر. ئاخىرەتلىك مەھسۇلات ئۈچۈن غايەت مۈنبەت بىر ئېتىزدۇر. ئەمەللەرنىڭ ھەسسىلىنىشى (ئۆسۈپ چىقىشى) ئۈچۈن باھاردىكى ئاپرىل ئېيىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ﷲنىڭ رۇبۇبىيەت سەلتەنىتىگە قارىتا ئىبادەت بىلەن «پاراتتىن ئۆتىشى» ئۈچۈن ئەڭ پارلاق ۋە مۇقەددەس بىر بايرام ھۆكمىدىدۇر. شۇڭلاشقا يەپئىچىشتەك نەفسنىڭ غەپلەتلىك ھايۋانىي ھاجەتلىرى ۋە مەنىسىز ھاۋايىھەۋەسلىرى بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى ئۈچۈن روزا تۇتۇش ۋەزىپە بولغاندۇر. گويا ۋاقىتلىق ھايۋانىيەتتن چىقىپ پەرىشتە ۋەزىيىتىگە ياكى ئاخىرەتلىك تىجارەت دائىرىسىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن، دۇنياۋى ھاجەتلىرىنى ۋاقىتلىق تاشلاش ئارقىلىق، ئاخىرەتلىك بىر ئادەم ۋە جىسىملىشىپ كۆرۈنگەن بىر روھ ھالىتىگە كىرىپ، روزىسى بىلەن سەمەدانىيەتكە بىر خىل ئەينەكدارلىق رولىنى ئوينايدۇ.

  شۇنداق، رامىزانى شەرىپ بۇ فانىي دۇنيا، فانىي ئۆمۈر ئىچىدە ۋە قىسقا بىر ھاياتتا، باقى بىر ئۆمۈر ۋە ئۇزۇن بىر باقىي ھاياتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قازاندۇرىدۇ. شۇنداق، بىر رامىزان سەكسەن يىللىق بىر ئۆمۈر نەتىجىلىرىنى قازاندۇرالايدۇ. قەدىر كېچىسىنىڭ قۇرئان ئىپادىسى بويىچە مىڭ ئايدىنمۇ خەيرلىك ئىكەنلىكى بۇ سىرغا قەتئىي دەلىلدۇر.

  مىسال، بىر پادىشاھ سەلتەنەت مۇددىتى ئىچىدە، ھەتتا ھەر يىلى «تەختكە چىقىش مۇراسىمى» نامىدا ياكى باشقا بىر سەلتەنىتىنى ھەشەمەتلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بەزى كۈنلەرنى بايرام قىلپ بېكىتىدۇ. ئۆز خەلقىگە ئۇ كۈنى ئومۇمى قانۇنلىرى بويىچە ئەمەس، بەلكى خۇسۇسى ئىلتىپاتلىرى، پەردىسىز كۆرۈشۈش، پەۋقۇلئاددە ئەمىر، ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن، ساداقەتمەن ۋە لايىق خىزمەتچىلەرگە بولسا شاھانە مۇكاپاتلار بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانى بولغان ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ مۇقەددەس پادىشاھى، ئۇ ئون سەككىز مىڭ ئالەمگە قارىغان، (ھىدايىتى) بىلەن يۈزلەنگەن ئالى پەرمانى بولغان قۇرئانى ھەكىمنى رامىزانى شەرىپتە نازىل قىلغاندۇر. ئەلۋەتتە شۇنداق بىر رامىزاننىڭ مەخسۇس بىر ئىلاھى بايرام، رەببانىي** بىر يەرمەنكە ۋە روھانىي بىر مەجلىس ھۆكمىگە ئۆتۈشى ھىكمەتنىڭ تەلىپىدۇر.

  خوش، رامىزان شۇ خىل بايرام بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە پەس ۋە ھايۋانىي مەشغۇلىيەتلەردىن ئىنسانلارنى بىر ئاز تارتىش ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا ئەمىر قىلىنىدۇ. ئۇ روزىنىڭ ئەڭ مۇكەممىلى بولسا، ئاشقازاندەكلا، پۈتۈن ھېستۇيغۇلىرىغا: كۆزى، قۇلىقى، قەلبى، خىيالى ۋە پىكرىدەك ئىنسانىي تۈزۈلمىلىرىگە بىر تۈرلۈك روزا تۇتقۇزۇشتۇر. يەنى ھاراملاردىن، مەنىسىز ئىشلاردىن تارتىپ، ھەر بىرىسىنى مەخسۇس ئىبادەتلەرگە يۈزلەندۈرۈشتۇر.

  مەسىلەن: تىلنى يالغاندىن، غەيۋەتتىن ۋە سەت گەپلەردىن ئايرىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا روزا تۇتقۇزۇش. شۇنداقلا قۇرئان تىلاۋىتى، زىكىر، تەسبىھ، سالاۋات (دۇرۇت) ۋە تۆۋبەئىستىغفاردەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىش كۆزنى بولسا، نامەھرەملەرگە قاراشتىن، قۇلاقنى يامان نەرسىلەرنى ئاڭلاشتىن مەنئى قىلىپ، كۆزنى ھەقىقەتلەرگە يۈزلەندۈرىدىغان نەرسىلەرگە، قۇلاقنى ھەق سۆز ۋە قۇرئان ئاڭلاشقا سەرپ قىلىشتەك باشقا بارلىق ھېستۇيغۇلارغىمۇ بىر خىل روزا تۇتقۇزۇشتۇر. ھېلىمۇ ئاشقازان ئەڭ چوڭ بىر زاۋۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، روزا ئارقىلىق ئۇنىڭ پائالىيىتى توختىتىلسا، باشقا كىچىك سېخلارنى ئوڭاي بويسۇندۇرغىلى بولىدۇ.

———————————————–

سەمەدانىيەت: (ﷲنىڭ) ھەممە نەرسە ئۇنىڭغىلا مۇھتاج بولۇپ، ئۆزى ھېچ نەرسىگە مۇھتاج بولمىغان سۈپىتى*

رەببانىي: «رەب»(پەرۋەردىگار) ئىسمىغا ئائىت، ئىلاھى**


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.