زالالەتتە شۇنداق دەھشەتلىك بىر ئەلەم ۋە قورقۇنچ باركى، كاپىر ھاياتتىن لەززەت ئېلىش ئەمەس، بەلكى ياشىيالمىسا توغرا بولاتتىغۇ؟

   سەككىزىنچى ئىشارەت: سوئال: يۇقۇرىقى ئىشارەتلەردە ئىسپات قىلدىڭىزكى، زالالەت يولى ئاسان، ھەمدە بۇزغۇنچىلىق ۋە تاجاۋۇز بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ يولدا كېتىۋاتىدۇ، ھالبۇكى باشقا رىسالىلەردە بولسا، كۇفۇر ۋە زالالەت يولى ئۇ قەدەر مۈشكىلاتلىق ۋە قىيىنكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا كىرمەسلىك كېرەك ئىدى ۋە ئۇ يولدا مېڭىش ئىمكانسىزدۇر؛ ئىمان ۋە ھىدايەت يولى ئۇ قەدەر ئاسان ۋە راھەتتۇركى ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا كىرىشى كېرەك ئىدى دەپ قەتئىي ئىسپات قىلغان ئىدىڭىزغۇ؟

  جاۋاب: كۇفۇر ۋە زالالەت ئىككى قىسىمدۇر. بىر قىسمى ئەمەلگە ئائىت ۋە فەرئىي(تارماق) بولۇش بىلەن بىللە ئىمان ھۆكۈملىرىنى ئىنكار قىلىشتۇركى، بۇ شەكىلدىكى زالالەت ئاساندۇر، ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتۇر، بىر تەركتۇر، بىر يوقلۇقتۇر، بىر ئەدەمى قوبۇلدۇر

  مانا بۇ قىسىم، رىسالىلەردە ئاسان قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئىككىنچى قىسىم بولسا، ئەمەلىي ۋە فەرئىي بولماستىن، بەلكى ئېتىقادىي ۋە پىكرىي بىر ھۆكۈمدۇر. ئىماننى پەقەتلا قوبۇل قىلماسلىق ئەمەس، بەلكى ئىماننىڭ قارشىسىغا مېڭىپ بىر يول ئېچىشتۇر. بۇ بولسا باتىلنى قوبۇل قىلىش، ھەقنىڭ ئەكسىنى ئىسپات قىلىشتۇر. بۇ قىسىم ئىماننىڭ پەقەت ئىنكارى ئەمەس، ئىماننىڭ زىتىدۇر. ئەدەمى قوبۇل بولغان بولسا ئاسان بولاتتى، بەلكى قوبۇلى ئەدەمدۇر*. ھەمدە ئۇ يوقلۇقنى ئىسپات قىلىش بىلەن قوبۇل قىلىنالايدۇ. اَلْعَدَمُ لاَ يُثْبَتُ قائىدىسى بىلەن يوقلۇقنىڭ ئىسپاتى ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەستۇر.

   باشقا رىسالىلەردە مۇمكىنسىز دەرىجىسىدە قىيىن ۋە مۈشكىلاتلىق كۆرسىتىلگەن كۇفۇر ۋە زالالەت بۇ قىسىمدۇركى، زەررىچىلىك ئىدراكى بولغان ئادەم بۇ يولدا ماڭماسلىقى كېرەكتۇر. ھەم بۇ يولنىڭ رىسالىلەردە قەتئىي ئىسپات قىلىنغىنىدەك، ئۇ قەدەر دەھشەتلىك ئەلەملىرى ۋە تۇنجۇقتۇرغۇچى قاراڭغۇلۇقلىرى باركى، زەررىچىلىك ئەقلى بولغان ئادەم بۇ يولغا كىرمەيدۇ.

  ئەگەر دېيىلسە: بۇ قەدەر ئەلەملىك، قاراڭغۇلۇق ۋە مۈشكىلاتلىق يولدا كۆپىنچە ئىنسانلارنىڭ مېڭىۋاتقانلىقى قانداق بولىدۇ؟

  جاۋاب: ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ چىقالمايۋاتىدۇ. ھەم ئىنساندىكى ئۆسۈملۈكچە ۋە ھايۋاناتچە ھېسلار ئاقىۋەتنى كۆرمىگەنلىكلىرى، ئويلىمىغانلىقلىرى ۋە ئىنساندىكى ئىنسانىي ھېستۇيغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن چىقىشنى خالىمايۋاتىدۇ. ھەمدە ھازىر ۋە ۋاقىتلىق بىر لەززەت بىلەن تەسەللى تېپىشىۋاتىدۇ.

  سوئال: ئەگەر دېيىلسە: زالالەتتە شۇنداق دەھشەتلىك بىر ئەلەم ۋە قورقۇنچ باركى، كاپىر ھاياتتىن لەززەت ئېلىش ئەمەس، بەلكى ياشىيالمىسا توغرا بولاتتى. بەلكى ئۇ ئەلەمدىن ئېزىلىشى ۋە ئۇ قورقۇنچتىن ئۆتى يېرىلىپ كېتىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئىنسانلىق ئېتىبارى بىلەن چەكسىز نەرسىلەرگە مۇشتاق ۋە ھاياتقا ئاشىق بولغان تۇرۇقلۇق كۇفۇر ۋاستىسى بىلەن ئۆلۈمىنى بىر ئەبەدىي يوقىلىش ۋە مەڭگۈلۈك ئايرىلىش؛ ھەمدە مەۋجۇداتنىڭ زاۋالىنى، دوستيېقىنلىرىنىڭ ۋە پۈتۇن سۆيگەنلىرىنىڭ ۋاپاتلىرىنى ھالاك بولۇش ۋە ئەبەدىي پىراق سۈرىتىدە كۆز ئالدىدا كۇفۇر ۋاستىسى بىلەن دائىم كۆرۈپ تۇرغان ئىنسان قانداق ياشىيالايدۇ؟ ھاياتتىن قانداق لەززەت ئالالايدۇ؟

  جاۋاب: شەيتاننىڭ ئاجايىپ ھىيلەمىكىرلىك ۋەسۋەسىلىرى بىلەن ئۆزىنى ئالداپ ياشايدۇ. كۆرۈنۈشتە بىر لەززەت ئېلىۋاتىمەن دەپ ئويلايدۇ. مەشھۇر بىر تەمسىل بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتىگە ئىشارەت قىلىمىز. ئەلقىسسە:

  تۆگە قۇشىغا دەپتۇ: «قاناتلىرىڭ بار، ئۇچئۇمۇ قاناتلىرىنى يىغىپ، «مەن تۆگە» دەپتۇ ۋە ئۇچماپتۇ. ئەمما ئوۋچىنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپتۇ. ئوۋچى مېنى كۆرمىسۇن دەپ بېشىنى قۇمغا تىقىۋاپتۇ. ھالبۇكى يوغان گەۋدسى سىرتتا قېلىپ ئوۋچىغا نىشان بولۇپتۇ. كېيىن ئۇنىڭغا دەپتۇ: «مەن تۆگە دەۋاتاتتىڭ، ئونداق بولسا يۈك كۆتۈرئۇ ۋاقىت ئۇ قاناتلىرىنى ئېچىپ «مەن قۇشمەن» دەپتۇ. يۈك كۆتۈرۈشنىڭ زەخمىتىدىنمۇ قۇتۇلۇپتۇ. ئەمما ھامىيسىز ۋە يەمسىز قېلىپ ئوۋچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچار بوپتۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، كاپىر قۇرئاننىڭ ساماۋىي خىتاپلىرىغا قارىتا مۇتلەق كۇفۇرنى تاشلاپ، شۈبھىلىك بىر كۇفۇرغا چۈشكەن. ئۇنىڭغا دېيىلسە: «مادەم ئۆلۈم ۋە زاۋالنى بىر ئەبەدىي ئايرىلىش دەپ بىلىسەن، ئۆزۈڭنى ئاسىدىغان دار ياغىچى كۆز ئالدىڭدائۇنىڭغا ھەر ۋاقىت قاراپ تۇرغان ئادەم قانداق ياشىيالايدۇ؟ قانداق لەززەت ئالىدۇ؟» ئۇ ئادەم قۇرئاننىڭ ئومۇمىي رەھمەت تەرىپى ۋە ھەممىنى قورشىغان نۇرىدىن ئالغان بىر ئۈلۈش بىلەن دەيدۇ: «ئۆلۈم يوقىلىش ئەمەس، ئېھتىمال باقىي ئالەم بارۋەياكى تۆگە قۇشىغا ئوخشاش، ئەجەلنىڭ ئۇنى كۆرمەسلىكى، قەبىرنىڭ ئۇنىڭغا قارىماسلىقى ۋە شەيئىلەرنىڭ زاۋالى ئۇنىڭغا ئوق ئاتماسلىقى ئۈچۈن بېشىنى غەپلەت قۇمىغا تىقىۋالىدۇ.

  خۇلاسە: ئۇ شۈبھىيلىك كۇفۇر ۋاستىسى بىلەن تۆگە قۇشىغا ئوخشاش ئۆلۈم ۋە زاۋالنى يوقىلىش مەنىسىدە كۆرگەن ۋاقىتتا قۇرئان ۋە ساماۋىي كىتابلارنىڭ «ئاخىرەتكە ئىمان»غا دائىر قەتئىي خەۋەرلىرى ئۇنىڭغا بىر ئېھتىمال بىرىدۇ، ئۇ كاپىر ئۇ ئېھتىماللىققا يېپىشىدۇ، ئۇ دەھشەتلىك ئەلەمنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئۇچاغدا ئۇنىڭغا دېيىلسە: «مادەم باقىي بىر ئالەمگە كېتىمىز، ئۇنداقتا، ئۇ ئالەمدە گۈزەل ياشاش ئۈچۈن، دىننىڭ تەكلىپلىرىنىڭ مۇشەققىتىنى چېكىش كېرەكئۇ ئادەم شۈبھىلىك كۇفرى جەھەتىدىن دەيدۇ: «بەلكىم يوقتۇر، يوق نەرسە ئۈچۈن نېمىشقا تىرىشىمەن». يەنى، قۇرئاننىڭ ئۇ ھۆكۈمى بەرگەن باقىيلىق ئېھتىمالى جەھەتى بىلەن ئەبەدىي يوقۇلۇشنىڭ ئەلەملىرىدىن قۇتۇلىدۇ؛ ۋە شۈبھىيلىك كۇفۇرنىڭ بەرگەن يوقلۇق ئېھتىمالى جەھەتى بىلەن دىننىڭ تەكلىپلىرىنىڭ مۇشەققىتى ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارىتا كۇفۇر ئېھتىمالىغا يېپىشىدۇ، ئۇ زەخمەتتىنمۇ قۇتۇلىدۇ. دېمەك بۇ نۇقتىئىنەزەردە، بۇ ھاياتتا مۆئمىندىن بەكرەك لەززەت ئېلىۋاتىمەن دەپ ئويلايدۇ. چۈنكى، دىننىڭ تەكلىپلىرىنىڭ زەخمىتىدىن كۇفۇر ئېھتىمالى بىلەن قۇتۇلىدۇ ۋە ئەبەدىي يوقىلىش ئەلەملىرىنى بولسا ئىمان ئېھتىمالى جەھەتى بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. ھالبۇكى شەيتاننىڭ بۇ ھىيلەمىكرىنىڭ ھۆكۈمى ناھايىتى يۈزەكى ۋە پايدىسىز ۋە ۋاقىتلىقتۇر.

  قۇرئانى ھەكىمنىڭ كۇففارلار ھەققىدىمۇ بىر تۈرلۈك رەھمەت يۈزى باركى، دۇنيا ھاياتىنى ئۇلارغا جەھەننەم بولۇشتىن بىر دەرىجە قۇتقۇزۇپ بىر تۈرلۈك شۈبھە بېرىدۇ، ئۇلار بۇ شۈبھە بىلەن ياشايدۇ. بولمىسا ئاخىرەت جەھەننىمىنى ئەسلىتىدىغان دەرىجىدە بۇ دۇنيادىمۇ مەنىۋىي بىر جەھەننەم ئازابىنى چېكەتتى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا مەجبۇر بولاتتى.

  ئەي ئەھلى ئىمان! سىلەرنى ئەبەدىي يوقىلىشتىن ۋە دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك جەھەننەملەردىن قۇتقۇزغان قۇرئاننىڭ ھېمايىسى ئاستىغا مۆئمىنلەرچە ۋە ئىشەنگەن ھالدا كىرىڭلار، سۈننەتى سەنىييەنىڭ دائىرىسىگە تەسلىم بولغان ۋە ئالقىشلىغان ھالدا داخىل بولۇڭلار، دۇنيانىڭ ھالاكىتىدىن ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇڭلار!

———————————————————

*ئەدەمى قۇبۇل: بىپەرۋالىق بىلەن ئىسپاتنى قوبۇل قىلماسلىق، تەرك قىلىپ ئارىلاشماسلىق.

**قوبۇلى ئەدەم: يوقلۇقنى قوبۇل قىلماق. ئىمكانسىز نەرسىنى تەستىق قىلماق.

1033قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir