«قانچە كىشى ئىدىڭلار؟»

«قانچە كىشى ئىدىڭلار؟»

ئىككىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار سەھىھ نەقىل بىلەن خەۋەر بېرىدۇكى، ھەزرەتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەنسارى بايان قىلىدۇ: «بىز مىڭ بەشيۈز كىشى، ھۇدەيبىيە غازىتىدا ئۇسساپ كەتتۇق. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قىربا دېيىلىدىغان تېرىدىن قىلىنغان بىر تۇلۇم سۇدىن تاھارەت ئالدى، ئاندىن قولىنى ئىچىگە تىقتى. كۆردۈمكى بارماقلىرىدىن بۇلاقتەك سۇ ئېقىۋاتاتتى. مىڭ بەشيۈز ئادەم ئىچىپ، تۇلۇملىرىنى ئۇ قىربادىن تولدۇرۇۋېلىشتىسالىم ئىبنى ئەبى جائدە جابىردىن: «قانچە كىشى ئىدىڭلار؟» دەپ سورىغاندا، جابىر: «يۈزمىڭ كىشى بولغان تەقدىردىمۇ يېتەتتى، ئەمما بىز ئونبەش يۈز (يەنى مىڭ بەشيۈز) ئىدۇقدېگەن. مانا شۇ ئوچۇق مۆجىزىنىڭ راۋىلىرى مەنەن مىڭ بەشيۈز قەدەردۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ فىترەتىدە يالغانغا يالغان دەيدىغان بىر مايىللىق بار. ساھابىلەر بولسا، راستچىللىق ۋە توغرىلىق ئۈچۈن جان ۋە مېلىنى، ئاتائانىلىرىنى، ھەمدە قەۋم ۋە قەبىلىلىرىنى پىدا قىلىپ، راستچىللىق ۋە ھەق ئۈچۈن پىدائىي بولغان تۇرۇقلۇق؛ ھەم «مەندىن، بىلىپ تۇرۇپ يالغان بىر ئىشنى خەۋەر بەرگەن ئادەم جەھەننەم ئوتىدىن جايىنى ھازىرلىسۇنمەنىسىدىكى ھەدىسى شەرىفنىڭ تەھدىدىگە قارشى، يالغاننى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىشلىرى مۇمكىن ئەمەستۇر. مادەم سۈكۈت قىلدى؛ دېمەك ئۇ خەۋەرنى قوبۇل قىلدى ۋە مەنە جەھەتتىن ئىشتىراك قىلىپ تەستىق قىلدى دېگەنلىكتۇر


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.