سەن ئەھلى دۇنيانىڭ دۇنياسىغا ئارىلاشمىغان تۇرساڭ؟

سەن ئەھلى دۇنيانىڭ دۇنياسىغا ئارىلاشمىغان تۇرساڭ؟

ئۈچ ئىشارەت

بۇ تېما ئون يەتتىنچى لەمئانىڭ ئون يەتتىنچى نوتىسىنىڭ ئۈچىنچى مەسىلىسى ئىدى. سوئاللارنىڭ شىددەتلىك ۋە كەڭرى دائىرىلىك ئىكەنلىكىگە، ھەمدە جاۋابلارنىڭ قۇۋۋەتلىك ۋە پارلاقلىقىغا بىنائەن ئوتتۇز بىرىنچى مەكتۇبنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى لەمئاسى بولۇپ لەمئالار ئىچىگە ئارىلاشتى. لەمئالار بۇ لەمئاغا ئورۇن بېرىشى لازىم. مەھرەمدۇر(خۇسۇسىيدۇر). ئەڭ خاس، خالىس ۋە سادىق قېرىنداشلىرىمىزغا مەخسۇستۇر.

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللّٰهِ فَهُوَ حَسْبُهُ اِنَّ اللّهَ بَالِغُ اَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللّٰهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا

(تالاق:3)

بۇ مەسىلە ئۈچ ئىشارەتتۇر:

بىرىنچى ئىشارەت: ئۆزۈمگە ۋە رىسالەئى نۇرغا ئائىت مۇھىم بىر سوئال:

  كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن دېيىلدىكى: سەن ئەھلى دۇنيانىڭ دۇنياسىغا ئارىلاشمىغان تۇرساڭ نېمە ئۈچۈن پۇرسەت تاپسىلا ئۇلار سېنىڭ ئاخىرىتىڭگە ئارىلىشىدۇ. ھالبۇكى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى تەركىدۇنيا ۋە يالغۇز ياشىغانلارغا ئارىلاشمايدۇ؟

  جاۋاب: بۇ سوئالغا قارىتا يېڭى سائىدنىڭ جاۋابى سۈكۈتتۇر. يېڭى سائىد: «مېنىڭ جاۋابىمنى ئىلاھىي تەقدىر بەرسۇن» دەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىللە ئامالسىز قېلىپ، ئامانەت تۈرىدە ئارىيەت ئالغان كونا سائىدنىڭ كاللىسى دەيدۇكى: بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدىغان، ئىسپارتا ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمىتىدۇر ۋە بۇ ۋىلايەتنىڭ خەلقىدۇر. چۈنكى بۇ ھۆكۈمەت ۋە شۇ خەلق بۇ سوئالنىڭ ئاستىدىكى مەنە بىلەن ماڭا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئالاقىداردۇر. مادەم مىڭلارچە ئەزاسى بولغان بىر ھۆكۈمەت ۋە يۈز مىڭلارچە نوپۇسى بولغان بىر خەلق مېنىڭ ئورنۇمدا ئويلىنىشقا ۋە قوغداشقا مەجبۇردۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن نېمە ئۈچۈن ئورۇنسىز ھالدا ماڭا قارشى چىققۇچىلار بىلەن سۆزلىشىپ ئۆزۈمنى قوغداي! چۈنكى توققۇز يىلدىن بېرى مەن بۇ ۋىلايەتتىمەن. بارغانسېرى ئۇلارنىڭ دۇنيالىرىدىن تېخىمۇ زىيادە يۈزۈمنى بۇراۋاتىمەن. ھېچبىر ھالىممۇ يوشۇرۇن قالمىدى. ئەڭ يوشۇرۇن، ئەڭ مەھرەم رىسالىلىرىممۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىرىغا ئۆتتى. ئەگەر ئەھلى دۇنياغا ئەندىشە ۋە ۋەھىمە بېرىدىغان دۇنياۋىي بىر ئارىلىشىش تەشەببۇسۇم ۋە قالايمىقانچىلىق چىقىرىش پىكرىم بولغان بولسا، بۇ ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىكى ھۆكۈمەت توققۇز يىلدىن بېرى دىققەت بىلەن پىشىمدا يۈرگەن تۇرۇقلۇق، ھەمدە مەنمۇ يېنىمغا كەلگەنلەرگە يوشۇرماستىن سىرلىرىمنى بايان قىلىدىغان بولساممۇ، ھۆكۈمەت ماڭا قارىتا سۈكۈت قىلىپ چېقىلمىدى. ئەگەر خەلقنىڭ ۋە ۋەتەننىڭ سائادەت ۋە ئىستىقبالىغا زىيان بېرىدىغان بىر گۇناھىم بولسا، توققۇز يىلدىن بېرى ۋالىيدىن باشلاپ يېزىلىق ساقچىخانا باشلىقلىرىغا قەدەر بۇلارنى جاۋابكار قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مەن توغرىسىدا تېرىقنى تۆگىدەك كۆرسەتكەنلەرگە قارشى، ئۇ تۆگىنى تېرىق كۆرسىتىپ مېنى قوغداشقا مەجبۇردۇر. شۇڭلاشقا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئۇلارغا ھاۋالە قىلىمەن.

  ئەمما شۇ ۋىلايەت خەلقىنىڭ ئومۇمەن مېنى مەندىن كۆپرەك قوغداش مەجبۇرىيىتى بۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، بۇ توققۇز يىلدىن بېرى ھەم قېرىنداش، ھەم دوست، ھەم مۇبارەك بولغان بۇ خەلقنىڭ ئەبەدىي ھاياتىغا ۋە ئىمان جەھەتتىكى قۇۋۋەتلىنىشىگە ۋە ھاياتىي سائادەتلىرىگە ماددى ۋە ئەمەلىي شەكىلدە تەسىرىنى كۆرسەتكەن يۈزلەرچە رىسالىلەر بىلەن تىرىشقانلىقىمىز، ھېچبىر قالايمىقانچىلىق ۋە زىياننىڭ ئۇ رىسالىلەر يۈزىسىدىن ھېچكىمگە كەلمىگەنلىكى ۋە ھېچبىر غەرەزكارانە سىياسىي ۋە دۇنياۋىي بولغان ھەرىكەت ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى؛ شۇنداقلا، ﷲقا شۈكۈر، بۇ ئىسپارتا ۋىلايىتى كونا زاماندىكى شامى شەرىفنىڭ مۇبارەكلىكى ۋە ئىسلام ئالىمىنىڭ ئومۇمىي مەدرىسەسى بولغان مىسىرنىڭ جامىئۇل ئەزھەرىنىڭ مۇبارەكلىكى تۈرىدىن، ئىمانىي قۇۋۋەت ۋە دىنىي مۇستەھكەملىك جەھەتتە بىر مۇبارەكلىك ماقامىنى رىسالەئى نۇر ۋاستىسى بىلەن قازىنىپ بۇ ۋىلايەتتە ئىمان قۇۋۋىتىنىڭ بىپەرۋالىققا غالىپ، ئىبادەتكە بولغان ئىشتىياقنىڭ كەيپساپاغا ھاكىم بولىشىنى، ھەمدە پۈتۈن ۋىلايەتلەردىن ئۈستۈن بىر دىندارلارچە ھالەتنى رىسالەئى نۇرنىڭ بۇ ۋىلايەتكە قازاندۇرغانلىقى ئېنىق بولغانلىقتىن، ئەلۋەتتە بۇ ۋىلايەتتىكى بارلىق كىشىلەر، ھەتتا دىنسىز بولغان تەقدىردىمۇ، مېنى ۋە رىسالەئى نۇرنى قوغداشقا مەجبۇردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ خىل بەكمۇ مۇھىم قوغداش مەسئۇلىيەتلىرى ئىچىدە مېنىڭدەك ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەن، ھەمدە (ﷲقا شۈكۈر) مىڭلارچە شاگىرت مەندەك بىر ئاجىزنىڭ ئورنىدا (خىزمەت ئۈچۈن) تىرىشقان ۋە تىرىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇ ئەھمىيەتسىز كىچىك ھەققىم مېنىڭ ئۆزۈمنى قوغدىشىمغا تۈرتكە بولالمايدۇ. بۇنىڭدەك مىڭلارچە دەۋاگەرلىك ۋەكىللىرى بولغان بىر ئادەم ئۆزىنىڭ دەۋاسىغا ئۆزى دەۋاگەر بولمايدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.