غەيۋەت ھەققىدە

غەيۋەت ھەققىدە

خاتىمە

غەيۋەت ھەققىدە

بِاسْمِهِ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾

  يىگىرمە بەشىنچى سۆزنىڭ بىرىنچى «شولىسى»نىڭ بىرىنچى «شۇئاسى»نىڭ بەشىنچى نۇقتىسىدا «ئەيىبلەش ۋە چەكلەش» تېمىسىغا كەلتۈرۈلگەن مىساللاردىن بولغان بىرلا ئايەتنىڭ مۆجىزىلىك تۈردە ئالتە شەكىلدە غەيۋەتتىن نەپرەت قىلدۇرىشى، قۇرئان نۇقتىئىنەزىرىدە غەيۋەتنىڭ قانچىلىك يىرگىنچلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى تامامەن كۆرسەتكەنلىكىدىن باشقا بايانغا ئېھتىياج قالمىغاندۇر. شۇنداق، قۇرئان بايانىدىن كېيىن بايان بولالماس، ئېھتىياجمۇ يوقتۇر.

  يەنى: اَيُحِبُّ اَحَدُكُمْ اَنْ يَاْكُلَ لَحْمَ اَخِيهِ مَيْتًا ئايىتىدە ئالتە قېتىم بۇ ئەيىپنى ئەيىپلەيدۇ. غەيۋەتتىن ئالتە جەھەتتىن قاتتىق چەكلەيدۇ. شۇ ئايەت غەيۋەتچىلەرگە يۈزلەنگەن ۋاقىت، مەنىسى تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە بولىدۇ.

  مەلۇمدۇركى، ئايەتنىڭ بېشىدا كەلگەن ھەمزە، سوراش (مەسلەن، ئەجىبا دېگەندەك) مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ سوراش مەنىسى سۇغا ئوخشاش ئايەتنىڭ بارلىق كەلىمىلىرىگە كىرىدۇ. ھەر كەلىمىدە بىر يوشۇرۇن ھۆكۈمى بار.

  بىرىنچى: ھەمزە بىلەن دەيدۇكى: ئەجەبا سوئال ۋە جاۋاب ئورنى بولغان ئەقلىڭلار يوقمۇكى، شۇنچە يىرگىنچلىك بىر نەرسىنى چۈشىنەلمەيدۇ!؟

  ئىككىنچى: يُحِبُّ كەلىمىسى بىلەن دەيدۇ: «سۆيۈش ۋە نەپرەت قىلىش ئورنى بولغان قەلبىڭلار بۇزۇلغانمۇكى، ئەڭ نەپرەتلىك بىر ئىشنى ياخشى كۆرىۋاتىدۇ!؟

  ئۈچىنچى: اَحَدُكُمْ كەلىمىسى بىلەن دەيدۇ: ھاياتىنى جامائەتتىن ئالغان ئىجتىمائى ۋە مەدەنىي ھاياتىڭلار نېمە بولغانكى، ھاياتىڭلارنى مۇنداق زەھەرلىگەن بىر ئىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ!؟

  تۆتىنچى: اَنْ يَاْكُلَ لَحْمَ كەلىمىسى بىلەن دەيدۇ: ئىنسانىيىتىڭلار نېمە بولغانكى، يىرتقۇچلاردەك قېرىندىشىڭلارنى چىشلەپ تارتىۋاتىسىلەر!؟

  بەشىنچى: اَخِيهِ كەلىمىسى بىلەن دەيدۇ: شەپقەت ۋە سىلە ـ رەھىم ھېسسى سىلەردە يوقمۇكى، مۇنداق كۆپ جەھەتلەردە قېرىندىشىڭلار بولغان بىر مەزلۇمنىڭ (ھەقسىزلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ) مەنىۋى شەخسىنى ئىنساپسىزلارچە چىشلەۋاتىسىلەر؟ ۋە ھېچ ئەقلىڭلار يوقمۇكى، ئۆز ئەزالىرىڭلارنى ئۆز چىشىڭلار بىلەن ساراڭلارچە قاساۋاتىسىلەر؟

  ئالتىنچى: مَيْتًا كەلىمىسى بىلەن دەيدۇ: ۋىجدانىڭلار قەيەردە؟ تەبىئىتىڭلار بۇزۇلغانمۇكى، يارىتىلىشىڭلار ئەڭ شەرەپلىك بىر ھالدا بولسىمۇ، قېرىندىشىڭلارغا قارشى گۆشىنى يېيىشكە ئوخشاش ئەڭ يىرگىنچلىك بىر ئىشنى قىلىۋاتىسىلەر؟

  دېمەك، شۇ ئايەتنىڭ ئىپادە قىلىشى ۋە كەلىمىلىرىنىڭ ئايرىم ـ ئايرىم كۆرسىتىشى بىلەن چۈشىنىلىدۇكى، غەيۋەت قىلىش ئەقلىي جەھەتتىن، ۋىجدانىي جەھەتتىن، يارىتىلىش جەھەتتىن، ئىجتىمائى جەھەتتىن خاتادۇر. مانا، شۇ ئايەتنىڭ بالاغەتلىك تۈردە ئالتە جەھەتتىن ئەيىپنى ئەيىپلەش ئارقىلىق، مۆجىزە تۈرىدە ئالتە قېتىم ئۇ گۇناھتىن قانچىلىك دەرىجىدە چەكلەۋاتقانلىقىغا قارا!

  غەيۋەتئاداۋەتچىلەر، ھەسەتخورلار ۋە تەكەببۇرلار ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بىر پەس قورالدۇر. ئىززەت ئىگىسى بۇ پاسكىنا قورالنى پەسلىك قىلىپ ئىستېمال قىلمايدۇ. مەشھۇر بىر زات دېگەنىكەن:

اُكَبِّرُ نَفْسِى عَنْ جَزَاءٍ بِغِيْبَةٍ ❁فَكُلُّ اِغْتِيَابٍ جَهْدُ مَنْ لاَ لَهُ جَهْدٌ

 يەنى: «رەقىبىمگە غەيۋەت بىلەن جازا بېرىشتىن ئىززىتىمنى ئۈستۈن تۇتىمەن. ئۇ زىللەتكە چۈشمەيمەن. چۈنكى غەيۋەت ئاجىز، پەس، تۆۋەن كىشىلەرنىڭ قورالىدۇر

  غەيۋەت ئۇدۇركى، غەيۋەت قىلىنغان كىشى بولغان بولسا ۋە ئاڭلىغان بولسا يىرگىنىپ ئاچچىقلىناتتى. ئەگەر توغرا دېگەن بولسا، ئوچۇقلا غەيۋەتتۇر. ئەگەر يالغان دېگەن بولسا ھەم غەيۋەت، ھەم تۆھمەتتۇر.

  غەيۋەتكە تۆۋەندىكىدەك مەخسۇس بىر قانچە يەرلەردە رۇخسەت قىلىنىدۇ :

  بىرى: شىكايەت سۈرىتىدە، ئۇ يىرگىنچلىك ئىشنى ۋە قۇسۇرنى ئۇنىڭدىن يوقىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر ۋەزىپىدار كىشىگە ئېيتسا.

  يەنە بىرى: بىر كىشى ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلىشىشنى خالاپ، سەن بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. سەنمۇ پەقەتلا مەسلىھەتنى دەپ، غەرەزسىز ھالدا مەسلىھەتنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، «ئۇنىڭ بىلەن شىرىكلەشمە، چۈنكى زىيان كۆرىسەن» دېسەڭ.

  بىرسى: مەقسىتى ھاقارەت، پاش قىلىش ئەمەس، بەلكى مەقسىتى تەرىپلەش ۋە تونۇتتۇرۇش ئۈچۈن، مەسىلەن «ئۇ توكۇر كىشى پالانچى يەرگە كەتتى» دېيىلسە.

  يەنە بىرسى: ئۇ غەيۋەتنى قىلغان كىشى ئاشكارە بىر فاسىق بولسا، يەنى يامان ئىشلاردىن خىجىل بولماس، بەلكى قىلغان گۇناھلىرى بىلەن ماختىنىدىغان، زۇلۇم قىلىش بىلەن لەززەتلىنىدىغان كىشى بولۇپ، تارتىنماستىن ئاشكارە بىر سۈرەتتە بۇ ئىشلارنى قىلسا.

  مانا بۇ مەزكۇر يەرلەردە غەرەزسىز، ھەمدە پەقەتلا ھەق ۋە ھىكمەت ئۈچۈن غەيۋەت قىلىشقا رۇخسەت بار. بولمىسا، ئوت ئوتۇننى يەپ تۈگەتكىنىدەك، غەيۋەتمۇ سالىھ ئەمەللەرنى يەپ تۈگىتىدۇ.

  ئەگەر غەيۋەت قىلغان ياكى ئاتايىن ئاڭلىغان بولسا اَللّهُمَّ اغْفِرْلَنَا وَ لِمَنِ اغْتَبْنَاهُ دەپ مەغپىرەت تىلەش لازىمكېيىن غەيۋەت قىلىنغان كىشى بىلەن كۆرۈشكەندە «مېنى كەچۈر» دېيىش كېرەك.

اَلْبَاقِى هُوَ الْبَاقِى

سەئىد نۇرسى

————————————————————

*سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن خۇشال بولامدۇ؟ (سۈرە ھۇجۇرات: 12)

**ئى ﷲ، بىزنى ۋە بىز غەيۋىتىنى قىلغان زاتنى مەغپىرەت قىلغىن.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.