!پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كېچىدە

!پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كېچىدە

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَىٰ بِعَبْدِهِ لَيْلًا مِّنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الْأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آيَاتِنَا ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ

[ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر]

(ئىسرا:1)

إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ

[پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ]

عَلَّمَهُ شَدِيدُ الْقُوَىٰ

[ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى]

ذُو مِرَّةٍ فَاسْتَوَىٰ

[ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى]

وَهُوَ بِالْأُفُقِ الْأَعْلَىٰ

[ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى]

ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّىٰ

[ئاندىن ئۇ ئاستا ئاستا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى]

فَكَانَ قَابَ قَوْسَيْنِ أَوْ أَدْنَىٰ

[ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى]

فَأَوْحَىٰ إِلَىٰ عَبْدِهِ مَا أَوْحَىٰ

[ئاللاھ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھيىلەرنى ۋەھىي قىلدى]

مَا كَذَبَ الْفُؤَادُ مَا رَأَىٰ

[ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى)]

أَفَتُمَارُونَهُ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ

[(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟]

وَلَقَدْ رَآهُ نَزْلَةً أُخْرَىٰ

[ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى]

عِندَ سِدْرَةِ الْمُنتَهَىٰ

[ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى]

عِندَهَا جَنَّةُ الْمَأْوَىٰ

[جەننەتۇلمەئۋا بولسا سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدىدۇر]

إِذْ يَغْشَى السِّدْرَةَ مَا يَغْشَىٰ

[(ئۇ) سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى) قاپلىغان چاغدا (كۆردى)]

مَا زَاغَ الْبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ

[(پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى]

لَقَدْ رَأَىٰ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِ الْكُبْرَىٰ

[شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى]

(نەجىم:4-18)

 


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.