سۈننەت يولى مۇھەببەت نۇرى

سۈننەت يولى مۇھەببەت نۇرى

ئونىنچى نۇكتە: 

﴿قُلْ اِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِى يُحْبِبْكُمُ اللّٰهُ

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر اﷲ نى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [31]

ئايىتىدە مۆجىزىلىك بىر بالاغەت باردۇر. چۈنكى، بۇ ئۈچ جۈملىنىڭ ئىچىدە كۆپ جۈملىلەر بار. يەنى، شۇ ئايەت دەيدۇكى: ﷲقا(جەللە جەلالۇھۇ) ئىمانىڭلار بولسا، ئەلۋەتتە ﷲنى سۆيىسىلەر. ﷲنى سۆيگەن ئىكەنسىلەر، ﷲ سۆيگەن تەرزدە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ سۆيگەن تەرز بولسا، ﷲ سۆيگەن زاتقا ئوخشىماقتۇر. ئۇنىڭغا ئوخشىماق بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىشتۇر. قاچانكى ئۇنىڭغا ئەگەشسەڭلار، ﷲمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ. ھېلىمۇ سىلەر ﷲنى سۆيىسىلەر، مەقسىتىڭلار ﷲنىڭمۇ سىلەرنى سۆيىشىدۇر.

   پۈتۈن بۇ جۈملىلەر، شۇ ئايەتنىڭ پەقەت ئىخچام ۋە قىسقا بىر مەنىسىدۇر. دېمەككى، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئالى مەقسەت، جانابى ھەقنىڭ مۇھەببىتىگە ئىگە بولۇشتۇر. بۇ ئايەت ئېنىق ھۆكمى بىلەن كۆرسىتىدۇكى: ئۇ ئالى نىشاننىڭ يولى ھەبىبۇللاھقا ئەگىشىشتۇر ۋە سۈننەتى سەنىييەگە ئىقتىدا قىلىشتۇر. بۇ ماقامدا «ئۈچ نۇقتا» ئىسپات قىلىنسا، بۇ ھەقىقەت تامامەن زاھىر بولىدۇ:

   بىرىنچى نۇقتا: ئىنسان يارىتىلىشىدىن شۇ كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىغا قارىتا چەكسىز بىر مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان شەكىلدە يارىتىلغاندۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ فىتراتىدا(يارىتىلىشىدا) جامالغا قارىتا بىر مۇھەببەت، كامالەتكە قارىتا چوقۇنۇش ۋە ئېھسانغا قارىتا سۆيۈش بار. جامال، كامال ۋە ئېھسان دەرىجىلىرىگە قارىتا ئۇ مۇھەببەت زىيادىلىشىپ، ئاشىقلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەرىجىسىگە قەدەر كۈچىيىدۇ. ھەم بۇ كىچىك ئىنساننىڭ كىچىككىنە قەلبىدە كائىنات قەدەر بىر ئىشىق يەرلىشىدۇ. قەلبنىڭ بۇغدايچىلىك بىر ساندۇقچىسى بولغان ئەستە تۇتۇش ھېسسى بىر كۈتۈپخانا ھۆكمىدە بولۇپ، مىڭلارچە كىتاب قەدەر خەتنىڭ ئىچىدە يېزىلىشى كۆرسىتىدۇكى، ئىنسان قەلبى كائىناتنى ئىچىگە ئالالايدۇ ۋە ئۇ قەدەر مۇھەببەتنى سىغدۇرالايدۇ. مادەمكى ئىنساننىڭ فىتراتىدا ئېھسان، جامال ۋە كامالغا قارىتا مۇشۇنداق چەكسىز بىر مۇھەببەت قابىلىيتى بار. شۇنداقلا، بۇ كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ كائىناتتا كۆرۈنگەن ئەسەرلىرى بىلەن چۈشىنىلىدىغان، غايەت ئېنىق ۋە ئەمىلىي بولغان چەكسىز مۇقەددەس جامالى؛ ۋە بۇ مەۋجۇداتتىكى سەنئەت نەقىشلىرىنىڭ شاھىتلىقى بىلەن زۆرۈرى ھالدا ئېنىقلىقى قوبۇل قىلىنىدىغان چەكسىز قۇسۇرسىز كامالى؛ ھەمدە پۈتۈن ھايات ئىگىلىرىدە كۆرۈنگەن ئۇ زاتنىڭ تۈرلۈكتۈرلۈك ئېھسان ۋە ئىنئاملىرى بىلەن شۈبھىسىز ۋە بەلكى بىلمۇشاھەدە(كۆرگەندەك دەرىجىدە) بارلىقى ئېنىق تونۇلىدىغان چەكسىز ئېھسانلىرى باردۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، ئەلۋەتتە ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ جامىيسى (مۇجەسسىمى)، ئەڭ مۇھتاجى، ئەڭ مۇتەپەككۇرى ۋە ئەڭ مۇشتاقى بولغان ئىنساندىن چەكسىز بىر مۇھەببەتنى تەقەززا(تەلەپ) قىلىدۇ. شۇنداق، ھەربىر ئىنسان، ئۇ خالىقى زۇلجالالغا قارىتا چەكسىز بىر مۇھەببەت قابىلىيىتىگە ئىگە بولغىنىدەك، ئۇ خالىق(ياراتقۇچى)مۇ ھەركىمدىن زىيادە جامال، كامال ۋە ئېھسانىغا قارىتا چەكسىز بىر مۇھەببەتكە لايىقتۇر. ھەتتا مۆئمىن ئىنساننىڭ ھاياتىغا، دائىمىيلىقىغا، ۋۇجۇدىغا، دۇنياسىغا، نەفسىگە ۋە مەۋجۇداتقا قارىتا بولغان تۈرلۈكتۈرلۈك مۇھەببەتلىرى ۋە شىددەتلىك ئالاقىلىرى ﷲقا بولغان مۇھەببەت قابىلىيىتىنىڭ تامچىلىرىدۇر. ھەتتا ئىنساننىڭ خىلمۇخىل شىددەتلىك ھېسسىياتى ئۇ مۇھەببەت قابىليىتىنىڭ باشقىچە كۆرۈنۈشلىرى ۋە باشقا شەكىلگە كىرگەن ئالامەتلىرىدۇر. مەلۇمدۇركى، ئىنسان ئۆز سائادىتى بىلەن لەززەتلەنگىنىدەك، ئۆزلىرى ئالاقىدار بولغان كىشىلەرنىڭ سائادەتلىرى بىلەنمۇ لەززەتلىنىدۇ. ھەمدە ئۆزىنى بالادىن قۇتقۇزغاننى سۆيگىنىدەك، ئۆزىنىڭ سۆيگەنلىرىنى قۇتقۇزغاننىمۇ سۆيىدۇ.

   مانا بۇ خىل روھىي ھالەتكە بىنائەن، كىشى ئەگەر ھەر ئىنسانغا ئائىت ﷲنىڭ تۈرلۈك ئېھسانلىرىدىن پەقەت بۇنى ئويلىسا؛ «مېنىڭ خالىقىم مېنى ئەبەدىي قاراڭغۇلۇق بولغان يوقلۇقتىن قۇتقۇزۇپ بۇ دۇنيادا گۈزەل بىر دۇنيانى ماڭا بەرگىنىدەك، ئەجىلىم توشقان ۋاقىتتا مېنى ئەبەدىي ئۆلۈم بولغان يوقلۇقتىن ۋە يوقىلىشتىن يەنە قۇتقۇزۇپ باقىي بىر ئالەمدە ئەبەدىي ۋە ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىر ئالەمنى ماڭا ئېھسان قىلغىنىدەك؛ ۋە يەنە ئۇ ئالەمنىڭ لەززەت ۋە گۈزەللىكلىرىنىڭ بارلىق تۈرلىرىدىن پايدىلىنىدىغان ۋە جەۋلان قىلىپ ھۇزۇرلىنىدىغان ئىچكى ۋە سىرتقى ھېسلارنى، تۇيغۇلارنى ماڭا ئىنئام قىلغىنىدەك، مەن سۆيگەن ۋە ئالاقىدار بولغان پۈتۈن ئۇرۇقتۇغقان، دوستيېقىن ۋە باشقا ئىنسانلارنىمۇ ئاشۇنداق چەكسىز ئېھسانلارغا ئىگە قىلىدۇ ۋە ئۇ ئېھسانلار بىر جەھەتتە ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ سائادەتلىرى بىلەن بەختىيارلىق ھېس قىلىپ لەززەتلىنىمەن. مادەمكى، َاْلاِنْسَانُ عَبِيدُ اْلاِحْسَانِ سىرى بىلەن، ھەركىشىدە ئېھسانغا قارىتا چۇقۇنۇش دەرىجىسىدىكى مۇھەببەت بار. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە بۇنداق چەكسىز ئەبەدىي ئېھسانلارغا قارىتا كائىنات قەدەر بىر قەلبىم بولسا، ئۇ ئېھساننىڭ ئىگىسىگە بولغان مۇھەببەت بىلەن تولۇشنى ئىقتىزا(تەلەپ) قىلىدۇ ۋە تولدۇرۇشنى خالايمەن. مەن ئۇ مۇھەببەتنى ھەرىكىتىم بىلەن ئىپادىلىيەلمىسەممۇ، قابىلىيەت بىلەن، ئىمان بىلەن ، نىيەت بىلەن، قوبۇل قىلىش بىلەن، ئالقىشلاش بىلەن، ئىشتىياق بىلەن، تەرەپتارلىق بىلەن ۋە ئىرادە قىلىش بىلەن ئىپادىلەيمەن، دەيدۇ. ۋەھاكازا جامال ۋە كامالغا قارىتا كۆرسىتىلىدىغان مۇھەببەت يۇقىرىدا قىسقىچە ئىشارەت قىلىنغان ئېھسانغا قارىتا قىلىنىدىغان مۇھەببەتكە قىياس قىلىنسۇن. كاپىردا بولسا، كۇفۇر جەھەتى بىلەن چەكسىز بىر ئاداۋەت بار. ھەتتا كائىناتقا ۋە مەۋجۇداتقا قارشى زالىملارچە ۋە ھاقارەتكارانە بىر ئاداۋەت ساقلايدۇ.

   ئىككىنچى نۇقتا: مۇھەببەتۇللاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، ﷲنى سۆيۈش، ئۇنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشتۇر. ئۇنى رازى قىلىدىغان ئىشلار بولسا، ئەڭ مۇكەممەل بىر سۈرەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ زاتىدا كۆرىنىدۇ. زاتى ئەھمەدىيەگە(س.ئە.ۋ) ھەرىكەت ۋە ئىشلىرىدا ئەگىشىش، ئىككى جەھەت بىلەن بولىدۇ.

   بىرى، جانابى ھەقنى سۆيۈش جەھەتتە ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىش ئۇ ئەگىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشتا ئەڭ مۇكەممەل ئىمام، زاتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ)دۇر.

   ئىككىنچىسى، زاتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ) ئىنسانلارغا بولغان چەكسىز ئىلاھىي ئېھسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ۋاستىسى بولغانىكەن، ئەلۋەتتە جانابى ھەق نامىدىن چەكسىز بىر مۇھەببەتكە لايىقتۇر. ئىنسان ئۆزى سۆيگەن بىر زاتقا ئوخشىماق مۇمكىنچىلىكى بولسىلا، يارىتىلىشىدىن ئوخشىشىشنى خالايدۇ. دېمەك، ھەبىبۇللاھنى سۆيگەنلەرنىڭ ئۇ مۇھەببىتى ئۇنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىگە ئەگىشىش بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشىشىشقا تىرىشىشلىرىنى قەتئىييەن ئىقتىزا-تەلەپ قىلىدۇ.

   ئۈچىنچى نۇقتا: جانابى ھەقنىڭ چەكسىز مەرھىمىتى بولغىنىدەك، چەكسىز مۇھەببىتىمۇ بار. پۈتۈن كائىناتتىكى سەنئەت ئەسەرلىرىنى بەكمۇ گۈزەك ھالدا بېزەش بىلەن ئۆزىنى چەكسىز بىر سۈرەتتە سۆيدۈرگىنىدەك، سەنئەت ئەسەرلىرىنى، بولۇپمۇ سۆيدۈرىشىگە سۆيۈش بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىدراكلىق مەخلۇقاتىنى سۆيىدۇ. جەننەتنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكلىرى، ياخشىلىقلىرى، لەززەتلىرى ۋە نىئمەتلىرى رەھمىتىنىڭ بىر جىلۋىسى بولغان بىر زاتنىڭ مۇھەببەت نەزىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلىشقا تېرىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە ئالى بىر مەقسەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىز ھالدا چۈشىنىلىدۇ. مادەمكى، ئايىتىنىڭ ئېنىق ھۆكۈمى بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە پەقەت سۈننەتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ)گە ئەگىشىش بىلەن ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئۇنداق ئىكەن، ئەلۋەتتە سۈننەتى مۇھەممەدىيەگە (س.ئە.ۋ) ئەگىشىش ئەڭ بۈيۈك بىر ئىنسانىي مەقسەت ۋە ئەڭ مۇھىم بىر ئىنسانىي ۋەزىپە ئىكەنلىكى ئېنىق نەتىجىلىنىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.