رىسالەئى نۇر قانداق تەپسىر؟

رىسالەئى نۇر قانداق بىر تەپسىر؟

     تەپسىر بىر جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

   بىرىسى: لەفزىي تەپسىر بولۇپ، قۇرئاننىڭ ئىبارىلىرىنى، كەلىمە ۋە جۈملىلىرىنىڭ مەنىلىرىنى باشتىن ئاخىر بايان، ئىزاھ ۋە ئىسپات قىلىدۇ.

    ئىككىنچى قىسىم تەپسىر بولسا: مەنا جەھەتىدىكى مەنىۋى تەپسىر بولۇپ، قۇرئاننىڭ ئىمانغا ئائىت ھەقىقەتلىرىنى قۇۋۋەتلىك دەلىللەر بىلەن بايان، ئىسپات ۋە ئىزاھ قىلىدۇ. بۇ زاماندا بۇ قىسىمنىڭ ناھايتى چوڭ ئەھىمىيىتى بار، زاھىردە مەلۇم بولغان (لەفزى) تەفسىرلەر قۇرئاننىڭ ئىمانغا ئائىت بولغان ھەقىقەتلىرىنى بەزىدە يىغىنچاق بىر تەرىزدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما رىسالەئى نۇر، توغرىدىن توغرا ئىككىنچى قىسىمنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تارختە كۆرۈلمىگەن مىسلىسىز بىر ئۇسلۇپتا دىنسىز پەيلاسوپلارنىمۇ جىمىقتۇرغان بىر مەنىۋى تەپسىر ھېساپلىنىدۇ.

   ئوتتۇز ئۈچ پارچە سۆزلەر(رىسالەئى نۇر توپلىمى) دەل قۇرئانغا ئۇلاشتۇرىدىغان بىر يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى دىققەت بىلەن ئوقۇغانلار ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. دېمەك، ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئېنىق. قۇرئانغا ئائىت سىرلار يېزىلغان سۆزلەر، شۇ زامانىمىزنىڭ يارىلرىغا ئەڭ مۇناسىپ بىر دورا، بىر مەلھەم بولىدىغانلىقىغا ۋە قاراڭغۇ زۇلىمەتنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچار بولغان ئىسلامىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا ئەڭ پايدىلىق بىر نۇر بولىدىغانلىقىغا ۋە دالالەتئازغۇنلۇق پاتقاقلىرىغا چۈشۈپ گاڭگىراپ قالغانلار ئۈچۈن ئەڭ توغرا بىر رەھبەر بولىدىغانلىقىغا ئېتىقادىم كامىل. شۇنى بىلىسلەر ئەگەر دالالەت ، جاھالەت ۋە ئىلىمسىزلىكتىن كەلسە يوق قىلىش ئاسان بولىدۇ. ئەمما دالالەت پەندىن ۋە ئىلىمدىن كەلگەن بولسا يوق قىلىش مۈشكۈل بولىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا ئككىنچى قىسىمدىن مىڭدىن بىرسى تېپىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ ئاران مىڭدىن بىرىسى ئىرشات قىلىش بىلەن توغرا يولغا كىلەتتى. چۈنكى ئۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەم ھېچ نەرسە بىلمەيدۇ، ھەم ئۆزىنى بىلىدۇ دەپ قاراپ قالىدۇ. جانابى ھەق شۇ زاماندا، قۇرئاننىڭ ئىئجازى (مۇجىزىلىكى)نىڭ چاقنىغان مەنىۋى نۇرى بولغان ئۇشبۇ سۆزلەرنى، شۇ دالالەت دۈشمەن زىندىقلىرىغا بىر تىرياق(زەھەردىن قۇتقۇزغۇچى ناھايىتى ئۈنۈملۈك دورا) خاسىيىتىگە ئىگە دەپ ئويلايمەن.

اَلْبَاقِى هُوَ الْبَاقِى

سەئىد نۇرسى

1166قېتىم كۆرۈلدى

Bir Cevap Yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir