سوئال: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

سوئال: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

  سوئال: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

  جاۋاپ: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش تەبىرىنى سوراپسلەر.

  زاھىرسېرىتقى شەكلى ۋە كۆرىنىش سۈرىتى دېگەنلىكتۇركى، كۆرۈنىدۇ.

  ھەقىقەتئىچ يۈزى، مەنىۋى جەھەتى، كۆز بىلەن كۆرۈنمەيدىغان ئىپادە، مەنىسى بىلەن بىلىنىشى دېگەنلىك بولىدۇ.

  نېمەتتىن ئىنئام قىلىشقا، ئىنئام قىلىشتىن مۇنئىم(نىئمەت بەرگۈچى)نى كۆرۈش، ئەسەرلەردىن مۇئەسسىر بولغان(ھەقىقى تەسىر ئىگىسى، سەۋەپلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقى تەسىر ساھىبى بولغان) ئاللاھقا، سەنئەت ئەسىرىدىن سانى يەنى سەنئەتكار بولغان ئاللاھقا، مەخلۇقتىن خالىققا، مۈلىكتىن مۈلىك ئىگىسى بولغان مالىكقا ھالقىپ ئۆتۈش بولسا، زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش دېگەنلىكتۇر.

  نەرسىلەرگە مەنەئى ئىسمى بىلەن قارىماستىن، مەنەئى ھەرىپى بىلەن قاراش، كۆزىگە گۈزەل كۆرۈنگەن نەرسىلەرگە گۈزەلكەن دېمەستىن، گۈزەل يارىتىلىپتۇ دېيىشكە ئوخشاش نەرسلەر، ئىنساننى زاھىردىن ئايرىپ چىقىپ ھەقىقەتكە ئىرىشتۈرىدۇ. ئەسەرلەرنىڭ تەپەككۇر بىلەن ئوقۇلىشىمۇ ئىنساننى زاھىردىن تىزلا ھالقىپ ئۆتۈپ ھەقىقەتكە كۆتۈرۈپ بارىدۇ.

ھاجى خۇلۇسى بەگ(رەھىمەھۇللاھ)

  سېنىڭ ئىككىنچى سوئالىڭ بولغان: مەنەئى ئىسمى بىلەن مەنەئى ھەرىپىنىڭ ئىپادىسى بولسا، ئىلمى ناھىۋنىڭ ئۇمۇمى كىتاپلىرىنىڭ بېشىدا ئۇ مەسىلىلەر ئىزاھ قىلىنغىنىدەك، ھەقىقەت ئىلمىنىڭ سۆزلەر ۋە مەكتۇبات نامىدىكى رىسالىلىرىدىمۇ تەمسىللەر بىلەن يىتەرلىك بايانلار مەۋجۇت. ساڭا ئوخشاش زىرەك ۋە ھەقىقەتپەرۋەر بىر زاتقا قارىتا، كۆپ ئىزاھ قىلىش ئوشۇقچە بولىدۇ. سەن ئەينەككە قارىساڭ، ئەگەر ئەينەككە ئەينكىنى( شىشىسىنى) كۆرۈش ئۈچۈن قارىساڭ، ئەينىكىنى قەستەن كۆرگەن بولىسەن. ئىچىدىكى رەفئەت غۇۋا يەنى ئىككىنچى دەرىجىدە نەزىرىڭگە ئىلنىشىدۇ. ئەگەر مەقسەت، مۇبارەك سىماچىرايڭغا قاراش ئۈچۈن ئەينەككە قارىغان بولساڭ، سۆيۈملۈك

فَتَبَارَكَ اللّٰهُ اَحْسَنُ الْخَالِقِينَ

رەفئەتنى قەستەن كۆرىسەن. يەنىلا ئەينەكنىڭ ئۆزى غۇۋا شۇنداقلا ئىككىنچى دەرىجىدە نەزىرىڭگە ئىلنىشىدۇ. دېمەك، بىرىنچى سۈرەتتە، ئەينەك شىشىسى مەنەئى ئىسمىدۇر. رەفئەت مەنەئى ھەرپى بولىدۇ. ئىككىنچى سۈرەتتە، ئەينەك شىشىسى مەنەئى ھەرپى بولىدۇ. يەنى ئۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارالمايدۇ، باشقا ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ئۈچۈن قارىلىدۇكىئەكس ئىتىشتۇر. ئەكىسى ئىتىشمەنەئى ئىسمى بولىدۇ. يەنى:

دَلَّ عَلَى مَعْنًى فِى نَفْسِهِ

بولغان ئىسىمنىڭ تەرىپلىنىشىگە بىر جەھەتتىن داخىل بولىدۇ. ۋە ئەينەك بولسا:

دَلَّ عَلَى مَعْنًى فِى غَيْرِهِ

دىن ئىبارەت بولغان ھەرىپنىڭ تەرىپلىنىشىگە ئۇيغۇن چۈشىدۇ. كائىنات-قۇرئان نەزىرى بىلەن قارالسا، پۈتۈن مەۋجۇداتنى ھەرىپ كۆرىدۇ، ھەرىپ ئىپادىلىگەن مەنە بىلەن يەنى مەنەئى ھەرىپ بىلەن، باشقىسىنىڭ مەنىسىنى ئىپادە قىلىدۇ. يەنى، ئىسملىرىنى ۋە سۈپەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ. رۇھسىز پەلسەپە، كۆپىنچە مەنەئى ئىسمى بىلەن قارايدۇ، تەبىئەت پاتاقلىقىغا سېپىلپ كىتىدۇ.(بارلا لاھىقاسى: 348-بەت)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.