شۇ بۈيۈك مىئراج نېمە ئۈچۈن مۇھەممەدى ئەرەبى ئەلەيھىسسالاتۇ  ۋەسسالامغا مەخسۇستۇر

شۇ بۈيۈك مىئراج نېمە ئۈچۈن مۇھەممەدى ئەرەبى ئەلەيھىسسالاتۇ  ۋەسسالامغا مەخسۇستۇر

...

ئۇلۇھىيەت (ئىلاھلىق)، ھىكمەتنىڭ ئىقتىزاسى بويىچە كۆرۈنۈشنى خالىشىغا جاۋابەن، زاتى ئەھمەدىيە (س.ئە.ۋ) دىنىدىكى يۈكسەك ئىبادىتى ئارقىلىق ئەڭ پارلاق بىر دەرىجىدە كۆرسەتكەندۇر.

 ھەم ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ چەكسىز كامالەتتىكى گۈزەللىكىنى بىر ۋاستە ئارقىلىق، ھىكمەت ۋە ھەقىقەتنىڭ ئىقتىزاسى بويىچە كۆرسىتىشنى خالىشىغا جاۋابەن، ئەڭ گۈزەل بىر سۈرەتتە كۆرسەتكۈچى ۋە تەرىپ قىلغۇچى بىلبەداھە (ئېنىقكى) يەنە ئۇ زاتتۇر.

 ھەم ئالەمنىڭ سەنئەتكارىنىڭ چەكسىز گۈزەل بولغان سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى كامالەتلىرىگە دىققەت نەزەرلەرنى جەلپ قىلىش، كۆرسىتىشنى خالىشىغا جاۋابەن، ئەڭ يۈكسەك بىر سادا بىلەن ۋاستىچىلىق قىلغان يەنە بىلمۇشاھەدە (كۆرۈنگىنىدەك) ئۇ زاتتۇر.

 ھەم پۈتۈن ئالەملەرنىڭ رەببى كۆپلۈك تەبىقىلىرىدە بىرلىكىنى ئېلان قىلىشنى خالىشىغا جاۋابەن، ئەڭ ئۈستۈن بىر دەرىجىدە تەۋھىدنىڭ بارلىق مەرتىبىلىرىنى ئېلان قىلغان يەنە بىززارۇرە (قەتئىي) ئۇ زاتتۇر.

 ھەم ئالەمنىڭ ئىگىسىنىڭ، ئەسەرلىرىدە نامايەن قىلغان چەكسىز دەرىجىدىكى گۈزەللىكىنىڭ ئىشارىتى بىلەن چەكسىز ھۆسنىنى، جامالىنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە لەتاپىتىنى ئەينەكلەردە ھەقىقەت ۋە ھىكمەتنىڭ تەلىپى بويىچە كۆرۈش ۋە كۆرسىتىشنى خالىشىغا جاۋابەن، ئەڭ دەبدەبىلىك بىر سۈرەتتە ئەينەكدارلىق قىلغان ۋە كۆرسەتكەن، ھەمدە سۆيۈپ باشقىلارغا سۆيدۈرگەن يەنە بىلبەداھە ئۇ زاتتۇر.

 ھەم شۇ ئالەم سارىيىنىڭ سەنئەتكارى بەكمۇ ھەيران قالارلىق مۆجىزىلەر بىلەن، بەكمۇ قىممەتلىك جەۋھەرلەر بىلەن تولغان غەيبىي خەزىنىلىرىنى ئېچىش ۋە كۆرسىتىشنى ۋە ئۇ ئارقىلىق كامالىتىنى تەرىپ قىلىش ۋە بىلدۈرۈشنى خالىشىغا جاۋابەن، ئەڭ يۈكسەك بىر سۈرەتتە كۆرسەتكەن، سۈپەتلىگەن ۋە تەرىپ قىلغان يەنە بىلبەداھە ئۇ زاتتۇر.

 ھەم شۇ كائىناتنىڭ سەنئەتكارى، شۇ كائىناتنى قۇرۇپ، تۈرلۈك ئاجايىباتلار ۋە زىننەتلەر بىلەن گۈزەللەشتۈرۈپ، مەخلۇقاتىدىن ئىدراك ئىگىلىرىنى سەيرساياھەت، ھۇزۇرلىنىش ۋە تەپەككۇر ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىچىگە داخىل قىلىشى، شۇنداقلا ھىكمىتىنىڭ ئىقتىزاسى بويىچە ئۇلارغا بۇ ئەسەر ۋە سەنئەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ۋە قىممەتلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىشىغا جاۋابەن، ئەڭ يۈكسەك بىر سۈرەتتە جىن ۋە ئىنسانىيەتكە، ھەتتا روھانىي ۋە پەرىشتىلەرگىمۇ قۇرئانى ھەكىم ۋاستىسى بىلەن رەھبەرلىك قىلغان يەنە بىلبەداھە ئۇ زاتتۇر.

 ھەم شۇ كائىناتنىڭ ھىكمەتلىك ھاكىمى شۇ كائىناتنىڭ ئۆزگىرىشلىرىدىكى مەقسەت ۋە غايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يوشۇرۇن تىلسىمىنى ۋە مەۋجۇداتنىڭ «قەيەردىن؟ قەيەرگە؟ ۋە نېمە ئىكەنلىكلىرى»دىن ئىبارەت شۇ ئۈچ مۈشكۈل سوئالنىڭ سىرىنى بىر ئەلچى ۋاستىسى بىلەن بارلىق ئىدراك ئىگىلىرىگە ئاچقۇزۇشنى خالىشىغا جاۋابەن، ئەڭ ئوچۇق بىر سۈرەتتە ۋە ئەڭ يۈكسەك بىر دەرىجىدە، قۇرئان ھەقىقەتلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇ تىلسىمنى ئاچقان ۋە ئۇ سىرنى ھەل قىلغان يەنە بىلبەداھە ئۇ زاتتۇر.

 ھەم شۇ ئالەمنىڭ ئۇلۇغ سەنئەتكارى پۈتۈن گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنى ئىدراك ئىگىلىرىگە تونۇتتۇرىشى ۋە قىممەتلىك نىئمەتلىرى بىلەن ئۆزىنى ئۇلارغا سۆيدۈرىشى، ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا ئىدراك ئىگىلىرىگە ئىلاھىي رازىلىقى ۋە ئارزۇسىنى بىر ئەلچى ۋاستىسى ئارقىلىق بىلدۈرۈشنى قەتئىي خالىشىغا جاۋابەن، ئەڭ ئۈستۈن ۋە مۇكەممەل بىر سۈرەتتە قۇرئان ۋاستىسى بىلەن ئۇ رازىلىق ۋە ئارزۇنى بايان قىلغان ۋە كەلتۈرگەن يەنە بىلبەداھە ئۇ زاتتۇر.

 ھەم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئالەمنىڭ مېۋىسى بولغان ئىنسانغا، ئالەمنى ئىچىگە ئالغىدەك بىر كەڭرى دائىرىلىك قابىلىيەت بەرگەنلىكتىن ۋە ئومۇميۈزلۈك بىر ئىبادەتكە لايىق قىلغانلىقتىن، شۇنداقلا ئۇ ئىنسانمۇ ھېستۇيغۇ بويىچە كۆپلۈككە (سەۋەبلەرگە) ۋە دۇنياغا مۇپتىلا بولغانلىقتىن، بىر رەھبەر ۋاستىسى بىلەن يۈزلىرىنى كۆپلۈكتىن بىرلىككە (تەۋھىدكە)، فانىيدىن باقىيغا بۇراشنى خالىشىغا جاۋابەن، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە، ئەڭ بالاغەتلىك بىر سۈرەتتە ۋە قۇرئان ۋاستىسى بىلەن ئەڭ گۈزەل بىر دەرىجىدە رەھبەرلىك قىلغان، ھەم ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئورۇنلىغان يەنە بىلبەداھە ئۇ زاتتۇر.

 دېمەك مەۋجۇداتنىڭ ئىچىدە ئەڭ شەرەپلىك بولغان زىيھايات (ھايات ئىگىلىرى)، زىيھايات ئىچىدە ئەڭ شەرەپلىك بولغان زىيشۇئۇر (ئىدراك ئىگىلىرى)، زىيشۇئۇر ئىچىدە ئەڭ شەرەپلىك بولغان ھەقىقىي ئىنسان، ھەمدە ھەقىقىي ئىنسانلار ئىچىدىمۇ ۋەزىپىلىرىنى ئەڭ ئۈستۈن بىر دەرىجىدە، ئەڭ مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئادا قىلغان زات، ئەلۋەتتە ئەڭ بۈيۈك بىر مىراج بىلەن قابى قەۋسەينگە چىقىدۇ، ئەبەدىي سائادەتنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ، رەھمەت خەزىنىسىنى ئاچىدۇ ۋە ئىماننىڭ غەيبىي ھەقىقەتلىرىنى كۆرىدۇ (س.ئە.ۋ).

...


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.