رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى-دەرەخلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەمرىنى ئاڭلىشى

توققۇزىنچى ئىشارەت:

  رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ يەنە بىر تۈرى، دەرەخلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەمرىنى ئاڭلىشى ۋە ئورنىدىن قوزغىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىدۇركى، بۇ دەرەخ مۆجىزىسى، بارماقلىرىدىن سۇنىڭ ئېقىشىغا ئوخشاشلا مەنەن مۇتەۋاتىردۇر. خىلمۇخىل شەكىللىرى بار ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن كەلگەندۇر. شۇنداق، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئەمرى ئۈچۈن دەرەخ ئورنىدىن قوزغىلىپ يېنىغا كېلىشىنى ئوچۇق شەكىلدە مۇتەۋاتىر دېگىلى بولىدۇ. چۈنكى سىددىق بولغان ساھابىلەرنىڭ مەشھۇرلىرىدىن ھەزرەتى ئەلى، ھەزرەتى ئىبنى ئابباس، ھەزرەتى ئىبنى مەسئۇد، ھەزرەتى ئىبنى ئۆمەر، ھەزرەتى يەئلا ئىبنى مۇررە، ھەزرەتى جابىر، ھەزرەتى ئەنەس ئىبنى مالىك، ھەزرەتى بۇرەيدە، ھەزرەتى ئۇسامە بىن زەيد ۋە ھەزرەتى غەيلان ئىبنى سەلەمەدەك ساھابىلەر ھەربىرى قەتئىيلىك بىلەن، ئورتاق ھالدا شۇ دەرەخ مۆجىزىسىنى خەۋەر بەرگەن. تابىئىننىڭ يۈزلەرچە ئىماملىرى مەزكۇر ساھابىلەرنىڭ ھەربىرىسىدىن ئايرىم بىر يول بىلەن، ئۇ دەرەخ مۆجىزىسىنى نەقىل قىلغان. گوياكى قاتمۇقات تەۋاتۇردەك بىر شەكىلدە بىزگە نەقىل قىلغاندۇر. مانا شۇ دەرەخ مۆجىزىسى ھېچبىر شۈبھە قوبۇل قىلمايدىغان قەتئىي بىر مەنىۋى تەۋاتۇر ھۆكمىدىدۇر.

  ئەمدى ئۇ چوڭ مۆجىزىنىڭ كۆپ تەكرارلىنىشلىرى بولسىمۇ، بىر قانچە سەھىھ شەكىللىرىنى بىر قانچە مىسال بىلەن بايان قىلىمىز:

  بىرىنچى مىسال: باشتا ئىمامى ماجە ۋە دارىمى ۋە ئىمامى بەيھەقى سەھىھ نەقىل بىلەن ھەزرەتى ئەنەس ئىبنى مالىكتىن ۋە ھەزرەتى ئەلىدىن، ھەمدە بەززاز ۋە ئىمامى بەيھەقى ھەزرەتى ئۆمەردىن خەۋەر بېرىدۇكى، بۇ ئۈچ ساھابە دەيدۇكى: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ كۇففارلارنىڭ يالغانغا چىقىرىشلىرىدىن كۆڭلى يېرىم ئىدى. ئۇ: يَا رَبِّ اَرِنِى آيَةً لاَ اُبَالِى مَنْ كَذَّبَنِى بَعْدَهَا دېدى. ئەنەسنىڭ رىۋايىتىدە، ھەزرەتى جەبرائىل ئۇ يەردە ھازىر ئىدى. ۋادى بويىدا بىر دەرەخ بار ئىدى. ھەزرەتى جەبرائىلنىڭ بىلدۈرىشى بىلەن، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇ دەرەخنى چاقىردى. دەرەخ ئۇنىڭ يېنىغىچە كەلدى. ئاندىن «قايت» دېدى، يەنە جايىغا بېرىپ، ئەسلى ئورنىغا يەرلەشتى.

  ئىككىنچى مىسال: مەغرىب ئەللامەسى (چوڭ ئۆلىما) قازى ئىياز شىفائى شەرىفتە يۈكسەك بىر سەنەد بىلەن، توغرا ۋە ساغلام بىر زەنجىر بىلەن، ھەزرەتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن خەۋەر بېرىدۇكى، بىر سەپەردە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ يېنىغا بىر بەدەۋى (سەھرالىق) كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «اَيْنَ تُرِيدُ؟ يەنى، نەگە كېتىۋاتىسەن؟» دەپ سورىدى. بەدەۋى: «ئۆيۈمگە» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «هَلْ لَكَ اِلَى خَيْرٍ مِنْ ذلِكَ؟ يەنى، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى بىر خەير خالىمامسەن؟» دېدى. بەدەۋى: «قانداق خەير؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «اَنْ تَشْهَدَ اَنْ لاَ اِلهَ اِلاَّ اللّٰهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ وَاَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ» دېدى. بەدەۋى: «بۇ شاھادەتكە دەلىلىڭ نېمە؟» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «هذِهِ الشَّجَرَةُ السَّمُرَةُ يەنى، ئاۋۇ ۋادى بويىدىكى دەرەخ» دېدى. ئىبنى ئۆمەر دەيدۇكى: ئۇ دەرەخ جايىدىن قوزغىلىپ چىقتى، يەر يېرىلدى. دەرەخ تاكى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ يېنىغىچە كەلدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇ دەرەختىن ئۈچ قېتىم شاھادەت ئېيتىشىنى تەلەپ قىلىۋىدى، دەرەخمۇ ئۇنىڭ توغرىلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئەمىر قىلىۋىدى، يەنە جايىغا بېرىپ يەرلەشتى.

  ھەزرەتى بۇرەيدە ئىبنى ھەسىبىل ئەسلەمى رىۋايىتىدە، سەھىھ نەقىل بىلەن بۇرەيدە ئېيتىدۇكى: بىز بىر سەپەردە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، بىر بەدەۋى ئەرەب كەلدى. بىر ئالامەت، يەنى مۆجىزە تەلەپ قىلدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «قُلْ لِتِلْكَ الشَّجَرَةِ رَسُولُ اللّٰهِ يَدْعُوكِ» دەپ بىر دەرەخكە ئىشارەت قىلدى؛ دەرەخ ئوڭ سولغا ئىرغاڭلىغىنىچە يىلتىزىنى يەردىن چىقىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى ۋە: «اَلسَّلاَمُ عَلَيْكَ يَا رَسُولَ اللّٰهِ» دېدى. ئاندىن ئۇ بەدەۋى: «يەنە جايىغا كەتسۇن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمىر قىلدى؛ دەرەخ جايىغا كەتتى. بەدەۋى: «رۇخسەت قىل، ساڭا سەجدە قىلاي» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېچكىمگە رۇخسەت يوق» دېدى. بەدەۋى: «ئۇنداق بولسا، قولۇڭنى سۆيەي» دېدى. رۇخسەت قىلدى.

  ئۈچىنچى مىسال: باشتا سەھىھى مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار خەۋەر بېرىدۇكى، جابىر شۇنداق دەيدۇ: بىز بىر سەپەردە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت سۇندۇرۇش ئۈچۈن بىر يەر ئىزدىدى؛ ئەمما دالدا بولغۇدەك بىر يەر يوق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى دەرەخنىڭ يېنىغا باردى. بىر دەرەخنىڭ شېخىنى تۇتۇپ تارتتى. دەرەخمۇ ئىتائەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە يەنە بىر دەرەخنىڭ يېنىغا كەلدى. يۇۋاش تۆگىنىڭ تانىسىنى تۇتۇپ يېتىلىگەندەك، ئۇ ئىككى تۈپ دەرەخنى شۇ شەكىلدە يانمۇيان كەلتۈردى. ئاندىن: «اِلْتَئِمَا عَلَىَّ بِاِذْنِ اللّٰهِ يەنى، ئۈستۈمگە بىرلىشىڭلار» دېدى. ئىككىسى بىرلىشىپ دالدا بولدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تاھارەت سۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئەمىر قىلدى، جايىغا كېتىشتى.

  ئىككىنچى بىر رىۋايەتتە، ھەزرەتى جابىر دەيدۇكى: «ماڭا: ‹يَا جَابِرُ قُلْ لِهذِهِ الشَّجَرَةِ يَقُولُ لَكِ رَسُولُ اللّٰهِ اِلْحَقِى بِصَاحِبَتِكِ حَتَّى اَجْلِسَ خَلْفَكُمَا يەنى، ئۇ دەرەخلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن بىرلىشىڭلار،دە!› دېدى. مەن شۇنداق دېدىم. ئۇلارمۇ بىرلەشتى. مەن بىرئاز ساقلىغاندىن كېيىن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام چىقىپ كەلدى ۋە بېشى بىلەن ئوڭغا، سولغا ئىشارەت قىلىۋىدى، ئۇ ئىككى دەرەخ جايلىرىغا كېتىشتى.»

  تۆتىنچى مىسال: سەھىھ نەقىل بىلەن، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ جەسۇر قۇماندانلىرىدىن ۋە خىزمەتكارلىرىدىن ئۇسامە بىن زەيد دەيدۇكى: بىر سەپەردە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. تاھارەت سۇندۇرۇش ئۈچۈن خالىي، دالدا بىر يەر تېپىلمىدى. ئۇ: «هَلْ تَرَى مِنْ نَخْلٍ اَوْ حِجَارَةٍ؟» دېدى. مەن: «شۇنداق، بار» دېدىم. ئەمىر قىلدى ۋە دېدى: «اِنْطَلِقْ وَقُلْ لَهُنَّ اِنَّ رَسُولَ اللّٰهِ يَاْمُرُكُنَّ اَنْ تَاْتِينَ لِمَخْرَجِ رَسُولِ اللّٰهِ وَقُلْ لِلْحِجَارَةِ مِثْلَ ذلِكَ يەنى: دەرەخلەرگە: ‹رەسۇلۇللاھنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن بىرلىشىڭلار› ۋە تاشلارغىمۇ: ‹تامغا ئوخشاش يىغىلىڭلار› دېگىنمەن بېرىپ شۇنداق دېدىم. قەسەم قىلىمەنكى، دەرەخلەر بىرلەشتى ۋە تاشلار تام بولدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھاجىتىدىن كېيىن يەنە: «قُلْ لَهُنَّ يَفْتَرِقْنَ » دەپ ئەمىر قىلدى. مېنىڭ نەفسىم قۇدرەت قولىدا بولغان زاتى زۇلجەلالغا قەسەم قىلىمەنكى، دەرەخلەر ۋە تاشلار ئايرىلىپ جايلىرىغا كېتىشتى.

  شۇ ھەزرەتى جابىر ۋە ئۇسامە بايان قىلغان ئىككى ھادىسىنى ئەينەن يەئلا ئىبنى مۇررە، غەيلان ئىبنى سەلەمەتىس سەقەفى ۋە ھەزرەتى ئىبنى مەسئۇدلار «ھۇنەين غازىتىدا بولغان» دەپ ئەينەن شۇ شەكىلدە خەۋەر بەرگەن.

  بەشىنچى مىسال: ئىمامى ئىبنى فۇرەكتۇركى، ئىجتىھاد ۋە پەزىلەت جەھەتتىكى كامالىتىدىن كىنايە قىلىنىپ «ئىككىنچى شافىئى» دەپ نام ئالغان ئەسرىنىڭ ئەللامەسى قەتئىي خەۋەر بېرىدۇكى: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام كېچىدە ئات ئۈستىدە كېتىۋاتقاندا ئۇيقۇسى كەلدى ۋە شۇ ھالدا بىر تۈپ سىدرە دەرىخىگە توغرا كېلىپ قالدى. دەرەخ ئېتىنى بۇرىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا دەرھال يول بېرىپ، ئىككىگە يىرىلدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئېتى بىلەن دەرەخنىڭ ئىچىدىن ئۆتتى. تا بۇ زامانىمىزغىچە ئۇ دەرەخ ئىككىگە بۆلۈنگەن، مۆھتىرەم بىر ھالەتتە قالدى.

  ئالتىنچى مىسال: ھەزرەتى يەئلانىڭ رىۋايىتىدە، (سەھىھ نەقىل بىلەن) خەۋەر بېرىدۇكى: بىر سەپەردە تەلھە ياكى سەمۇرە دېيىلىدىغان بىر دەرەخ كەلدى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئەتراپىدا تاۋاپ قىلغاندەك ئايلاندى؛ ئاندىن يەنە جايىغا كەتتى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «اِسْتَاْذَنَتْ اَنْ تُسَلِّمَ عَلَىَّ يەنى، ئۇ دەرەخ جانابى ھەقتىن ماڭا سالام قىلىشنى تەلەپ قىلدىدېدى.

  يەتتىنچى مىسال: مۇھەددىسلەر سەھىھ نەقىل بىلەن ئىبنى مەسئۇدتىن بايان قىلىدۇكى، ئىبنى مەسئۇد شۇنداق دېدى: باتنى نەھىل دېگەن جايدا نۇسەيبىن جىنلىرى ھىدايەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ قىشىغا كەلگەن ۋاقىتتا، بىر دەرەخ ئۇ جىنلارنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر بەردى. ھەم ئىمامى مۇجاھىد ئۇ ھەدىستە ئىبنى مەسئۇدتىن نەقىل قىلىدۇكى، ئۇ جىنلار بىر دەلىل تەلەپ قىلدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىر دەرەخكە ئەمىر قىلدى، ئۇ دەرەخ جايىدىن قوزغىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئاندىن يەنە جايىغا قايتىپ كەتتى. مانا، جىن تائىپىسىگە يالغۇز بىر مۆجىزە يېتەرلىك بولدى، ئەجەبا بۇ مۆجىزىدەك مىڭلارچە مۆجىزىلەرنى ئاڭلىغان بىر ئىنسان ئىمانغا كەلمىسە، جىنلار ﴿يَقُولُ سَفِيهُنَا عَلَى اللّٰهِ شَطَطًا﴾ تەبىر قىلغان شەيتانلاردىن تېخىمۇ شەيتان بولمامدۇ؟

  سەككىزىنچى مىسال: سەھىھى تىرمىزى سەھىھ نەقىل بىلەن ھەزرەتى ئىبنى ئابباستىن خەۋەر بېرىدۇكى، ئىبنى ئابباس شۇنداق دېدى: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىر بەدەۋىگە: «اَرَاَيْتَ اِنْ دَعَوْتُ هذَا الْعِذْقَ مِنْ هذِهِ النَّخْلَةِ اَتَشْهَدُ اَنِّى رَسُولُ يەنى، مەن بۇ دەرەخنىڭ شۇ شېخىنى چاقىرسام، ئۇ شاخ يېنىمغا كەلسە ئىمان ئېيتامسەن؟» دېدى. بەدەۋى «ئېيتىمەن» دېدى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام چاقىردى، ئۇ شاخ دەرەختىن ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، ئاندىن ئەمىر قىلدى يەنە جايىغا كەتتى.

  مانا بۇ سەككىز مىسالدەك نۇرغۇن مىساللار بار. كۆپلىگەن يوللار بىلەن نەقىل قىلىنغاندۇر. مەلۇمدۇركى، يەتتەسەككىز تال شوينا بىرلەشسە، كۈچلۈك بىر ئارغامچا بولىدۇ، شۇنىڭدەكلا شۇ سىددىق ساھابىلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بۇنداق خىلمۇخىل يوللار بىلەن خەۋەر بېرىلگەن شۇ دەرەخ مۆجىزىسى ئەلۋەتتە مەنىۋى تەۋاتۇر قۇۋۋىتىدىدۇر، بەلكى ھەقىقىي تەۋاتۇردۇر. دېمىسىمۇ ساھابىلەردىن كېيىن تابىئىنلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ۋاقىتتا تەۋاتۇر سۈرىتىنى ئالىدۇ. بولۇپمۇ بۇخارىي، مۇسلىم، ئىبنى ھىببان، تىرمىزىدەك سەھىھ كىتابلار، تا ساھابىلەر زامانىغا قەدەر ئۇ يولنى ئۇ قەدەر ساغلام قىلغان ۋە مۇكەممەل تۇتقانكى، مەسىلەن بۇخارىدا كۆرۈش ساھابىنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاش بىلەن ئوخشاشتۇر.

  ئەجەبا، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا دەرەخلەر (مىساللاردا كۆرۈلگىنىدەك) ئۇنى تونۇپ، پەيغەمبەرلىكىنى تەستىق قىلىپ، ئۇنى سالام بىلەن زىيارەت قىلىپ، ئەمىرلىرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان تۇرسا، ئۆزىنى ئىنسان دېگەن بىر قىسىم جانسىز، ئەقىلسىز مەخلۇقلار ئۇنى تونىمىسا، ئىمان ئېيتمىسا، قۇرۇق ياغاچتىن تېخىمۇ تۆۋەن، ئوتۇن پارچىسىدەك ئەھمىيەتسىز، قىممەتسىز بولۇپ ئوتقا لايىق بولمامدۇ؟

ئونىنچى ئىشارەت:

  شۇ دەرەخ مۆجىزىسىنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان مۇتەۋاتىر بىر سۈرەتتە نەقىل قىلىنغان حَنِينُ الْجِذْعِ (قۇرۇق تۈۋرۈكنىڭ يىغلىشى) مۆجىزىسىدۇر. شۇنداق، پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرەپلىك مەسجىدىدە قۇرۇق تۈۋرۈكنىڭ چوڭ بىر جامائەت ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش سەۋەبىدىن يىغلىشى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەرەخ مۆجىزىسىنىڭ مىساللىرىنى ھەم ساغلاملاشتۇرىدۇ ھەم قۇۋۋەت بېرىدۇ. چۈنكى ئۇمۇ دەرەختۇر، تۈرى بىردۇر. ئەمما بۇ مۆجىزە يالغۇزلا مۇتەۋاتىردۇر. باشقا قىسىملاردا ھەربىرىنىڭ تۈرى مۇتەۋاتىردۇر، قىسىملىرى، مىساللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوچۇق تەۋاتۇر دەرىجىسىگە چىقمايدۇ. شۇنداق، مەسجىدى شەرىفتە خورما ياغىچىدىن ياسالغان قۇرۇق تۈۋرۈك بار بولۇپ، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام خۇتبە ئوقۇغاندا ئۇنىڭغا يۆلىنەتتى. كېيىن مۇنبەرى شەرىف ياسالغاندا، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنبەرگە چىقىپ خۇتبىنى باشلىدى، خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا، تۈۋرۈك تۆگىگە ئوخشاش بوزلاپ يىغلىدى، پۈتۈن جامائەت ئاڭلىدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قولىنى ئۈستىگە قويدى، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ تەسەللىي بەردى، تۈۋرۈك شۇندىلا يىغىدىن توختىدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ شۇ مۆجىزىسى ناھايىتى كۆپ يوللار بىلەن تەۋاتۇر دەرىجىسىدە نەقىل قىلىنغاندۇر.

  شۇنداق، بۇ حَنِينُ الْجِذْعِ مۆجىزىسى ناھايىتى كۆپ تارقالغان ۋە مەشھۇر ھەم ھەقىقىي مۇتەۋاتىردۇر. ساھابىلەرنىڭ بىر ئالىي جامائىتىدىن ئون بەش يول بىلەن كېلىپ، تابىئىنلارنىڭ يۈزلەرچە ئىماملىرى ئۇ مۆجىزىنى ئۇ يوللار بىلەن كېيىنكى ئەسىرلەرگە خەۋەر بەرگەن. ساھابىلەرنىڭ ئۇ جامائىتىدىن ساھابە ئالىملىرىنىڭ نامدارلىرى ۋە ھەدىس رىۋايىتىنىڭ رەئىسلىرىدىن ھەزرەتى ئەنەس ئىبنى مالىك (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتكارى)، ھەزرەتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھىل ئەنسارى (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتكارى)، ھەزرەتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ھەزرەتى ئابدۇللاھ بىن ئابباس، ھەزرەتى سەھل بىن سائد، ھەزرەتى ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى، ھەزرەتى ئۇبەي ئىبنى كەئب، ھەزرەتى بۇرەيدە، مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرەتى ئۇممۇ سەلەمەدەك ساھابىلەرنىڭ مەشھۇر ئالىملىرى ۋە ھەدىس رىۋايىتىنىڭ رەئىسلىرىگە ئوخشاش ھەربىرى بىر يولنىڭ بېشىدا بولغانلار، بۇ مۆجىزىنى ئۇممەتكە خەۋەر بەرگەندۇر. باشتا بۇخارىي، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار كېيىنكى ئەسىرلەرگە بۇ چوڭ مۇتەۋاتىر مۆجىزىنى يوللىرى بىلەن خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەزرەتى جابىر رىۋايىتىدە دەيدۇكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام خۇتبە ئوقۇغاندا، مەسجىدى شەرىفتە جِذْعُ النَّخْلِ دېيىلىدىغان قۇرۇق تۈۋرۈككە يۆلىنىپ ئوقۇيتتى. مۇنبەرى شەرىف ياسىلىپ ئۇنىڭغا چىقىلغاندىن كېيىن تۈۋرۈك سەبىر قىلالماي، ھامىلە تۆگىگە ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىپ بوزلاپ يىغلىدى. ھەزرەتى ئەنەس رىۋايىتىدە دەيدۇكى، سۇ كالىسىغا ئوخشاش يىغلاپ، مەسجىدنى لەرزىگە كەلتۈردى. سەھل ئىبنى سائد رىۋايىتىدە دەيدۇكى، ھەم ئۇنىڭ يىغلىشى بىلەن جامائەتمۇ قوشۇلۇپ يىغلىدى. ھەزرەتى ئۇبەي ئىبنى كەئب رىۋايىتىدە دەيدۇ: ھەم شۇنداق يىغلىدىكى يېرىلىپ كەتتى، يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: اِنَّ هذَا بَكَى لِمَا فَقَدَ مِنَ الذِّكْرِ يەنى، ئۇنىڭ يىغلىشى ئۇنىڭ يېنىدا ئوقۇلغان زىكىر ۋە خۇتبىدە ﷲنىڭ زىكىر قىلىنىشىدىن ئايرىلغانلىقتىندۇر، دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: لَوْ لَمْ اَلْتَزِمْهُ لَمْ يَزَلْ هكَذَا اِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ تَحَزُّنًا عَلَى رَسُولِ اللّٰهِ يەنى: مەن ئۇنى قۇچاقلاپ تەسەللىي بەرمىگەن بولسام، رەسۇلۇللاھنىڭ پىراقىدىن قىيامەتكىچە مۇشۇنداق يىغلايتتى، دېيىلگەن. ھەزرەتى بۇرەيدەنىڭ رىۋايىتىدە دەيدۇكى، تۈۋرۈك يىغلىغاندىن كېيىن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قولىنى ئۈستىگە قويۇپ: اِنْ شِئْتَ اَرُدُّكَ اِلَى الْحَائِطِ الَّذِى كُنْتَ فِيهِ تَنْبُتُ لَكَ عُرُوقُكَ وَيَكْمُلُ خَلْقُكَ وَيُجَدَّدُ خُوصُكَ وَثَمَرُكَ وَاِنْ شِئْتَ اَغْرِسُكَ فِى الْجَنَّةِ يَاْكُلُ اَوْلِيَاءُ اللّٰهِ مِنْ ثَمَرِكَ دېدى. كېيىن ئۇ تۈۋرۈكنىڭ گېپىنى ئاڭلىدى، ئارقا سەپتىكىلەرمۇ تۈۋرۈك سۆزلىگەن بۇ گەپنى ئاڭلىدى: « اِغْرِسْنِى فِى الْجَنَّةِ يَاْكُلُ مِنِّى اَوْلِيَاءُ اللّٰهِ فِى مَكَانٍ لاَ يَبْلَى يەنى، جەننەتتە مېنى تىككىنكى مېۋىلىرىمدىن جانابى ھەقنىڭ سۆيۈملۈك قۇللىرى يېسۇن، ھەم ئۇ شۇنداق بىر ماكانكى ئۇ يەردە باقىي قالىدۇ، چىرىش يوقرەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قَدْ فَعَلْتُ دېدى. ئاندىن اِخْتَارَ دَارَ الْبَقَاءِ عَلَى دَارِ الْفَنَاءِ دېدى.

  ئىلمى كالامنىڭ بۈيۈك ئىماملىرىدىن مەشھۇر ئەبۇ ئىسھاق ئىسفارانىي نەقىل قىلىدۇكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام تۈۋرۈكنىڭ يېنىغا بارمىدى، بەلكى تۈۋرۈك ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئاندىن ئەمىر قىلدى، جايىغا قايتتى. ھەزرەتى ئۇبەي ئىبنى كەئب دەيدۇكى، شۇ ھەيران قالارلىق ھادىسىدىن كېيىن، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام تۈۋرۈكنىڭ مۇنبەرنىڭ ئاستىغا قويۇلىشىنى ئەمىر قىلدى ۋە قويۇلۇپ مەسجىدى شەرىپنىڭ رېمونتى ئۈچۈن چېقىپ ئوڭشىغانغا قەدەر مۇنبەرنىڭ ئاستىدا قالدى. ئۇ چاغدا ھەزرەتى ئۇبەي ئىبنى كەئب ئۇنى يېنىغا ئاپىرىپ ئۇ چىرىپ كەتكۈچە ساقلىدى.

  مەشھۇر ھەسەن بەسرى شۇ مۆجىزە ھادىسىسىنى شاگىرىتلرىغا دەرس بەرگەن ۋاقىتتا، يىغلايتتى ۋە دەيتتىكى: «ياغاچ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا مەيىل (مايىللىق) ۋە ئىشتىياق كۆرسىتىۋاتىدۇ، سىلەر تېخىمۇ زىيادە ئىشتىياق ۋە مەيىل كۆرسىتىشكە لايىقسىلەربىزمۇ دەيمىز: شۇنداق، ھەم ئۇنىڭغا ئىشتىياق، مەيىل ۋە مۇھەببەت، ئۇنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىگە* ۋە شەرىئەتى غەرراسىغا** ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ.

  مۇھىم بىر نۇكتە: ئەگەر دېيىلسە، نېمىشقا خەندەك غازىتىدا تۆت ئوچۇم تائام بىلەن مىڭ ئادەمنى تويغۇزغان تائام مۆجىزىسى ۋە بارماقلىرىدىن ئاققان سۇ بىلەن مىڭ بەش يۈز كىشىگە سۇنى قانغۇچە ئىچۈرگەن سۇ مۆجىزىسى شۇ تۈۋرۈك مۆجىزىسىدەك داغدۇغا بىلەن كۆپ يوللاردىن رىۋايەت قىلىنمىغان؟ ھالبۇكى، ئۇ ئىككىسى بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ جامائەت ئىچىدە مەيدانغا كەلگەنىدى.

  جاۋاب: مەيدانغا كەلگەن مۆجىزىلەر ئىككى قىسىمدۇر، بىر قىسمى پەيغەمبەرلىكنى تەستىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ قولىدا كۆرىنىدۇ. تۈۋرۈكنىڭ يىغلىشى شۇ تۈردىندۇركى، پەقەتلا پەيغەمبەرلىكنىڭ تەستىقى ئۈچۈن ھۆججەت سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن، مۆئمىنلەرنىڭ ئىمانىنى زىيادىلەشتۈرۈش، مۇناپىقلارنى ئىخلاسقا ۋە ئىمانغا دەۋەت قىلىش، ھەمدە كۇپپارلارنى ئىمانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زاھىر بولغان. بۇ ۋەجىدىن يۇقىرى ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكى ھەممە كىشى ئۇنى كۆردى، ئۇنىڭ تارقىلىشىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلدى. ئەمما ئۇ تائام مۆجىزىسى ۋە سۇ مۆجىزىسى بولسا، مۆجىزىدىن بەكرەك بىر كارامەتتۇر، بەلكى كارامەتتىن كۆپرەك بىر ئىكرامدۇر، بەلكى ئىكرامدىن بەكرەك ئېھتىياجغا بىنائەن بېرىلگەن بىر راھمانىي زىياپەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن گەرچە نۇبۇۋۋەت دەۋاسىغا دەلىل ۋە مۆجىزە بولسىمۇ، ئەمما ئەسلى مەقسەت: قوشۇن ئاچ قالغان، بىر ئۇرۇقتىن مىڭ پاتمان خورمىنى ياراتقىنىدەك، جانابى ھەق غەيىپ خەزىنىسىدىن بىر سائ تائامدىن مىڭ ئادەمگە زىياپەت بېرىدۇ، ھەم سۇسىز قالغان مۇجاھىد بىر قوشۇنغا بۈيۈك قومانداننىڭ بارماقلىرىدىن ئابى كەۋسەردەك سۇ ئېقىتىپ ئىچكۈزىدۇ، مانا بۇ سىر ئۈچۈندۇركى، تائام ۋە سۇ مۆجىزىسىنىڭ ھەربىر مىسالى تۈۋرۈكنىڭ يىغلىشى دەرىجىسىگە چىقمايدۇ، ئەمما ئۇ ئىككى مۆجىزىنىڭ جىنسلىرى ۋە تۈرلىرى ئومۇمىيلىق ئېتىبارى بىلەن تۈۋرۈكنىڭ يىغلىشىدەكلا مۇتەۋاتىر ۋە كۆپتۇر. ھەم تائامنىڭ بەرىكىتىنى ۋە بارماقلىرىدىن سۇنىڭ ئېقىشىنى ھەركىم كۆرەلمەيدۇ، پەقەتلا ئەسەرلىرىنى كۆرىدۇ، تۈۋرۈكنىڭ يىغلىشىنى بولسا ھەركىم ئاڭلايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كۆپرەك تارقالغان.

  ئەگەر دېيىلسە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ھەر ھال ۋە ھەرىكىتىنى ساھابىلەر ناھايىتى دىققەت بىلەن مۇھاپىزەت قىلىپ نەقىل قىلغاندۇر. نېمىشقا بۇنداق بىر بۈيۈك مۆجىزە ئونيىگىرمە يول بىلەن كېلىدۇ؟ يۈز يول بىلەن كېلىشى لازىم ئىدى. ھەم نېمىشقا ھەزرەتى ئەنەس، جابىر، ئەبۇ ھۇرەيرەدىن كۆپ كېلىدۇيۇ، ھەزرەتى ئەبۇ بەكىر ۋە ھەزرەتى ئۆمەر ئاز رىۋايەت قىلىدۇ؟

  جاۋاب: بىرىنچى تارماقنىڭ جاۋابى تۆتىنچى ئىشارەتنىڭ ئۈچىنچى ئاساسىدا دېيىلگەنىدى. ئىككىنچى تارماقنىڭ جاۋابى بولسا: ئالايلۇق بىر ئىنسان بىر دورىغا مۇھتاج بولسا تىۋىپنىڭ يېنىغا بارىدۇ، گېئومېتىرىيە مەسىلىلىرى ئۈچۈن گېئومېتىرىكنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىدۇ؛ شەرئىي مەسىلىلەر مۇپتىدىن سورىلىدۇ. ۋەھاكازا… دەل شۇنىڭدەكلا، ساھابىلەر ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى كېلىدىغان ئەسىرلەرگە دەرس بېرىش ئۈچۈن ساھابە ئالىملىرىدىن بىر قىسمى مەنەن ۋەزىپىدار ئىدى. پۈتۈن قۇۋۋەتلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشاتتى. شۇنداق، ھەزرەتى ئەبۇ ھۇرەيرە پۈتۈن ھاياتىنى ھەدىس يادلاشقا بەرگەن. ھەزرەتى ئۆمەر سىياسەت ئالىمىدە ۋە چوڭ ۋەزىپە بولغان خەلىپىلىك بىلەن مەشغۇل ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەدىسلەرنى ئۈممەتكە دەرس بېرىش ئۈچۈن ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەنەس ۋە جابىرغا ئىشىنىپ، ئۇ جەھەتتىكى رىۋايەتنى ئاز قىلاتتى. ھەم مادەم ساھابىلەرنىڭ راستچىل، توغرا، دۇرۇس، سادىق ۋە مەشھۇر بىر نامدارى، بىر يول بىلەن بىر ھادىسىنى خەۋەر بەرسە، يېتەرلىك دېيىلىدۇ. باشقىسىنىڭ نەقلىگە ئىھتىياجمۇ قالمايدۇ. بۇ ۋەجىدىن، بەزى مۇھىم ھادىسىلەر ئىككىئۈچ يول بىلەن كېلىدۇ.

——————————————————–

* سۈننەتى سەنىييە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ يۈكسەك ھايات يولى.-ت

** شەرىئەتى غەررا: پارلاق شەرىئەت.-ت

883قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir