غەيبى ئىشلارغا دائىر ھادىسلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى تەستىقى؟

بەشىنچى نۇكتەلىك ئىشارەت:

  غەيبى ئىشلارغا دائىر ھەدىسلەرنىڭ بىر قانچە مىسالىنى سۆزلەيمىز:

  سەھىھ نەقىل بىلەن ۋە مۇتەۋاتىر بىر دەرىجىدە بىزگە يىتىپ كەلگەنكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنبەر ئۈستىدە، ساھابە جامائىتى ئىچىدە پەرمان قىلغانكى: اِبْنِى حَسَنٌ هذَا سَيِّدٌ سَيُصْلِحُ اللّٰهُ بِهِ بَيْنَ فِئَتَيْنِ عَظِيمَتَيْنِ. قىرىق يىلدىن كېيىن ئىسلامنىڭ ئىككى چوڭ قوشۇنى قارشىلىشىپ قالغان ۋاقىتتا، ھەزرەتى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەزرەتى مۇئاۋىيە(ر.ئە) بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، چوڭ دادىسىنىڭ غەيبىي مۆجىزىسىنى تەستىق قىلغاندۇر.

  ئىككىنچىسى: سەھىھ نەقىل بىلەن، ھەزرەتى ئەلىگە دېگەنكى: سَتُقَاتِلُ النَّاكِثِينَ وَالْقَاسِطِينَ وَالْمَارِقِينَ ھەم جەمەل ۋەقەسى، ھەم سىففىن ۋەقەسى، ھەم خاۋارىج ھادىسىلىرىنى خەۋەر بەرگەن.

  ھەم ھەزرەتى ئەلى(ر.ئە) ھەزرەتى زۈبەير بىلەن سۆيۈشكەن بىر ۋاقىتتا: «بۇ ساڭا قارشى جەڭ قىلىدۇ، ئەمما ھەقسىزدۇردېگەن.

  ھەم پاك روھلۇق ئاياللىرىغا دېگەن: «ئىچىڭلاردىن بىرسى چوڭ بىر فىتنىنىڭ* بېشىغا ئۆتىدۇ ۋە ئەتراپىدا نۇرغۇن ئادەم قەتلى قىلىنىدۇوَتَنْبَحُ عَلَيْهَا كِلاَبُ الْحَوْئَبِ.

  مانا شۇ سەھىھ، قەتئىي ھەدىسلەر، ئوتتۇز يىلدىن كېيىن ھەزرەتى ئەلىنىڭ ھەزرەتى ئائىشە، زۈبەير ۋە تەلھەگە قارشى جەمەل ۋەقەسىدە، ھەمدە مۇئاۋىيەگە قارشى سىففىندە، ھەمدە خاۋارىجلارغا قارشى خارەۋرادا ۋە نەھرۇۋاندا قىلغان جەڭلىرى، ئۇ غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ بىر پېئىلىي تەستىقلىرىدۇر.

  ھەم ھەزرەتى ئەلىگە: «سېنىڭ ساقىلىڭنى سېنىڭ بېشىڭنىڭ قېنى بىلەن ھۆل قىلىدىغان بىر ئادەم…» دەپ خەۋەر بەرگەن. ھەزرەتى ئەلى ئۇ ئادەمنى تونۇيدىكەن، ئۇ ئادەم ئابدۇراھمان ئىبنى مۇلجەمۇل خارىجىيدۇر.

  ھەم خاۋارىجلارنىڭ ئىچىدە زۇسسەيدە دېيىلىدىغان بىر ئادەمنى غەلىتە بىر ئالامەت بىلەن خەۋەر بەرگەنكى، خاۋارىجلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىرى ئىچىدە ئۇ ئادەم تېپىلغان. ھەزرەتى ئەلى ئۇنى ھەققانىيىتىگە ھۆججەت قىلىپ كۆرسەتكەن. ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلان قىلغان.

  ھەم رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام، ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سەھىھ رىۋايىتى بىلەن خەۋەر بەرگەنكى: «ھەزرەتى ھۈسەيىن تافتا يەنى كەربالادا قەتلى قىلىنىدۇئەللىك يىلدىن كېيىن، ئۇ پاجىئەلىك ۋەقە مەيدانغا چىقىپ، ئۇ غەيبىي خەۋەرنى تەستىق قىلغان.

  ھەم تەكرارتەكرار خەۋەر قىلغانكى: «مېنىڭ ئالى بەيتىم مەندىن كېيىن يَلْقَوْنَ قَتْلاً وَ تَشْرِيدًا يەنى، قەتلى قىلىنىشقا. بالالارغا ۋە سۈرگۈنلەرگە دۇچار بولىدۇۋە بىرئاز ئىزاھ قىلغان، ئەينەن شۇنداق چىققاندۇر.

  شۇ ماقامدا بىر مۇھىم سوئال بار. يەنى، «ھەزرەتى ئەلى ئۇ دەرىجىدە خەلىپىلىككە لايىق بولغان، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا يېقىنلىقى، ھەمدە ھەيران قالارلىق جاسارەت ۋە ئىلىم ئىگىسى تۇرۇقلۇق، نېمىشقا خەلىپىلىككە ئاۋۋال ئۆتمىدى ۋە نېمىشقا ئۇنىڭ خەلىپىلىكى زامانىدا ئىسلام نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارغا دۇچار بولدى؟…» دېيىلىۋاتىدۇ.

  جاۋاب: ئالى بەيتتىن بىر قۇتبى ئەئزەم دېگەنكى: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەزرەتى ئەلىنىڭ(ر.ئە) خەلىپىلىكىنى ئارزۇ قىلغان، ئەمما غەيىپتىن ئۇنىڭغا بىلدۈرۈلگەنكى، ﷲنىڭ ئىرادىسى باشقىدۇر. ئۇمۇ ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ، ﷲنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغانﷲنىڭ ئىرادىسىنىڭ ھىكمەتلىرىدىن بىرى شۇ بولىشى كېرەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئەڭ زىيادە ئىتتىپاقلىشىشقا ۋە بىرلىشىشكە مۇھتاج بولغان ساھابىلەر، ئەگەر ھەزرەتى ئەلى باشقا ئۆتكەن بولسا، ھەزرەتى ئەلىنىڭ زامانىدا مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن، ھەمدە ھەزرەتى ئەلىنىڭ قورقماس، پەرۋاسىز، توق كۆز، زاھىدلارچە ۋە قەھرىمانلارچە ھالىتى ۋە ئالەمگە مەشھۇر شۆھرىتى ئېتىبارى بىلەن، كۆپ زاتلاردا ۋە قەبىلىلەردە رىقابەت ھېسسىنى قوزغىتىپ، بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولۇش ئىھتىماللىقى كۈچلۈك ئىدى. ھەم ھەزرەتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ كەينىگە سۈرۈلىشىنىڭ بىر سىرى شۇدۇركى، بەكمۇ كۆپ خىل قەۋملەرنىڭ بىربىرىگە ئارىلىشىشى بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ خەۋەر بەرگىنىدەك، كېيىن مەيدانغا چىقىدىغان يەتمىش ئۈچ پىرقە پىكىرلىرىنىڭ ئاساسلىرىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئۇ قەۋملەر ئىچىدە، فىتنە قوزغايدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش زامانىسىدا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەزرەتى ئەلىدەك ھەيران قالارلىق بىر جاسارەت ۋە پاراسەت ئىگىسى، ھاشىمىيلەردىن ۋە ئالى بەيتتىن بولغان قۇۋۋەتلىك، ھۆرمەتلىك بىر قۇۋۋەتنىڭ بولىشى لازىم ئىدى. شۇنداق، ئۇ تاقابىل تۇرالىدىرەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام خەۋەر بېرىپ ھەزرەتى ئەلىگە دېگەن: «مەن قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشى ئۈچۈن كۆرەش قىلدىم، سەنمۇ تەۋىلى (سىرلىرىنىڭ تەتقىقاتى) ئۈچۈن كۆرەش قىلىسەنھەم ئەگەر ھەزرەتى ئەلى بولمىغان بولسا، دۇنيا سەلتەنىتى، ئەمەۋى دۆلىتىنى پۈتۈنلەي يولدىن چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى. ھالبۇكى قارشىسىدا ھەزرەتى ئەلى ۋە ئالىي بەيتنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا قارشى مۇۋازىنەتكە كېلىش ۋە ئەھلى ئىسلام نەزىرىدە شەرىپىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن خالاپخالىماي ئەمەۋى دۆلىتى رەئىسلىرىنىڭ ھەممىسى، ئۆزلىرى بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ ئۈندەش ۋە قوللاشلىرى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرى ۋە تەرەپدارلىرى، پۈتۈن قۇۋۋەتلىرى بىلەن ئىسلام ھەقىقەتلىرى ۋە ئىمان ھەقىقەتلىرى، ھەمدە قۇرئان ئەھكاملىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋە تارقىتىشقا تىرىشىشتى. يۈز مىڭلارچە ھەقىقەتچى مۇجتەھىدلەر، كامىل مۇھەددىسلەر، ئەۋلىيالار ۋە ئەسفىيالارنى يېتىشتۈردى. ئەگەر قارشىلىرىدا ئالى بەيتتىكى غايەت قۇۋۋەتلىك ۋەلايەت (ئەۋلىيالىق)، دىيانەت ۋە كامالەت بولمىغان بولسا، ئابباسىيلارنىڭ ۋە ئەمەۋىلەرنىڭ ئاخىرلىرىدىكىگە ئوخشاش، پۈتۈنلەي يولدىن چىقىش ئىھتىمالى چوڭ ئىدى.

  ئەگەر دېيىلسە: «نېمىشقا ئىسلام خەلىپىلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالى بەيتىدە داۋاملاشمىدى؟ ھالبۇكى ئەڭ زىيادە لايىق ۋە ھەقلىق بولغانلار ئۇلار ئىدى؟»

  جاۋاب: دۇنيا سەلتەنىتى ئالدامچىدۇر. ئالى بەيت بولسا، ئىسلام ھەقىقەتلىرى ۋە قۇرئان ئەھكاملىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن ۋەزىپىدار ئىدى. خەلىپىلىك ۋە سەلتەنەتتە ئولتۇرغانلار ئالدانماسلىق ئۈچۈن، يا پەيغەمبەردەك گۇناھسىز بولىشى، ۋەياكى خۇلەفائى راشىدىن ۋە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، ھەمدە مەھدى ئابباسىيدەك ھەيران قالارلىق بىر زاھىد قەلبلىك بولىشى كېرەك. ھالبۇكى، مىسىردا ئالى بەيت نامىغا تەشكىل قىلىنغان فاتىمىيە خەلىپىلىكى، ئافرىقىدا مۇۋەھھىدىن ھۆكۈمىتى ۋە ئىراندا سەفەۋىيلەر دۆلىتى كۆرسەتتىكى، دۇنيا سەلتەنىتى ئالى بەيتكە يارىمايدۇ. ھەقىقىي ۋەزىپىسى بولغان دىننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئىسلامىيەتكە خىزمەت قىلىشنى ئۇلارغا ئۇنۇتتۇرۇپ قويىدۇ. ھالبۇكى، سەلتەنەتنى تەرك قىلغان ۋاقىتلىرىدا، پارلاق ۋە يۈكسەك بىر سۈرەتتە ئىسلامىيەتكە ۋە قۇرئانغا خىزمەت قىلغاندۇر.

  مانا قارا! ھەزرەتى ھەسەننىڭ نەسلىدىن كەلگەن ئەقتابلار، خۇسۇسەن تۆت ئەقتاب ۋە بولۇپمۇ غەۋسۇل ئەئزەم بولغان شەيخ ئابدۇلقادىر گەيلانى، ھەمدە ھەزرەتى ھۈسەيىننىڭ نەسلىدىن كەلگەن ئىماملار، خۇسۇسەن زەينەلئابىدىن ۋە جەئفەرى سادىق قاتارلىق ئىماملاركى، ھەربىرى بىردىن مەنىۋى مەھدى ھۆكمىگە ئۆتكەندۇر، مەنىۋى زۇلۇم ۋە زۇلمەتلەرنى يوقىتىپ، قۇرئاننىڭ نۇرلىرى ۋە ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنى تارقاتقاندۇر. بۈيۈك چوڭ دادىسىنىڭ بىردىن ۋارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەندۇر.

  ئەگەر دېيىلسە: مۇبارەك ئىسلامىيەت ۋە نۇرانىي سائادەت ئەسرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئۇ دەھشەتلىك، قانلىق فىتنىنىڭ ھىكمىتى ۋە رەھمەت تەرىپى قايسى؟ چۈنكى ئۇلار قەھرگە (غەزەپكە) لايىق ئەمەس ئىدىغۇ؟

  جاۋاب: ئالايلۇق، باھاردا دەھشەتلىك يامغۇرلۇق بىر بورانچاپقۇن، ھەر تائىپە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ئۇرۇقلارنىڭ، دەرەخلەرنىڭ ئىستىداتلىرىنى غىدىقلاپ تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرىدۇ، ھەربىرى ئۆزىگە مەخسۇس بىر چېچەك ئېچىپ، فىترىي (تەبىئىي) بىر ۋەزىپە بېشىغا ئۆتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ بېشىغا كەلگەن فىتنىمۇ، ئۇرۇقلار ھۆكمىدىكى خىلمۇخىل بولغان ئايرىمئايرىم ئىستىداتلارنى غىدىقلاپ قامچىلىدى. «ئىسلامىيەت خەتەر ئىچىدە، يانغىن باردەپ ھەر تائىپىنى قورقۇتتى. ئىسلامىيەتنىڭ مۇھاپىزىتىگە يۈگۈرتتى. ھەربىرى ئىستىداتىغا قارىتا ئىسلام جامائىتىنىڭ كۆپلىگەن ۋە خىلمۇخىل ۋەزىپىلىرىدىن بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى ۋە يۈكسەك ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشتى. بىر قىسمى ھەدىسلەرنىڭ مۇھاپىزىتىگە، بىر قىسمى شەرىئەتنىڭ مۇھاپىزىتىگە، بىر قىسمى ئىمان ھەقىقەتلىرىنىڭ مۇھاپىزىتىگە، بىر قىسمى قۇرئاننىڭ مۇھاپىزىتىگە تىرىشتى ۋەھاكازاھەربىر تائىپە بىر خىزمەتكە كىردى. ئىسلامىيەت ۋەزىپىلىرىدە ھارارەتلىك بىر سۈرەتتە ئىشلىدى. خىلمۇخىل رەڭلەردە نۇرغۇن گۈللەر ئېچىلدى. ناھايىتى كەڭرى بولغان ئىسلامىيەت ئالىمىنىڭ ھەر تەرىپىگە ئۇ بوران بىلەن ئۇرۇقلار چېچىلدى، يەرنىڭ يېرىمىنى گۈلىستانغا ئايلاندۇردى. ئەمما، ئەپسۇسكى ئۇ گۈللەر ۋە گۈلىستانلار ئىچىدە ئەھلى بىدئەت پىرقىلىرىنىڭ تىكەنلىرىمۇ چىقتى.

  گويا قۇدرەت قولى ھەيۋەت بىلەن ئۇ ئەسىرنى چالغىتتى. شىددەتلىك ھالدا قوزغاپ ئايلاندۇردى. ئەھلى ھىممەتنى (تۆھپىكارلارنى) غەيرەتكە كەلتۈرۈپ زەرەتلىدى. ئۇ ھەرىكەتتىن كەلگەن بىر مەركەزدىن قېچىش كۈچى بىلەن ناھايىتى كۆپ نۇرلۇق مۇجتەھىدلەرنى ۋە نۇرانىي مۇھەددىسلەرنى، مۇقەددەس قارىيلارنى، ئەسفىيالارنى، ئەقتابلارنى ئىسلام ئالىمىنىڭ ھەر تەرىپىگە ئۇچۇردى، ھىجرەت قىلغۇزدى. شەرقتىن غەربكىچە ئەھلى ئىسلامنى ھاياجانغا كەلتۈرۈپ، قۇرئاننىڭ خەزىنىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆزلىرىنى ئاچتۇردى ئەمدى ئەسلى تېمىمىزغا قايتىمىز:

  رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بەرگىنى بويىچە ئەينەن مەيدانغا كەلگەن ئىشلار مىڭلارچىدۇر، ناھايىتى كۆپتۇر. بىز پەقەتلا قىسمەن بىر قانچە مىسالىغا ئىشارەت قىلىمىز:

  باشتا بۇخارى ۋە مۇسلىم، سەھىھلىكتە مەشھۇر بولغان ئالتە ھەدىس كىتابىنىڭ ساھىبلىرى بىز بايان قىلماقچى بولغان خەۋەرلەرنىڭ كۆپىدە بىرلىككە كەلگەن، ئۇ خەۋەرلەرنىڭ كۆپى مەنىۋى جەھەتتىن مۇتەۋاتىر ۋە بىر قىسمى ئەھلى تەھقىق بولغانلارنىڭ ئۇلارنىڭ سەھىھلىكىدە بىرلىككە كېلىشى بىلەن، مۇتەۋاتىردەك قەتئىي دېگىلى بولىدۇ.

  (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ساھابىلىرىگە خەۋەر بەرگەنكى: «سىلەر بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىسىلەر. ھەم مەككىنىڭ، خەيبەرنىڭ، شامنىڭ، ئىراقنىڭ، ئىراننىڭ، بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ فەتھىگە مۇۋەپپەق بولىسىلەر. ھەم ئۇ دەۋرنىڭ ئەڭ بۈيۈك دۆلەتلىرى بولغان ئىران ۋە رۇم پادىشاھلىرىنىڭ خەزىنىلىرىنى ئاراڭلاردا تەقسىم قىلىسىلەر!…» دەپ خەۋەر بەرگەن، ھەم «پەرىزىم شۇنداق ياكى مۇشۇنداق دەپ قارايمەن» دېمىگەن، بەلكى كۆرىۋاتقاندەك قەتئىي خەۋەر بەرگەن، خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر. ھالبۇكى خەۋەر بەرگەن ۋاقىتتا، ھىجرەتكە مەجبۇر بولغان، ساھابىلىرى ئاز، مەدىنە ئەتراپى ۋە پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا دۈشمەن ئىدى.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) كۆپ قېتىم: عَلَيْكُمْ بِسِيرَةِ الَّذَيْنِ مِنْ بَعْدِى اَبِى بَكْرٍ وَ عُمَرَ دەپ، ئەبۇ بەكىر ۋە ئۆمەر ئۆزىدىن كېيىن قالىدىغانلىقى ۋە خەلىپە بولىدىغانلىقى، ھەم مۇكەممەل بىر سۈرەتتە ۋە ﷲنىڭ رىزاسى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رازىلىقى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپىلىك زامانى ئاز بولىدىغانلىقى، ئۆمەرنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى ۋە نۇرغۇن فەتىھلەرنى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن.

  ھەم: زُوِيَتْ لِىَ اْلاَرْضُ فَاُرِيتُ مَشَارِقَهَا وَمَغَارِبَهَا وَسَيَبْلُغُ مُلْكُ اُمَّتِى مَا زُوِىَ لِى مِنْهَا دەپ: «شەرقتىن غەربكىچە مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ھېچبىر ئۈممەت ئۇنچىلىك سەلتەنەتكە ئېرىشەلمىگەنخەۋەر بەرگىنىدەك چىققان.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) بەدىر غازىتىدىن ئىلگىرى: هذَا مَصْرَعُ اَبِى جَهْلٍ، هذَا مَصْرَعُ عُتْبَةَ، هذَا مَصْرَعُ اُمَيَّةَ، هذَا مَصْرَعُ فُلاَنٍ وَ فُلاَنٍ دەپ، مۇشرىك قۇرەيش رەئىسلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ نەدە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە «مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئۈبەي ئىبنى خەلەفنى ئۆلتۈرىمەن» دېگەن. خەۋەر بەرگىنىدەك چىققان.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) بىر ئايلىق يىراق مۇساپىدىكى شام ئەتراپىدا، مۇتە دېگەن جايدىكى مەشھۇر غازاتتا جەڭ قىلىۋاتقان ساھابىلىرىنى كۆرىۋاتقاندەك اَخَذَ الرَّايَةَ زَيْدٌ فَاُصِيبَ، ثُمَّ اَخَذَهَا اِبْنُ رَوَاحَةَ فَاُصِيبَ، ثُمَّ اَخَذَهَا جَعْفَرُ فَاُصِيبَ، ثُمَّ اَخَذَهَا سَيْفٌ مِنْ سُيُوفِ اللّٰهِ دەپ، ھادىسىلەرنى بىربىرلەپ ساھابىلىرىگە خەۋەر بەرگەن. ئىككىئۈچ ھەپتىدىن كېيىن يەئلا ئىبنى مۇنەببىھ جەڭدىن كەلدى، ئۇ تېخى سۆزلىمەستىنلا مۇخبىرى سادىق (توغرا خەۋەرچى) (ئە.س.ۋ) جەڭنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلدى. يەئلا قەسەم بىلەن: «ئەينەن دېگىنىڭىزدەك بولدى» دېدى.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) اِنَّ الْخِلاَفَةَ بَعْدِى ثَلاَثُونَ سَنَةً ثُمَّ تَكُونُ مُلْكًا عَضُوضًا وَاِنَّ هذَا اْلاَمْرَ بَدَاَ نُبُوَّةً وَرَحْمَةً ثُمَّ يَكُونُ رَحْمَةً وَخِلاَفَةً ثُمَّ يَكُونُ مُلْكًا عَضُوضًا ثُمَّ يَكُونُ عُتُوًّا وَ جَبَرُوتًا دەپ، ھەزرەتى ھەسەننىڭ ئالتە ئايلىق خەلىپىلىكى بىلەن، تۆت خەلىپىنىڭ (خۇلەفائى راشىدىننىڭ) خەلىپىلىك زامانلىرىنى ۋە ئۇلاردىن كېيىن سەلتەنەت شەكلىگە كىرىدىغانلىقىنى، كېيىن ئۇ سەلتەنەتتىن ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈملەر چىقىپ ئۈممەت ئىچىدە بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) يُقْتَلُ عُثْمَانُ وَهُوَ يَقْرَاُ الْمُصْحَفَ وَاِنَّ اللّهَ عَسَى اَنْ يُلْبِسَهُ قَمِيصًا وَاِنَّهُمْ يُرِيدُونَ خَلْعَهُ دەپ، ھەزرەتى ئوسماننىڭ خەلىپە بولىدىغانلىقىنى ۋە خەلىپىلىكتىن ئىستىپا بېرىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە مەزلۇم ھالدا قۇرئان ئوقۇۋاتقان ھالەتتە قەتلى قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) قان ئالدۇرغاندا، ئۇ مۇبارەك قېنىنى ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير تەۋەرۈك قىلىپ ئىچكەن ۋاقىتتا وَيْلٌ لِلنَّاسِ مِنْكَ وَ وَيْلٌ لَكَ مِنَ النَّاسِ دەپ، ھەيران قالارلىق بىر شىجائەت بىلەن ئۈممەتنىڭ بېشىغا ئۆتىدىغانلىقىنى ۋە مۇدھىش ھۇجۇملارغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىنسانلار ئۇنىڭ سەۋەبىدىن دەھشەتلىك ھادىسىلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر. ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير ئەمەۋىيلەر زامانىدا مەككىدە خەلىپىلىك ئېلان قىلىپ، قەھرىمانلارچە كۆپلىگەن جەڭلەرنى قىلىدۇ. ئاخىرى زالىم ھەججاج چوڭ بىر قوشۇن بىلەن ھۇجۇم قىلپ، شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن ئۇ شانلىق قەھرىمان شېھىد قىلىنىدۇ.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئەمەۋى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ كۆپىنىڭ زالىم بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىچىدە يەزىد ۋە ۋەلىد بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە ھەزرەتى مۇئاۋىيەنىڭ ئۈممەتنىڭ بېشىغا ئۆتىدىغانلىقىنى، وَاِذَا مَلَكْتَ فَاَسْجِحْ دەپ، كەڭ قوللۇقنى ۋە ئادالەتنى تەۋسىيە قىلغاندۇر. ۋە ئەمەۋىيدىن كېيىن، يَخْرُجُ وَلَدُ الْعَبَّاسِ بِالرَّايَاتِ السُّودِ وَ يَمْلِكُونَ اَضْعَافَ مَا مَلَكُوا دەپ، ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. ھەم خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) وَيْلٌ لِلْعَرَبِ مِن شَرٍّ قَدِ اقْتَرَبَ دەپ، چىنگىزخان ۋە ھىلاكۇنىڭ دەھشەتلىك فىتنىلىرىنى ۋە ئەرەب ئابباسىيلار دۆلىتىنى خاراپ قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس ناھايىتى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا ئۇنىڭغا لَعَلَّكَ تُخَلَّفُ حَتَّى يَنْتَفِعَ بِكَ اَقْوَامٌ وَيَسْتَضِرَّ بِكَ آخَرُونَ دەپ، كېلەچەكتە بۈيۈك بىر قوماندان بولىدىغانلىقىنى، كۆپ فەتىھلەرنى قىلىدىغانلىقىنى، كۆپلىگەن مىللەت ۋە قەۋملەرنىڭ ئۇنىڭدىن مەنپەئەت كۆرىدىغانلىقىنى، يەنى مۇسۇلمان بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە كۆپلەرنىڭ زەرەر كۆرىدىغانلىقىنى، يەنى دۆلەتلىرى ئۇنىڭ قولىدا خاراپ بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر. ھەزرەتى سەئد ئىسلام قوشۇنىنىڭ بېشىغا ئۆتتى، ئىران دۆلىتىنى ۋەيران قىلدى. نۇرغۇن قەۋملەرنىڭ ئىسلام دائىرىسىگە ۋە ھىدايەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولدى.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) ئىمان ئېيتقان ھەبەش پادىشاھى نەجاشى ھىجرەتنىڭ يەتتىنچى يىلىدا ۋاپات بولغان كۈنى ئۇنىڭ ۋاپاتىنى ساھابىلىرىگە خەۋەر بەرگەن، ھەتتا مىيىت نامىزىنى ئوقۇغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ شۇ كۈنى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگەن.

  ھەم (قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن) تۆت خەلىپە بىلەن بىللە ئۇھۇد ياكى ھىرا تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ۋاقىتتا تاغ تەۋرەپ تىترەپ كەتكەن. تاغقا ئەمىر قىلىپ : اُثْبُتْ فَاِنَّمَا عَلَيْكَ نَبِىٌّ وَ صِدِّيقٌ وَ شَهِيدٌ دېگەن ۋە ھەزرەتى ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىنىڭ شېھىد بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن ۋە خەۋەر بەرگىنىدەك چىققاندۇر.

  ئەي بەدبەخت، قەلبسىز، بىچارە ئادەم! «مۇھەممەدى ئەرەبى ئەقىللىق بىر ئادەم ئىدى» دەپ قويۇپلا ئۇ ھەقىقەت قۇياشىغا قارشى كۆزىنى يۇمغان بىچارە ئىنسان! ئون بەش تۈرلۈك ئومۇمىي مۆجىزىلىرىدىن بىر تۈر بولغان غەيبىي ئىشلاردىن ئون بەشتىن ۋە بەلكى يۈز قىسمىدىن بىر قىسمىنى ئاڭلىدىڭ. مەنىۋى تەۋاتۇر دەرىجىسىدە قەتئىي بىر قىسمىنى بىلدىڭ. شۇ غەيبى خەۋەر قىسمىنىڭ يۈزدە بىرسىنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر زاتقا، پاراسىتى بىلەن ئىستىقبالنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن «بۈيۈك دانىشمەن» دېيىلىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، ساڭا ئوخشاش دانىشمەنلىك دېسەك، يۈز بۈيۈك دانىشمەن دەرىجىسىدە مۇقەددەس بىر دانىشمەنلىكى بولغان بىر ئادەم خاتا كۆرەمدۇ؟ خاتا خەۋەر بېرىشكە ئىززىتىدىن چۈشەمدۇ؟ بۇنداق يۈز دەرىجە بۈيۈك بىر دانىشمەنلىك ساھىبىنىڭ ئىككى دۇنيا سائادىتىگە دائىر سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىق، ئەلۋەتتە يۈز دەرىجە ئەخمەقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.

—————————————————

*فىتنە: قالايمىقانچىلىق؛ ئىختىلاپ؛ ھەقتىن ئازماق؛ پىتنە» دېگەندەك مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ.)ت

690قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir