غەيبى ئىشلارغا دائىر بولغان ھەدىسلەر تىلىدىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىك تەستىقى

ئالتىنچى نۇكتەلىك ئىشارەت:

  (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ھەزرەتى فاتىمەگە(ر.ئە): اَنْتِ اَوَّلُ اَهْلِ بَيْتِى لُحُوقًا بِى دەپ، «ئالى بەيتىمدىن ھەممەيلەندىن بۇرۇن سەن ۋاپات بولۇپ، ماڭا قوشۇلىسەن» دېگەن. ئالتە ئايدىن كېيىن، خەۋەر بەرگىنىدەك ئەينەن شۇنداق بولغاندۇر.

  ھەم ئەبۇ زەرگە: مِنْ هُنَا وَتَعِيشُ وَحْدَكَ وَتَمُوتُ وَحْدَكَ دەپ، مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، يالغۇز ھايات كەچۈرۈپ، يالغۇز بىر سەھرادا ۋاپات بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. يىگىرمە يىلدىن كېيىن خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ھاممىسى بولغان ئۇممۇ ھەرەمنىڭ ئۆيىدە ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، تەبەسسۇم قىلىپ دەپتۇ: رَاَيْتُ اُمَّتِى يَغْزُونَ فِى الْبَحْرِ كَالْمُلُوكِ عَلَى اْلاَسِرَّةِ ئۇممۇ ھەرەممۇ يالۋۇرۇپ: «دۇئا قىلىڭ، مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بولايدەپتۇ. ئۇنىڭغا دەپتۇكى: «بىللە بولىسەنقىرىق يىلدىن كېيىن، يولدىشى ئۇبادە ئىبنى سامىت بىلەن قىبرىس فەتھىگە بېرىپ، قىبرىستا ۋاپات بوپتۇ ۋە مازىرى زىيارەتگاھ بوپتۇ. ئەينەن خەۋەر بېرىلگىنىدەك بولغاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) دەپتۇ: يَخْرُجُ مِنْ ثَقِيفَ كَذَّابٌ وَ مُبِيرٌ يەنى: «سەفىق قەبىلىسىدىن بىرى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىدۇ؛ ۋە بىر خۇنخور زالىم مەيدانغا چىقىدۇدەپ، پەيغەمبەرلىك دەۋا قىلغان مەشھۇر مۇختارنى ۋە يۈزمىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەن ھەججاجى زالىمنى خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) سَتُفْتَحُ الْقُسْطَنْطِينِيَّةُ فَنِعْمَ اْلاَمِيرُ اَمِيرُهَا وَنِعْمَ الْجَيْشُ جَيْشُهَا دەپ، ئىستانبۇلنىڭ ئىسلام قولى بىلەن فەتىھ بولىدىغانلىقىنى ۋە ھەزرەتى سۇلتان مەھمەد فاتىھنىڭ يۈكسەك بىر مەرتىۋە ئىگىسى ئىكەنلىكىنى خەۋەر بەرگەن ۋە ئەينەن خەۋەر بەرگىنىدەك بولغاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن): اِنَّ الدِّينَ لَوْ كَانَ مَنُوطًا بِالثُّرَيَّا لَنَا لَهُ رِجَالٌ مِنْ اَبْنَاءِ فَارِسَ دەپ، باشتا ئەبۇ ھەنىفە بولۇپ، ئىراننىڭ مىسىلسىز بىر سۈرەتتە يېتىشتۈرگەن ئۆلىما ۋە ئەۋلىيالىرىغا ئىشارەت قىلىپ خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەم عَالِمُ قُرَيْشٍ يَمْلَءُ طِبَاقَ اْلاَرْضِ عِلْمًا دەپ، ئىمام شافىئىغا ئىشارەت قىلىپ خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن): سَتَفْتَرِقُ اُمَّتِى ثَلاَثًا وَسَبْعِينَ فِرْقَةً اَلنَّاجِيَةُ وَاحِدَةٌ مِنْهَا. قِيلَ مَنْهُمْ؟ قَالَ مَا اَنَا عَلَيْهِ وَ اَصْحَابِى دەپ، ئۈممىتىنىڭ يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلىنىدىغانلىقى ۋە ئىچىدە نىجات تاپىدىغان كامىل پىرقىنىڭ ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئىكەنلىكىنى خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەم: اَلْقَدَرِيَّةُ مَجُوسُ هذِهِ اْلاُمَّةِ دەپ، كۆپ شۆبىلەرگە (پىرقىلەرگە) بۆلۈنگەن ۋە تەقدىرنى ئىنكار قىلغان قەدەرىيە تائىپىسىنى خەۋەر بەرگەن. ھەم كۆپ شۆبىلەرگە بۆلۈنگەن رافىزىيلارنى خەۋەر بەرگەندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئىمام ئەلىگە(ر.ئە) دېگەن: «سەندە ھەزرەتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدەك ئىككى قىسىم ئىنسان ھالاكەتكە كېتىدۇ. بىرسى، ئوشۇقچە مۇھەببەت بىلەن؛ يەنە بىرى، ئوشۇقچە ئاداۋەت بىلەنناسارالار (خرىستىئانلار) ھەزرەتى ئىيساغا مۇھەببەتتە چەكتىن ئېشىپ، (ھاشا!) «ﷲنىڭ بالىسى» دېدى. يەھۇدىيلار ئاداۋىتىدە بەك ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە كامالىتىنى ئىنكار قىلدى. سېنىڭ ھەققىڭدىمۇ بىر قىسىملار شەرىئەتنىڭ چىكىدىن ئېشىپ، مۇھەببىتىدىن ھالاكەتكە كېتىدۇ. لَهُمْ نَبْزٌ يُقَالُ لَهُمُ الرَّافِضِيَّةُ دېگەن. بىر قىسمى، ساڭا ئاداۋەتتە ھەددىدىن ئاشىدۇ. ئۇلار خاۋارىجدۇر ۋە ئەمەۋىيلەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان بىر قىسىم تەرەپدارلىرىدۇركى، ئۇلار ناسىبە دېيىلىدۇ.

  ئەگەر دېيىلسە: ئالى بەيتنى سۆيۈشنى قۇرئان ئەمىر قىلىدۇ. ھەزرەتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالاممۇ كۆپ تەشۋىق قىلغان. ئۇ مۇھەببەت، شىئەلەر ئۈچۈن بەلكى بىر ئۆزۈر بولىشى مۇمكىن. چۈنكى مۇھەببەت ئەھلى قىسمەن ھېسسىيات ئەھلىدۇر. نېمىشقا شىئەلەر، بولۇپمۇ رافىزىيلەرنىڭ ئۇ مۇھەببەتتىن پايدىلىنىشى جائىز ئەمەس؟ ئەكسىچە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئۇ زىيادە مۇھەببەتلىرى سەۋەبلىك نېمىشقا جاۋاپكار بولىدۇ؟

  جاۋاب: مۇھەببەت ئىككى قىسىمدۇر. بىرى، مەنايى ھەرفى بىلەن؛ يەنى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھېسابىدىن، جانابى ھەق نامىدىن ھەزرەتى ئەلى بىلەن ھەسەن، ھۈسەيىن ۋە ئالى بەيتنى سۆيۈشتۇر. شۇ مۇھەببەت رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا بولغان مۇھەببەتنى زىيادىلەشتۈرىدۇ. جانابى ھەققە بولغان مۇھەببەتكە ۋەسىلە (ۋاستە) بولىدۇ. بۇ مۇھەببەت شەرىئەتكە ئۇيغۇندۇر، ئېشىپ كېتىشى زىيان بەرمەيدۇ، چەكتىن ھالقىش ھېساپلانمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىنى ۋە ئاداۋەت قىلىنىشىنى نەتىجىلەندۈرمەيدۇ.

  ئىككىنچىسى: مەنايى ئىسمى بىلەن مۇھەببەتتۇر. يەنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى سۆيىدۇ. ھەزرەتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى ئويلىماستىن، ھەزرەتى ئەلىنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى، كامالىتىنى ۋە ھەزرەتى ھەسەن ۋە ھۈسەيىننىڭ يۈكسەك پەزىلەتلىرىنى ئويلاپ سۆيىدۇ. ھەتتا ﷲنى بىلمىگەن، پەيغەمبەرنى تونىمىغان تەقدىردىمۇ يەنە ئۇلارنى سۆيىدۇ. بۇ خىل سۆيۈش، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا بولغان مۇھەببەتكە ۋە جانابى ھەققە بولغان مۇھەببەتكە سەۋەب بولمايدۇ؛ ھەم ھەددىدىن ئېشىش بولسا، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىنىشىنى ۋە ئاداۋەت قىلىنىشىنى نەتىجىلەندۈرۈپ قويىدۇ.

  دېمەك ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئىشارىتى بىلەن، ھەزرەتى ئەلى ھەققىدە زىيادە مۇھەببەتلىرىدىن، ھەزرەتى ئەبۇ بەكىرى سىددىق بىلەن ھەزرەتى ئۆمەردىن يۈز بۇرىغانلىقلىرىدىن ھەسرەتكە چۈشۈشكەندۇر. ئۇ مەنفى مۇھەببەت، ھەسرەتكە قېلىش سەۋەبىدۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن): اِذَا مَشَوُا الْمُطَيْطَاءَ وَخَدَمَتْهُمْ بَنَاتُ فَارِسَ وَالرُّومِ، رَدَّ اللّٰهُ بَاْسَهُمْ بَيْنَهُمْ وَ سَلَّطَ شِرَارَهُمْ عَلَى خِيَارِهِمْ دەپ، «قاچانكى ئىران، رۇم قىزلىرى سىلەرگە خىزمەت قىلسا، ئۇ ۋاقىت بالايىڭلار، فىتنەڭلار ئىچىڭلارغا كىرىدۇ، ئۇرۇشۇڭلار ئىچكى ئۇرۇش بولىدۇ، يامانلار باشقا ئۆتۈپ، ياخشىلىرىڭلارغا مۇسەللەت بولىدۇ (زىيان يەتكۈزىدۇ).» دەپ خەۋەر بەرگەن. ئوتتۇز يىلدىن كېيىن، خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) وَتُفْتَحُ خَيْبَرُ عَلَى يَدَىْ عَلِىٍّ دەپ، «خەيبەر قەلئەسىنىڭ فەتھى ئەلىنىڭ قولى بىلەن بولىدۇدېگەن. ئويلىغاندىنمۇ ئۈستۈن بىر سۈرەتتە ئىككىنچى كۈنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۆجىزىسى سۈپىتىدە خەيبەر قەلئەسىنىڭ دەرۋازىسىنى ھەزرەتى ئەلى قومۇرۇپ ئېلىپ ئۇنى قالقان قىلىپ ئىشلەتكەن ۋە فەتىھكە مۇۋەپپەق بولغاندىن كېيىن دەرۋازىنى يەرگە تاشلىغان. سەككىز كۈچلۈك ئادەم ئۇ دەرۋازىنى كۆتۈرەلمىگەن، بىر رىۋايەتتە قىرىق ئادەم كۆتۈرەلمىگەن.

  ھەم، لاَ تَقُومُ السَّاعَةُ حَتَّى تَقْتَتِلَ فِئَتَانِ دَعْوَاهُمَا وَاحِدَةٌ دەپ، سىففىندە ھەزرەتى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيەنىڭ ئۇرۇشىنى خەۋەر بەرگەن.

  ھەم: اِنَّ عَمَّارًا تَقْتُلُهُ الْفِئَةُ الْبَاغِيَةُ دەپ، «ئازغۇن (باغىي) بىر تائىپە ئەممارنى قەتلى قىلىدۇ» دېگەن. كېيىن سىففىن جېڭىدە قەتلى قىلىندى. ھەزرەتى ئەلى، بۇنى مۇئاۋىيەنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىگە ھۆججەت كۆرسەتتى. ئەمما مۇئاۋىيە رەت قىلدى. ئەمر ئىبنى ئاس دېدى: «باغىي پەقەت ئۇنىڭ قاتىللىرىدۇر، ھەممىمىز ئەمەس

  ھەم: اِنَّ الْفِتَنَ لاَ تَظْهَرُ مَا دَامَ عُمَرُ حَيًّا دەپ، «ھەزرەتى ئۆمەر ھاياتلا بولسا، ئىچىڭلاردا فىتنە چىقمايدۇدەپ خەۋەر بەرگەن ۋە شۇنداق بولغاندۇر.

  ھەم سەھل ئىبنى ئامر ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇن ئەسىرگە چۈشىدۇ. ھەزرەتى ئۆمەر، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا دەيدۇكى: «رۇخسەت قىلسىڭىز، مەن بۇنىڭ چىشلىرىنى سۇغۇرىۋىتەي. چۈنكى ئۇ پاساھىتى بىلەن قۇرەيش كۇپپارلىرىنى بىز بىلەن جەڭ قىلىشقا تەشۋىق قىلاتتىرەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: وَعَسَى اَنْ يَقُومَ مَقَامًا يَسُرُّكَ يَا عُمَرُ دېگەن. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ۋاپاتى ۋاقتىدىكى بەكمۇ كۆڭۈلسىز ۋە سەبر قىلغۇسىز ھادىسىدە، ھەزرەتى ئەبۇ بەكىرى سىددىق مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەدە مۇكەممەل بەرداشلىق بېرىش كۈچى بىلەن ھەممەيلەنگە تەسەللى بېرىپ، مۇھىم بىر خۇتبە بىلەن ساھابىلەرنى تەسكىن تاپقۇزغاندەك، شۇ سەھلمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا، مەككەئى مۇكەررەمەدە ئەينەن ئەبۇ بەكىرى سىددىقتەك ساھابىلەرگە تەسكىن ۋە تەسەللى بېرىپ، ئۇ مەلۇم پاساھىتى بىلەن ئەبۇ بەكىرى سىددىقنىڭ خۇتبىسىگە ئوخشاش مەنىدە بىر نۇتۇق سۆزلىگەن. ھەتتا ئىككى خۇتبىنىڭ سۆزلىرىمۇ بىربىرىگە ئوخشايدۇ.

  ھەم سۇراقەگە: كَيْفَ بِكَ اِذَا اُلْبِسْتَ سُوَارَىْ كِسْرَى دەپ، «كىسرانىڭ ئىككى بىلەيزۈكىنى تاقايسەندېگەن. ھەزرەتى ئۆمەر زامانىدا كىسرا يوقىتىلدى، زىننەتلىرى ۋە شاھانە بىلەيزۈكى كەلتۈرۈلدى، ھەزرەتى ئۆمەر سۇراقەگە تاقاتتى. اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ الَّذِى سَلَبَهُمَا كِسْرَى وَاَلْبَسَهُمَا سُرَاقَةَ دەپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەۋىرىنى تەستىق قىلغۇزدى.

  ھەم: اِذَا ذَهَبَ كِسْرَى فَلاَ كِسْرَى بَعْدَهُ دەپ، «پارىس كىسراسى يوقالغاندىن كېيىن كىسرا چىقمايدۇدەپ خەۋەر بەرگەن ۋە شۇنداق بولغاندۇر.

  ھەم كىسرانىڭ ئەلچىسىگە دېگەن: «ھازىر كىسرانىڭ ئوغلى شىرۋەيخ پەرۋىز كىسرانى ئۆلتۈردىئۇ ئەلچى تەھقىقلەپ كۆرسە، دەل شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بولغانىكەن. ئاندىن ئۇ مۇسۇلمان بولىدۇ. بەزى ھەدىسلەردە ئۇ ئەلچىنىڭ ئىسمى فىرۇزدۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ھاتىب ئىبنى بەلتەئەنىڭ قۇرەيشلەرگە يوشۇرۇن خەت ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر بەرگەن. ھەزرەتى ئەلى بىلەن مىقدادنى ئەۋەتىپ، «پالانى يەردە بىر كىشىدە شۇنداق بىر خەت بار. خەتنى ئېلىپ كېلىڭلاردېگەن. ئۇلار بېرىپ، دەل شۇ يەردە، دەل شۇ خەتنى ئەكەلگەن. ھاتىبنى ئېلىپ كېلىپ، «نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟» دېگەن. ئۇ ئۆزرە ئېيتقان، ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلغان.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئۇتبە ئىبنى ئەبى لەھەب ھەققىدە: يَاْكُلُهُ كَلْبُ اللّٰهِ دەپ، ئۇتبەنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى خەۋەر بەرگەن. كېيىن يەمەن تەرەپكە كېتىۋاتقاندا بىر شىر ئۇنى يەۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ھەم بەددۇئاسىنى، ھەم خەۋىرىنى تەستىق قىلغاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) مەككىنىڭ فەتھى ۋاقتىدا، ھەزرەتى بىلال ھەبەشى كەئبە تېمىغا چىقىپ ئەزان توۋلىغان. قۇرەيش رەئىسلىرىدىن ئەبى سۇفيان، ئەتتاب ئىبنى ئەسىد ۋە ھارىس ئىبنى ھىشاملار ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى. ئەتتاب دېدى: «دادام بەختىيار ئىدىكى، بۈگۈننى كۆرمىدىھارىس دېدىكى: «مۇھەممەد مۇئەززىن قىلغىلى بۇ قارا قاغىدىن باشقا ئادەم تاپالمىغانمىدۇ؟» شۇنداق دېيىشىپ ھەزرەتى بىلالنى كەمسىتتى. ئەبى سۇفيان دېدى: «بىر نەرسە دېيىشتىن مەن قورقىمەن، باشقىسى بولمىسىمۇ، بۇ باتھانىڭ تاشلىرى ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىدۇ، ئۇ بىلىۋالىدۇھەقىقەتەن بىر دەمدىن كېيىن، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى، ئۇلارنىڭ دېيىشكەنلىرىنى بىرمۇ بىر دەپ بەردى. ئۇ چاغدا ئەتتاب بىلەن ھارىس شاھادەت كەلتۈرۈپ مۇسۇلمان بولدى.

  ئەي بىچارە دىنسىز! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى تونىمىغان قەلبسىز ئادەم! قارا، قۇرەيشنىڭ تەكەببۇر ئىككى چوڭى بىر غەيبىي خەۋەر بىلەن ئىمانغا كەلدى. قەلبىڭ نەقەدەر بۇزۇلغانكى، مەنىۋى تەۋاتۇر بىلەن، بۇ غەيبىي خەۋەردەك مىڭلارچە مۆجىزىلەرنى ئاڭلاۋاتىسەن، يەنە تامامەن قانائىتىڭ كەلمەيۋاتىدۇ!… خوش، ئەسلى تېمىمىزغا كېلەيلى.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) بەدىر غازىتىدا ھەزرەتى ئابباس ساھابىلەرنىڭ قولىغا ئەسىر چۈشكەن ۋاقىتتا، قۇتۇلۇش فىدىيەسى تەلەپ قىلىنىپتۇ. ئۇ «پۇلۇم يوق» دەپتۇ. ھەزرەتى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ئايالىڭ ئۈممۈ فەدلنىڭ يېنىدا مۇنچىلىك پۇلنى پالانى يەردە تىقىپ قويۇپسەندەپتۇ. ھەزرەتى ئابباس تەستىق قىلىپ، «ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان سىر ئىدىدەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كامالى ئىماننى قازىنىپ مۇسۇلمان بوپتۇ.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ياۋۇز بىر سېھىرگەر بولغان يەھۇدى لەبىد، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى قىيناش ئۈچۈن ئاجايىپ ۋە تەسىرى كۈچلۈك بىر سېھىر قىپتۇ. بىر تاغاققا چاچلارنى يۆگەپ، ئۈستىدە سېھىر قىلغاندىن كېيىن بىر قۇدۇققا تاشلىۋېتىپتۇ. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەزرەتى ئەلىگە ۋە ساھابىلەرگە: « پالانى قۇدۇققا بېرىپ بۇ خىل سېھىر ئەسۋابلىرىنى تېپىپ ئەكىلىڭلاردەپتۇ. ئۇلار بېرىپ تېپىپ كەپتۇ. ھەربىر يىپى ئېلىنغاندا رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالاممۇ راھەتسىزلىكتىن يېنىكلەپتۇ.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئەبۇ ھۇرەيرەدەك مۇھىم زاتلارمۇ بولغان بىر جامائەت ئىچىدە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: ضِرْسُ اَحَدِكُمْ فِى النَّارِ اَعْظَمُ مِنْ اُحُدٍ دەپ، بىرسىنىڭ مۇرتەد بولۇپ (دىندىن چىقىپ) كېتىدىغانلىقىدەك مۇدھىش بىر ئاقىۋەتنى خەۋەر بەرگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە دەپتۇ: «ئۇ جامائەتتىن، مەن ۋە يەنە بىر ئادەم ئىككىمىز قالدۇق. مەن قورقتۇم. كېيىن يەنە بىر ئادەم يەمامە جېڭىدە مۇسەيلىمە تەرىپىگە ئۆتۈپ مۇرتەد بولۇپ كەتتى ۋە شۇ ھالى بىلەن قەتلى قىلىندىپەيغەمبىرىمىزنىڭ خەۋىرىنىڭ ھەقىقىتى چىقتى.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئۇمەير ۋە سەفۋان مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى، مۇھىم بىر مالغا بەدەل، پەيغەمبىرىمىزنى(ئە.س.ۋ) ئۆلتۈرۈشكە قارار بەرگەن بولۇپ، ئۇمەير بۇ نىيەت بىلەن مەدىنىگە كەلگەن. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇمەيرنى كۆرۈپ يېنىغا چاقىرىپ، «سەفۋان بىلەن پىلانىڭلار بۇدۇردەپ، قولىنى ئۇمەيرنىڭ كۆكسىگە قويۇپتۇ. ئۇمەير «شۇنداقتى» دەپ، مۇسۇلمان بولۇپتۇ.

  بۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن سەھىھ بولغان غەيبى خەۋەرلەر ئەمىلىي شەكىلدە مەيدانغا كەلگەندۇر، ھەمدە مەشھۇر ئالتە سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان ۋە سەنەدلىرى بىلەن بايان قىلىنغاندۇر. بۇ رىسالىدە بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەنىۋى تەۋاتۇر ھۆكمىدە قەتئىيدۇر، شۈبھىسىزدۇر. قۇرئاندىن كېيىن ئەڭ سەھىھ كىتاب ئىكەنلىكى ئەھلى تەھقىق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان باشتا بۇخارى ۋە مۇسلىم، ئۇنىڭدىن باشقا سەھىھى تىرمىزى، نەسائى، ئەبۇ داۋۇد، مۇسنەدى ھاكىم، مۇسنەدى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە دەلائىلى بەيھەقىدەك كىتابلاردا رىۋايەت يوللىرى بىلەن بايان قىلىنغاندۇر.

  ئەي بىھۇش دىنسىز! «مۇھەممەدى ئەرەبى (ئە.س.ۋ) ئەقىللىق بىر ئادەم ئىدىدەپلا ئۆتۈپ كەتمە! چۈنكى شۇ غەيبى ئىشلارغا دائىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا خەۋەرلىرى بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدىن خالى ئەمەس؛ يا دەيسەن: ئۇ مۇقەددەس زاتتا شۇنداق كەسكىن بىر نەزەر ۋە كەڭرى بىر زېھىن باردۇركى، ئۆتمۈش ۋە كېلەچەكنى ۋە پۈتۈن دۇنيانى كۆرىدۇ، بىلىدۇ ۋە ئالەمنىڭ ھەر تەرىپىنى، ھەمدە شەرق ۋە غەربنى قورشىيالايدىغان بىر كۆزى ۋە ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان پۈتكۈل زامانلارنى بىلەلەيدىغان بىر زېھنى بار. بۇ خىل ئەھۋال بولسا ئىنساندا بولمايدۇ. ئەگەر بولىدۇ دېيىلسە، ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەيران قالارلىق بىر ئىش ۋە بىر ئىھسان بولغان بولىدۇ. يالغۇز بۇنىڭ ئۆزىلا بىر بۈيۈك مۆجىزىدۇر. ۋەياكى: ئۇ مۇبارەك زات، شۇنداق بىر زاتنىڭ خىزمەتچىسى ۋە شاگىرتىدۇركى، ھەر نەرسە ئۇنىڭ نەزىرىدە ۋە تەسەررۇپىدىدۇر ۋە مەخلۇقاتنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى ۋە بارلىق زامانلار، ئۇنىڭ ئەمرى ئاستىدىدۇرچوڭ دەپتىرىدە ھەر نەرسە يېزىقلىقتۇر، خالىغان ۋاقتىدا تالىپىغا بىلدۈرىدۇ ۋە كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىشىنىسەن. دېمەك، مۇھەممەدى ئەرەبى ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام، ئەزەلىي ئۇستازىدىن دەرس ئالىدۇ ۋە شۇنداق دەرس بېرىدۇ….

  ھەم (سەھىھ نەقىل بىلەن) ھەزرەتى خالىدنى جەڭ ئۈچۈن دۇمەتۇل جەندەل رەئىسى بولغان ئۇكەيدىرگە ئەۋەتكەن ۋاقىتتا: اِنَّكَ تَجِدُهُ يَصِيدُ الْبَقَرَ دەپ، ئۇنىڭ ياۋا كالا ئوۋلاۋاتقىنىدا تاپىدىغانلىقىنى، جەڭگىجىدەلسىز ئەسىرگە چۈشۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. ھەزرەتى خالىد بېرىپ، دەل شۇنداق ھالەتتە ئۇنى ئەسىرگە ئېلىپ قايتىپ كەلگەندۇر.

  ھەم (سەھىھ نەقىل بىلەن) قۇرەيشىيلەرنىڭ، ھاشىمىيلارغا قارشى يازغان ۋە كەئبىنىڭ تېمىغا ئاسقان قەغەز (لەۋھە) ھەققىدە: «قۇرتلار يازغانلىرىڭلارنى يىدى، پەقەت قەغەزدىكى ﷲنىڭ ئىسىملىرىغا چېقىلمىدىدەپ خەۋەر بەرگەن. كېيىن قەغەزگە قاراپ باقسا، دەل دېگەندەك بولغانىكەن.

  ھەم (سەھىھ نەقىل بىلەن) «بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ فەتھىدە چوڭ بىر ۋابا چىقىدۇدېگەن. ھەزرەتى ئۆمەر زامانىدا بەيتۇل مۇقەددەس فەتىھ قىلىندى ۋە شۇنداق بىر ۋابا چىقتىكى، ئۈچ كۈن ئىچىدە يەتمىش مىڭ ئادەم قازا قىلدى.

  ھەم (سەھىھ نەقىل بىلەن) ئۇ زاماندا تېخى بەرپا قىلىنمىغان بەسرە ۋە باغداد شەھەرلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى ۋە باغدادقا دۇنيا خەزىنىلىرىنىڭ كىرىدىغانلىقىنى، ھەمدە تۈركلەر ۋە ھەزەر(كاسپى) دېڭىزى ئەتراپىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئەرەبلەرنىڭ جەڭ قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپلەپ ئىسلامغا كىرىدىغانلىقىنى، ئەرەبلەرگە ئەرەبلەر ئىچىدە ھاكىم بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. ھەمدە: يُوشِكُ اَنْ يَكْثُرَ فِيكُمُ الْعَجَمُ يَاْكُلُونَ فَيْئَكُمْ وَيَضْرِبُونَ رِقَابَكُمْ دېگەن.

  ھەم: هَلاَكُ اُمَّتِى عَلَى يَدِ اُغَيْلِمَةٍ مِنْ قُرَيْشٍ دەپ، ئەمەۋى دۆلىتىنىڭ يەزىد ۋە ۋەلىدكە ئوخشاش يامان رەئىسلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىنى خەۋەر بەرگەن.

  ھەم يەمامەدەك بىر قىسىم يەرلەردە، مۇرتەدلىك مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن.

  ھەم مەشھۇر خەندەك غازىتىدا: اِنَّ قُرَيْشًا وَاْلاَحْزَابَ لاَ يَغْزُونِى اَبَدًا وَاَنَا اَغْزُوهُمْ دەپ، «بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ماڭا ئەمەس، بەلكى مەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەندەپ خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (سەھىھ نەقىل بىلەن) ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن بىرئىككى ئاي ئىلگىرى: اِنَّ عَبْدًا خُيِّرَ فَاخْتَارَ مَا عِنْدَ اللّٰهِ دەپ ۋاپاتىنى خەۋەر بەرگەن.

  ھەم زەيد ئىبنى سۇۋاھان ھەققىدە: يَسْبِقُ عُضْوٌ مِنْهُ اِلَى الْجَنَّةِ دەپ، زەيىدنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ زەيدتىن ئاۋۋال شېھىد قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. بىر زاماندىن كېيىن، نىھاۋەند جېڭىدە بىر قولى كېسىۋىتىلگەن. دېمەك، ئەڭ ئاۋۋال ئۇ قول شېھىد بولۇپ، مەنەن جەننەتكە كەتكەندۇر.

  يۇقىرىدا سۆزلەنگەن غەيبى ئىشلار ئون خىل مۆجىزە تۈرىدىن پەقەتلا بىر تۈردۇر. ئۇ تۈرنىڭمۇ ئون قىسمىدىن بىرلا قىسمىنى سۆزلىدۇق. مانا بۇ قىسىم بىلەن بىللە، قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرىگە دائىر يىگىرمە بەشىنچى سۆزدە ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان غەيبى خەۋەر تۈرىدىن تۆت تۈرىنى قىسقىچە بايان قىلغانىدۇق. بۇ يەردىكى تۈرى بىلەن بىللە، قۇرئان تىلى بىلەن غەيبتىن خەۋەر بېرىلگەن ئۇ تۆت چوڭ تۈرنى بىللە ئويلا. نەقەدەر قەتئىي، شۈبھىسىز، پارلاق، قۇۋۋەتلىك بىر پەيغەمبەرلىك دەلىلى ئىكەنلىكىنى كۆر! قەلبى، ئەقلى پۈتۈنلەي بۇزۇلمىغان ئادەم، زاتى ئەھمەدىيە ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ خالىقى ۋە غەيىپلەرنى بىلگۈچى بولغان بىر زاتى زۇلجالالنىڭ رەسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىدۇ.

699قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir